جۇڭخۇا خةلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئةمگةك توختام قانۇنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى
[تەھرىر](2007-يىل 6- ئاينىڭ 29-كۈنى مەملىكەتلىك10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 28-سانلىق يىغىندا ماقۇللاندى)
بىرىنچى باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
[تەھرىر]1- ماددا:ﺑﯘ قانۇن ئەمگەك توختام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمگەك توختامى تۈزۈشكۈچى ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش، ئىناق مۇقىم ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2- ماددا:جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى كارخانا، يەككە ئىگىلىك تەشكىلاتى، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇن قاتارلىق تەشكىلاتلار (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ) ئەمگەكچىلەر بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئەمگەك توختامنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش، ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
دۆلەت ئورگىنى، كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش، ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
3- ماددا: ئەمگەك توختامى تۈزۈشتە قانۇنلۇق، ئادىل، باراۋەر بولۇش، ئىختىيار قىلىش، بىر پىكىرگە كېلىش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
قانۇنلۇق تۈزۈلگەن ئەمگەك توختامىنىڭ چەكلەش كۈچى بولىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك.
4- ماددا: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك قائىدە-تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ئەمگەك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك ھەققى، ئىش ۋاقتى، ئارام-ئوتپوسكا، ئەمگەك بىخەتەرلىكى-ساقلىقنى ساقلاش، سۇغۇرتا، پاراۋانلىق، ئىشچى خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش، ئەمگەك ئىنتىزامى شۇنىڭدەك ئەمگەك نورمىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق، ئەمگەكچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك قائىدە تۈزۈملەرنى چىقىرىش، تۈزىتىش ياكى چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىشتا، ئىشچى خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، لايىھەسى ۋە پىكىرنى قويۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئىشچى خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن باراۋەر ئاساستا كېڭىشىپ بېكىتىشى كېرەك
قائىدە تۈزۈمنى ۋە چوڭ-چوڭ ئىشلار ھەققىدىكى قارارنى يولغا قۇيۇشتا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا پىكىرنى قويۇپ، كېڭىشىش ئارقىلىق تۈزىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك قائىدە تۈزۈمنى ۋە چوڭ-چوڭ ئىشلار توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلىش ۋە ئەمگەكچىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
5- ماددا: ناھيە دەرىجىلىكتىن يوقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇري تارمىقى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە كارخانا ۋەكىلى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇردىغان ئۈچ تەرەپ مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەلشتۈرۈپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدارچوڭ-چوڭ مەسىللەرنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىدۇ.
6- ماددا: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك توختامىنى قانۇن بويىچە تۈزۈشگە، ئادا قىلىشىغا ياردەم بىرىشى ۋە يىتەكچىلىك قىلىشى ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن كوللىكتىپ كېڭىشش مېخانىزىمى ئورنىتىپ ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشى كېرەك.
ئىككىنچى باپ ئەمگەك توختامى تۈزۈش
[تەھرىر]7- ماددا:ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئەمگەكچىلەر بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ تىزىملىكى تۇتۇشى كېرەك.
8- ماددا: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى ئالغاندا ئەمگەكچىگە قىلىدىغان ئىشى، ئىش شارائىتى، ئىش ئورنى، كەسپ خەۋپى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، ئەمگەك ھەققى شۇنىڭدەك ئەمگەكچى بىلمەكچى بولغان باشقا ئەھۋاللارنى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي ئەھۋالنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق، ئەمگەكچى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك.
9- ماددا: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى ئالغاندا ئەمگەكچىنىڭ كىملىكى ياكى باشقا گۇۋاھنامىلىرىنى تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ. ئەمگەكچىدىن كىپىل تېپىشنى تەلەپ قىلسا باشقا نام بىلەن پۇل- مال ئالسا بولمايدۇ.
10- ماددا: ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا، يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك.
ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولسىمۇ، يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلەر، ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 1ئاي ئىچىدە بىر ئاي ئىچىدە يازمىچە ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلدۇ. .
11- ماددا: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەندە يازمىچە ئەمگەك توختامى تۈزۈشمىگەن، ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك ھەققىنى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، يېڭى ئالغان ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ھەققى كوللېكتىپ توختامدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە بولىدۇ؛ كوللېكتىپ توختام تۈزمىگەن بولسا ياكى كوللېكتىپ توختامدا بەلگىلىمىگەن بولسا، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىلىدۇ.
12- ماددا: ئەمگەك توختامى تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ۋە مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈشنى مۇددەت قىلغان ئەمگەك توختامى دەپ ئايرىلىدۇ.
13- ماددا: تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنى پۈتۈشكەن ئەمگەك توختامىنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى بىر پىكىرگە كەلگەندە تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزسە بولىدۇ.
14- ماددا: تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنى پۈتۈشمىگەن ئەمگەك توختامىنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچى كىڭىشىپ بىر پىكىرگە كىلىپ تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشسە بولىدۇ. ئەمگەكچى تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى ئوتتۇرغا قويغىننى ھىساپقا ئالمىغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇش، تۈزۈشنى ئوتتۇرغا قويغان ياكى ئۇنىڭغا قۇشۇلۇشنى لايىق تاپقاندا، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك،
(1). ئەمگەكچىنىڭ شۇ ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگىنىگە 10يىل توشقان بولسا:
2. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختام تۈزۈمىنى يېڭى يولغا قويغاندا ياكى دۆلەت كارخانىسى تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئەمگەك توختامىنى قايتا تۈزگەندە، ئەمگەكچىنىڭ ئىشلەتكۈچى شۇ ئورۇندا ئىشلىگىنىگە 10 يىل توشقان ھەمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا 10يىلدىن ئاز قالغان بولسا؛
(3). تۇراقلىق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى 2-قېتىم داۋاملىق تۈزۈلگەن بولسا ھەمدە ئەمگەكچى مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسى ھەمدە 40-ماددىسىنىڭ (1)-، (2) - تارماقچسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولمىغانلىقتىن ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق تۈزۈشكەن بولسا؛
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشمىگەن بولسا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشتى دەپ قارىلىدۇ.
15- ماددا: مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى مەلۇم ئىشنى پۈتتۈرۈشنى توختام مۇددىتى قىلىپ پۈتۈشكەن ئەمگەك توختامىنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگەندە كەلگەندە مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامى تۈزۈشسە بولىدۇ.
16- ماددا: ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلگەندە ھەمدە ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامى ھۆججىتىنىڭ ئۈستىگە ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئەمگەك توختامى ھۆججىتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ.
17- ماددا: ئەمگەك توختامىدا تۆۋەندىكى مەزمۇن بۇلىشى كېرەك:
(1). ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ياكى ئاساسى مەسئۇلى؛
(2). ئەمگەكچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادىرىسى، كىملىكى ياكى باشقا كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ نومۇرى؛
(3). ئەمگەك توختامنىڭ مۇددىتى؛
(4). قىلىدىغان ئىشى ۋە ئىش ئورنى؛
(5). ئىش ۋاقتى ۋە ئارام ئوتپوسكا؛
(6). ئەمگەك ھەققى؛
(7). ئىجتىمائىي سۇغۇرتا؛
(8). ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك شارائىتى، ھەمدە كەسپى خەۋەپ مۇداپىئەسى؛
(9). قانۇن نىزاملاردا ئەمگەك توختامىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار؛
ئەمگەك توختامىدا ئالدىنقى تارماقلاردا بەلگىلەنگەن زۆرۈر مەزمۇنلاردىن باشقا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى، تەربىيەلەش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش، تولۇقلىما سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق تەمىناتى قاتارلىق باشقا ئىشلارنى پۈتۈشسە بولىدۇ.
18- ماددا: ئەمگەك توختامىدا ئەمگەك ھەققى ۋە ئەمگەك شارائىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمىنى ئېنىق پۈتۈشمەي تالاش-تارتىش كىلىپ چىققان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچى قايتا كېڭىشسە بولىدۇ؛ كىلىشەلمىگەن ئىشلار كوللېكتىپ توختامدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ كوللېكتىپ توختام بولمىسا ياكى كوللېكتىپ توختامدا ئەمگەك ھەققى بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بىرىلدۇ؛ كوللېكتىپ توختام بولمىسا ياكى كوللېكتىپ توختامدا ئەمگەك شارائىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمى بەلگىلەنمىگەن بولسا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ.
19- ماددا: ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى3 ئايدىن يۇقىرى، 1 يىلدىن تۆۋەن بولسا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى 1 ئايدىن ئاشۇرۇۋىتىشكە بولمايدۇ، ئەمگەك توختام مۇددىتى 1 يىلدىن يۇقىرى، 3 يىلدىن تۆۋەن بولسا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى 2 ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، 3 يىلدىن يۇقىرى تۇراقلىق مۇددەتلىك ۋە تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختام تۈزگەن بولسا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى 6 ئايدىن ئاشۇرۇۋىتىشكە بولمايدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى بىر ئورۇن بىر ئەمگەكچى بىلەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى بىرلا قېتىم پۈتۈشىدۇ.
مۇئەييەن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامىدا ياكى مۇددىتى 3 ئايغا يەتمەيدىغان ئەمگەك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشكە بولمايدۇ.
ئەمگەك توختام مۇددىتى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمگەك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىلا پۈتۈشۈلگەن بولسا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، ، بۇ مۇددەت ئەمگەك توختامى مۇددتى بولىدۇ.
20- ماددا: ئەمگەكچىنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدىكى مائاشى شۇ ئورۇندىكى ئوخشاش ئىش ئورنىدىكىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشىدىن ياكى ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن مائاشنىڭ %80 دىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ، ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تورۇشلۇق جايدىكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.
21- ماددا: سىناپ ئىشلىتىش مەزگىلى جەريانىدا ئەمگەكچىدە مۇشۇ قانۇننىڭ (39)-ماددىسى ھەمدە (40)-ماددىسىنىڭ (1)، (2)تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۈرۈلمىسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئەمگەك توختامنى بىكار قىلدىغانلىرى ئەمگەكچىگە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.
22- ماددا: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئەمگەكچىنى مەخسۇس تەربىيەلەش ھەققى چىقىرىپ، كەسپى تېخنىكا بويىچە تەربىيەلىگەنلىرى ئەمگەكچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشسە بولىدۇ.
ئەمگەكچىلەردىن ئىشلەپ بېرىش مۇددىتى ھەققىدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا پۈتۈم بويىچە خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلىشى كېرەك. خىلاپلىق قىلىش پۇلىنىڭ سوممىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقارغان تەربىيەلەش ھەققىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە تۆلەتكۈزدىغان خىلاپلىق قىلىش پۇلى ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنىڭ قېپقالغان قىسمى ئۈچۈن تۆلەيدىغان تەربىيەلەش ھەققىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشكەن بولسا، ئەمگەكچىنىڭ ئىشلەپ بېرىش مۇددىتىدىكى ئەمگەك ھەققى نورمال مائاش تەڭشەش مېخانىزىمى ئۆستۈرۈشكە تەسىر يەتمەيدۇ
(2007-يىل 6- ئاينىڭ 29-كۈنى مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 28-سانلىق يىغىندا ماقۇللاندى)