جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى

ئورنى Wikipedia

جۇمھۇرىيەتچىلىك تۈزۈمى (خەنزۇچە: 共和制)دىمەكلىك دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ۋەكىللىك ئورگىنى ۋە دۆلەت باشلىقى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدىغان ۋە مۇئەييەن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بولغان دۆلەت تۈزۈلمىسىنى كۆرسىتىدۇ.

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش[تەھرىرلەش]

دۇنيادىكى دۆلەتلەردە تۈرلۈك سىياسى تۈزۈلمە ئورنىتىلغان بولۇپ، ئادەتتە كۆپرەك ئۇچرايدىغىنى جۇمھۇرىيەت، پادىشاھلىق، كېنەز ۋە خەلىپىلىك نامى بىلەن ئاتىلىدىغان دۆلەتلەردۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 192 دۆلەت ئىچىدە 159دۆلەت جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

جۇمھۇرىيەتچىلىك تۈزۈمى (خەنزۇچە:共和制) دىمەكلىك دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ۋەكىللىك ئورگىنى ۋە دۆلەت باشلىقى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدىغان ۋە مۇئەييەن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بولغان دۆلەت تۈزۈلمىسىنى كۆرسىتىدۇ. جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق تۈزۈم بىلەن قارىمۇ قارشى ئۇقۇم بولۇپ سۈرىيە، شىمالى كورىيە قاتارلىق بەز دۆلەتلەردە ئاتىنىڭ ئىزىغا بالا ۋارىسلىق قىلىشتەك شەكىل جۇمھۇرىيەت نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ ئۇلار سايلام نەتىجىسىسنى ئاساس قىلغان ۋە دۆلەت ئاساسى قانۇنىنى يەنىلا جۇمھۇرىيەتچىلىك قانۇنى بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقتىن ماھىيەتتە جۇمھۇرىيەت بولمىغان بۇ دۆلەتلەرمۇ جۇمھۇرىيەت سانىلىدۇ.

تۈرى[تەھرىرلەش]

جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى يەنە ئۆز ئىچىدىن پارلامنېتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى(Parliamentary system) ۋە پىرىزدېنتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى(Presidential system) دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قارىتا دۆلەتلەردە يولغا قويۇلىۋاتقان جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىمۇ روشەن پەرقلەر بار.

پارلامنېتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى[تەھرىرلەش]

پارلامېنتتا قانۇن تۇرغۇزۇش، ھۆكۈمەت ۋە ئىچكى كابېنتنى تەشكىللەش، نازارەت قىلىش ھوقۇقى بولغان، ھۆكۈمەت ھەر قايسى پارتىيە ياكى پارتىلەر ئىتىپاقىنىڭ پارلامېنتتىكى ئورنىغا ئاساسەن تەشكىللىنىدىغان، ھۆكۈمەت پارلامنېت ئالدىدا جاۋاپكار بولىدىغان، پارلامېنت ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك ئاۋازى بەرسە ھۆكۈمەت ئىستىپا بېرىدىغان ياكى دۆلەت باشلىقىغا پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ قايتا سايلاش ئىلتىماسى سۇنىدىغان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بولۇپ پارلامنېتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە پىرىزدېنت پەقەت سىمىۋوللۇق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، ئەمەلى ھوقۇقى بولمايدۇ. پارلامنېتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويغان دۆلەتلەردىن ياۋروپادا ئىسلاندىيە، ئىرلاندىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، شىۋىتسارىيە، فىنلاندىيە، ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، پولشا، چېخ، سىلوۋاكىيە، ۋېنگىرىيە، سلوۋېنىيە،كىرودىيە، ماكىدونىيە، ئالبانىيە، قاراتاغ(مونتېنېگرو)، گىرىتسىيە، بۇلغارىيە، ئاسىيادا بولسا سىنگاپۇر، بېنگال، شەرقى تېمۇر، ھىندىستان، تۈركىيە، ئسرائىلىيە، ئافرىقىدا جەنۇبى ئافرىقا، بوتسىۋانا، ئىپىئوپىيە، ماۋىرتىئۇس قاتارلىقلار بار. سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىراقتىمۇ پارلامنېتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئورنىتىلدى. ئادەتتە كىشىلەر پارلامنېتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ھەقىقى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى دەپ ئاتايدۇ.

پىرىزدېنتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى[تەھرىرلەش]

پىرىزدېنت دۆلەتنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق باشلىقى، ھۆكۈمەت رەھبىرى شۇنداقلا قۇرۇقلۇق، سۇ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، پارلامېنت قانۇن تۇرغۇزۇشقا، باش سوت قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ ئۈچ تەرەپ نىسپى مۇستەقىل ۋەزىپە يۈرگۈزىدۇ. ئامېرىكا دۇنيادىكى پىرىزدېنتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئەڭ بالدۇر يولغا قويغان دۆلەت بولۇپ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە فرانسىيە، مېكسىكا، بىرازىلىيە، چىلى، ئارگېنتىنا، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ئوكرائىنا، ھىندونوزىيە، سىرىلانكا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان،ئازەربەيجان، مىسىر، نىگېرىيە، ئۇگاندا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئاساسى قانۇندا پىرىزدېنتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى دۆلەت سىياسى تۈزۈلمىسى بېكىتكەن. پىرىزدېنتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە پىرىزدېنتنىڭ رولى ۋە ھوقۇقى بەك چوڭ بولغاچقا، شۇنداقلا پىرىزدېنتنىڭ ھىلە ئىشلىتىپ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇش ھەتتا پەرزەنتلىرىنى ئورنىغا ۋارىس قىلىش ئېھتىمالى بولغاچقا باشقىلار تەرىپىدىن يېرىم پادىشاھلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى دەپمۇ قارىلىدۇ.

خەنزۇچە نامى[تەھرىرلەش]