جيۇچۈەن شەھىرى

ئورنى Wikipedia

جيۇچۈەن شەھىرى (خەنزۇچە: 酒泉市) گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا، خېشى كارىدورىنىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان، ئالتۇنتاغ، چىليەنشەن تېغى بىلەن مازۇڭشەن تېغى بويىدا، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ شەھەر.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

جىۇچۈەن شەھىرىگەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا، خېشى كارىدورىنىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان ئالتۇنتاغ، چىليەنشەن تېغى بىلەن مازۇڭشەن تېغى بويىدا، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ شەھەر .

جۇغراپىيەلىك ئورنى[تەھرىرلەش]

ئورنى[تەھرىرلەش]

شەرقتە جاڭيې شەھىرى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، جەنۇبتا چىڭخەي ئۆلكىسى، غەربتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىمالىي تەرىپى موڭغۇلىيە بىلەن چىگرالىنىدۇ. شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 680 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 550 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 192 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، گەنسۇ ئۆلكىسى يەر كۆلىمىنىڭ %42 ىنى ئىگىلەيدۇ.

يەر شەكلى[تەھرىرلەش]

جيۇچۈەن شەھىرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ قىيپاش تۇرىدۇ. جەنۇبىي قىسمى تاغلىق. جەنۇبىي دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىن يۇقىرى توڭ توپا رايونى، يىل بويى قار–مۇز بىلەن ھازىرقى زامان مۇزلۇقلىرى تارقالغان، تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىقلار، سۇگەنەخۇ ئويمانلىقى، شىباۋچېڭ ئويمانلىقى، چاڭما قەلئەسى ئويمانلىقى شۇنىڭدەك نۇرغۇن كىچىك ئويمانلىق بولغان.

تېمپۇراتۇرىسى[تەھرىرلەش]

بۇ رايوننىڭ كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، قۇرغاق-سوغۇق، ھۆل-يېغىن كەمچىل. شەرقتىن غەربكە قاراپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500-1100 مېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃5~℃9، قىراۋسىز مەزگىلى 127 كۈندىن 158 كۈنگىچە. ياز پەسلى قۇرغاق ئىسسىق بولغانلىقتىن قىش پەسلى سوغۇق ھەم بىر قەدەر ئۇزۇن، لېكىن ئەتىيازدا تېمپىراتۇرا تېز ئۆرلەيدۇ.

جيۇچۈەن رايونىنىڭ جەنۇبىي تاغ ئېگىز، يېرىم قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃4~℃6 ، مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا ℃9~ ℃5. يىللىق كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئومۇمىي سانى 3300 سائەت، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش پىرسەنتى %75. ھۆل-يېغىن مىقدارى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەدرىجىي ئازىيىپ بارىدۇ، چىليەنشەن تاغلىق رايونى، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 300 مىللىمېتىر ئەتراپىدا ھورلىنىشى كۆپ بولىدۇ، كۆپىنچە 2000-4000 مىتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ.

پۈتۈن ۋادا ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان، جيۇچۈەن رايونىنىڭ غەربى، تىپىك قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا تەۋە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 170-1900 مېتىر. ئومۇمىي ھاۋا كىلىماتى ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھۆل-يېغىن ئاز، گەنسۇ ئۆلكىسى جۇڭگونىڭ يامغۇر مىقدارى ئەڭ ئاز بولغان رايونلارنىڭ بىرى، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، گەنسۇ ئۆلكىسى ئەڭ چوڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى ئەڭ چوڭ رايون، كۈن چۈشۈش ۋاقتى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى روشەن، يازدا ھاۋا بەك ئىسسىق، قىش پەسلىدە سوغوق، قۇرغاق ھەم بوران كۆپ چىقىدۇ، ئەنشى «دۇنيانىڭ شامال ئامبىرى» دېگەن نامى بار.

قاتنىشى[تەھرىرلەش]

2011 -يىلىنىڭ ئاخىرى شەھەر بويىچە تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 17649.5 كىلومېتىر. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 367.73 كىلومېتىر، دەرىجىگە ئايرىلغان تاشيول مۇساپىسى 17031.6 كىلومېتىر.


سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]