جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ كەسپى مائارىپ قانۇنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ كەسپى مائارىپ قانۇنى
1996-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمى كومتىتنىڭ 19-يىغىنىدا ماقۇللاندى. 1996-يلى 5-ئاينىڭ 15- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىتنىڭ رەئىسنىڭ 69-نۇمۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئىلان قىلىندى.
1-باپ ئومۇمى پىرىنسىپ :
1-ماددا بۇقانۇن دۆلەتنى پەن -مائارىپ ئارقىلق گۈلەندۈرۈش ئىستىراتىگىيىسنى يولغا قۇيۇپ، كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەمگكچلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سوتسيالستىك زامانۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشنى ئىلگىرى سۇرۈرش مەخستتدە، مائارىپ قانۇنى ۋە ئەمگەك قانۇنغائاساسەن تۈزۈلدى.
2- ماددا: بۇ قانۇن ھەر دەرىجىلىك ھەرخىل كەسپى مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى كەسپى تەربىيلەشكە تەدبىقلىنىدۇ. دۆلەتئورگانلىرىنىڭ ئۆز خادىملىرىنى مەخسۇس تەربىيلىشى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.
3-ماددا: كەسپى مائارىپ دۆلەت مائارىپ دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، ئىقتىسادى، ئىجىتمائى تەرەققىياتىنى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يۇلى.
دۆلەت كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ، كەسپى مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كەسپى مائارىپ سۈپتىنى ئۆستۈرىدۇ. سوتسىيالىستىك بازار ئگلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئويغۇن كىلدىغان كەسپى مائارىپ تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
4-ماددا: كەسپى مائارىپتا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەربىيلەنگۈچىلەرگە ئىددىيۋى سىياسى تەربىيە ۋە كەسپى ئەخلاق تەربىيسى ئېلىپ بېرىش، كەسپى بىلىملەرنى ئۆگتىش، كەسپى ماھارەتنى يىتلدۈرۈش، كەسپى جەھەتتە يىتەكچىلىك قىلىش، تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش شەرىت.
5- ماددا: پۇخرالار قانۇن بۇيىچە كەسپى تەلىم-تەربىيە ئېلىش ھۇقۇقىغا ئىگە.
6-ماددا: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى خەلق ئىگلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجىتمائى تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈش لازىم.
7-ماددا: دۆلەت تەدبىر قوللۇنۇپ، يىزا كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرى، چەت، ياقا، نامرات رايۇنلارنىڭ كەسپى مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يار يۆلەك بۇلىدۇ.
دۆلەت تەدبىر قوللۇنۇپ، ئاياللارنىڭ كەسپى تەلىم-تەربىيە ئېلىشىغا ياردەم بىرىدۇ، ئىشسىزلارنى ھەرخىل شەكىلدىكى كەسپى تەلىم-تەربىيە ئېلىشىغا تەشكىللەيدۇ، مېيىپلار كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا يار يۆلەك بۇلىدۇ.
8-ماددا: كەسپى مائارىپتا، ئەمەلىيئېھتىياجىغا قاراپ، دۆلەت بەلگىلىگەن كەسىپ تۈرى ۋە كەسىپ دەرىجە ئۆلچىمىگە يارىشا، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، تەربىيلىنىش گۇۋاھنامىسى ۋە كەسپى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇش كىرەك.
9-ماددا: دۆلەت كەسپى مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىغا ئىلھام برىدۇ ۋە ئونى تەشكىللەيدۇ.
10-ماددا: دۆلەت كەسپى مائارىپتا كۆرۈنەرلك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
11-ماددا: گوۋيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋيۈەن بەلگىلىگەن مەسئولىيەت دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك كەسپى مائارىپ خىزمىتىگە مەسئول بۇلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلكىتىن يۇقۇرى يەرلىك ھەردەىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايۇندىكى كەسپىي مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇشنى ۋە مۇپەتتىشلىك قىلىپ باھالاشنى كۈچەيتىشى كىرەك.
2-باب كەسپى مائارىپ سېستىمىسى:
12-ماددا: دۆلەت ئوخشاش بولمىغان رايۇنلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سەۋىيسى ۋە مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى ئايرىپ تەربىيلەشنى يولغا قۇيۇشتا تۇلۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى تەربىينى مۇھىم نوقتا قىلىپ، كەسپى مەكتەپ مائارىپى بىلەن كەسپىي تەربىيە بىللە ئېلىپ بېرىلدىغان ھەمدە باشقا مائارىپ بىلەن ئۆز- ئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ماسلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرىدىغان كەسپى مائارىپ سېستىمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
13-ماددا: كەسپى مەكتەپ مائارىپى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپ مائارىپى دەپ ئايرىلىدۇ.
باشلانغۇچ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپ مائارىپىنى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر يولغا قۇيىدۇ. ئالىي دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپ مائارىپىنى ئېھتىياجىغا ۋە شارائىتقا قاراپ، ئالىي دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر يولغا قۇيىدۇ ياكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر يولغا قۇيىدۇ. باشقا مەكتەپلەر مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بىر تۇتاش پىلانى بۇيىچە، ئوخشاش قاتلامدىكى كەسپى مەكتەپ مائارىپىنى يولغا قويسا بۇلىدۇ.
14-ماددا: كەسپى تەربىيلەش ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىلگىرى تەربىيلەش، كەسىپ ئالماشتۇرۇشتا تەربىيلەش، شاگرىت تەربىيلەش، ئىشئورنىدا تەربىيلەش، ئىشئورنىنى ئالماشتۇرۇشتا تەربىيلەش ۋە باشقا كەسپى تەربىيلەشنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ. ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، باشلانغۇچ، ئوتتۇا، ئالىي دەرىجلىك كەسپى تەربىيلەش دەپ ئايرىلسا بۇلىدۇ.
كەسپى تەربىيلەشنى مۇناسىپ كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى ۋە كەسپى مەكتەپ يولغا قۇيىدۇ.
باشقا مەكتەپلەر ياكى مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇش ئىقتىدارىغا قاراپ، جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن كۆپ خىل شەكىلدىكى كەسپى تەربىيلەشنى قانات يايدۇرسا بۇلىدۇ.
15-ماددا: مېيىپلار كەسپى مائارىپىنى مېيىپلار مائارىپ ئاپپاراتى يولغا قويغاندىن سىرىت، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى، شۇنداقلا باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىمۇ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىملىرى بۇيىچە مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىش لازىم.
16-ماددا: ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ، كەسپى مائارىپقا دائىر دەرىسلەرنى تەسىس قىلسا ياكى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، كەسپى مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىسە بۇلىدۇ.
3-باب كەسپى مائارىپنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى:
17-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تايانىچ ۋەئۈلگە بۇلدىغان كەسپى مەكتەپ، كەسپى تەربيلەش ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، يېزىلار كارخانىلار، كەسپى تەشىكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، باشقا ئىجىتمائى تەشكىلاتلار، شۇنداقلا پۇخرالار قانۇن بۇيىچە ئاچقان كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىغا يىتەكچىلىك قىلىش ۋە يار-يۆلەك بۇلۇشى لازىم.
18-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يىزا ئىقتىسادى، پەن-تېخنىكىسى ۋە مائارىپنى يولغا قۇيۇپ، ئەمەلىي تېخنىكا بۇيىچە تەربىيلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يىزا كەسپى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
19-ماددا: ھۆكۈمەتىنىڭ مەسئول تارماقلىرى، ساھە تەشكىلاتلىرى كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى قۇرۇش ياكى بىرلىشىپ قۇرۇشى، ئۆز ساھەسىدىكى كارخانلار، كەسپى تەشكىلاتلارنى كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشقا تەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئولارغا يىتەكچىلىك قىلىش كىرەك.
دۆلەت زامانۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى ئارقىلىق كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بىرىدۇ.
20-ماددا: كارخانىلار ئۆزئورننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئۆزئورنىدىكى ئىشىچى-خىزمەتچىلەرگە ۋە قۇبۇل قىلىندىغان بولغان كەسپى تەلىم-تەربىيلەشنى پىلانلاپ يولغا قۇيۇش لازىم.
كارخانىلار كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىنى ئۆز ئالدىغا ئاچسىمۇ ياكى بىرلىشىپ ئاچسىمۇ بۇلىدۇ، ئۆزئورنىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرگە ۋە قۇبۇل قىلندىغانلارغا كەسپى تەلىم-تەربىيلەشنى مەكتەپكە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلسىمۇ بۇلىدۇ.
تېخنىكىلىق ئىش تۈرى بىلەن شوغۇللانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى تەربىيلىنىشى شەرىت، ئالاھىدە مەشغۇلات بىلەن شوغۇللانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەربىيلىنىشى ھەمدە ئالاھىدە مەشغۇلات بىلەن شوغۇللىنىشى سالاھىيتىگە ئىگە بۇلۇشى شەرت.
21-ماددا: دۆلەت كەسپى تەشكىلاتلار جامائەت تەشكىلاتلىرى باشقا ئىجىتمائى تەشكىلاتلار ۋە پۇخرالارنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمرى بۇيىچە كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.
چىگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەرنىڭ جۇڭگۇ چىگرىسى ئىچىدە كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى قۇرۇش چارىسىنى گوۋيۈەن بەلگىلەيدۇ.
22-ماددا: كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىنى بىرلىشىپ قۇرۇشتا، قۇرغۇچىلار بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش توختامى تۈزۈش كىرەك.
ھۆكۈمەتنىڭ مەسئول تارماقلىرى ساھە تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپى تەشكىلاتلاردىن كەسپى مائارىپنى يولغا قۇيۇشنى مەكتەپكە ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلغانلىرى ھاۋالە قىلىش توختامى تۈزۈش لازىم.
23- ماددا: كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى كەسپى مائارىپتا ئىگلىك بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز رايۇننىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، كارخانا بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەتئورنىتىپ، ئەسقاتىدىغان خادىملارنى ۋە مەلىكىلىك ئەمگەكچىلەرنى يىتىشتۈرۈش كىرەك.
كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى كەسپى مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك كارخانا ياكى پىراكتىكا ئورۇنلىرىنى قۇرسا بۇلىدۇ.
24-ماددا: تەسىس قىلىندىغان كەسپى مەكتەپ تۈۋەندىكى ئاساسىي شەرىتلەرگە ئويغۇن كىلىشى شەرىت:
(1) تەشكىلىي ئاپپاراتى نىزامنامىسى بۇلۇش؛
(2) لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلىرى بۇلۇش؛
(3) بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە لايىق ئوقۇتۇش ئورنى، كەسپى مائارىپقا ماس كىلدىغان ئەسلىھەسى ۋەئۈسكۈنسى بۇلۇش؛
(4) تىگىشلىك مەبلىغى ۋە مۇقۇم خىراجەت مەنبەسى بۇلۇش.
تەسىس قىلىندىغان كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى تۈۋەندىكى ئاساسىي شەرىتەرگە ئويغۇن كىلىش شەرىت:
(1) تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بۇلۇش؛
(2) تەربىيلەش ۋەزىپىسىگە ماس كىلدىغان ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى بۇلۇش؛
(3) تەربىيلەشكە ماس كىلدىغان ئورۇن، ئەسلىھە ۋە ئۈسكۈنسى بولۇش؛
(4) مۇناسىپ خىراجىتى بۇلۇش.
كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە توختۇتۇش دۆلەتنىڭ ئالاقدار بەلگلملرى بۇلۇش.
25-ماددا: مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن مەكتەپ ئىنتاھانىدا لاياقەتلىك بولغانلىرىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بۇيىچە تەربىيلىنىش گۇۋاھنامىسى بىرىلىدۇ.
ئوقۇتۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، تەربىيلىنىش گۇۋاھنامىسى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىسى بۇيىچە كەسپى مەكتەپتە ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئوقۇغان ئوقۇغۇچلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئاساس قىلىنىدۇ.
4-باب كەسپى مائارىپنى كاپالەتلەندۈرۈش شەرتى:
26-ماددا: دۆلەت كەسپى مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش مەبلىغىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق قانۇن بۇيىچە جوغلاشقا ئىلھام بىرىدۇ.
27-ماددا: ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايۇنىدىكى كەسپى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئوتتۇرچە خىراجەت ئۆلچىمىنى بەلگىلەيدۇ. گوۋيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، گوۋيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئۆز تارمىقىدىكى كەسپى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرچە خىراجەت ئۆلچىمىنى بەلگىلەيدۇ. كەسپى مەكتەپ قۇرغۇچىلار كەسپى مائارىپ خىراجىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجەت ئۆلچىمى بۇيىچە تۇلۇق ئاجرىتىدۇ. ھەر دەرىجىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە گوۋيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىغا كىرەكلىك مالىيە خىراجىتىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىشى لازىم.
ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ كەسپى مائارىپ خىراجىتىنى ئىشلىتىۋېلىشىغا ۋە قىسۋېلىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.
28-ماددا: كارخانىلار ئۆز ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ۋە قۇبۇل قىلىندىغانلارنىڭ كەسپى تەلىم-تەربىيە خىراجتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ كونكىرىت چارىسىنى گوۋيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى گوۋيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە قانۇن بۇيىچە بەلگىلەيدۇ ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بۇيىچە بەلگىلەيدۇ.
29-ماددا: كارخانلارنىڭ بۇ قانۇننىڭ 20- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە كەسپى تەلىم-تەربىينى يولغا قويمىغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئونى تۈزۈتۈشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمىگەنلەرنىڭ كارخانائۈستىگە ئالدىغان كەسپى مائارىپ خىراجىتىنى ئېلىپ، شۇ رايۇننىڭ كەسپى مائارىپقا ئىشلەتسە بۇلىدۇ.
30-ماددا: ئۆلكىلىك ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى «مائارىپ قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بۇيىچە ئېلىپ مائارىپقا ئىشلىتىدىغان يەرلىك قۇشۇمچە خىراجەتنى مەخسۇس تۈر ياكى ئونىڭ مەلۇم نىسبىتى بۇيىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسپى مائارىپقا ئىشلەتسە بۇلىدۇ.
31-ماددا: ھەر دەرىجىلىك خەلق خەلق ھۆكۈمەتلىرى يىزىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئۆزلەشتۈرۈش كېڭەيتىش خىراجىتىنى يىزىلارنىڭ كەسپى تەربىيلەش ئىشىغا مۇۋاپىق ئىشلەتسە بۇلىدۇ.
32-ماددا: كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كەسپى تەبىيدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن مۇۋاپىق ئوقۇتۇش ھەققىي ئالسا بۇلىدۇ، ئىقىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ۋە مېيىپ ئوقۇغۇچىلاردىن ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇتۇش ھەققىنى كېمەيتىپ ئېلىش ياكى ئالماسلىق لازىم. ھەق ئېلىش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ.
دۆلەت كارخانا، كەسپى تەشكلاتلار، جامائەت تەشكلاتلرى، باشقا ئىجتمائى تەشكىلاتلار ۋە پۇخرالارنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلملىرى بۇيچە كەسپى مائارىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش قەرىز پۇلى تەسس قلىپ، ئۈگۈنۈش نەتىجىسى ئەلا بولغان ئوقۇغۇچلارنىڭ مۇكاپاتلىشىنى ياكى ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىشنى قوللايدۇ.
33-ماددا: كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى كارخانا قۇرۇش ۋە ئىجىتمائى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق قىلغان كىرىمنى ئاساسلىقى كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلىتىشى لازىم.
34-ماددا: دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىرېدىت ۋاستىلىرىنى قوللۇنۇپ، كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياريۈلەك بۇلۇشقا ئىلھام بىرىدۇ.
35-ماددا: دۆلەت كارخانا، كەسپى تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، باشقا ئىجىتمائى تەشكىلاتلار ۋە پۇخرالارنىڭ كەسپى مائارىپ ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىشكە ئىلھام بىرىدۇ، چىگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ كەسپى مائارىپقا ئىقتىسادى ياردەم قىلىشقا ۋە ئىئانە قىلىشقا ئىلھام بىرىدۇ. ماددى ياردەم ۋە ئىئانە پۇللارنى كەسپى مائارىپقا ئىشلىتىش شەرىت.
36-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار كەسپى مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يىتىشتۈرۈش ۋە تەربىيلەش خىزمىتىنى ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كەسپى مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى قۇشۇنىنىڭ كەسپى مائارىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئويغۇنلىشىشغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى كەسپى تېخنىكا خادىملىرى ئالاھىدە ماھارەتلىك خادىملار ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى قۇشۇمچە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلسا بۇلىدۇ.
ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.
37-ماددا: گوۋيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شۇنىڭدەك كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى قۇرغان تەشكىلاتلار ۋە پۇخرالار كەسپى مائارىپنىڭ ئىشلەپچىقرىش پىراكتىكا بازىسى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشى لازىم.
كارخانا، كەسپى تەشكىلاتلار، كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىنىڭ ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پىراكتىكىسىنى قۇبۇل قىلىشى لازىم. ئىش ئورنىغا چىقىش پىراكتىكىسى قىلغانلارغا مۇۋاپىق ھەق بىرىشى لازىم.
38-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار كەسپى مائارىپ مۇلازىمەت سىستىمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، كەسپى مائارىپ دەرىسلىكلىرىنى تۈزۈش- تەھرىرلەش، نەشىر قىلىش ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى لازىم.
5-باب قۇشۇمچە پىرىنسىپ:
39-ماددا: كەسپى مائارىپ پائالىيتىدە مائارىپ قانۇندىكى بەلگىلىملەرگە خىلاپلىق قىلغانلارغا مائارىپ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلملەر بۇيىچە جازا بېرىلىدۇ.
40-ماددا: 1996-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ.