جۇلىيان تەقۋىمى
جۇلىئان كالىندارى ياكى جۇلىيان تەقۋىمى، يۇلىئۇس كايسار (Julius Caesar)، تەرىپىدىن مىلادىدىن 46 يىل بۇرۇن قەبۇل قىلىنغان ۋە غەرب دۇنياسىدا 16- ئەسرگىچە قوللىنىلغان تەقۋىم. كەبىسە يىلى ھېسابلىنىشىدىكى كىچىككىنە بىر ڧەرق بىلەن تەخمىنەن 128 يىلدا بىر كۈنلۈك بىر قېيىش كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، ئورنىغا گرېگورىيان تەقۋىمى دەسستىلگەن.
تۈزۈلىشى
[تەھرىرلەش]يۇلىئۇس كايسار، ئۇ زامانغىچە قوللىنىلغان تەقۋىمدىكى قالايماقانچىلىقلارنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن ئىسكەندەرىيەلىك ئاسترونومى ئالىمى سوسىگېنېس (Sosigenes) تىن ياردەم سورايدۇ. سوسىگېنېس، 1 يىلنى 365.25 كۈن ھېسابلاپ، پەسىللىك قېيىشلارنى تۈزىتىشنى مەقسەد قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 4 كە پۈتۈن بۆلۈنمىگەن يىللار 365 كۈن بولغان، بۇ يىللاردىن ئارتقان چارەك كۈنلەرنى بولسا 3 يىلدىن كېيىن كەلگەن كەبىسە يىلىغا قوشۇپ، كەبىسە يىلىنى 366 كۈنگە چىقارغان. شۇنداقلا 1 يىلنى 12 ئاي پېتى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن 6 ئاي 30 كۈن، 6 ئاي 31 كۈن كېلىدىغان شەكىلدە تۈزىگەن. كەبىسە بولمىغان يىللاردا يىلنىڭ ئاخىرىقى ئېيىدىن 1 كۈن چىقىرىلغان. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۇ زامانلاردا يېڭى يىل مارت ئېيىدىن باشلىغاچقا ھۇد\ڧېۋرال (2- ئاي) ئېيىنىڭ كەبىسە يىلى 30، ئادەتتىكى يىللاردا 29 كۈن بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا، تەقۋىم تۈزدۈرگەنلىكى ئۈچۈن چىللە\ئىيۇل (7- ئاي) ئېيىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەندە ئۆز ئىسمىدىن كەلگەن July غا ئۆزگەرتكەن.
لېكىن كايسار ئۆلتۈرۈلگەندىن سوڭرە تەقۋىمدە ئېلىب بېرىلغان بۇ ئىسلاھات توغرا قوللىنىلالمىغان. تەقۋىم ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بارغان پونتىڧېكىسلەر، 3 يىلدا 1 قېتىم كەبىسە يىلى چىقىرىپ تەقۋىمدە قايتا بوزۇلۇش توغدۇرغان. بۇ ئىسلاھات جارىي قىلىنغان تەقرىبەن 40 يىل بويىچە 3 كۈن قېيىش كېلىپ چىققان ۋە م.ب 8. يىلى ئاۋغۇستوس 12 يىل بويىچە كەبىسە يىلى ھېسابلاشنى توختىتىپ بۇ قېيىشنى ئىزىغا سالغان. ئاۋغۇستوس بەئەينى جۇلىئۇس كايسارغا ئوخشاش تەقۋىمگە تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن تومۇز\ئاۋغۇست (8- ئاي) نىڭ ئىسمىنى ئۆگەرتىپ ئۆز ئىسمى بولمىش ئاۋغۇستقا ئالماشتۇرغان. لېكىن ئىسمى كايساردىن كەلگەن ئىيۇل ئېيىنىڭ 31، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ بولسا 30 كۈن بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھۇد\ڧېۋرال ئېيىدىن بىر كۈن ئېلىپ ئاۋغۇست ئېيىغا قوشۇپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ھۇد\ڧېۋرال ئېيى ئادەتتە 28 كۈن، كەبىسە يىلىدا 29 كۈنگە چۈشۈپ قالغان.