جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى

(2003- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1- ماددا بۇ قانۇن يول قاتناش تەرتىپىنى ساقلاش، قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مال- مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ باشقا قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر، پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار، شۇنداقلا يول قاتناش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەر بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

3- ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئاممىغا قولايلىق يارىتىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، يول قاتنىشىنىڭ تەرتىپلىك، بىخەتەر، راۋان بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

4- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىقتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك يول قاتناش تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا يارىشا، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.

5- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجخلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچە تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناش، قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش تارماقلىرى يول قاتنىشىغا ئائىت خىزمەتلىرىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

6- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيىسىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ يول قاتناش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملارنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى كېرەك.

ئورگان، قىسىم، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۆز ئورنىدىكىلەرگە يول قاتناش بىخەترلىكى تەربىيىسى بېرىشى كېرەك.

مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيىسىنى قانۇنچىلىق تەربىيە مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ئاخبارات، نەشرىيات، رادىئو، تېلېۋىزىيە ئورۇنلىرىنىڭ يو قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.

7- ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە پەن تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلى، تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش كېرەك.

2- باب قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ھەيدىگۈچىلەر

1- پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى

8- ماددا دۆلەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تىزىملىغاندىن كېيىن يولغا ھەيدەپ چىقىشقا بولىدۇ.

تىزىملاتمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ۋاقىتلىق ھەيدەپ چىقىشقا توغرا كەلسە، ۋاقىتلىق نۇمۇر ئىسپاتى ئېلىشى كېرەك.

9- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلشتا، تۆۋەندىكى ئىسپات، دوكۇمېنتلارنى تاپشۇرۇش كېرەك:

(1) ماتورلۇق قاتانش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛

(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كېلىش مەنبە ئىسپاتى؛

(3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ زاۋۇتتىن پۈتۈپ چىققان لاياقەت ئىسپاتى ياكى ئىمپورت دوكۇمېنتى؛

(4) قاتناش ۋاسىتىسىنى سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى ياكى باج كەچۈرۈم دوكۇمېنتى؛

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىتىشتا تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن باشقا ئىسپات، دوكۇمېنتلار.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگنىنىڭ قاتاناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە تاماملىشى، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملىغانلىق ئىسپاتى، نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسى بېرىشى؛ ئالدىنىقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئىلتىماس قىلغۇچىغا تىزىملىماسلىق ئاساسىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىدىن باشقا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسىنى بېرىشىگە ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە باشقا نومۇر تاختىسى ئېسىشنى تەلەپ قىلىشىغا بولمايدۇ، بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق ئىسپاتى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنىڭ نۇسخىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ ۋە ياسىتىدۇ.

10- ماددا تىزىملىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، شۇ قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرتۈش كېرەك. لېكىن، دۆلەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتى مەسئۇل تارمىقىنىڭ دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ئىسپات بېرىشىدىن ئۆتكەن كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تىپىدىكى يېڭى قاتناش ۋاسىتىسى زاۋۇتتىن چىقىشتىكى سىناپ تەكشۈرۈشتە دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ لاياقەتنامە ئالغان بولسا، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە سىناپ تەكشۈرۈلمەيدۇ.

11- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولغا ھەيدەپ چىقىشتا، نومۇر تاختىسى ئېسىش، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىق بەلگىسى، سوغۇرتا بەلگىسى چاپلاش ھەمدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش كېرەك.

ماتورلۇق قاتناش نومۇر تاختىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئېسىش ھەمدە پاكىز، بېجىرىم ساقلاش كېرەك، قەستەن توسۇپ قويۇشقا، پاسكىنا قىلىۋېتىشكە، زېدە قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسىنى ئېلىۋېلىشقا ۋە تۇتۇپ قېلىشىغايول قويۇلمايدۇ.

12- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر تىزىملىتىشى كېرەك:

(1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەيدىغانلار؛

(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىزىم مەزمۇنىنى ئۆگەرتىدىغانلار؛

(3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەنە قويىدىغانلار؛

(4) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى براك قىلىدىغانلار.

13- ماددا تېزىملانغاندىن كېيىن يولغا ھەيدەپ چىققان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىلىش ئورنى، يولۇچى سېلىش، يۈك قاچىلاش مىقدارى، ئىشلىتىش يىل چېكى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە قەرەللىك تەكشۈرتۈش كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۈچىنچى شەخس جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرغانلىق تالونى بەرگەنلەرنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرگۈچى ئورگان تەكشۈرۈپ بېرىشى كېرەك، ھەر قانداق ئورۇننىڭ باشقا قوشۇمچە شەرت قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك يېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىق بەلگىسى يېزىشى كېرەك.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئىجتىمائىيلاشتۇرۇلىدۇ.

كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرغان جايلاردا، ھەر قانداق ئورۇننىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرگۈچى ئورۇننى بېكىتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رېمونت قىلىدىغان، ئاسرايدىغان ئورۇننى بېكىتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرۈش ھەققى ئېلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى كېرەك.

14- ماددا دۆلەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى مەجبۇرىي براك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ھالىتى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان براك قىلىش ئۆلچىمىنى بەلگىلەيدۇ.

براك قىلىشقا تېگىشلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا تىزىمدىن ئۆچۈرۈش شەرت.

براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشقا يول قويۇلمايدۇ. براك قىلىنغان ئاپتوبۇس، يۈك ئاپتوموبىلى ۋە باشقا تىجارەت ترانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ نازارەتچىلىكىدە پارچىلاش كېرەك.

15- ماددا ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا بەلگىلىمە بويىچە بەلگە نۇسخىسىنى پۈركۈش، سىگنال بەرگۈچ ۋە بەلگە چىرىغى ئورنىتىش كېرەك. باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە يۇقىرىدا ئېيتىلغان قاتناش ۋاسىتىسىگە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بەلگە نۇسخىسى پۈركۈشكە، سىگنالىزاتور ياكى بەلگە چىرىغى ئورنىتىشقا بولمايدۇ.

ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى قەتئىي تۈردە بەلگىلەنگەن ئىشلتىش ئورنى ۋە شەرتى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك.

تاشيول نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مەخسۇس قاتناش ۋاسىتىسىگە تاشيول قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تۇتاش بەلگە بويىچە ۋە ئاگاھ چىرىغى ئورنىتىش كېرەك.

16- ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قۇراشتۇرۇۋېلىش ياكى تىزىملانغان قۇرۇلمىسى، تۈزۈلۈش ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىش؛

(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىپ نومۇرى، ماتور نومۇرى، رام نومۇرى ياكى قاتناش ۋاسىتىسى پەرق كودىنى ئۆزگەرتىۋېتىش؛

(3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق كىنىشكىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش ياكى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلىرىنى ئىشلىتىش؛

(4) باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىزىملىغانلىق كىنىشكىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ئىشلىتىش.

17- ماددا دۆلەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۈچىنچى شەخس جاۋابكارلىق مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، يولقاتناش ھادىسىلىرى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندى تەسىس قىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

18- ماددا قانۇن بويىچە تىزىملىتىشقا تېگىشلىك ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تىزىملىغاندىن كېيىن، يولغا ھەيدەپ چىقىشقا بولىدۇ.

قانۇن بويىچە تىزىملىتىشقا تېگىشلىك ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تۈرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ.

ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ شەكىل رازمىرى، ماسسىسى، تورمۇزى، قوڭغۇرىقى ۋە كېچىدە نۇر قايتۇرۇش قۇرۇلمىسى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

2- پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر

19- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشتە، قانۇن بويىچە ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش كېرەك.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلىگەن ھەيدەش ئىجازەت شەرتىگە توشۇشى كېرەك؛ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تامىقى مۇناسىپ ھەيدەش كىنىشكىسى بېرىدۇ.

چېگرا سىرتىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى بارلاردىن گوۋۇيۈننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەنگەن ھەيدەش ئىجازەت شەرتىگە توشقان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىرىگە جۇڭگونىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنشكىسى بېرىلسە بولىدۇ.

ھەيدىگۈچى ھەيدەش كىنىشكىسىدە رۇخسەت قىلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىشى كېرەك؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشتە ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىدىن باشقا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئېلىۋېلىشىغا، تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

20- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىجتىمائىيلاشتۇرۇلىدۇ، قاتناش مەسئۇل تارمىقى شوپۇرلۇق مەكتىپى ۋە كۇرسلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى باشقۇرىدۇ. مەخسۇس تراكتور شوپۇرى مەكتىپى، كۇرسلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى يېزا ئىگىلىكى (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى) گە مەسئۇل تەرمىقى باشقۇرىدۇ.

شوپۇرلۇق مەكتىپى، كۇرسلىرى ئوقۇغۇچىلارنى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى، نىزامى، شوپۇرلۇق تېخنىكا ئىقتىدارى بويىچە تەربىيلەشتە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، تەربىيلەش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، شوپۇر تەربىيلەش ۋە ئىمتىھان ئېلىشقا مەسئۇل تارمىقىنىڭ شوپۇر تەربىيلەش مەكتىپى، كۇرسى ئېچىشىغا ياكى ئۇنىڭغا ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

21- ماددا ھەيدىگۈچىلەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقققۇچە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى كېرەك؛ بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى تولۇق بولمىغان ياكى زاپچاسلىرى تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولماسلىقتەك يۇشۇرۇن خەۋپى بولغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشكە يول قويۇلمايدۇ.

22- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەر يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى، قاتناش ۋاسىتىسىنى مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە بىخەتەر مەدەنىي ھەيدىشى كېرەك.

ھاراق ئىچكەن، دۆلەت تىزگىنلەيدىغان روھىي دورا ياكى ناركوز دورىسى يېگەنلەر ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەر ھەيدەشكە توسالغۇ بولىدىغان كېسىلى بارلار ۋە ياكى بەك چارچاپ، بىخەتەر ھەيدەشكە تەسىر يېتىدىغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەيدىگۈچىلەرنى ماتورلۇق قاتناش ۋاھىتىھىنى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزام ۋە بىخەتەر ھەيدەش تەلىپىگە خىلاپ ھالدا ھەيدەشكە زورلىشىغا، بۇيرۇشىغا ۋە يول قويۇشىغا بولمايدۇ.

23- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ.

24- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەرگەندىن سىرت، جەملەنمە نومۇر تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى جەملەنمە نومۇرى بەلگىلەنگەن نومۇر چېكىگە يەتكەنلىرىنىڭ كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزام تەربىيىسى بېرىپ ئۇلاردىن قايتا ئىمتىھان ئالىدۇ؛ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەردىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزامغا رىئايە قىلىپ، بىر يىلغىچە جەملەنمە نومۇر تۇتۇلمىغانلىرىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش مۇددىتى ئۇزارتىلسا بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

3- باب يول يۈرۈش شەرتى

25- ماددا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن يول قاتناش سىگنالى يولغا قويۇلىدۇ.

قاتناش سىگنالى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى بېكىتىش ۋە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى ۋە قاتناش بەلگە سىزىقى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە، راۋان بولۇش تەلىپىگە ۋە دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن قويۇلۇشى ھەمدە ئېنىق، كۆزگە چېلىقىدىغان، تولۇق بولۇشى كېرەك.

يول قاتناش سىگناللىرىنى يول يۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ۋاقتىدا كۆپەيتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىلاش كېرەك. چەكلەش خاراكتىرىدىكى يول قاتناش سىگناللىرىنى كۆپەيتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىلاشتا، جەمئىيەتكە ئالدىن ئېلان قىلىپ، كەڭ تەشۋىق قىلىش كېرەك.

26- ماددا قاتناش سىگنال چىرىغى قىزىل، يېشىل، سېرىق بولىدۇ. قىزىل چىراغ يۈرۈش مەنئى قىلىنغانلىقىنى؛ يېشىل چىراغ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى؛ سېرىق چىراغ ئاگاھلاندۇرغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.

27- ماددا تۆمۈر يول بىلەن باشقا يول تەكشىلىكتە كېسىشكەن ئېغىزلارغا ئاگاھ چىرىغى، ئاگاھ بەلگىسى ياكى بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت ئەسلىھەسى ئورنىتىش كېرەك. قارىغۇچىسى يوق تۆمۈر يول ئېغىزلىرىغا مۇئەييەن ئارىلىق قالدۇرۇپ ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك.

28- ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قويۇشى، يۆتكىشى، ئىگىلىۋېلىشى ۋە بۇزىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

يولنىڭ ئىككى يېنى ۋە ئايرىش بەلۋېغىغا دەل- دەرەخ ياكى باشقا ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش، ئېلان تاختىسى، تۇرۇبا، سىم قاتارلىقلارنى ئورنىتىشتا، قاتناش ئەسلىھەلىرى بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىق قويۇش كېرەك. يول چىرىغى، قاتناش سىگنال چىرىغى ۋە قاتناش بەلگىلىرىنى توسۇپ قويۇشقا، بىخەتەر كۆرۈش ئارىلىقىغا دەخلى قىلىشقا، يول يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

29- ماددا يول، توختاش مەيدانى ۋە يولنىڭ يانداشما ئەسلىھەلىرىنىڭ پىلانلىنىشى، لايىھىلىنىشى ۋە قۇرۇلۇشى يول قاتناش بىخەتەرلىكى، راۋانلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە قاتناش ئېھتىياجىغا قاراپ ۋاقتىدا تەڭشىلىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تەرمىقى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن يولدا قاتناش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدىغان بۆلەك بارلىقى ياكى توختاش مەيدانى، يولنىڭ يانداشما ئەسلىھەلىرىدە قاتناش ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى بايقىسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەمدە قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش تەكلىپى بېرىشى كېرەك. شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى لازىم.

30- ماددا يوللار گۆمۈرۈلۈش، ئازگال- يېرىق پەيدا بولۇش، سۇ بۇزۇۋېتىش، كۆتۈرۈلۈپ چىقىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بۇزۇلغاندا ياكى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى قاتارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرى بۇزۇلغان، ئۆچۈپ كەتكەن، يوقىلىپ كەتكەندە، يول، قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىغۇچى ياكى باشقۇرغۇچى تارماقلار ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىشى ھەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچە تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال بارلىقى، قاتناش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بولسىمۇ، ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىلمىغانلىقىنى سەزسە، ۋاقتىدا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشى ھەمدە يول، قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىغۇچى ياكى باشقۇرغۇچى تارماققا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

31- ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىجازەت ئالماي يول ئىگىلەپ، قاتناشتىن باشقا پائالىيەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

32- ماددا قۇرۇلۇش ئېھتىياجى بىلەن يول ئىگىلەش، قېزىشتا ياكى يولنى ئاتلىتىپ، تېشىپ تۇرۇبا، سىم ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش ياكى كۆپەيتىشتە، ئالدى بىلەن يول مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش كېرەك؛ قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىدىغانلىرىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭمۇ ماقۇللىقىنى ئېلىش كېرەك.

قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇشنى تەشتىقلانغان بۆلەكتە ۋە ۋاقىتتا قىلىشى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلىدىغان جاينىڭ قاتناش ۋاسىتىسى كېلىدىغان تەرىپىگە بىخەتەر ئارىلىق قويۇپ روشەن ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىپ، مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك؛ قۇرۇلۇش تاماملانغاندا يولدىكى توسالغۇلارنى تېز تازىلاپ، يۇشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشى كېرەك. يول مەسئۇل باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، يول يۈرۈش تەلىپىگە يەتكەندىن كېيىن، قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە بولىدۇ.

قاتناشنى ئۈزبۋەتمەي قۇرۇلۇش قىلىدىغان يوللاردا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يول قاتناش تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك.

33- ماددا يېڭىدىن قۇرىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، كېڭەيتىدىغان ئاممىۋى ئىمارەت، سودا كوچىسى رايونى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، چوڭ (ئوتتۇرا) ئىمارەتلەردە توختاش مەيدانى يېتىشمىسە ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش ياكى كېڭەيتىش كېرەك؛ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن توختاش مەيدانىنى ئىشلىتىشتىن خالىغانچە توختىتىشقا ياكى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شەھەر يوللىرىنىڭ دائىرىسىدە، پىيادىلەر ۋە قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە رەسىر يەتمىگەن ئەھۋالدا، توختاش ئورنى سىزىپ بەرسە بولىدۇ.

34- ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، دوختۇرخانا، ياشانغانلار ساناتورىيىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى يوللاردا پىيادىلەر ئۆتىدىغان ئەسلىھە بولمىسا، پىيادىلەر توغرىسىغا ئۆتۈش سىزىقى سىزىش، كۆرسەتمە بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك.

شەھەرنىڭ ئاساسلىق يوللىرىدىكى پىيادىلەر يولىغا پىلان بويىچە ئەمالار يولى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئەمالار يولىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

4- باب يول يۈرۈشكە دائىر بەلگىلىمە

1- پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

35- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ئوڭ تەرەپتىن يۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ.

36- ماددا يوللار شارائىتى ۋە يۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولى ۋە پىيادىلەر يولىغا ئايرىلغان بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى، ماتورسىش قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر يوللارغا بۆلۈنۈپ يۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولى ۋە پىيادىلەر يولى ئايرىلمىغان بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىدۇ، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە يۈرىدۇ.

37- ماددا يوللارغا مەخسۇس ئاپتوموبىل يولى سىزىلغان بولسا، ئۇنىڭدا پەقەت بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىللارنىڭلا يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ، باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ مەخسۇس ئاپتوموبىل يولىغا كىرىپ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلنمايدۇ.

38- ماددا قاتناش ۋاستىسى، پىيادىلەر قاتناش سىگنالى بويىچە يول يۈرۈشى كېرەك؛ قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلىۋاتقان بولسا، قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندىسى بويىچە يۈرۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنالى ئورنىتىلمىغان يوللاردا، بىخەتەرلىككە، راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش پرىنسىپى بويىچە يۈرۈشى كېرەك.

39- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى يول ۋە قاتناش ئېقىمىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرگە راۋانلاشتۇرۇش، يۈرۈشىنى چەكلەش، يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ. چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەر، كەڭ دائىرىلىك قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار بولۇپ، قاتناش چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشتا ياكى جامائەتنىڭ يول قاتناش پائالىيىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك قارار چىقىرىشقا توغرا كەلسە، جەمئىيەتكە ئالدىن ئېلان قىلىش كېرەك.

40- ماددا قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان تەبىئىي ئاپەت، ناچار ھاۋارايى شارائىتى ياكى زور قاتناش ھادىسىسى قاتارلىق ئەھۋاللار بولۇپ، باشقا تەدبىر قوللانسىمۇ قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش تارمىقى ئىدارە قىلسا بولىدۇ.

41- ماددا يول يۈرۈشكە ئالاقىدار باشقا كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

2- پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە دائىر بەلگىلىمە

42- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشتا، ئەڭ تېز سائەتلىك سۈرئىتىنى سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىدە كۆرسىتىلگەن يۇقىرى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. سۈرئەت چەكلەش بەلگىسى يوق يول بۆلەكلىرىدە بىخەتەر سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك.

كېچىدە ياكى خەتەر كۆپ كۆرۈلىدىغان يول بۆلەكلىرىدە يۈرگەندە، شۇنداقلا قۇم- بورانلىق، مۆلدۈرلۈك، قار- يامغۇرلۇق، يۇمانلىق، مۇزلۇق ھاۋا رايىغا يولۇققاندا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش كېرەك.

43- ماددا بىر يۆنىلىشتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىن ئارقىدىكىسى جىددىي تورمۇز قىلىشقا يېتەرلىك بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە يانداشقا بولمايدۇ:

(1) ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا سولغا، ئارقىغا بۇرۇلۇۋاتقان، يانداۋاتقان بولسا؛

(2) ئۇدۇلدىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولسا؛

(3) ئالدىدا جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بولسا؛

(4) تۆمۈر يول ئېغىزى، كېسىشكەن يول ئېغىزى، تار كۆرۈك، ئايلانما يول، تىك داۋان، تونېل، پىيادىلەر توغرا يولى، شەھەر رايونىدىكى قاتناش ئېقىمى زور بۆلەك قاتارلىق يانداش شارائىتى يوق يوللاردىن ئۆتۈۋاتقان بولسا.

44- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېسىشكەن يول ئېغىزى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى ياكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندانلىقى بويىچە ئۆتۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى بولمىغان ياكى قاتناش ساقچىسى قوماندانلىق قىلمىغان كېسىشكەن يول ئېغىزىدىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۆتۈشى ھەمدە پىيادىلەر ۋە ئاۋۋال يۈرىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدىن يۈرۈشىگە يول بېرىشى كېرەك.

45- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئالدى تەرەپتىكى قاتناش ۋاسىتىسى توختاپ سەپ بولۇپ ساقلاۋاتقان ياكى ئاستا يۈرۈۋاتقان ئەھۋالدا، يانداشسا ياكى ئۇدۇلىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ يولىغا كىرىۋالسا بولمايدۇ، ساقلاپ تۇرغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ئارىلاپ ئۆتسە بولمايدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئاپتوموبىل يولى ئازايغان بۆلەك، ئېغىز ياكى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى بولمىغان ۋە ياكى قاتناش ساقچىسى قوماندانلىق قىلمىغان كېسىشكەن يول ئېغىزلىرىدا توختاپ سەپ بولۇپ ساقلاۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسى ياكى ئاستا يۈرۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىگە يولۇققاندا، نۆۋەت بويىچە يۈرۈشى كېرەك.

46- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تۆمۈر يول ئېغىزىدىن قاتناش سىگنالى ياكى باشقۇرغۇچىنىڭ قوماندانلىقى بويىچە ئۆتۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنالى ياكى باشقۇرغۇچى بولمىسا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ياكى توختاپ، بىخەتەرلىككە كۆزى يەتكەندە ئۆتۈشى كېرەك.

47- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پىيادىلەر توغرا يولىدىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۆتۈشى كېرەك؛ پىيادىلەر توغرا يولدىن ئۆتۈۋاتقان بولسا، توختاپ يول بېرىشى كېرەك.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش سىگنالى بولمىغان يولدا يۈرگەندە، پىيادىلەر يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈۋاتقان بولسا، داجىپ يول بېرىشى كېرەك.

48- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە بېسىلغان يۈك بېكىتىلگەن كۆتۈرۈش ماسسىسىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، ئارتۇق يۈك بېسىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ بېسىلغان يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكى قاچىلاش تەلىپىگە خىلاپ بولسا بولمايدۇ، توشۇۋاتقان يۈكنى چېچىش، توزۇتۇشقا بولمايدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى چەكتىن ئاسقان، پارچىلىغىلى بولمايدىغان يۈكلەرنى توشۇپ قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى بېكىتكەن ۋاقىت، لىنىيە، سۈرئەت بويىچە يۈرۈشى، ئېنىق بەلگە ئېسىشى كېرەك. تاشيولدا چەكتىن ئاشقان، پارچىلىغىلى بولمايدىغان يۈكلەرنى توشۇشتا، تاشيول قانۇنىدىكى بەلگىلىمىنىمۇ ئىجرا قىلىش كېرەك.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىن پارتلايدىغان بۇيۇملار، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خىمىيىۋى بۇيۇم ۋە ئۆتكۈر زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، بېكىتىلگەن ۋاقىت، لىنىيە، سۈرئەت بويىچە يۈرۈشى، ئاگاھ بەلگىسى ئېسىشى ھەمدە زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

49- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتسىگە بېكىتىلگەن ساندىن ئارتۇق ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ. يولۇچى توشۇيدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يۈك قاچىلاشقا بولمايدۇ.

50- ماددا يۈك توشۇيدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە مەشغۇلات خادىملىرىنى سېلىۋېلىشقا توغرا كەلسە، قوغداش بىخەتەرلىكى تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.

51- ماددا ھەيدىگۈچىلەر ۋە ئولتۇرغۇچىلار ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن يول يۈرگەندە، بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تاسمىسى ئىشلىتىشى كېرەك، موتسىكىلىت ھەيدىگۈچىلەر ۋە ئۇنىڭغا ئولتۇرغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىشى كېرەك.

52- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول يۈرۈۋاتقاندا كاشىلا كۆرۈلۈپ، توختىتىپ ئوڭشاشقا توغرا كەلسە، ھەيدىگۈچى خەتەر سىگنال چىرىغىنى ياندۇرۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناشقا دەخلى قىلمايدىغان جايغا توختىتىشى كېرەك؛ يۆتكەش قىيىن بولسا، خەتەر سىگنال چىرىغىنى داۋاملىق ياندۇرۇپ قويۇشى ھەمدە قاتناش ۋاسىتىسى كېلىۋاتقان يۆنىلىشكە قارىتىپ ئاگاھ بەلگىسى قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاگاھلاندۇرۇش ئارىلىقىنى كېڭەيتىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ساقچىغا تېز مەلۇم قىلىشى كېرەك.

53- ماددا ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، سىگنال بەرگۈچ، بەلگە چىراغنى ئىشلەتسە بولىدۇ؛ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، يۈرۈش لىنىيىسى، يۈرۈش يۆنىلىشى، يۈرۈش سۈرئىتى ۋە سىگنال چىراغلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىماي ماڭىدۇ، باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر يول بېرىشى كېرەك.

ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلمىغاندا، سىگنال بەرگۈچ ۋە بەلگە چىرىغى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن يولدا يۈرۈش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ.

54- ماددا يول ئاسراش ماشىنىلىرى، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى مەشغۇلات قىلىشتا، لىنىيىسى ۋە يۆنىلىشى ئۆتۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا، قاتناش بەلگىسى، بەلگە سىزىقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۆتۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر داجىپ ئۆتۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.

سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى. ، سۈپۈرۈش ئاپتوموبىلى قاتارلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەر مەشغۇلات ئۆلچىمى بويىچە مەشغۇلات قىلىشى كېرەك؛ ئۇلار باشقا قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يوللارغا بۆلۈنۈپ يۈرۈش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، تەتۈر يۆنىلىشتە يۈرۈشكە بولمايدۇ.

55- ماددا تراكتورلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ مەركىزىي رايونىدىكى يوللاردا يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ. تراكتورلارنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدىغان باشقا يوللارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق. بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ.

تراكتورلارنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان يوللاردا تراكتورلار يۈك ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. ئەمما، ئادەم سېلىشىغا بولمايدۇ.

56- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بەلگىلەنگەن جايدا توختىتىش كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى پىيادىلەر يولىدا توختىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ لېكىن مۇشۇ قانۇننىڭ 33- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سىزىلغان توختىتىش ئورنى بۇنىڭ سىرتىدا.

يوللاردا قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقىتلىق توختاتقاندا، باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ.

3- پاراگراف ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە دائقر بەلگىلىمە

57- ماددا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشتا، قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار بەلەىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى چوقۇم ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا يۈرۈشى كېرەك؛ ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولى يوق يوللاردا، ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭىشى كېرەك.

58- ماددا مېيىپلار ماتورلۇق ھارۋىسى، ئېلېكتر ماتورلۇق ۋېلىسپىتلىرى ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا ماڭغاندا، سۈرئەتلىك سۈرئىتى 15 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

59- ماددا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى بەلگىلەنگەن ئورۇندا توختىتىش كېرەك. توختىتىش ئورنى بەلگىلەنمىگەن بولسا، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى قىلمايدىغان ئورۇنغا توختىتىش كېرەك.

60- ماددا ئۇلاغ ھارۋىسىغا كۆندۈرۈلگەن ئۇلاغنى قېتىش كېرەك؛ ئۇلاغ ھارۋىسىنى ھەيدەپ يولدىن توغرىسىغا ئۆتكەندە، ھارۋىكەش ئۇلاغنى يېتىلەپ مېڭىشى كېرەك؛ ھارۋىكەش ھارۋا يېنىدىن ئايرىلغاندا، ئۇلاغنى باغلاپ قويۇشى كېرەك.

4- پاراگراف پىيادىلەر ۋە قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ يول يۈرۈشىگە دائىر بەلگىلىمە

61- ماددا پىيادىلەر پىيادىلەر يولىدا مېڭىشى كېرەك. پىيادىلەر يولى بولمىسا يولنىڭ چېتىدە مېڭىشى كېرەك.

62- ماددا پىيادىلەر يولى ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، پىيادىلەر توغرا يولىدا ياكى كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەلىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك؛ پىيادىلەر قاتناش سىگنال چىرىغى بار توغرا يولدىن ئۆتكەندە، قاتناش سىگنال چىرىغىنىڭ سىگنالى بويىچە يۈرۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنال چىرىغى ۋە پىيادىلەر توغرا يولى يوق يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە ياكى كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسى يوق بۆلىكىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشتە، بىخەتەرلىككە كۆزى يەتكەندە ئۆتۈشى كېرەك.

63- ماددا پىيادىلەرنىڭ يول ئايرىش ئەسلىھەسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشىگە، ئۇنىڭغا مىنىۋېلىشىغا، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئېسىلىشىغا، قاتناش ۋاسىتىسىنى مەجبۇرىي توسۇشىغا ياكى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دەخلى قىلىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا بولمايدۇ.

64- ماددا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار، شۇنىڭدەك ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان ياكى كونترول قىلالمايدىغان روھىي كېسەللەر، ئەقلى كەملەر يول يۈرگەندە، ۋەسىيسى، ۋەسىيسى ھاۋالە قىلغۇچى ياكى ئۇنى باشقۇرۇش، ھىمايە قىلىش مەسئۇلىيىتى بار كىشى يېتىلەپ مېڭىشى كېرەك.

ئەمالار يولدا ئەمالار ھاسىسىنى ياكى ئەمالارنى يېتەكلەپ باشقا ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىپ يۈرۈشى لازىم، قاتناش ۋاسىتىسى ئەمالاردىن داجىپ ئۆتۈشى كېرەك.

65- ماددا پىيادىلەر تۆمۈر يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، قاتناش سىگنالى بويىچە ياكى بشقۇرغۇچىنىڭ قوماندانلىقى بويىچە يۈرۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنالى ۋە باشقۇرغۇچى بولمىسا، پويىزنىڭ يولۇقىغا كۆزى يەتكەندە، تېز ئۆتۈشى كېرەك.

66- ماددا قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ مېڭىشىغا، نەرسە- كېرەكلەرنى سىرتقا تاشلىشىغا ۋە تۆكۈشىگە، شوپۇرنىڭ بىخەتەر ھەيدىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا بولمايدۇ.

5- پاراگراف يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە

67- ماددا پىيادىلەر، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى، تراكتور، چاقلىق مەخسۇس ماشىنا، شارنېرلىق چاتما ئاپتوبۇس، پۈتۈن چاتما پرىتسىپلىق ئاپتوموبىل، شۇنىڭدەك سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئىتى km 70 دىن تۆۋەن لايىھىلەنگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىدىكى سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئەت km 120 دىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

68- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندە كاشىلا كۆرۈلسە، مۇشۇ قانۇننىڭ 52- ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك؛ لېكىن، ئاگاھ بەلگىسىنى كاشىلا كۆرۈلگەن قاتناش ۋاسىتىسى كەلگەن يۆنىلىش بويىچە km 150 يىراقلىققا قويۇش كېرەك، قاتناش ۋاسىتىسىدىكى كىشىلەرنى دەرھال يولنىڭ ئوڭ ياقىسىغا ياكى ئېھتىيات يولىغا يۆتكىشى ھەمدە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كېتىۋاتقاندا كاشىلا كۆرۈلۈپ ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ نورمال يۈرەلمىسە، ياردەم ئاپتوموبىلى ئېلىپ كېتىشى كېرەك.

69- ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كېتىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنى توسۇپ تەكشۈرۈشىگە بولمايدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى بۇنىڭ سىرتىدا.

5- باب قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش

70- ماددا يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ھەيدىگۈچىلەر قاتناش ۋاسىتىسىنى دەرھال توختىتىپ، نەق مەيداننى قوغدىشى كېرەك؛ تالاپەت ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، ھەيدىگۈچىلەر يارىدارلارنى دەرھال قۇتقۇزۇشى ھەمدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارماقلىرى دەرھال مەلۇم قىلىشى لازىم. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش سەۋەبىدىن نەق مەيداننى ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر شۇ ئورۇنغا بەلگە قويۇشى كېرەك. قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار، يولدىن ئۆتۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر ۋە پىيادىلەر بۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى لازىم.

يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ تالاپەت ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن، ئالاقىدار پاكىت ۋە ھادىسە سەۋەبى ئۈستىدە تالاش- تارتىش قىلمىغان بولسا، دەرھال ناق مەيداندىن ئايرىلىپ، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، زىياننى تۆلەشنى ئۆزلىرى كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛ نەق مەيداندىن دەرھال ئايرىلىپ كېتەلمەيدىغانلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا تېز مەلۇم قىلىشى كېرەك.

يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، يىنىك مال- مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغان ھەمدە ئاساسىي پاكىتلار ئېنىق بولغان بولسا، ئالاقىدارلار نەق مەيداندىن كەتكەندىن كېيىن، كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

71- ماددا قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ قېچىپ كەتكەن بولسا، نەق مەيداندا كۆرگۈچىلەر ياكى ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىلەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا ياكى قاتناش ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. مەلۇماتى راست بولغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى مۇكاپاتلىشى كېرەك.

72- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ھادىسىسى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قاتناش ساقچىلىرىنى دەرھال نەق مەيدانغا ئەۋەتىپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ قاتناشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

قاتناش ساقچىلىرى قاتناش ھادىسىسى نەق مەيدانىنى چارلىشى، تەكشۈرۈشى، دەلىل- ئىسپات ئېلىشى كېرەك؛ دەلىل- ئىسپات ئېلىش ئېھتىياجى بىلەن، ھادىسە پەيدا قىلغان قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ، لېكىن ئۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئوبدان ساقلاپ قويۇشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئالاقىدارلارنى فىزىئولوگىيە، روھىي جەھەتتە كەسىپچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، باھالاشنى مەخسۇس ئاپپاراتقا ھاۋالە قىلىشى كېرەك. باھالاش يەكۈنىگە باھالىغۇچى ئىمزا قويۇشى لازىم.

73- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ھادىسىسى نەق مەيدانىنى چالاش، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش، باھالاش يەكۈنىگە ئاساسەن، قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىنى ۋاقتىدا چىقىرىپ، قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ دەلىل- ئىسپاتى قىلىشى كېرەك. قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئاساسىي پاكىتى، سەۋەبى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېنىق يېزىش ھەمدە ئۇنى ئالاقىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

74- ماددا ئالاقىدارلار قاتناش ھادىسىسىدىكى زىيان تۆلىمى تالاش- تارتىشى توغرىسىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئالاقىدارلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا ياكى كۈچكە ئىگە مۇرەسسە نامىنى ئادا قىلمىسا، ئالاقىدار تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ.

75- ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى قاتناش ھادىسىسىدە يارىلانغانلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشى كېرەك، قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىدى، دەپ قۇتقۇزۇشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھادىسە پەيدا قىلغان قاتناش ۋاسىتىسى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ 3- شەخس جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى جاۋابكارلىق چېكى دائىرىسىدە قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى تاپشۇرىدۇ؛ قۇتقۇزۇش خىراجىتى جاۋابكارلىق چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ 3- شەخس جاۋابكارلىق مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان ياكى ھادىسە پەيدا قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن بولسا، يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىدىن بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى بېرىپ تۇرىدۇ، يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

76- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، تالاپەت ھادىسىسى پەيدا قىلمىسا، مال- مۈلۈككە زىيان سالسا، سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 3- شەخس جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنىڭ جاۋابكارلىق چېكى دائىرىسىدە تۆلەم بېرىدۇ. جاۋابكارلىق چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) قاتناش ۋاسىتىسى ئوتتۇرىسىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، خاتالىق بار تەرەپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھەر ئىككى تەرەپتە خاتالىق بولسا، ھەر كىم ئۆزىنىڭ خاتالىق نىسبىتى بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر ۋە پىيادىلەر ئوتتۇرىسىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ئىگىسى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ لېكىن ماتورسىز قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگۈچى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپات بولۇپ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى تېگىشلىك بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللانغان بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلىدۇ.

قاتناش ھادىسىسىدىكى زىياننى ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى ۋە پىيادىلەر قەستەن پەيدا قىلغان بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

77- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تامىقى يول سىرتىدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىلىرىدىن مەلۇم قىلىنغانلىرىنى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

6- باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش

78- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ساقچىلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ساپاسى ۋە يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ساقچىلىرىنى قانۇنچىلىق ۋە قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كەسپى بويىچە تەربىيىلىشى ۋە سىناپ تەكشۈرۈشى لازىم. سىناقتا لاياقەتسىز بولغان قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا بولمايدۇ.

79- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە تەرتىپ بويىچە ئىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئادىل، ئەستايىدىل، مەدەنىي، ئۈنۈملۈك بولۇش تەلىپىنى ئورۇندىشى لازىم.

80- ماددا قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، بەلگىلىمە بويىچە ساقچى فورمىسى كىيىشى، ساقچى بەلگىسى تاقىشى، ساقچى كىنىشكىسىنى ئېلىپ يۈرۈشى، رەتلىك، سالاپەتلىك، قوماندانلىقى قېلىپلاشقان بولۇشى كېرەك.

81- ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە نومۇر تاختىسى، كىنىشكا قاتارلىقلارغا تەننەرخ ھەققى ئېلىشتا گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ھەمدە ھەممىسىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇش كېرەك.

82- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇن بويىچە جەرىمانە قويۇش مەمۇرىي جازاسى بېرىشتە، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، جەرىمانە قارارى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە پۇلى ئېلىشنى ئايرىۋېتىشى، جەرىمانە پۇلى ۋە قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلغان قانۇنسىز تاپاۋەتنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشى لازىم.

83- ماددا قاتناش ساقچىلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋە قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك:

(1) شۇ دېلوغا ئالاقىدار بولسا ياكى ئالاقىدارنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولسا؛

(2) ئۆزى ياكى يېقىن تۇغقانلارنىڭ شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛

(3) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، دېلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا؛

84- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىلىرى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەن نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەپتىش تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ ۋە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇن، نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تۆۋەن دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىدۇ.

85- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، جەمئىيەتنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ ۋە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىقرا قىلماسلىق ۋە قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ئەرز- شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئەرز- شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

86- ماددا ھەر قانداق ئورۇننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا جەرىمانە كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈشى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن جەرىمانە كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈشىگە يول قۇيۇلمايدۇ؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ جەرىمانە سوممىسىنى قاتناش ساقچىلىرىنى سىناپ تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەردىن ھالقىغان بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىشقا ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانغا دوكلات قىلىشقا ھوقۇقلۇق،

7- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

87- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى پاكىتقا ۋە مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالىشى كېرەك. قىلمىشى يىنىك بولۇپ، يول يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇپ يولغا سالىدۇ.

88- ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازا تۈرى ئاگاھلاندۇرۇش، جەرىمانە قويۇش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش ۋە توختىتىپ قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

89- ماددا پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلاردىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن، نىزاملاردىكى يول يۈرۈش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 5 يۈەندىن يۇقىرى، 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر جەرىمانە قويۇش جازاسىنى رەت قىلسا، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى تۇتۇپ قېلىنسا بولىدۇ.

90- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەر يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىر قانۇن، نىزاملاردىكى يول يۈرۈش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 20 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

91- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلەرنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى 1 ئايدىن يۇقىرى 3 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ قېلىنىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ھەيدىگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى مەستلىكى يېشىلگۈچە چەكلەپ تۇرىدۇ، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى 3 ئايدىن يۇقىرى، 6 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ قالىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

تىجارەتلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلەرنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى 3 ئاي تۇتۇپ قېلىنىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تىجارەتلىك ترانسپورت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ھەيدىگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى مەستلىكى يېشىلگۈچە چەكلەپ تۇرىدۇ، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى 6 ئاي تۇتۇپ قالىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ.

ئالدىنقى 2 تارماقتا بەلگىلەنگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى مەست بولۇپ ھەيدەش قىلمىشىنى بىر يىل ئىچىدە سادىر قىلىپ، 2 قېتىمدىن ئارتۇق جازالانغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ. 5 يىلغىچە تىجارەتلىك ترنسپورت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

92- ماددا تاشيول يولۇچى ترانسپورت قاتناش ۋاسىتىسىگە نورمىدىن ئارتۇق يولۇچى سالغانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ نورمىدىن 20 ئاشۇرۇپ يولۇچى سالغانلار ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يۈك باسقانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

يۈك ترانسپورت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە نورمىدىن ئارتۇق يۈك باسقانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ نورمىدىن 30 ئاشۇرۇپ ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يولۇچى سالغانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى، ئالدىنقى 2 تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالىتىنى تۈگەتكۈچە تۇتۇپ قالىدۇ.

ترانسپورت ئورۇنلىرىنىڭ قاتناش ۋاسىتىسىدە مۇشۇ ماددىنىڭ 1-، 2- تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولۇپ، جازالىغاندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرتمىسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىد%ۇ.

93- ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملاردىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىش، ۋاقىتلىق توختىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى كۆرسىتىپ بېرىلسە ھەمدە ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇپ، دەرھال ھەيدەپ كېتىشكە بۇيرۇلسا بولىدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى نەق مەيداندا بولمىسا ياكى نەق مەيداندا بولسىمۇ قاتناش ۋاسىتىسىنى دەرھال ھەيدەپ كېتىشكە ئۇنىماي، باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە دەخلى يەتكۈزسە، 20 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناشقان دەخلى بولمايدىغان جايغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى بەلگىلىگەن ئورۇنغا ئاپىرىۋېتىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرىگەنلىكى ئۈچۈن ئالاقىداردىن ھەق ئالماسلىقى ھەمدە توختىتىلغان جاينى ئالاقىدارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ناتوغرا ئۇسۇل بىلەن سۆرەپ زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

94- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشتە گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەق ئالغان بولسا، ئارتۇق ئالغان ھەقنى قايتۇرۇشى ھەمدە ئۇلارنى باھا مەسئۇل تارمىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازالىشى كېرەك.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرمەي، ساختا تەكشۈرۈش نەتىجىسى بەرگەب بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئېلىنغان تەكشۈرۈش ھەققىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈش سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

95- ماددا يولغا ھەيدەپ چىققان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە نومۇر تاختىسى ئاسمىغان، تەكشۈرۈش لاياقەت بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسى چاپلىمىغان ياكى يول يۈرۈش كىنىشكىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرمىگەنلەرنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تۇتۇپ قېلىپ، ئالاقىدارغا مۇناسىپ نومۇر تاختىسى، كىنىشكا ۋە بەلگىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ياكى مۇناسىپ رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرىشنى ئۇقتۇرۇشى ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 90- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىشى كېرەك. ئالاقىدارلاردىن مۇناسىپ نومۇر تاختىسى ۋە بەلگىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن ياكى مۇناسىپ رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرگەنلىرىگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم.

ماتورلۇق قاتناش ۋاىسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى قەستەن توسۇپ قويغان، پاسكىنا، زېدە قىلىۋەتكەن ياكى بەلگىلىمە بويىچە ئورناتمىغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 90 ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

96- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق كىنىشكىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغانلىرىنى ئىشلەتكەنۋە ياكى باشقا قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق كىنىشكىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ئىشلەتكەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى يىغىۋېلىپ، شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

ئالاقىدارلاردىن مۇناسىپ قانۇنلۇق ئىسپات يەتكۈزۈپ بەرگەن ياكى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرگەنلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك.

97- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇنسىز ئورنىتىۋالغان سىگنال بەرگۈچ ۋە بەلگە چىرىغىنى مەجبۇرىي سۆكۈپ يىغىۋالىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

98- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ 3- شەخس جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ۋاسىتىسىنى بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغانغا قەدەر تۇتۇپ قالىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتىلانغان ئەڭ تۆۋەن جاۋابكارلىق چېكى بويىچە تاپشۇرىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ 2 ھەسسىسىگە تەڭ جەرىمانە قويىدۇ.

ئالدىنقى تارماق بويىچە تاپشۇرۇلغان جەرىمانە پۇلنىڭ ھەممىسى يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىغا كىرگۈزۈلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

99- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى 200 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالمىغان، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەنلەر؛

(2)ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالمىغان ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان، ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغانلارنىڭ ھەيدىشىگە بەرگەنلەر؛

(3) قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر؛

(4) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سۈرئىتىنى سائەتلىك سۈرئەتتىن50 ئاشۇرۇۋەتكەنلەر؛

(5) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىنى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملارغا ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەر ھەيدەش تەلىپىگە خىلاپ قاتناش ھالدا ھەدەشكە مەجبۇرلاپ قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر؛

(6) قاتناش ئىدارە قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، نەسىھەتنى ئاڭلىماي زورلۇق بىلەن يول يۈرگەنلەر؛

(7) قاتناش ئەسلىھەسىنى قەستەن بۇزۇۋېتىپ، يۆتكىۋېتىپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر؛

(8) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قانۇنسىز توسقان، تۇتۇپ قالغان، نەسىھەتنى ئاڭلىماي قاتناشنى ئېغىر ھالدا توسۇپ قويغان ياكى مال- مۈلۈكنى خېلى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلار.

قىلمىش سادىر قىلغۇچىدا ئالدىنقى تارماقنىڭ (2)، (4) تارماقچىسىدىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، قوشۇمچە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنسا بولىدۇ؛ (1)، (3)، (5) تارماقچىدىن (8) تارماقچىگىچە بولغان ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، قوشۇمچە 15 كۈندىن تۆۋەن توختىىتپ قويۇش جازاسى بېرىلسە بولىد%ۇ.

100- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قۇراشتۇرۇلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ياكى براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىن يولغا چىققانلىرىنى يىغىۋېلىپ مەجبۇرىي براك قىلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىققانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ.

براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ساتقانلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ساتقان سوممىسىغا باراۋەر جەرىمانە قويۇلىدۇ، شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مۇشۇ ماددىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

101- ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن، نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، زور قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قايتا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشىغا ئۆمۈرۋايەت يول قويۇلمايدۇ.

102- ماددا 6 ئاي ئىچىدە 2 قېتىمدىن ئارتۇق پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ياكى بارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي ترانسپورت ئورنىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتمىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەدەپ چىقىش مەنئى قىلىنىدۇ.

103- ماددا دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتى مەسئۇل تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى دۆلەتنىڭ بىخەتەر تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە قاتتىق تەكشۈرمەي، تىپى لاياقەتسىز ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىجازەت بەرسە، جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىشلەش كارخانىسىدىن دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتى مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئىشلىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى دۆلەتنىڭ قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلماي ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلات سۈپىتىنى قاتتىق تەكشۈرمەي، سۈپىتى لاياقەتسىز ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى زاۋۇتتىن چىقىرىپ ساتقانلارنى، سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك تارمىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ.

دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتى مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ئالماي تۇرۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىگەن، ساتقانلارنىڭ قانۇنسىز ئىشلىگەن، ساتقان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەييار مەھسۇلاتى ۋە زاپچاسلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنسىز مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ تىجارەت كىنىشكىسى بارلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ. تىجارەت كىنىشكىسى بولمىغانلىرىنىڭكىنى پېچەتلەيدۇ.

قۇراشتۇرما ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىشلىگەن، ساتقان ياكى ئۆزگەرتىۋېلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلىگەن، ساتقانلارغا مۇشۇ ماددىنىڭ 3- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

مۇشۇ ماددىنىڭ 2-، 3-، 4- تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولغان، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەپ ياكى سېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

104 ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يول كولىغان، يول ئىگىلەپ قۇرۇلۇش قىلغان ياكى قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلارنى يولغا مەسئۇل تارماقلار قانۇنسىز قىلمىشىنى توختىتىشقا ھەمدە ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇن بويىچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ. پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ۋە باشقا مال- مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، قاتناشنى تېزىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.

105 ماددا يولدا قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلىۋاتقاندا ياكى يول بۇزۇلغاندا ئاگاھ بەلگىسىنى ۋاقتىدا ئورناتماي، مۇداپىئە تەدبىرى قوللانماي ياكى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى قويۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قويماي ۋە ياكى قاتناش بەلگە چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقىنى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ ۋاقتىدا ئۆزگەرتمەي، پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسى ۋە باشقا مال- مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى بار ئورۇن قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

106- ماددا يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ۋە ئايرىش بەلۋېغىغا دەل- دەرەخ تىكىپ، باشقا ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈپ ياكى ئېلان تاختىسى، تۇرۇبا قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، يول چىرىغى، قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىلىرىنى توسۇۋېلىپ بىخەتەر كۆرۈشكە توسالغۇ پەيدا قىلغانلارنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى توسالغۇنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئىجرا قىلمىغانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە توسالغۇنى مەجبۇرىي تۈگەتكۈزىدۇ، بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنى قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

107- ماددا يول قاتنىشىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ئۇلارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قاتناش ساقچىلىرى شۇ مەيداندا مەمۇرىي جازا قارارى چىقارسا ھەمدە مەمۇرىي جازا قارارنامىسى يېزىپ بەرسە بولىدۇ.

مەمۇرىي جازا قارارنامىسىگە ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى، مەمۇرىي جازانىڭ ئاساسى، جازا مەزمۇنى، ۋاقتى، ئورنى، شۇنداقلا جازالىغۇچى ئورگاننىڭ نامى يېزىلىشى ھەمدە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم ئونىڭغا ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم.

108 ماددا ئالاقىدارلار جەرىمانە قويۇش مەمۇرىي جازا قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە بېكىتىلگەن بانكىغا بېرىپ جەرىمانە پۇلىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

ئالاقىدارلارنىڭ پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرگە قويغان جەرىمانىگە باشقىچە پىكرى بولمىسا، جەرىمانە پۇلىنى نەق مەيداندا ئېلىشقا بولىدۇ.

جەرىمانە قويۇشتا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مالىيە تارمىقى بىر تۇتاش باستۇرغان جەرىمانە تالونى كېسىپ بېرىلىدۇ؛ مالىيە تارمىقى بىر تۇتاش باستۇرغان جەرىمانە تالونى كېسىپ بېرىلمىسە، ئالاقىدارلار جەرىمانە پۇلى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

109 ماددا ئالاقىدارلار مەمۇرىي جازا قاررىنى مۆھلەت ئۆتكۈچە ئىجرا قىلمىسا، مەمۇرىي جازا قارارى چىقارغان مەمۇرىي تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) مۆھلەت توشسىمۇ جەرىمانە پۇلى تاپشۇرمىغانلاردىن كۈنىگە جەرىمانە پۇلىنىڭ 3 ى بويىچە قوشۇپ جەرىمانە قويۇش؛

(2) خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلى%ش.

110- ماددا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسى يول قاتنىشىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىغا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسا، ئاۋۋال ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالسا ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە دېلونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.

يول قاتنىشىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچى 15 كۈن ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىششنى قوبۇل قىلىشى لازىم. يوللۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىشنى مۆھلەت ئۆتكۈچە قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىش ياكى بىكار قىلىشتا، مەمۇرىي جازا قارارنامىسى چىقىرىشى كېرەك.

111- ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا توختىتىپ قويۇش مەمۇرىي جازاسى بېرىش ھەققىدە ناھىيىلىك، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى ياكى ناھىيە دەرىجىگە تەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كېسىم چىقىرىدۇ.

112- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ قېلىشتا، نەق مەيداندا ئىسپات يېزىپ بېرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا سۈرۈك ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىشىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تۇتۇپ قالغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىۋالماي، ئوبدان ساقلىشى لازىم.

مۆھلەت ئۆتكۈچە بىر تەرپ قىلىشنى قوبۇل قىلمىغان ھەمدە ئېلان چىقىرىلىپ 3 ئايغىچە يەنىلا بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان قاتناش ۋاسىتىسى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

113- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ۋەقتىنچە تۇتۇپ قېلىش مۆھلىتى جازا قارارى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ جازا قارارى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تۇتۇپ قېلىنغان بولسا، تۇتۇپ قالغان بىر كۈن ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش مۆھلىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى قايتىدىن ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى مۆھلىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

114- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتسىنىڭ ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسىنى قاتناش تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش خاتىرە ماتېرىيالىغا ئاساسەن قانۇن بويىچە جازالايدۇ. ھەيدىگۈچىنى ئېنىق بېكىتەلىسە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىسا بولىدۇ.

115- ماددا قاتناش ساقچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ:

(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق كىنىشكىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى بەرگەنلەر؛

(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتسىگە ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ سىگنال بەرگۈچىسى، بەلگە چىرىغىنى ئورنىتىش، ئىشلىتىش، بەلگە نۇسخىلىرىنى پۈركۈشنى تەستىقلىغانلار؛

(3) ھەدەش ئىجازەت شەرتىگە توشمايدىغان، ئىمتىھان ئېلىنمىغان ياكى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەرگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بەرگەنلەر؛

(4) جەرىمانە قويۇش قارارى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە ئېلىشنى ئايرىۋېتىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلماسلىق ياكى قانۇن بويىچە ئالغان ھەق، جەرىمانە پۇلىنى ۋە مۇسادىر قىلغان قانۇنسىز تاپاۋىتىنى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(5) شوپۇرلۇق مەكتىپى ياكى شوپۇر تەربىيلەش كۇرسى، ماتولۇق قاتناش ۋاسىتىسى رېمونت زاۋۇتى ئېچىش ۋە ياكى ھەقلىق توختىتىش مەيدانى قۇرۇش قاتارلىق تىجارەت پائالىيىتىگە ئارىلاشقانلار؛

(6) ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل- مال ياكى باشقا نەپ ئالغانلار؛

(7) قاتناش ۋاسىتىسىنى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تۇتۇپ قالغانلار؛

(8) قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكەنلەر؛

(9) نەق مەيداندا ئالغان جەرىمانە ئۈچۈن تالون بەرمىگەنلەر ياكى جەرىمانە سوممىسىنى ئەينەن يازمىغدنلار؛

(10) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قاتناش ھادىسىسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

(11) قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىسىنى بېجىرىشنى قەستەن ئاۋارىچىلىك تېپىپ كېچىكتۈرگەنلەر؛

(12) جىددىي ۋەزىپىدىن باشقا ئىشلاردا سىگنال بەرگۈچ، بەلگە چىرىغى ئىشلەتكەنلەر؛

(13) نورمال يۈرۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توسقان ۋە تەكشۈرگەنلەر؛

(14) جىددىي ۋەزىپىدىن باشقا ئىشلاردا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە توسۇپ چىقىۋالغانلار؛

(15) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكارغا چارە كۆرۈلىدۇ، مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارغا مۇناسىپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

116- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 115- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قاتناش ساقچىسىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈشتە، مەمۇرىي چارە كۆرۈش قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن توختىتىلسا بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا قاماپ قويۇلسا بولىدۇ.

مۇشۇ قانۇننىڭ 115- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قاتناش ساقچىلىرىدىن دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ئېلىپ تاشلاش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلگەنلىرى خىزمەتتىن بوشىتىلسا بولىدۇ.

قاتناش ساقچىلىرىغا خىزمەتتىن ھەدەش چارىسى كۆرۈش ياكى ئۇلارنى خىزمەتتىن بوشىتىشقا، ساقچى ئۇنۋانىنى بىكار قىلىش كېرەك؛ ۋەزىپىسىدن ئېلىپ تاشلاش چارىسىدىن تۆۋەن مەمۇرىي چارە كۆرۈلگەن قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ساقچى ئۇنۋانىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

117- ماددا قاتناش ساقچىلىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ جامائەت پۇل- مېلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ، پارا سوراپ، پارا ئېلىپ ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

118- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 115- ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ ئالاقىدارلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم قاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

8- باب قوشۇمچە پرىنسىپ

119- ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز- ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

(1) «يول» تاشيول، شەھەر يولى ۋە ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولسىمۇ، جەمئىيەتتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان جايلار، جۈملىدىن مەيدان، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىش مەيدانى قاتارلىق جامائەت يول يۈرىدىغان سورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.

(2) «قاتناش ۋاسىتىسى» ماتورلۇق ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى كۆرسىتىدۇ.

(3) «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى» ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان ياكى سۆرىتىلىدىغان، يولدا ھەدەپ ئادەم ياكى بۇيۇم توشۇيدىغان، شۇنداقلا قۇرۇلۇشتا مەخسۇس مەشغۇلات قىلىدىغان چاقلىق قاتناش ۋاسىتىسىنى كۆرسىتىدۇ.

(4) «ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى» ئادەم كۈچى ياكى ئۇلاغ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان، يولدا ھەيدەيدىغان قاتناش قورالى، شۇنداقلا ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ھەرىكەتلەنسىمۇ، لايىھىلەنگەن سائەتلىك سۈرئىتى، يۈكسىز ماسسىسى، سىرتقى رازمېرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن مېيىپلار ماتورلۇق ھارۋىسى، ئېلېكترماتورلۇق ۋېلىسىپىت قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنى كۆرسىتىدۇ.

(5) «قاتناش ھادىسىسى» قاتناش ۋاسىتىسى يولدا سەۋەنلىك ياكى كۈتۈلمىگەن سەۋەب تۈپەيلىدىن تالاپەت پەيدا قىلىش ياكى مال- مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىتىش ۋەقەسىنى كۆرسىتىدۇ.

120- ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ شتاتلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىسى، شتاتلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرۈش، شۇنداقلا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلىرىنى سىناش خىزمىتىگە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇل بولىدۇ.

121- ماددا يولغا چىقىدىغان تراكتورلارغا يېزا ئىگىلىكىنىڭ (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى) مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇننىڭ 8-، 9-، 13-، 19-، 23- ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

يېزا ئىگىلىك (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى) مەسئۇل تارمىقى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، بۇ قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم؛ بەلگىلىمىگە خىلاولىق قىلغانلار مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى يېزا ئىگىلىك (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى) مەسئۇل تارمىقى بەرگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىسى بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىنمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

122- ماددا چېگرا سىرتىنىڭ چېگرىدىن كىرگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى دۆلەت بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ.

123- ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، كونكرېت ئىجرا قىلىش ئۆلچىمىنى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن جەرىمانە دائىرىسىدە بەلگىلىسە بولىدۇ.

124- ماددا بۇ قانۇن 2004- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]