جىيەن بوزەن

ئورنى Wikipedia

جىيەن بوزەن .خۇنەن تاۋيۈەن ناھسىيىلىك ئۇيغۇر .1898-يىلى تۇغۇلغان ،1968-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئىسمى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە: جىيەن بو زەن

ئۇيغۇرچە لاتىن: Jiyen bo zen

خەنچە: 翦伯赞;

ئەنئەنۋى خەنچە: 翦伯贊

خەنچە پىنيىن: Jiǎn Bózàn

ئېنگلىزچە: Jian Bozan

ھاياتى[تەھرىرلەش]

جىيەن بوزەن ئىلىمىز تارىخىدىكى داڭلىق تارىخشۇناس ،مائارىپچى ،ماركىسزىمچى ،جۇڭگوچە ماركىسىزىم ئىلمىنىڭ مۇھىم ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى .ئامرىكا كالفورنىيە ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئىقتىساد كەسپىنى پۈتتۈرگەن .ۋەتەنگە قايىتقاندىن(1926-يىللار) كىيىن بىيجىڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .1940-يىلى چۇڭچىڭىغا كىلىپ  جوۋئىنلەينىڭ يىتەكچىلىكىدە مەخپى خىزمەتلەرگە قاتناشقان .

يولداش ماۋزېدۇڭ 1945-يىلى چۇڭچىڭغا سۆھبەتكە كەلگەندە ،جىيەن بوزەننى ئۆز تۇرالغۇسىغا چاقىرىپ مەسلەھەتچىلىككە تەكلىپ قىلغان .شۇ مەزگىلدە جىيەن بوزەن يولداش ماۋزېدۇڭ ۋە جوۋئىنلەي ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلغان .ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن جىيەن بوزەن شاڭخەيگە ئاتلىنىپ داشىيا ئۇنۋېرستىتىنىڭ پىراففىسورى ۋە دافۇ نەشىرياتىنىڭ مەسئۇلى بولغان .1949-يىلى چىخىسلۇۋاكىيەگە بىرىپ "دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش يىغىنى "غا قاتناشقان .

قايتىپ كەلگەندىن داۋاملىق مەخپى ۋە مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن .1968-يىلى 12-ئايدا لىيۇۋشاچىنى تارتىپ چىققان مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جىيەن بوزەنگىمۇ سولچىل ،مەدىنيەتكە ،ماركىسىزىمغا قارشى چىققان دىگەن قالپاقنى كەيدۈرۈپ ئۇنى قىين قىستاققا ئالغان ھەم لىيۇۋشاچى توغرىسىدا نىمىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى سورىغان .ياشىنىپ قالغان جىيەنبوزەن نەچچە كۈن ئىچىدە ئىلىپ بىرىلغان 120قىتمدىن كۆپ سوراققا بەرداشلىق بىرەلمىگەن .يولداش ماۋزېدۇڭ جىيەن بوزەنگە بىر چىقىش يولى بىرىش ،قىين قىستاقنى بىكار قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن .ئەمما جىياچىڭ باشچىلىقىدىكى كىشلەر مەخپى ھالدا قايتىدىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ جىيەن بوزەننى قىين قىستاققا ئالغان .1968-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى جىيەن بوزەن ئايالى بىلەن ئۇيقۇ دورىسى يەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان

مەنبە[تەھرىرلەش]

1.ئۈندىدار