جۇمھۇرىيەتنىڭ قەدىمىيلىكى

ئورنى Wikipedia

ئاپتورى: زىيا گۆكئالپ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

تۈنۈگۈن يەنە ھېلىقى يوچۇن پەيلاسوپ بىلەن بىرگە بولدۇق:

− جۇمھۇرىيەت سىياسىي تەشكىلاتلار ئىچىدىن ئەڭ تەرەققىي قىلغىنىدۇر. چۈنكى ئۇ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدۇر. دەرۋەقە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى جۇمھۇرىيەتتۇر.

لېكىن «ئىككى ئۇچ ئۆزئارا توقۇلىدۇ» دەيدىغان بىر قائىدە بار. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي باسقۇچىغىچە نەزەر ئاغدۇرىدىغان بولساق يەنىلا جۇمھۇرىيەتنى كۆرىمىز.

جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىيسى «توتېم ئېتىقادىدىكى ئۇرۇقداش» لاردۇر. بۇ ئىجتىمائىي تىپنىڭ شەخسىي ھوقۇققا ئىگە بىرەر ئاقساقىلى ياكى بېگى يوق. جەمەت ئاقساقىلى پەقەت دىنىي مۇراسىملارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن سايلانغان بىر مويسىپىتتۇر. ئاۋسترالىيە ئۇرۇقداشلىقلىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

توتېم شۇ جەمەتنىڭ نامىدىكى بىرەر ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈكتۇر. شۇنداقلا توتېم مەزكۇر جەمەتنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىدىن ئىبارەت بولۇپ، جەمەتنىڭ ئىجتىمائىي ھۆكۈمرانلىقى توتېمغا مەنسۇپتۇر. توتېمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى كوللېكتىپ ئاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېمەكتۇر.

توتېمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى قانچىكى كۈچەيسە كوللېكتىپ ئاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمۇ شۇنچىۋالا كۈچىيىدىغان بولغاچقا، توتېمىزم تەشكىلاتىنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بەلگىلىك دەرىجىدە مەۋجۇت بولغان ئىپتىدائىي جۇمھۇرىيەت شەكلى دېيىشكە بولىدۇ.

ھازىرقى جۇمھۇرىيەت بىلەن ئۆتمۈشتىكى جۇمھۇرىيەت ئوتتۇرىسىدا پەرقنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. ھېچقانداق تەرەققىياتى بولمىغان بىر تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتتا يۇقىرى پەللىگە يەتكەن يەنە بىر تەشكىلاتقا تامامەن ئوخشىشى مۇمكىنمۇ؟

ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە دېموكراتىيە، بەلگىلىك دەرىجىدە كوممۇنىزم ۋە بەلگىلىك دەرىجىدە پېمىنىزم باردەك كۆرۈنىدۇ. قارىماققا بۇلار ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا ئائىت ھادىسىلەردۇر. لېكىن بۇلارمۇ ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ تەرەققىي قىلغان سىستېمىلارنىڭ دەسلىپىدە نامايان بولۇپ، كېيىن غايىب بولغان. ھازىرغا كەلگەندە بىر – بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ.

ئوتتۇرىدىكى پەرق − ئاخىرقىسىنىڭ تايانچى رەسمىي قانۇن بولسا، ئىپتىدائىيلىرىنىڭ تايانچى پەقەت قائىدە – يوسۇنلاردۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، توتېمىزم بىر ئۇرۇقداش جەمەتنىڭ جۇمھۇرىيىتى دېگەنلىكتۇر. چۈنكى توتېمىزم دەۋرىدە جەمەتنىڭ مەخسۇس بىر رەئىسى يوق ئىدى. توتېمنىڭ بىۋاسىتە جەمەتكە ئائىت بولغانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ جەمەتنىڭ رەئىسى توتېمنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى دەپ ئۇنى زورلۇق بىلەن چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان ئىش يوق. دەرۋەقە، ئەگەر مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرگەن بولسا ئىدى، توتېم ئومۇمىيلىقتىن خۇسۇسىيلىققا ئۆزگىرىپ، خۇسۇسىي ھۆكۈمرانلىق مەيدانغا كەلگەن بولاتتى. بۇنداق بولغاندا جەمەت بىر جۇمھۇرىيەت بولمايتتى، ھاكىمىيەتمۇ جەمەتكە ئەمەس، بەلكى جەمەتنىڭ توتېمىنى ئۆز نامىدا ئاتاپ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان رەئىسكە مەنسۇپ بولاتتى.

سىياسىي تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى جۇمھۇرىيەت بولغىنىدەك، ئىپتىدائىي ھالىتىدىكى تۇنجى باشلىنىش نۇقتىسىمۇ جۇمھۇرىيەتتۇر. ھاكىمىيەت دەسلىپىدە جەمەتكە مەنسۇپ بولسىمۇ بارغانسېرى خۇسۇسىيلاشماقتا. بۇنداق بولغاندا خەلقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى خۇسۇسىي ھۆكۈمرانلىقتىن، خەلقنىڭ ھوقۇقىمۇ خۇسۇسىي ھوقۇقتىن بۇرۇن شەكىللەنگەن بولىدۇ.

ئەمدى بۇ تەرەققىيات جەريانىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىزدەپ باقايلى:

جەمئىيەتشۇناس دەۋىي (Davey) بۇ سەۋەبنى «پوتلاچ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مۇراسىمدا دەپ قارايدۇ. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەرب تەرىپىدە ھايدا، تەلىنكىت ۋە گۇۋاگىيوتەل دېيىلىدىغان ئۈچ خىل مىللەت بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە پوتلاچ قائىدە – يوسۇنلىرىنىڭ كونكرېت تەتبىقلىنىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز.

پوتلاچ − قارشى تەرەپنىڭ ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشىغا ئىمكانىيەت قالدۇرمايدىغان دەرىجىدە ئىسراپچىلىق قىلىنىدىغان، كەلگەن مېھمانلار رىقابەتكە چاقىرىلىدىغان ھەشەمەتلىك بىر زىياپەتتۇر. بۇ زىياپەتتە ئوتتۇرىغا مېھمانلار يەپ بولالمىغۇدەك كۆپ تاماق تارتىلىدىغان بولۇپ، قەبىلىدىكى بارلىق كىشىلەر غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن چوقچىيىپ تۇرغان دۆڭدەك يىغىلىپ تۇرغان گۆشلەرنى، كۈپلەردە تولۇپ تۇرغان شاراپلارنى ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ. ساھىبخاننىڭ يېمەكلىكلەردىن سىرت قانچىلىك داش قازانلىرى ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تېرىلىرىدىن تىكىلگەن يوتقان – كۆرپىلىرى بولسا ھەممىنى ئەكېلىپ ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. نەتىجىدە قارشى تەرەپ دەرھال بۇلارنى ئېلىپ كېتىپ، بۇ زىياپەتكە جاۋابەن بۇنىڭدىنمۇ ھەشەمەتلىكرەك بىر زىياپەت بېرىشكە قەرزدار بولىدۇ.

ناۋادا بۇ قەرزنى ئادا قىلىپ، تېخىمۇ ھەشەمەتلىك بىر زىياپەت بەرمىسە، زىياپەتكە كەلگەنلەر توتېمىدىن مەھرۇم قالىدۇ. چۈنكى قارشى تەرەپ زىياپەت بېرەلمەي، مېھمانلارغا رىقابەت ئېلان قىلغان تەرەپ بىلەن رىقابەتلىشىشتىن ئاجىز كەلگەندە، ئىلگىرى ساھىبخانلىق قىلغانلار ئۇلارنىڭ توتېملىرىنى يەڭگەن ھېسابلىنىپ، توتېم بىلەن تەڭ مەزكۇر توتېمغا تەۋە بولغان توپتىن جەمەت ھۆكۈمرانلىقىنىمۇ مەجبۇرىي تارتىۋالغان بولىدۇ.

بۇ مەجبۇرىي تارتىۋېلىش نەتىجىسىدە جەمەتنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىغا مەنسۇپ بولغان خەلق ھۆكۈمرانلىقى بىر شەخسنىڭ ياكى بىرەر جەمەتنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىگە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمرانلىقنى تارتقۇزۇپ قويغان جەمەتتە جۇمھۇرىيەت دېگەن نەرسە قالمايدۇ. چۈنكى توتېم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي ھۆكۈمرانلىقنىڭ تارتقۇزۇپ قويۇلۇشى بىلەن جەمەت فېئوداللىق دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئاقىۋەتتە جەمەت ئاقساقىلىمۇ بىر فېئودال رەئىس بولىدۇ.

بىر مۇستەبىت ئالدى بىلەن ئۆز ئايمىقىنى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، ئۆز ئايمىقى مەنسۇپ بولغان قەبىلىنىڭ پۈتۈن ئايماقلىرىنى ئوخشاش شەكىلدە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئەتراپتىكى قوشنا قەبىلىلەرگىمۇ زىياپەت بېرىپ، ئۇلارغىمۇ رىقابەت ئېلان قىلغاندىن كېيىن بەرگەن ھەشەمەتلىك زىياپىتى جاۋابسىز قالسا، ئۇلارنىمۇ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغان ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ شەكىلدە ئايماق ۋە بەگلىكلەردىن شەكىللەنگەن چوڭ بىر قەبىلە بىرەر شەخس ياكى بىرەر جەمەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرىدۇ. بۇ سىياسەت كېيىنكى مەزگىللەردە باشقا قەبىلىلەرگىمۇ يۈرگۈزۈلىدۇ. خۇسۇسىي ھاكىمىيەتنىڭ دائىرىسى مۇشۇ شەكىلدە كېڭىيىپ پادىشاھلىققا قەدەر يېتىپ بارىدۇ.

ئەمدى بۇ مۇئەسسەسەلەرنى تۈركلەر ئىچىدىن ئىزدەپ باقايلى، تاپقىلى بولامدۇ – يوق؟

قەدىمكى تۈركلەردە توتېم «ئونگۇن» دەپ ئاتىلاتتى. «تارىخ مەجمۇئەسى» دە پۈتۈلگىنىگە قارىغاندا ئونگۇن سۆزى «ئۇلۇغلۇق» مەنىسىدىكى «ئويۇن» سۆزىدىن كېلىپ چىققان. ئوغۇز ئايماقلىرىنىڭمۇ مەلۇم ئونگۇنلىرى بار ئىدى. ئوغۇزلاردىن ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ ئونگۇنىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇلارغا تولىمۇ ھۆرمەت قىلاتتى، ئوق ئاتمايتتى ۋە گۆشلىرىنى يېمەيتتى.

بۇ ئونگۇنلار: لاچىن، بۈركۈت، قارچىغا، ئۈچ شۇڭقار ۋە تەكلىپ قاتارلىقلاردۇر.

دەسلەپتە ئونگۇن ۋە تامغا خەلقكە مەنسۇپ ئىدى. ئۇ چاغدا ھەر ئايماق بىر جەمئىيەت سالاھىيىتىگە ئىگە ئىدى. كېيىن ئايماق بېگى ئۆز ئەزالىرىغا ئىنتايىن ھەشەمەتلىك زىياپەتلەرنى بېرىپ، ئايماق ئەزالىرىنى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالاتتى. قەدىمكى ئوغۇز تۈركچىسىدە بۇ ھەشەمەتلىك زىياپەت «شۆلەن» (مۇراسىم) دەپ ئاتىلاتتى. ئونگۇن «توتېم» نىڭ تۈركچىسى بولغىنىغا ئوخشاش، شۆلەنمۇ «پوتلاچ» ۋە «توي» زىياپىتىنىڭ تۈركچىسىدۇر.

دەدە قورقۇت كىتابىنىڭ (9 – بېتىدە) مۇنداق دېيىلىدۇ:

«دىرسەخان خاتونلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن كاتتا بىر توي زىياپىتى بەردى. ئايغىر بايتالدىن، بۇغرا ھىڭگاندىن، قوچقار ساغلىقتىن پارچىلاپ بېرىشنى سورىدى.

ئىچ ئوغۇز تاش ئوغۇز بەگلىرىگە قوشۇلدى، ئاچلارنى تويغۇزدى، يالىڭاچنى كىيدۈردى، قەرزدارنى قەرزلىرىدىن خالاس قىلدى، دۆڭدەك گۆش يىغدى، كۆلدەك سۈتلەرنى ساغدۇردى».

دەدە قورقۇتنىڭ (4 – بېتىدە) يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«قونغىلى بولمايدىغان قارا ئۆيلەرنىڭ يىقىلغىنى ياخشى.

ئوغۇز مۇراسىملىرى ئىنتايىن ھەشەمەتلىكتۇر».

دەدە قورقۇتنىڭ (3 – بېتىدە) يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«ئەر بېخىل بولسا نامى چىقماس».

ئوغۇزلاردا بۇلاردىن باشقا يەنە بىر مۇراسىممۇ بار بولۇپ، بۇمۇ مەردلىك، ھەشەمەتخورلۇق ۋە رىقابەت ئېلان قىلىشنىڭ دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل مۇراسىم «بۇلاش مۇراسىمى» دېيىلىدۇ. بۇ مۇراسىملاردا زىياپەت بەرگەن ساھىبخان خاتونىنىڭ قولىدىن يېتىلەپ چېدىرنى تاشلاپ كېتەتتى. قېپقالغان مېلى زىياپەتكە كەلگەن مېھمانلار تەرىپىدىن بۇلاڭ – تالاڭ قىلىناتتى.

دەدە قورقۇت كىتابىنىڭ (165 – بېتىدە) مۇنۇ قۇرلار يېزىلغان:

«ئۈچئوق بىلەن بوزئوق بىر يەرگە جەم بولغاندا قازان ئۆيىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلدۇراتتى. قازان بۈگۈن يەنە ئۆيىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلدۇردى. لېكىن «تاش-ئوغۇز» ئۇ يەردە يوق ئىدى. پەقەت «ئىچ-ئوغۇز» لا بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى. قاچانكى قازان ئۆيىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلدۇرسا، خاتونىنىڭ قولىدىن يېتىلەپ سىرتقا چىقاتتى. باشقىلار ئۇنىڭ پۈتۈن مال – مۈلكىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلاتتى».

ئەجەملەر (قەدىمكى ئىرانلىقلار) نىڭ: «خانى ياغما» دېگىنى دەل مۇشۇ بۇلاڭ – تالاڭ مۇراسىمىدۇر.

بۇلاڭ – تالاڭ مۇراسىمى پوتلاچنىڭ ئەڭ يارقىن شەكلىدۇر. ھازىر ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى يەرلىك قەبىلىلەردە بۇ شەكىلدىكى پوتلاچ ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ زىياپەتتە ساھىبخاننىڭ پۈتۈن بايلىقى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىنىدۇ. ئەگەر مېھمانلار بۇ زىياپەتتىن تېخىمۇ كاتتا زىياپەت تەييارلاپ جاۋاب قايتۇرالمىسا، ساھىبخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. مەسىلەن، سالۇر قازان (تۈرك داستانلىرىدىكى بۇغداي ئۆڭلۈك يېگىت – ت) ھەر يىلى بىر قېتىم پۈتۈن بايلىقىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئايمىقى بولغان ئىچ–ئوغۇزغا ئوخشاش تاش–ئوغۇزنىمۇ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ دەۋانىڭ ئەڭ يارقىن ئالامىتى شۇكى، ئىچ–ئوغۇزغا بېرىلگەن بۇ زىياپەتنىڭ خەۋىرىنى ئالغان ھامان تاش–ئوغۇز بەگلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن سالۇر قازاننىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرىش – كىرمەسلىكنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلىنىشىدۇر.

مۇزاكىرىلىشىش نەتىجىسىدە قىلىنغان قارار:

سالۇر قازان تاش–ئوغۇزنى زىياپىتىگە تەكلىپ قىلماي ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن بولدى. تاش–ئوغۇز بەگلىرى بۇندىن كېيىن سالۇر قازاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە ئۆزلىرىگە قىلىنغان ناھەقچىلىكلەرنىڭ قىساسىنى ئېلىشنى قارار قىلدى.

تاش–ئوغۇز بەگلىرىدىن ئورۇز، ئامان ۋە قالان بەگلەر مۇنداق دېدى:

«ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ! ھازىرغا قەدەر قازاننىڭ ئۆيىنى بىرلىكتە بۇلاڭ – تالاڭ قىلاتتۇق. ئەمدى نېمىشقا باراۋەر بولمايمىز؟ بىرلىككە قاراشلىق پۈتۈن تاش–ئوغۇز بەگلىرى قازاننىڭ تەكلىپىگە كەلمىدى. بۇنىڭغا قارىغاندا سالۇر قازان ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلغاندەك قىلىدۇ» (دەدە قورقۇت، 165 – بەت).

قارىغاندا سالۇر قازان ئۆزىگە قاراشلىق تاش–ئوغۇز بەگلىرىنى بۇلاڭ – تالاڭ مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلماي ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىدىن، يەنى ئۇلارنى ئۆزىگە بېقىندى قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغاندەك قىلاتتى. چۈنكى ئۇ بۇندىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى پەقەت مۇراسىم، بولۇپمۇ بۇلاڭ – تالاڭ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

بۇ ھېكايىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، سالۇر قازان ئىككى خىل بۇلاڭ – تالاڭ مۇراسىمى ئۆتكۈزەتتى. بىرىگە پەقەت ئۆز تەرەپدارلىرىنى، يەنى ئىلغار سىياسىي كۈچ بولغان ئۈچئوقلارنى (ئىچ–ئوغۇزلارنى) تەكلىپ قىلاتتى. يەنە بىرىگە تاش–ئوغۇزلار (بوزئوق) لارنى تەكلىپ قىلاتتى.

سالۇر قازاننىڭ ئىچ–ئوغۇزلارغا بەرگەن زىياپەتتىن مەقسىتى باشقىلارغا قارىغاندا ئۆز ئايمىقى بولغان ئىچ–ئوغۇزلار ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىق كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتۇر. بۇ زىياپەتكە تاش–ئوغۇزنىڭ قاتنىشىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى.

يەنە بىر تۈرلۈك زىياپەتتىن مەقسەت ئىچ–ئوغۇزدىن باشقا تاش–ئوغۇزلارغىمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، شۇنداق قىلىپ ھەر ئىككىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتۇر. بۇ ئىككىنچى زىياپەتكە ھەر ئىككى تەرەپ قاتنىشىشى كېرەك. چۈنكى ھاكىمىيەت ئىككى ئايماقتىن شەكىللەنگەن «قەبىلە» ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

بوزئوق بەگلىرى ئۈچئوقلارغا مەنسۇپ بولغان بۇ زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنمىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈردى. بۇلارنىڭ قىلغىنى توغرا بولمىدى. چۈنكى سالۇر قازان بۇ زىياپەت ئارقىلىق ئۆز ئايمىقىغا مەنسۇپ جەمەتلەرنىڭ توتېمىنى قولغا كىرگۈزۈش، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان بېقىندىلىقى ۋە ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

قەدىمكى تۈركلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇقداشلىقمۇ ئاسماندىن زېمىنغا چۈشكەن بىر نۇردىن تۇغۇلۇش بىلەنلا بەرپا بولاتتى. دەسلەپتە بۇ نۇردىن تۇغۇلۇپ، ئېسىل نەسەبلىك بولۇش شەرىپى پۈتۈن قەبىلىگە مەنسۇپ ھېسابلىناتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا تۈرك جەمئىيەتلىرىنى «دېموكراتىك ۋە جۇمھۇرىيەت» دېيىش توغرا ئىدى. كېيىنكى مەزگىللەردە بىر رەئىس چىقىپ نۇردىن تۇغۇلۇش شەرىپىنى قەبىلىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىپ، ئۆز جەمەتىنىڭ قىلىۋالدى. بۇ ئەھۋال ئالىي ھوقۇقنى جەمئىيەتتىن تارتىۋېلىپ، مەلۇم بىر جەمەتكە بېرىش بىلەن نەتىجىلەندى. بەزىدە قەبىلىنىڭ كۈچى ئاجىز بولسىمۇ، رەئىس قەبىلىنىڭ توتېمى بولغان ھايۋاندىن كۈچلۈكرەك بىرەر ھايۋاننى ئۆز جەمەتىنىڭ توتېمى قىلىۋالاتتى.

مەسىلەن، قوينى توتېم قىلىپ كېلىۋاتقان قەبىلىدە ئۆز جەمەتىنى بۆرە توتېمىغا، ئۆكۈزنى توتېم قىلىپ كېلىۋاتقان قەبىلىدە ئۆز جەمەتىنى شىر توتېمىغا ئىگە قىلىش شۇ جەمەت ئۈستىدە كۈچلۈك ھاكىمىيەت ئورنىتىش دېگەنلىك بولاتتى. قەدىمكى تۈركلەردە خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە باج – سېلىق تاپشۇرمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ھۆكۈمدارلارنىڭ خەلقنى باقىدىغانلىقىنى ئورخۇن يېزىقلىرىدىكى مۇنۇ سەترلەردىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ:

«ھېچقاچان باي بىر خەلقكە ھۆكۈمران بوپباقمىدىم. تۈرك مىللىتى ئاز ئىدى، كۆپەيتتىم. ئاچ ئىدى، تويغۇزدۇم. يالىڭاچ ئىدى، كىيدۈردۈم».

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، مەيلى ئوغۇزلاردا، مەيلى تۈركلەردە خۇسۇسىي ھۆكۈمرانلىق ۋە ھاكىممۇتلەقلىق پوتلاچتىن پەيدا بولغان. توتېم ھۆكۈمرانلىقنى كوللېكتىپ ئاڭغا باغلىغان بولسا، پوتلاچ ئارقىلىق بۇ توتېمنىڭ قولغا كىرگۈزۈلۈشى ھاكىمىيەتنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇۋەتكەن.

ئۇنداق بولغانىكەن، قەدىمكى تۈركلەردە بىر تەرەپتىن ئونگۇن بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۆزگىرىشلەر جەمئىيەتنىڭ ئۆتمۈشىدە يۈز بەرگەن ئىنقىلابلارنى كۆرسىتىپ بەرگىنىگە ئوخشاش، ئامېرىكىنىڭ غەربىي – شىمال تەرىپىدىكى ھىندىلارغا ئائىت پوتلاچ بىلەن قەدىمكى تۈركلەردىكى مۇراسىم ۋە بۇلاڭ – تالاڭ مۇراسىمىنىڭمۇ ھۆكۈمرانلىقنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشتىكى تەسىرى ئوخشاش بولغان. پوتلاچتىن سىرت، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشمۇ خۇسۇسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئالدى بىلەن ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئۈستىدە، كېيىن پۈتۈن خەلق ئۈستىدە ئورنىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

(جۇمھۇرىيەت، 1924 – يىل، 28 – ئىيۇل)

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئالتى يازىلارى» ناملىق ئەسىرى، توكەر نەشرىياتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى