جوڭگو ئۇيغۇرچە رادىئوسى

ئورنى Wikipedia

دۇنيا مىللەتلەر بىلەن رەڭدار. 56 مىللەت ئېلىمىزنى تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا، بىر دۆلەت سىياسىتىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئۆلچەشتە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان پوزىتسىيەسى بىر مۇھىم ئۆلچەم بولىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغاچقا، پارتىيە ۋە دۆلەت ھالاك بولغان. يەنە نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايوندا خاتا ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتىدىن ئىچكى ئۇرۇش ۋە رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇش پەيدا بولدى. كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغىنى شۇكى، پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىز مىللەتلەر خىزمىتىگە ئەزەلدىن ئېتىبار بېرىپ، دۇنيادا ئەڭ ياخشى مىللىي سىياسەتنى تۈزدى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى باراۋەر بولۇپ، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا بېسىپ، ئورتاق بېيىش يولىغا قاراپ ماڭدى.

ئاساسى بايان[تەھرىرلەش]

مىللەتلەر باراۋەرلىكى − مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى، تىل-يېزىق باراۋەرلىكى مىللەتلەر باۋەرلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. شۇڭا، ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو خىزمىتى ئېلىمىز مىللەتلەر سىياسىتىدىكى كىشىنى جەلپ قىلىدىغان نۇقتا بولۇپ كەلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشى ئېلىمىزدىكى 100 مىليوندىن كۆپرەك ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلىرىنى ھەقىقەت، بىلىم ۋە تەرەققىيات ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ سۆز ھوقۇقى، تىل-يېزىق ھوقۇقىنى نامايان قىلدى. ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو خىزمىتى ئېلىمىزنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنى كۈچلۈك قايىل قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە قىلدى.

ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو خىزمىتى − ئېلىمىزنىڭ كۈچلۈك رادىيو سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى ۋاسىتە قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاۋازىنى تارقىتىشىدىكى مۇھىم ئىستىھكام. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو خىزمىتى − ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش خىزمىتى.

يېرىم ئەسىر جاپالىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئېلىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو ئىشلىرى سېپىدىكى بىر مۇھىم ئىستىھكام بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش، مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى تەسىس قىلىشىنى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بەلگىلىگەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى − كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش − بۇ رايوندا مىللىي تەشۋىقات يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم قورال. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ %75ى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ئاڭلىغاندىن سىرت، تاجىك، قىرغىز، قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرمۇ ئوخشىمىغان نىسبەتتە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ئاڭلايدىكەن.

شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون بولغاندىن سىرت يەنە زېمىنى كەڭ، تاغ، قۇملۇق، يايلاق كۆپ، جۇغراپىيەلىك شارائىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ رايون. رادىيو جۇغراپىيەلىك شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، بۇ رايوندىكى خەلق ئاممىسىنىڭ دۇنيانى تونۇشىدىكى ئاساسلىق قورالى بولۇپ قالدى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى بۇ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن پايتەخت بېيجىڭنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى.

شىنجاڭنىڭ تاشقى چېگرىسى 5000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. تارىخى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار چېگرا ئاتلاپ ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشنا ئەللەردە ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان نۇرغۇن كىشلەر بار. شۇڭا مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى تەسىس قىلىشى ئىچكى تەشۋىقات بولۇش بىلەن بىرۋاقىتتا يەنە تاشقى تەشۋىقات بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، بۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا، بەزى دۆلەت ۋە رايونلار مەخسۇس شىنجاڭغا قارىتىلغان ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش تەسىس قىلىپ، ۋەتەننى غەربلەشتۈرمەكچى ۋە پارچىلىماقچى بولدى. بۇ ئاڭلىتىش پىروگراممىلىرىنىڭ چاستوتىسى چوڭ، ئاڭلىتىش ۋاقتى ئۇزۇن. شۇڭا شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زېمىندا تەشۋىقات بوشلۇقىنى ئىگەللەش ئىنتايىن مۇھىم.

تارىخى[تەھرىرلەش]

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى تەسىس قىلىنغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە مۇنداق بىرقانچە تەرەققىيات باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى:

(1) ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش تەسىس قىلىنىش باسقۇچى (1956-1960)[تەھرىرلەش]

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى 1956-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلانغان. ئەينى چاغدىكى دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇ باسقۇچتىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ تەشۋىقات فاڭجىنى − دۆلەتنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋە مۇھىم خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى خەۋەر قىلىش، دۆلەتنىڭ سوتسىيالىسىتىك قۇرۇلۇش ۋە سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش جەھەتتىكى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق كەسپى تەرەققىياتىدىكى ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇپ، مىللىي رايونلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ تېز تەرەققىياتى ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ قويۇق ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى تونۇشتۇرۇش بولدى. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش خەۋەرنى ئاساس قىلىش ئاساسىدا، مەخسۇس پىروگرامما ۋە سەنئەت پىروگراممىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن كۆپەيتىپ، خەۋەر ئاساس قىلىنغان، ئاخباراتچىلىقى، تەربىيىلىكى، بەدىئىيلىكى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال پىروگرامما بولدى. مانا بۇ ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى.

ئەينى چاغدىكى رادىيو ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رادىيو خىزمەتچىلىرى

1960-يىلى 12-ئايدا، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ئاپپاراتلارنى قىسقارتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يۇقىرىنىڭ تەستىقى بىلەن توختىتىلدى. ئەمما، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇنىڭ تەسىس قىلىنىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە چوڭقۇر تەسىر قىلدى، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئاستىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر رادىيو ئىشلىرىنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە قانداق قىلىپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىپ، دەسلەپكى تەجرىبىلەرنى جۇغلىدى.

(2) مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش (1971-1978)[تەھرىرلەش]

1962-يىلى 7-ئايدا، چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، ئۇلەنفۇ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق يولداشلار مەركەزنىڭ مۇھىم ھۆججەتلىرىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقىغا بىر قەدەر ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىپ، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاڭلىتىشى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تىلغا ئالدى. زۇڭلى جۇئىنلەي بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن كەسكىن قىلىپ: ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشىنى نېمە ئۈچۈن توختىتىپ قويدۇڭلار، بۇنى نېمە ئۈچۈن ماڭا دېمىدىڭلار؟ دۆلىتىمىز مۇشۇنداق چوڭ تۇرسا، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشى بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ -دەپ كۆرسەتتى. 1965-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، جۇئىنلەي، دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىق يولداشلار مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسى قۇرۇلۇش پىلانىنى ئۈچىنچى بەش يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈشنى تەستىقلىدى. يۇقارقى روھقا ئاساسەن، شۇ چاغدىكى مەركىزىي رادىيو ئىشلىرى ئىدارىسى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، سەككىز يىلغا سوزۇلغان ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى قىلدى. بۇ مەزگىلدە، زۇڭلى جۇئىنلەي تەييارلىق خىزمىتىنى كۆپ قېتىم سۈرۈشتۈردى ھەمدە كونكېرت كۆرسەتمە بەردى.

مەركەزدىكى رەھبىرى يولداشلارنىڭ سۈرۈشتۈرۈشى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش 10 يىل توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن، 1971-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. شۇچاغدا ھەر كۈنلۈكى ئىككى قېتىم، بىر قېتىمدا 45 مىنۇت ئاڭلىتىش بېرىلدى.

بۇ مەزگىلدە، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشى − دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەۋەرلەرنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال پىروگرامما بولدى. بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش كۆپ قېتىم زور تەشۋىقات ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى.

1973-يىلى 2-ئايدا، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىش بۆلۈمى بارلىق خىزمەتچىلەرنى خىزمەتلەرنى خۇلاسىلاپ، پىروگرامما فاڭجېنىغا يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. فاڭجېندا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشى خەۋەرنى ئاساس قىلغان، مەخسۇس پىروگرامما ۋە سەنئەت پىروگراممىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال پىروگرامما، تەشۋىقات ئوبيېكتى − ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى-دېھقان (چارۋىچى) ئەسكەر ئاممسى ۋە ئاساسى قاتلام كادىرلىرى، دەپ بەلگىلەندى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى مانا مۇشۇ فاڭجېن بويىچە قانات يايدۇرۇلدى. ئەمما بۇ مەزگىل ئالاھىدە ۋە مۇرەككەپ مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشتىكى تىپىك تەشۋىقات باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئوخشاش ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەنقىدنى ئاساسى مەزمۇن ۋە شەكىل قىلغان.

تۆت كىشىلىك گۇرۇھ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمى يىغىنىدىن بۇيان، ھەر قايسى سەپلەر قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشىدى، مىللەتلەر خىزمىتى ۋە مىللەتلەر نەزەرىيەسىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى يۆلىنىش بىلەن تەمىنلەپ، تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتتى. بۇ مەزگىلدىن باشلاپ، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىش بۆلۈمى تەھرىر، مۇخبىرلارنى ئەۋەتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى ۋە مىللەتلەر خىزمىتىگە ئائىت خەۋەرلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئالاقىدار ئوبزورلارنى يازدى ھەمدە مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

(3) قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاش مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش (1978-1984)[تەھرىرلەش]

1979-يىلى 9-ئايدا، قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاش ۋە مىللەتلەر سىياسىتى بويىچە قايتا تەربىيەلەش پائالىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى 12 قىسىملىق مىللەتلەر سىياسىتى رادىيو نۇتقى ئىشلىدى. ئۇيغۇرتىلى قاتارلىق بەش تىلدىكى پىروگرامما بۇ نۇتۇقنى بىرلا ۋاقىتتا ئاڭلاتتى. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشى ئارقا-ئارقىدىن يەنە «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تونۇشتۇرۇش»، «ئۇلۇغ ۋەتەن» قاتارلىق پىروگراممىلارنى تەسىس قىلدى، بۇ پىروگراممىلارنىڭ مەزمۇنى ئىلگىرىكىدىن مول بولۇپ، تەشۋىقات دائىرىسى كېڭەيدى، ئۇندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر خەلقى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى ئاڭلىتىلدى، مەسىلەن، 1982-يىلى، جوڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شىنجاڭ مۇزىكانىتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھۈسەنجان جامى ئىجراسىدىكى شەرق مۇزىكا تارىخىدىكى غايەت زور بايلىق دەپ تەرىپلەنگەن كىلاسسىك مۇزىكا 12 مۇقامدىكى 26 ناخشا لېنتىغا ئېلىنىپ ئاڭلىتىلدى، بۇ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

(4) ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ گۈللىنىشى ( 1984-1995)[تەھرىرلەش]

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى 1984-يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ پىروگراممىلارنى ئىسلاھ قىلدى. بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا مەۋقەنى مەركەزگە قارىتىپ، ئوبيېكتىپ رايونلارغا يۈزلىنىش، خەۋەرنى ئاساس، مەخسۇس پىروگراممىنى قوشۇمچە، سەنئەت پىروگراممىسىنى تولۇقلىما قىلىش تەكىتلەندى ھەمدە مۇنداق ئۈچ مەسىلە نۇقتىلىق ھەل قىلىندى: بىرىنچى، خەۋەرنىڭ ۋاقىتچانلىقى تەكىتلىنىپ، ئىلگىرىكى كۈنلۈكى 60 مىنۇتتىن بىر قېتىم تۇنجى ئاڭلىتىش، بىر قېتىم قايتا ئاڭلىتىش كۈنلۈكى 30 مىنۇتتىن ئىككى قېتىم تۇنجى ئاڭلىتىش، ئىككى قېتىم قايتا ئاڭلىتىشقا ئۆزگەرتىلدى. ئىككىنچى، خەۋەر قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئۆز مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەرلىرى ۋە ئوبزورلىرى، پايتەختتىكى ھەر قايسى گېزىتلەردىكى مۇھىم خەۋەرلەر ۋە ئوبزورلار ھەمدە چېگرا، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا ئائىت خەۋەرلەر ۋە ئوبزورلار كۆپەيتىلدى. ئۈچىنچى، ئوخشىمىغان ئوبيېكتىپ رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاخبارات قاراتمىلىقى كۈچەيتىلىپ، تەشۋىقات سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى.

ئاخبارات ئىدىيەسىدە مۇنداق ئىككى نۇقتا تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچىدىن، ئىقتىسادىي خەۋەر تەشۋىقات خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، مەركەزنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرىشىنى ئىشقا ئاشۇرىشىغا پائال تەييارلىق قىلىندى؛ ئىككىنچىدىن، پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئائىت تەشۋىقاتنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىساسلىقلارنى ئېچىشى ئۇچۇر ۋە جامائەت پىكىرى بىلەن تەمىنلەندى.

ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشتىكى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ ۋاقىتچانلىقى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، پىروگرامما مەزمۇنى تېخىمۇ ئىخچام ۋە مول بولدى، مىللەتلەر مەسىلىسىگە ئائىت تەشۋىقاتنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى ۋە سالمىقى زورايدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىروگرامما مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىدى. ئىسلاھات يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، كۈنلۈكى خەنزۇچە خەت ھېسابىدا 3000-4000چە خەت، تەخمىنەن 10 پارچە خەۋەر، بىرمىڭ خەتچە مەخسۇس پىروگرامما بېرىلەتتى، ئىسلاھات يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كۈنلۈكى خەنزۇچە خەت ھېسابىدا 7000-8000چە خەت، تەخمىنەن 30-40پارچە خەۋەر بېرىلدى، ئاخبارات كۆلىمى كۆرۈنەرلىك زورايدى.

بۇ مەزگىلدە، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن سابىق رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە مىنىستىرلىقى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلاش، ئالماشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئېقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 1988-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىنى باھالاش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشقا ئائىت ئۇقتۇرۇشنى تارقاتتى. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە كۆرسىتىش ئارقىلىق، باھالاش كومىتېتى ئەڭ ئاخىرىدا تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىدىن 89نى باھالاپ چىقتى. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 1990-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ، تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىنى تولۇق تونۇشتۇردى.

دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە، ئۇيغۇرچە 90 پارچە ماقالە ئاڭلىتىلدى.

1991-يىلى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى 14 قىسىملىق مەخسۇس پىروگرامما «شىزاڭدىن كەلگەن خەۋەر»نى ئاڭلىتىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

1992-يىلى، دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇپنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئېلىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. يۈرۈشلۈك خەۋەر «چېگرا شەھەرلەرگە زىيارەت» ۋەكىللىدىكى چىگرا رايونلارنىڭ ئىسلاھات دولقۇنى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن خەۋەرلەر مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 1992-يىلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ باش مېلودىيەسى بولدى. شۇيىلى 3-ئايدىن 8-ئايغىچە، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئاخبارات گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، يۈننەن، گۇاڭشى، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ، شىزاڭدىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كادىرلار، ئاممىسىنى زىيارەت قىلىپ، 26 قىسىملىق يۈرۈشلۈك خەۋەر «چېگرا شەھەرلەرگە زىيارەت»نى ئىشلەپ، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش قاتارلىق بەش ئاز سانلىق مىللەت پىروگراممىسىدا ئاڭلاتتى.

1995-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارقا-ئارقىدىن چوڭ تىپتىكى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىش بۆلۈمى ئىستانسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، خەۋەر قىلىش پىلانى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايوندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئاخبارات تېمىسىنى تاللىدى ھەمدە ئىستانسىنىڭ خەۋەرلەر بۆلۈمى، مۇخبىرلار پونكىتى بىلەن بىرلىكتە خەۋەرلەر گۇرۇپپىسى تەشكللەپ ئاپتونوم رايونغا بېرىپ زىيارەت قىلدى. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشتا مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىنىپ، يۈرۈشلۈك خەۋەر ۋە ئوبزور ئاڭلىتىلدى.

بۇندىن باشقا، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت پىروگراممىلىرىمۇ مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر يۈرۈش مەخسۇس پىروگراممىلارنى تەسىس قىلدى، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشتىكى «سەھىيە ۋە ساغلاملىق» پىروگراممىسى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى.

(5) ئەسىر ھالقىغان ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش (1995-2006)[تەھرىرلەش]

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا تېلېۋىزىيە ۋاستىسىنىڭ تېز تەرەققى قىلىشى ۋە ئومۇملىشىشى بىلەن، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ مىللىي رايونلاردىكى ئورنى رىقابەتكە يولۇقتى. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشتىكى ۋاقىتچانلىقى، قاراتمىلىقى ئاجىز، ئۇچۇر سالقىمى ئاز، يارقىن بولماستەك ئاجىزلىق كۈنسېرى گەۋدىلەندى. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ئۆزىنى كۈچەيتتى.

1995-يىلى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرئاڭلىتىش بۆلۈمى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش تىلدىكى رادىيو ئاڭلىتىشىنىڭ تارقىتىش، ئۇلاپ تارقىتىش، ئاڭلاش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشىنىڭ تارقىتىش چاستوتىسى كىچىك، يەرلىكنىڭ ئۇلاپ ئاڭلىتىش شارائىتى ناچار بولغانلىقتىن، شىنجاڭ رايونىدىكى چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرلەر ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ رادىيو قوبۇللاش ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى، چېگرا رايونلاردا رادىيو پىروگراممىلىرىنى ئېنىق ئاڭلىيالماسلىق ياكى پەقەت ئاڭلىيالماسلىق؛ شىنجاڭ رايونىنىڭ رادىيو بىلەن قاپلىنىش جەھەتتە چەت ئەللەرنىڭ رادىيو ئاڭلىتىشى دۆلىتىمىزنىڭكىدىن ئومۇمەن كۈچلۈك بولۇش، چەت ئەللەرنىڭ ھاۋا بوشلۇقى تەشۋىقاتى ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە سىڭىپ كىرىشى ئېغىر بولۇشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش تارقىتىش، ئۇلاپ تارقىتىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، قاپلىنىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جۇجياڭ سۈنئىي ھەمراھ قانىلىغا كىردى.

1998-يىلى 6-ئايدا، ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىش مەركىزىگە ئۆزگىرىشى بىلەن، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش گۇرۇپپىسىمۇ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى قىلىپ ئۆستۈرۈلدى. بۇ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلۇشى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.

1998-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئىشخانىسى دۆلەتلىك رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىغا خەت يوللاپ، بىرقىسىم شەھەرلەر، بولۇپمۇ پايتەخت بېيجىڭدىكى ئازسانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشىنى ئاڭلاش مەسىلىسىنى ئالدى بىلەن ھەل قىلىش توغرىسدا تەكلىپ بەردى. دۆلەتلىك رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسنىڭ FM101.8 چاستوتىسى ئارقىلىق، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشىنىڭ بېيجىڭنى قاپلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا قوشۇلدى. دۆلەتلىك رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە ئىستانسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر بۆلۈمىنىڭ ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىشى بىلەن، 1999-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى FM101.8 چاستوتىدا رەسمىي ئاڭلىتىش باشلاندى. بۇ چاستوتىدا كۈنلۈكى 18سائەت 30 مىنۇت ئاڭلىتىش بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ئاز سانلىق مىللەت ئاڭلىتىشى 11 سائەت ئاڭلىتىش بەردى.

ئىسلاھات[تەھرىرلەش]

بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ئاساسلىقى ئۈچ قېتىم ئىسلاھ قىلىندى:

بىرىنچى قېتىملىق ئىسلاھات[تەھرىرلەش]

1999-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىنىپ، ئەسلىدىكى يېرىم سائەتتىن ئىككى قېتىملىق پىروگرامما بىرسائەتلىك بىرقېتىملىق پىروگرامما قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. مەزمۇن جەھەتتىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، خەۋەرلەر پىروگراممىسىدىن باشقا يەنە مەخسۇس پىروگرامما ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت پىروگراممىلىرى كۆپەيتىلدى.

2000-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ شىزاڭ، شىنجاڭنىڭ رادىيو بىلەن قاپلىنىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «16-ئاۋغۇست» مۇھىم تەستىقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتلىك رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە ئىستانسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ سەككىزىنچى يۈرۈش پىروگراممىسى تەسىس قىلىندى. بەش ئاز سانلىق مىللەت ئاڭلىتىشىنىڭ ۋاقتى ئىلگىرىكى كۈنلۈكى بىر سائەت تۇنجى ئاڭلىتىش ۋە بىر سائەت قايتا ئاڭلىتىشتىن كۈنلۈكى ئىككى سائەت تۇنجى ئاڭلىتىش ۋە ئىككى سائەت قايتا ئاڭلىتىشقا ئۇزارتىلدى.

يولداش جياڭ زېمىن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن پاراڭلاشماقتا


2001-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، FM101.8 دىكى بەش ئاز سانلىق مىللەت ئاڭلىتىشىدا يەنە بىر سائەت تۇنجى ئاڭلىتىش بىلەن بىر سائەت قايتا ئاڭلىتىش كۆپەيتىلدى. شۇنداق قىلىپ، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئاڭلىتىشى ئىلگىرىكى كۈنلۈكى 10 سائەتتىن 30 سائەتكە كۆپەيدى.


يولداش جياڭ زېمىن شىنجاڭ، شىزاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىك خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بارلىق ۋەكىللەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

2002-يىلى، پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى ئۆزئىچىگە ئالغان بەش ئاز سانلىق مىللەت ئاڭلىتىشى «پارتىيىنىڭ شانلىق نۇرى ئاستىدا» ناملىق 100 قىسىملىق يۈرۈشلۈك خەۋەرنى ئىشلىدى ۋە ئاڭلاتتى. ئازسانلىق مىللەت ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بۇنداق چوڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىش كەڭ ۋە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىپ، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشىنىڭ چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر ئاڭلىتىشىدا رېكورت يارىتىلدى.

ئىسلاھات قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش توغرا جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا، توغرا ئاڭلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىللىيچە ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر تۈركۈم پىروگراممىلارنى تەسىس قىلىپ، رادىيونىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، جەمئىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش فۇنكىسىيەسىنى بىر قەدەر ياخشى جارى قىلدۇردى.

ئىككىنچى قېتىملىق ئىسلاھات[تەھرىرلەش]

پارتىيە 16-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىۋى ئاخبارات ئىسلاھاتىغا قارىتا كۆپ قېتىم مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، كونكېرت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2003-يىلىنىڭ باشلىرىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن مەركەزدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش، ئاخبارات خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگەللەپ، ئىجادچان بولۇش ئۈچۈن، ئۆزلۈكسىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ: بىز پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خەلق ئاممىسىنىڭ ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. مەنىۋى مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئۆلچەشتە ئاخىرىدا يەنە خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش-بولماسلىقىغا، ياخشى كۆرۈش-كۆرمەسلىكىگە قاراش كېرەك، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشى يولداش لى چاڭچۈننىڭ سۆزىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۈچكە يېقىنلىشىش پىرىنسىپى بويىچە پىروگراممىلارنى تەڭشىدى ھەمدە مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ سەككىزىنچى يۈرۈش پىروگراممىسىنى «مىللەتلەر ئاۋازى» پىروگراممىسى قىلىپ ئۆزگەرتتى.

يولداش لى چاڭچۈن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىش مەركىزىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى


مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ سەككىزىنچى يۈرۈش پىروگراممىسىدىكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، زاڭزۇ، قازاق، چاۋشيەن تىلىدىكى ئاڭلىتىشى 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «مىللەتلەر ئاۋازى» پىروگراممىسىنىڭ يېڭى لايىھەسى بويىچە ئاڭلىتىش بەردى.

بۇ قېتىمقى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشى ئىسلاھاتىدا بىرىنچىدىن، پىروگرامما فاڭجېنى تەڭشىلىپ، 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان مەۋقەنى مەركەزگە قارىتىپ، ئوبيېكتىپ رايونلارغا يۈزلىنىشتەك پىروگرامما فاڭجېنى مەۋقەنى مەركەزگە قارىتىپ، ئوبيېكتىپ رايوندىكى رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، رادىيو ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى ۋە فۇنكىسىىيەسى كۈچەيتىلدى؛ ئىككىنچىدىن، پارتىيەنىڭ تىلىلىق ئېڭى ۋە ئاخبارات ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئاڭلىتىشنىڭ ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلىپ، خەۋەرلەر پىروگراممىسىنىڭ خەۋەر تاللاش، تەھرىرلەش باسقۇچلىرى ۋە قويۇلىدىغان تەلەپ ئۆلچەملەشتۈرۈلدى؛ ئۈچىنچىدىن، مەخسۇس پىروگراممىلارنىڭ ئاخباراتچانلىقى كۈچەيتىلىپ، بىر يۈرۈش يېڭى پىروگراممىلار بارلىققا كەلدى؛ تۆتىنچىدىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مىللى رايونلىرىدىكى رادىيو ئىستانسىسلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى كۈچەيتىلىپ، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشى ھەمكارلىق تورى شەكىللەندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئاڭلىتىشىدىكى رادىيو ئىستانسىلىرىنىڭ بىرىكىش كۈچى كۈچەيتىلدى. يېڭى پىروگراممىلار ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

يولداش لى چاڭچۈن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە سەمىمىي پاراڭلاشتى

يولداش لى چاڭچۈن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە سەمىمىي پاراڭلاشتى

بۇ باسقۇچتىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

(1) «مىللەتلەر ئاۋازى» تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش كۈنلۈكى بىر سائەتتىن تۆت قېتىم ئاڭلىتىلدى، ھەر قېتىمقى بىر سائەتلىك ئاڭلىتىشتا خەۋەرلەر پىروگراممىسى يېرىم سائەتنى، مەخسۇس پىروگرامما 20 مىنۇتنى ئىگەللىدى، سەنئەت نومۇرلىرى پىروگراممىغا قېتىلىپ، ئىلگىرىكى ئەدەبىيات-سەنئەت پىروگراممىلىرى بەك كۆپ بولۇپ كېتىشتەك ئەھۋال ئۆزگەرتىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمايىل ئەھمەد مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا


(2) خەۋەرلەرنىڭ ۋاقىتچانلىقى كۈچەيتىلدى. ئازسانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىش مەزكىزى خەۋەرلەر بۆلۈمى تەسىس قىلىپ، تۈزۈلمە جەھەتتىن خەۋەرلەرنىڭ ۋاقىتچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىۋېرسال تەھرىر بۆلۈمى ئاز سانلىق مىللەتلەر پىروگراممىلىرىدا ئاڭلىتىلغان خەۋەرلەرنى تەمىنلەيتى، ئاندىن ھەر قايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ ئاڭلىتىلاتتى. ئەينى چاغدا ئۇنىۋېرسال تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئانچە ئېنىق بولمىغاچقا، تەھرىر قوشۇنىنىڭ كۈچى ئاجىز بولۇپ، تارقىتىلغان خەۋەرلەرنىڭ سۈپىتى ۋە سانى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان ئىدى، رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن پىكىرى بار ئىدى. ئىلگىرىكى 30 مىنۇتلۇق خەۋەرلەر پىروگراممىسىدا ئادەتتە ئاران 20 پارچە ئەتراپىدا خەۋەر ئاڭلىتىلاتتى، كېيىن كۆپىيىپ 40 پارچىدىن ئاشتى: ئاخبارات دائىرىسى كېڭىيىپ، سىياسى، ئىقتىسادىي، يىغىن خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەردىن سىرت يەنە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ئىجتىمائىي خەۋەرلەرنىڭ سالمىقىمۇ كۆپەيدى: ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت ئاڭلىتىشىدا ئۆز مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەرلىرى كۆپەيتىلىپ، ئۇچۇر مىقدارى ۋە بىلىم مىقدارى زورايتىلدى. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى بۇ مەزگىلدە «گۈزەل دىيار» پىروگراممىسىنى كۆپەيتىپ، رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋە يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى. مەسىلەن، 2003-يىلى شىجاڭنىڭ مارالبېشى رايونىدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى پىروگراممىسىدا ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاساسى قاتلامدىكى ئۇيغۇر كادىر داۋۇت ھاشىمنىڭ ئازاپغا بەرداشلىق بېرىپ، يۇرتداشلارنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىنى قۇتقۇزغانلىقىدەك كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش-ئىزلىزى ۋە زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. بۇلار ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ناھايىتى ياخشى ئىنكاس قوزغىدى.

(3) مەخسۇس پىروگراممىلار تەڭشەلدى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدىكى رەھبىرى يولداشلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاڭلىتىش مەركىزى ئىستانسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چىقىش قىلىپ، سىياسىيلىقى كۈچلۈك مەخسۇس پىروگرامما «مۇنبەر»نى پىلانلىدى؛ ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس پىروگراممىسى چۈشتىكى «دۇنياغا نەزەر» پىروگراممىسى بىلەن كەچتىكى «جۇڭگوغا نەزەر» پىروگراممىسىغا بۆلۈندى، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئالاھىدە مەخسۇس پىروگرامما ئاڭلىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن مەخسۇس پىروگراممىلارنىڭ ئاخباراتچانلىقى، ۋاقىتچانلىقى ۋە باغلىنىشچانلىقى كۈچەيتىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەينى چاغدىكى رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدىكى خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەينى چاغدىكى رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدىكى خىزمەتچىلەرنى يوقلىغاندا سەمىمىي پاراڭلاشماقتا


(4) پىروگرامما شەكلى يېڭىلىنىپ، خەۋەر ئاڭلىتىش ۋە رىياسەتچىلىك بىرلەشتۈرۈلدى، پىروگرامما بىلەن رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ باغلىنىشچانلىقى كۈچەيتىلدى، رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشقا ئېتىبار بېرىلدى ھەمدە رادىيو ئاڭلىغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارغا جاۋاپ بېرىلدى. خەۋەر ئاڭلىتىش جەھەتتە رىياسەتچىلەرنىڭ ئىنتوناتسىيەسى تېخىمۇ تەبىئي، يېقىملىق بولدى. 2005-يىلى چاغان مەزگىلىدە، «يازغۇچىلارنى زىيارەت» پىروگراممىسى ئاڭلىتىلدى، 5-ئايدا ئۇدا بىرئاي «ئىلىم يۇرتلىرىدا زىيارەت» پىروگراممىسى ئاڭلىتىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەر تونۇشتۇرۇلدى. بۇ پىروگراممىلار رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى.

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو مەركىزى شىنجاڭ، شىزاڭ رادىيو تېلېۋىزىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن، پەرھات يۈسۈپ قاتارلىق بەش كىشى ئىلغار شەخس دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى

ئۈچىنچى قېتىملىق ئىسلاھات[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى 2005-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پىروگراممىلارنى يەنە بىر قېتىم ئىسلاھ قىلىپ، پىلانلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، باش رىياسەتچى تۈزۈمى ئورناتتى، پۈتۈن كۈنلۈك پىروگراممىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلەپ، پىروگرامما بايلىقىنى بىرىكتۈردى. پىروگرامما فاڭجىنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خەۋەر، مەخسۇس پىروگرامما ۋە سەنئەت بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال خەۋەرلەر پىروگراممىسى دەپ بېكىتتى. ئاڭلىتىش ۋاقتى تۆت سائەت بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۇنجى ئاڭلىتىش ئىككى سائەت، تەكرار ئاڭلىتىش ئىككى سائەت بولدى. ھەر قېتىمقى ئاڭلىتىشتا ئالدىنقى يېرىم سائەتلىك پىروگرامما خەۋەرلەر پىروگراممىسى، كېيىنكى يېرىم سائەتلىك پىروگرامما مەخسۇس پىروگرامما قىلىندى. بۇ قېتىمقى ئىسلاھات رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپلا قالماستىن يەنە يەرلىكتىكى قېرىنداش رادىيو ئىستانسىلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

بۇ باسقۇچتىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

(1) پىروگرامما ئۇسلۇبى ئۆزگەرتىلدى. ئىلگىرىكى ئىسلاھات ئاساسى جەھەتتىن پىروگرامما مەزمۇنىغا قارىتىلغان بولۇپ، شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىرىش ئاز ئىدى. بۇ قېتىم باش رىياسەتچى شەكلىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق بىر سائەتلىك پىروگراممىنىڭ باغلىنىشچانلىقى كۈچەيتىلدى. رىياسەتچىلەرنىڭ ئىنتوناتسىيەسى تېخىمۇ يېقىملىق بولۇپ، خەۋەر ئوقۇش سۈرئىتى تەڭشەلدى، بۇنىڭ بىلەن ئاڭلىتىلغان خەۋەرلەرنىڭ سالمىقى كۆپەيتىلىپ، ئۇچۇر مىقدارى ئاشتى.

(2) مەخسۇس پىروگراممىلارنىڭ مەزمۇنى كۆپەيتىلىپ، تەكرار ئاڭلىتىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئازايتىلدى. دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە، چۈشتىكى دۇنياغا نەزەر پىروگراممىسىدا يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە خەلقئارادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئارقا كۆرىنىشى قاتارلىق مەزمۇنلار بېرىلدى. كەچتىكى جۇڭگوغا نەزەر پىروگراممىسىدا دۆلەت ئىچىدىكى خەۋەرلەر، ئۇلارنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار بېرىلدى. شەنبىگە ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ئالاھىدە پىروگرامما، يەكشەنبىگە ئادەتتىكى رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا قارىتىلغان مەخسۇس پىروگرامما ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھەر كۈنى خەنزۇچە خەت ھېسابىدا 20 مىڭ خەت ئەتراپىدا ئاڭلىتىش بېرىلدى.

(3) باشكۈي، قىستۇرما كۈي قاتارلىق ھالقىلار بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، پىروگرامما تېخىمۇ ئۆلچەملەشتۈرۈلدى.

يېڭىلىق ياراتقاندا تەرەققىيات بولىدۇ، تەرەققىيات بولغاندا ئاندىن قۇدرەت تاپقىلى بولىدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پەقەت ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقاندىلا ئاندىن غەلبە قىلغىلى بولىدۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە چاستوتىسى داۋاملىق دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ،جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ، ئېلىمىزدە ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلاشقان، ئورتاق بېيىغان ۋە گۈللەنگەن ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.  

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. جوڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تور تېىلۋىزىيە https://web.archive.org/web/20190302184543/http://www.uycnr.com/gywm/pl/