جۇغراپىيەنىڭ تارىخى

ئورنى Wikipedia


جۇغراپىيىلىك تەتقىقات تارىخى[تەھرىرلەش]

جۇغراپىيە ئەڭ دەسلەپتە قەدىمكى يۇنانلىقلار تەرىپىدىن سىستېمىلىق تەتقىق قىلىنغان بولۇپ ئۇلار يەنە جۇغراپىيە پەلسەپىسىنىمۇ راۋاجلاندۇرغان. مىلېتۇسلۇق تالېس، ھېرودوت ، ئېلاتولار ، يۇنانلىق پەيلاسوپ ، سترابون ، پىتولېمېي ئۈچۈن جۇغراپىيەلىك مۇھىم تۆھپە قوشتى . قەدىمكى رىمنىڭ جۇغراپىيەگە بولغان تۆھپىسى بولسا كېڭەيمىچىلىك ۋە نامەلۇم يەرلەرنى خەرىتىگە ئىلىشتىن ئىبارەت. گرىكلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئۆگىنىشى ئوتتۇرا ئەسىردە ئەرەبلەر تەرىپىدىن ۋارىسلىق قىلىندى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى . ئەرەب جۇغراپىيىشۇناسلاردىن،ئىدرىسى، ئىبنى بەتۇتە ۋە ئىبنى خالدۇن ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ،ئۇلار ئۆزىنىڭ دۇنياغا بولغان بىلىمىنى كېڭەيتىش مەقسىتى بىلەن كەڭ دۇنيانى كەزگەن. ئوتتۇرا ئەسىر كېيىنكى مەزگىللىرىدىكى ماركوپولونىڭ دېڭىز سەپىرى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ سىرتىدىكى رايونلارغا جۇغراپىيەلىك قىزىقىشىنى قايتا قوزغاتتى.

ئەدەبىيات - سەنئەتنى قايتا گۈللىنىشى بىلەن ياۋروپا دۇنيانىڭ نامەلۇم رايونلىرىغا بولغان ئىنتىلىشى دېڭىزچىلارنىڭ كىڭەيمىچىلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، چوڭ بايقاشلارغا ئېرىشتۈردى. ھالبۇكى ،16،17-ئەسىردە ئۇ سودا مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇپ، ھەقىقىي بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىش ئەمەس ئىدى .18-ئەسىردە جۇغراپىيەلىك نەزەرىيەلەر ، دەرسلىك (بىرىنخاردۇس ۋارىنىئۇسنىڭ ئاساسىي جۇغراپىيە) ۋە خەرىتىلەر ( گېرارد مېركاتورنىڭ دۇنيا خەرىتىسى) لەر ئارقىلىق تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، جۇغراپىيە بىر پەن سۈپىتىدە تونۇلۇشقا باشلىدى ۋە ئالىي مەكتەپ سەۋىيەسىدە ئوقۇتۇلدى.


ھازىرقى زامان جۇغراپىيەسى[تەھرىرلەش]

ھازىرقى زامان جۇغراپىيەسى ئالىكساندىر ھومبولد ۋە كارل ۋون لىتتېرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پەيدا بولدى . شۇنىڭدىن تارتىپ ، جۇغراپىيىدە ئىككى خىل ئاساسلىق ئۇسۇلى ئايرىلىپ چىقتى : سىستېمىلىق،(ھومبولدنىڭ بويىچە) ۋە رايونلۇق ،(رىتتېرنىڭ بويىچە) . دۆلەتلىك مەكتەپلەرنىڭ جۇغراپىيەسى تەرەققىي قىلدى، گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ مەكتەپلىرىدە بولسا ئەڭ تەسىر كۈچى بار ئىدى. گېرمانىيە مەكتەپلىرى ، تەبىئىي جۇغراپىيىدە ئىلمىي ۋە ئانالىز خاراكتېرلىك يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىدا تەرەققىي تاپقان . فىرانسىيە مەكتەپلىرىدە بولسا رايوننىڭ تەسۋىرىي مونوگرافىيىسى (مەخسۇس ئەسەر) بىلەن مەشھۇر بولۇپ بىر خىل ئېنىق ۋە ھەرىكەتچان شەكلىنى ئىپادىلىدى ؛ گۇمانىتار ۋە تارىخ جۇغراپىيەسى ئۇلارنىڭ كۈچلۈك تۈرى بولۇپ قالدى. گەرچە ئۇسۇل ۋە كۆز قاراش ئوتتۇرىسىدا تەشەببۇسلار ئۆزگىرىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا بېقىنىدىغانلىقى بارلىق جۇغراپىيشۇناس تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىندى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشتىن باشلاپ ، جۇغراپىيە ، خۇددى باشقا پەنلەرگە ئوخشاش ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ يېڭى قوراللىرى ۋە سانلىق مەلۇمات مەشغۇلاتى ئارقىلىق پارتلاش خاراكتېرلىك بىلىم دەۋرىگە كىردى؛ بۇ بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش ، يىراقتىن سىزىش ( جۈملىدىن ئىنفىرا قىزىل نۇر ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىش ) ۋە كومپيۇتېر (مىقدارلىق ئانالىز ۋە ئەكس ئەتتۈرۈش ) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مىقدارلىق تەتقىقات ئۇسۇلى 1950-يىللاردا كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ ، ،ئامېرىكىلىق ئېدىۋارد ئۇلمان ۋە ۋىللىيام گاررىسون ۋە ئەنگلىيەلىك پېتىر خاگگېت باش تەشەببۇسچىسى بولدى.

بۈگۈنكى زامان جۇغراپىيەسى[تەھرىرلەش]

جۇغراپىيەنىڭ راۋاجلىنىشىغا مۇھىم خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن ۋە جۇغراپىيەلىك ئۇقۇم تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلار گېرمانىيەدە فېردىناند ۋون رىچخوفىن، ئالبرېچت پېنك ،فرېدىرىخ راتزېل، ئالفرېت ھىتتنېر ، كارل خاۋۇسخوفىر ؛ فىرانسىيەدە پائۇل ۋىدال دې لا بىلاك،ژىئان برۇنخېس،كونراد مالتې-برۇن،ئېلىسې رېكلۇس،ۋە ئىممانۇئىل دې ماتوننې؛ئامېرىكىدا ۋىللىيام موررىس داۋىس ، ئىسەياھ بوۋمان ، ئېللېن چېرچىل سامپىل،كارل ئو.سائۇئىر ، ئالبېرت برىگام ۋە رىچارد خارتسخورن ئامېرىكىدا . بۈگۈنكى كۈندە جۇغراپىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە نۇرغۇن دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەر تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنماقتا . تەتقىقاتلار داڭلىق ئەنگلىيە خان جەمەتى جۇغراپىيە جەمئىيىتى (1830- يىل ، ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان ) ئامېرىكىدىكى جۇغراپىيە جەمئىيىتى (1852 يىل ، ئامېرىكىدا قۇرۇلغان ) ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى دې ئۇنىۋېرسىتېتى (1821 يىل ، فىرانسىيەدە قۇرۇلغان ) . قاتارلىق داڭلىق جۇغراپىيەلىك ئاپپاراتلار تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.