جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بالا بېقىۋېلىش قانۇنى

ئورنى Wikipedia

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بالا بېقىۋېلىش قانۇنى

-باب ئومۇمىي پرىنسىپ[تەھرىرلەش]

1- ماددا بۇ قانۇن قانۇنلۇق بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى، بېقىۋېلىش ئالاقىدارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2- ماددا بېقىۋېلىش قۇرامىغا يەتمىگەن بۋقىۋېلىنغۇچىلارنىڭ بېقىلىشىغا، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇشى، بۇنىڭدا بېقىۋېلىنغۇچى بىلەن بېقىۋالغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلۈشى، باراۋەرلىك – ئىختىيارلىق پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىشى لازىم. ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

3- ماددا بېقىۋېلىش پىلانلىق تۇغۇتقا دائىر قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ بولماسلىقى كېرەك.

-باب بېقىۋېلىش مۇناسىۋېتىنىڭ ئورنىتىلىشى[تەھرىرلەش]

4- ماددا تۆۋەندىكى 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىۋېلىشقا بولىدۇ:

(1) ئاتا – ئانىسىدىن يېتىم قالغان بالىلار؛

(2) ئۆز ئاتا – ئانىسى تېپىلمىغان تاشلاندۇق بوۋاق ۋە بالىلار؛

(3) ئۆز ئاتا – ئانىسى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغاچقا باقالمىغان پەرزەنتلەر.

5- ماددا تۆۋەندىكى پۇقرالار، تەشكىلاتلار باقتۇرغۇچى بولالايدۇ:

(1) يېتىم بالىنىڭ ۋەسىيىسى؛

(2) ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتى؛

(3) ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغاچقا ئۆز بالىسىنى باقالمىغان ئاتا – ئانىلار.

6- ماددا بېقىۋالغۇچى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى تەڭلا ھازىرلىشى لازىم:

(1) پەرزەنتسىز بولۇش؛

(2) بېقىۋېلىنغۇچىنى بېقىش – تەربىيلەش ئىقتدارى بولۇش؛

(3) تېببىي جەھەتتە بالا بېقىۋېلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىلىدىغان كېسلى يوق بولۇش؛

(4) 30 ياشقا توشقان بولۇش.

7- ماددا ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى بىر ئەۋلاد شىرەم قانداش توغقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىۋېلىش بۇ قانۇننىڭ 4– ماددا 3– تارماقچىسى، 5– ماددا 3– تارماقچىسى، 9– ماددىسىدىكى چەكلىمىگە ۋە بېقىۋېلىنغۇچى 14 ياشقا توشمىغان بولۇش دېگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئۈچ ئەۋلاد ئىچكى بىر ئەۋلاد شىرەم قانداش تۇغقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىۋالسا، بېقىۋالغۇچى پەرزەنتسىز بوۇش دېگەن چەكلىمىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ.

8- ماددا بېقىۋالغۇچى بىرلا بالا بېقىۋالسا بولىدۇ.

يېتىم بالا، مېيىپ بالا ياكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتى بېقىۋاتقان ئۆز ئاتا – ئانىسى تېپىلمىغان تاشلاندۇق بوۋاق ۋە بالىلارنى بېقىۋېلىش بېقىۋالغۇچى پەرزەنتىسىز بولۇش ۋە بىرلا بالا بېقىۋېلىش دېگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

9- ماددا جۆرىسىز ئەرلەر قىز بالا بېقىۋالماقچى بولسا، بېقىۋالغۇچى بىلەن بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ياش پەرقى 40 ياشتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

10- ماددا ئاتا – ئانا ئۆز پەرزەنتىنى بېقىۋېلىشقا بەرمەكچى بولسا، ئىككىسى بىرلىكتە بېرىشى لازىم. ئۆز ئاتا – ئانىدىن بىرى ئېنىقسىز بولسا ياكى تېپىلمىسا، يەنە بىرى بېقىۋېلىشقا بەرسە بولىدۇ. جۆرىسى بارلار بالا بېقىۋالماقچى بولسا، ئەر – خوتۇن بىرلىكتە بېقىۋېلىشى لازىم.

11- ماددا بېقىۋېلىش بىلەن باقتۇرۇش ئىختىيارىي بولۇش لازىم. 10 ياشتىن ئاشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىۋېلىشتا بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش لازىم.

12- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتىسىمۇ، ئانىسىمۇ تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىسا، قۇرامىغا يەتمىگەن شۇ بالىنىڭ ۋەسىيىسى ئۇنى بېقىۋېلىشقا بەرسە بولمايدۇ، لېكىن ئاتا – ئانىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن شۇ بالىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

13- ماددا ۋەسىيسى قۇرامىغا يەتمىگەن يېتىم بالىنى بېقىۋېلىشقا بېرىشتە بېقىش مەجبۇرىيىتى بار كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش لازىم. بېقىش خىراجىتى بار كىشى بېقىۋېلىشقا بېرىشكە قوشۇلمىسا، ۋەسىيىسى ۋەسىيىلىك بۇرچىنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى خالىمىسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەسىيىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش لازىم.

14- ماددا ئۆگەي ئاتا ياكى ئۆگەي ئانا ئۆگەي بالىنى ئۆز ئاتا – ئانىسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ بېقىۋالسا بولىدۇ ھەمدە بۇ قانۇننىڭ 4– ماددا 3– تارماقچىسى، 5– ماددا 3– تارماقچىسى، 6– ماددىسىدىكى چەكلىمىگە ۋە بېقىۋېلىنغۇچى 14 ياشقا توشمىغان بولۇش ھەم بىرلا بالا بېقىۋېلىش دېگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

15- ماددا بېقىۋېلىشتا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا تىزىملىتىش لازىم. بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى تىزىمغا ئالدۇرغان كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلىدۇ. ئۆز ئاتا – ئانىسى تېپىلمىغان تاشلاندۇق بوۋاق ۋە بالىنى بېقىۋېلىشتا، تىزىملىغۇچى خەلق ئىشلىرى تارمىقى تىزىملاشتىن بۇرۇن ئېلان چىقىرىش كېرەك. بېقىۋېلىش ئالاقىدارلىرى بېقىۋېلىش كېلىشىمنى تۈزۈشنى خالىسا، بېقىۋېلىش كېلىشىمى تۈزسە بولىدۇ. بېقىۋېلىش ئالاقىدارلىرى ياكى ئۇلاردىن بېقىۋېلىشنى قانۇنىي گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلسا، گۇۋاھلىق رەسمىيىتى بېجىرىلىشى كېرەك.

16- ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ نوپۇس رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشى كېرەك.

17- ماددا يېتىم بالىنى ياكى ئۆز ئاتا – ئانىسى باقالمىغان بالىنى ئۆز ئاتا – ئانىسنىڭ تۇغقانلىرى، دوستلىرى باقسا بولىدۇ. باققۇچى بىلەن بېقىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىگە ياتمايدۇ.

18- ماددا جۆرىلەردىن بىرى ئۆلۈپ كەتكەندە، يەنە بىرى قۇرامىغا يەتمىگەن بالىسىنى باقتۇرماقچى بولسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا – ئانىسى ئالدى بىلەن بېقىش ھوقۇقىغا ئىگە.

19- ماددا باقتۇرغۇچى بالىسىنى بېقىۋېلىشقا بېرىۋېتىشنى باھانە قىلىپ، پىلانلىق تۇغۇت بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا يەنە پەرزەنت كۆرسە بولمايدۇ.

20- ماددا بالىلارنى ئېلىپ سېتىش ياكى بېقىۋېلىش نامى بىلەن ئېلىپ سېتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

21- ماددا چەت ئەللىكلەر بۇ قانۇن بويىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بالا بېقىۋالسا بولىدۇ.

چەت ئەللىكلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بالا بېقىۋالماقچى بولسا، ئۆز دۆلىتىدىكى مەسئۇل ئورگانغا شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە تەكشۈرتۈشى لازىم. بېقىۋالغۇچى ئۆز دۆلىتىنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنى بەرگەن بېقىۋالغۇچىنىڭ يېشى، نىكاھلىنىشى، كەسپى، مال – مۈلكى، سالامەتلىكى، جىنايى جازاغا تارتىلغان – تارتىلمىغانلىقىغا دائىر ئىسپات ماتېرىياللارنى كۆرسىتىشى، بۇ ئىسپات ماتېرىياللار شۇ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئورگىنى ياكى دىپلوماتىيە ئورگىنى ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنغان ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، كونسولخانىسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بولۇشى كېرەك. بېقىۋالغۇچى باقتۇرغۇچى بىلەن يازما كېلىشىم تۈزۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا بىۋاستە تىزىملىتىشى كېرەك. بېقىۋېلىش ئالاقىدارلىرى ياكى ئۇلاردىن بىرى بېقىۋېلىشنى قانۇنىي گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن تاشقى گۇۋاھلىق بېجىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە گۇۋاھلىق ئاپپاراتىغا بېرىپ بېقىۋېلىش ئىشىنى گۇۋاھلىتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

22- ماددا بېقىۋالغۇچى ۋە باقتۇرغۇچى بېقىۋېلىش مەخپىيىتىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلسا، باشقىلار ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.

-باب بېقىۋېلىشنىڭ قانۇن كۈچى[تەھرىرلەش]

23- ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان كۈندىن باشلاپ، بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانا بىلەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى قانۇندىكى ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنت مۇناسىۋىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ؛ بېقىۋېلىنغان پەرزەنت بىلەن بېقىۋېلىنغان ئاتا – ئانىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىت قانۇندىكى پەرزەنت بىلەن ئاتا – ئانىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ. بېقىۋېلىنغان پەرزەنتنىڭ ئۆز ئاتا – ئانىسى ھەمدە باشقا يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن ئۈزۈلىدۇ.

24- ماددا بېقىۋېلىنغان پەرزەنت بېقىۋالغان ئاتىسى ياكى ئانىسنىڭ فامىلىسىنى قوللانسا بولىدۇ، ئالاقىدارلار بىردەك كېلىشىپ، ئەسلىي فامىلىسىنى ساقلاپ قالسىمۇ بولىدۇ.

25- ماددا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»نىڭ 55– ماددىسىغا ۋە بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بېقىۋېلىش ھەرىكىتى باشلانغان ۋاقىتتىن تارتىپلا قانۇن كۈچىگە ئىگە ئەمەس. خەلق سوت مەھكىمىسى ئىناۋەتسىز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن بېقىۋېلىش ھەرىكىتى، ھەرىكەت باشلانغان ۋاقىتتىن تارتىپلا قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

-باب بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتنىڭ بىكار قىلىنىشى[تەھرىرلەش]

26- ماددا بېقىۋېلىنغۇچى قۇرامىغا يەتمىگۈچە، بېقىۋالغۇچىنىڭ بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. لېكىن بېقىۋالغۇچى بىلەن باقتۇرغۇچىنىڭ كېلىشىم بىلەن بىكار قىلىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بېقىۋېلىنغان پەرزەنت 10 ياشتىن ئاشقاندا ئۆزىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش لازىم.

بېقىۋالغۇچى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي خورلاش، تاشلىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنتنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى يەتكۈزسە، باقتۇرغۇچى بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانا بىلەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. باقتۇرغۇچى بىلەن بېقىۋالغۇچى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

27- ماددا بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانا بىلەن قۇرامىغا يەتكەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يامانلىشىپ، بىللە ئۆتۈشكە ئامالسىز قالسا، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى كېلىشىم بىلەن بىكار قىلسا بولىدۇ. كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

28- ماددا ئالاقىدارلار بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسا، خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا بېرىپ بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى تىزىملىتىشى لازىم.

29- ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلنغاندىن كېيىنلا، بېقىۋېلىنغان پەرزەنتىنىڭ بېقىۋالغان ئاتا – ئانىسى ۋە باشقا يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئۈزۈلىدۇ، ئۆز ئاتا –ئانىسى ۋە باشقا يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ، بىراق قۇرامىغا يەتكەن بېقىۋېلىنغان پەرزەنت بىلەن ئۆز ئاتا – ئانىسى ۋە باشقا يېقىن تۇغقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش – كەلتۈرمەسلىك كېڭىشىپ بېكىتىلسە بولىدۇ.

30- ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانا باققان قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلەر ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، تۇرمۇش مەنبەسىمۇ بولمىغان بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانىسىغا تۇرمۇش خىراجىتى بېرىشى كېرەك. بېقىۋېلىنغان پەرزەنتلەر قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانىسىنى خورلاش، تاشلىۋېىش تۈپەيلىدىن بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغان بولسا، بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانا بېقىۋېلىنغان پەرزەنتتىن بېقىۋېلىش مەزگىلىدە چىقىم قىلغان تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيلەش خىراجىتىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

ئۆز ئاتا – ئانىسى بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا، بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانا بالىنىڭ ئۆز ئاتا – ئانىسىدىن بېقىۋېلىش مەزگىلىدە چىقىم قىلغان تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيلەش خىراجىتىنى مۇۋاپىق تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بىراق بېقىۋالغۇچى ئاتا – ئانا بېقىۋالغان پەرزەنتنى خورلاش، تاشلىۋېتىش تۈپەيلىدىن بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغىنى بۇنىڭ سىرتىدا.

-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق[تەھرىرلەش]

31- ماددا بالىلارنى بېقىۋېلىش نامى بىلەن ئالداپ ساتقانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بوۋاقلارنى تاشلىۋەتكەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئۆز پەرزەنتىنى ساتقانلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

-باب قوشۇمچە پرىنسىپ[تەھرىرلەش]

32- ماددا مىللىي ئاپتونومىيلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دئىمىي كومىتېتى بۇ قانۇندىكى پرىنسپىلارغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئالدۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ بەلگىلىمىسى ئۆلكىلىك ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېىغا تەستىقلىتىلغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

33- ماددا گوۋۇيۈەن بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

34- ماددا بۇ قانۇن 1992– يىل 4– ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

قانۇن-نىزاملاردىن تاللانما دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.