جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى

(1979- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1997- يىلى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا تۈزىتىلگەن، 1997- يىلى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 83- نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 1997- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 1998- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6- يىغىنىدا ماقۇللانغان «تاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ سېتىۋېلىش، قاچۇرۇش ۋە قانۇنسىز ئېلىپ- سېتىش جىنايەتلىرىنى جازالاش توغرىسىدىكى قارارى»غا، 1999- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13- يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى)1(»گە، 2001- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23- يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى(2)»گە، 2001- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25- يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (3)» گە، 2002- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31- يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (4)» گە ئاساسەن تۈزىتىلدى)

1- قىسىم ئومۇمىي پرىنسىپ

1- باب جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ۋەزىپىسى، ئاساسىي پرىنسىپى ۋە تەتبىقىلىنىش دائىرىسى

1- ماددا بۇ قانۇن جىنايەتنى جازالاش، خەلقنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن، دۆلىتىمىزنىڭ جىنايەتكە قارشى كۈرەشتىكى كونكرېت تەجرىبىلىرىگە ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

2- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ۋەزىپىسى _ جىنايى جازابېرىش ئارقىلىق بارلىق جىنايى قىلمشلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى ھاكىميەتنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى قوغداش، دۆلەت مال- مۈلكىنى ۋە ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال- مۈلكىنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ئىگىدارلىقىدىكى مال- مۈلكىنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى قوغداش، جەمئىيەت تەرتىپىنى، ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش.

3- ماددا قانۇندا جىنايى قىلمىش دەپ بەلگىلەنگەن قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. قانۇندا جىنايى قىلمىش دەپ بەلگىلەنمىگەن قىلمىشلارنى جىنايەت بېكىتىپ جازالاشقا بولمايدۇ.

4- ماددا جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھەر قانداق ئادەمگە قانۇن بىردەك باراۋەر تەتبىقلىنىدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

5- ماددا جىنايى جازانىڭ ئېغىر- يېنىكلىكى جىنايەتچىنىڭ جىنايىتىگە ۋە جىنايى جاۋابكارلىقىغا ماس كېلىشى لازىم.

6- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە سادىر بولغان جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ، قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلەنگەنلرى بۇنىڭ سىرتىدا.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېمە- پاراخوتلىرىدا ياكى ئاۋىئا ۋاستىلىرىدە سادىر بولغان جىنايەتلەرگىمۇ مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

جىنايى قىلمىش ياكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە سادىر بولغان بولسا، ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە سادىر بولغان جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.

7- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرىدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسى سىرتىدا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلمىسىمۇ بولىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خادىملىرى ۋە ھەربىيلىرىدىن خۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسى سىرتىدا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

8- ماددا چەت ئەللىكلەردىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسى سىرتىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ياكى ئۇنىڭ پۇقراسىغا قارىتا جىنايەت ئۆتكۈزگەن، شۇنداقلا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلانسا بولىدۇ، لېكىن جىنايەت سادىر بولغان جاينىڭ قانۇنى بويىچە جازا بېرىلمەيدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

9- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە بەلگىلەنگەن جىنايەتلەردە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىنى شەرتنامىدە ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتى دائىرىسىدە يۈرگۈزىدىغانلىرىدا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

10- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسى سىرتىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەردىن مۇشۇ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرى چەت ئەلدە سوت قىلىنغان بولسىمۇ، مۇشۇ قانۇن بويىچە يەنىلا سۈرۈشتۈرۈلسە بولىدۇ، لېكىن چەت ئەلدە جىنايى جازا بېرىلگەنلىرىگە جازا كەچۈرۈم قىلىنسا ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ.

11- ماددا دىپلوماتىيە ئىمتىيازىدىن ۋە كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىنىدۇ.

12- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش، مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغۇچە سادىر بولغان قىلمىشلاردىن شۇ چاغدىكى قانۇن بويىچە جىنايەت ھېسانلانمايدىغانلىرىغا شۇ چاغدىكى قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛ شۇ چاغدىكى قانۇن بويىچە جىنايەت ھېسابلىنىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ ئومۇمىي پرىنسىپ 4- باب 8- پاراگرافتىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى شۇ چاغدىكى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، ئەمما مۇشۇ قانۇن بويىچە جىنايەت ھېسابلانمايدىغانلىرىغا ياكى يېنىكرەك جازا بېرىلىدىغانلىرىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، شۇ چاغدىكى قانۇن بويىچە چىقىرىلغان كۈچكە ئىگە ھۆكۈملەر داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

2- باب جىنايەت

1- پاراگراف جىنايەت ۋە جىنايى جاۋابكارلىق

13- ماددا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنى پارچىلايدىغان، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى ھاكىميەتنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپنى بۇزىدىغان، دۆلەت مال- مۈلكىگە ياكى ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلدارلىقىدىكى مال- مۈلكىگە دەخلى- تەرۇز قىلىدىغان، پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مال- مۈلكىگە دەخلى- تەرۇزقىلىدىغان، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا سوقۇقلىرىغا دەخلى- تەرۇز قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلار، شۇنىڭدەك جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلاردىن قانۇن بويىچە جىنايى جازابېرىشكە تىگىشلىك بولغانلىرىنىڭ ھەممىسى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك يېنىك بولۇپ، خەۋپى چوڭ بولمىغانلىرى جىنايەت ھېسابلانمايدۇ.

14- ماددا ئۆز قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ھەمدە شۇنداق ئاقىۋەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ياكى شۇنداق ئاقىۋەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول قويۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ھېسابلىنىدۇ.

 قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

15- ماددا ئۆز قىلمىشىنىڭ جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىشى مۇمكىملىكىنى ئالدىن بايقاشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، بىپەرۋالىق قىلىپ ئالدىن بايقىماي ياكى ئالدىن بايقىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ ئىشىنىپ كېتىپ، شۇنداق ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغانلار سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ھېسابلىنىدۇ.

 سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەردىن قانۇندىكى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغانلىرىلا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

16- ماددا قىلمىش ئوبيېكتىپ جەھەتتە زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسىمۇ، بۇنداق ئاقىۋەت قەستەنلىك ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولسا، جىنايەت ھېسانلانمايدۇ.

17- ماددا 16 ياشقا توشقانلار جىنايەت ئۆتكۈزسە، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

 14 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغانلار جىنايەت ئۆتكۈزسە، يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

 16 ياشقا توشمىغانلىقى ئۈچۈن جىنايى جازا بېرىلمىگەنلەر ئاتا- ئانىسىنىڭ ياكى ۋەسىيلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا بۇيرۇلىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئۇلانى ھۆكۈمەت يىغىۋېلىپ تەربىيلىسىمۇ بولىدۇ.

18- ماددا روھىي كېسەللەردىن ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان ياكى كونترول قىلالمايدىغان بولۇپ قالغاندا زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە باھالاپ بېكىتىلگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ، لېكىن ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياكى ۋەسىيلىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىغا ۋە داۋالىتىشىغا بۇيرۇلىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ھۆكۈمەت مەجبۇرىي داۋالىتىدۇ.

 ئارىلاپ تۇتۇپ قالىدىغان روھىي كېسەللەردىن روھىي ھالىتى نورمال چاغلاردا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

 ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرىش ياكى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق يوقاتمىغان روھىي كېسەللەردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، لېكىن ئۇلارغا يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ.

 مەستلەر جىنايەت ئۆتكۈزسە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

19- ماددا ھەم گاس، ھەم گاچا ياكى ئەمالاردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىگە يېنىك ۋە يېنىكلىتىلىپ جازا بېرىلسە ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.

20- ماددا دۆلەت، جامائەت مەنپەئىتىنى، ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال- مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى قىلىنىۋاتقان قانۇنسىز زىيانكەشلىكتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانۇنسىز زىيانكەشلىكنى توسۇش يولىدا تەدبىر قوللىنىپ، قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلغۇچىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر يوللۇق قوغدانغانلار ھېسابلىنىپ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.

 يوللۇق قوغدىنىشنى زۆرۈر چەكتىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىپ، زور زىيان پەيدا قىلغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، لېكىن ئۇلارغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

 ۋەھشىيلىك، قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق، باسقۇنچىلىق، تۇتۇپ كېتىش ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىككە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا زورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈلىۋاتقاندا ئوغدىنىش تەدبىرى قوللىنىپ، قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلغۇچىنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە كىرمەيدۇ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.

21- ماددا دۆلەت، جامائەت مەنپەئىتىنى، ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال- مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى يۈز بېرىۋاتقان خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نائىلاج جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللىنىپ زىيان پەيدا قىلغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.

 جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىش تەدبىرىنى زۆرۈر چەكتىن ئاشۇرۇپ، ئورۇنسىز زىيان پەيدا قىلغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، لېكىن ئۇلارغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

 1- تارماقتىكى ئۆزىنى خەۋپتىن ساقلاپ قېلىشقا دائىر بەلگىلىمە ۋەزىپە ۋە كەسپىي جەھەتتە ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بارلارغا تەتبىقلانمايدۇ.

2- پاراگراف جىنايەتنىڭ تەييارلىنىشى، ئەمەلگە ئاشماسلىقى ۋە توختىتىلىشى

22- ماددا جىنايەتنىڭ ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە قورال- سايمان تەييارلاش، شارائىت يارىتىپ جىنايەتنىڭ تەييارلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

 تەييارلىقتىكى جىنايەتكە ئەمەلگە ئاشقان جىنايەتكە قارىغاندا يېنىك ۋە يېنىكلىتىپ

جازا بېرىلسە ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.

23- ماددا جىنايەتچى جىنايەتكە كىرىشكەندىن كېيىن، ئۆز ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان سەۋەبلەر بىلەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسا، جىنايەتنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ھېسابلىنىدۇ.

 ئەمەلگە ئاشمىغان جىنايەتكە ئەمەلگە ئاشقان جىنايەتكە قارىغاندا يېنىك ياكى يېنكلىتىلىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ.

24- ماددا جىنايەت ئۆتكۈزىۋىتىپ جىنايەتتىن ئۆزلىكىدىن قول ئۈزۈش ياكى جىنايەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش جىنايەتنىڭ توختىتىلشى ھېسابلىنىدۇ.

جىنايەتنى توختىتىپ قويغۇچىلاردىن زىيان پەيدا قىلمىغانلىرىغا جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ زىيان پەيدا قىلمانلىرىغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

3- پاراگراف بارلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەت

25- ماددا بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەت ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىرلىشىپ، قەستەن ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنى كۆرسىتىدۇ.

 ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن جىنايىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ؛ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىغا جىنايىتىگە قاراپ جازا بېرىلىدۇ.

26- ماددا جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ جىنايى ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلار ياكى بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە ئاساسىي رول ئوينىغانلار ئاساسىي جىنايەتچى ھېسابلىنىدۇ.

 ئۈچتىن ئارتۇق ئادەم بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن، بىر قەدەر تۇراقلىق بولغان جىنايەتچىلەر تەشكىلاتى جىنايەتچىلەر گۇرۇھى ھېسابلىنىدۇ.

 جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان باش ئۇنسۇرلارغا گۇرۇھنىڭ بارلىق جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

27- ماددا بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە ئاساسىي رول ئوينىمىغانلار ياكى ياردەمچى رول ئوينىغانلار ئەگەشكۈچى جىنايەتچى ھېسابلىنىدۇ.

 ئەگەشكۈچى جىنايەتچىلەرگە يېنىك، يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

28- ماددا باشقىلارنىڭ تەھدىت سېلىشى بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قاتناشقانلارغا جىنايى قىلمىشىغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

29- ماددا باشقىلارنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتكەنلەرگە بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە ئوينىغان رولىغا قاراپ جازا بېرىلىدۇ. 18 ياشقا توشمىغانلارنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتلەنلەرگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

 جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈلگۈچى شۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزمىگەن بولسا، كۈشكۈرتكۈچى جىنايەتچىگە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ.

4- باراگراف ئورۇن ئۆتكۈزگەن جىنايەت

30- ماددا شىركەت، كارخانا، ئورگان ۋە تەشكىلاتلاردىن جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشى قانۇندا ئورۇن جىنايىتى دەپ بەلگىلەنگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

31- ماددا ئورۇنلاردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا جىنايى جازا بېرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدا ۋە باشقا قانۇنلاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

3- باب جىنايى جازا

1 - پاراگراف جىنايى جازا تۈرى

32- ماددا جىنايى جازا ئاساسىي جازا ۋە قوشۇمچە جازاغا بۆلۈنىدۇ.

33- ماددا ئاساسىي جازانىڭ تۈرى تۆۋەندىكىچە:

 (1) رېجىم؛

 (2) تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش؛

 (3) مۇددەتلىك قاماق جازاسى؛

 (4) مۇددەتسىز قاماق جازاسى؛

 (5) ئۆلۈم جازاسى.

34- ماددا قوشۇمچە جازانىڭ تۈرلىرى:

(1) جەرىمانە؛

(2) سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش؛

(3) مال- مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش؛

قوشۇمچە جازانى ئايرىم بېرىشكىمۇ بولىدۇ.

35- ماددا جىنايەت ئۆتكۈزگەن چەت ئەللىكلەرگە چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى ئايرىم بېرىلسىمۇ، قوشۇمچە بېرىلسىمۇ بولىدۇ.

36- ماددا جىنايەتچىلەردىن جىنايى قىلمىش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىلگەندىن باشقا، ئەھۋالغا قاراپ يەنە ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەش ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغۇچى جىنايەتچىلەردىن جەرىمانە جازاسىمۇ ھۆكۈم قىلىنىپ، مال- مۈلكى بارلىق چىقىمغا چىقىش قىلماي قالغانلىرى ياكى مال- مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ھەق تەلەپ تۆلىمى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

37- ماددا جىنايى قىلىمىشى يېنىك بولۇپ، جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىغانلارغا جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىمسا بولىدۇ، لېكىن دېلو ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، تەنبىھ بېرىلسە ياكى توۋانامە يېزىش، ناماقۇل بولۇش، زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇلسا ۋە ياكى مەسئۇل تارماق تەرىپىدىن مەمۇرىي جازا بېرىلسە ياكى مەمۇرىي چارە كۆرۈلسە بولىدۇ.

2- پاراگراف رېجىم

38- ماددا رېجىم مۇددىتى ئۈچ ئايدىن يۇقىرى، ئىككى يىلدىن تۆۋەن بولىدۇ.

رېجىم ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجرا قىلىدۇ.

39- ماددا رېجىم ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم:

(1) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش، نازارەتچىلىككە بويسۇنۇش؛

(2) ئىجراقىلغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، سۆز، مەتبۇئات، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزمەسلىك؛

(3) ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىپ تۇرۇش؛

(4) ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش؛

(5) ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىن كەتمەكچى ياكى كۆچمەكچى بولسا، ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئېلىش.

رېجىم ھۆكۈم قىلىمغان جىنايەتچىلەرنىڭ ئەمگەك جەريانىدىكى ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىلىدۇ.

40- ماددا رېجىم ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىنىڭ رېجىم مۇددىتى توشقاندا، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇنىڭ رېجىمدىن بۈشىتىلغانلىقىنى ئۆزىگە ۋە ئۇنىڭ ئىشلەيدىغان ئورۇنغا ياكى ئۇ تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاممىغا دەرھال جاكارلايدۇ.

41- ماددا رېجىم جازاسىنىڭ مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ ھۆكۈم ئىجراقىلىنىشتىن بۇرۇم قاماپ تۇرۇلغان بولسا، قاماپ تۇرۇلغان ۋاقىتنىڭ بىر كۈنى جازا مۇددىتىنىڭ ئىككى كۈنىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ.

3- پاراگراف تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش

42- ماددا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش مۇددىتى بىر ئايدىن يۇقىرى، ئالتە ئايدىن تۆۋەن بولىدۇ.

43- ماددا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ھۆكۈم قىلىمغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يېقىن جايدا ئىجراقىلىدۇ.

جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچى ھەر ئايدا بىر كۈندىن ئىككى كۈنگىچە ئۆيىگە قايتسا بولىدۇ؛ ئەمگەككە قاتناشقانلىرىغا ئىشىغا قاراپ ھەق بېرىلسە بولىدۇ.

44- ماددا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىنىڭ مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن قاماپ تۇرۇلغان بولسا، قاماپ تۇرۇلغان ۋاقىتنىڭ بىر كۈنى جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ.

4- پاراگراف مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسز قاماق جازاسى

45- ماددا مۇددەتلىك قاماق جازاسىنىڭ مۇددىتى ئالتە ئايدىن يۇقىرى، 15 يىلدىن تۆۋەن بولىدۇ، مۇشۇ قانۇننىڭ 50- ۋە 69- ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

46- ماددا مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسى تۈرمىدە ياكى باشقا ئىجرا ئورۇنلىرىدا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ ئەمگەك ئىقتىدارى بارلىرى ئەمگەككە قاتنىشىپ، تەربىيە ۋە ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلدۇ.

47- ماددا مۇددەتلىك جاماق جازاسىنىڭ مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن قاماپ تۇرۇلغان بولسا، قاماپ تۇرۇلغان ۋاقىتنىڭ بىر كۈنى جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ.

5- پاراگراف ئۆلۈم جازاسى

48- ماددا ئۆلۈم جازاسى جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر جىنايەتچىلەگىلا بېرىلىدۇ. ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك جىنايەتچىلەردىن جازاسىنى دەرھال ئىجرا قىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىغانلارغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جازاسى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى جاكارلانسا بولىدۇ.

ئۆلۈم جازاسىنىڭ قانۇن بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم قىلىدىغانلىرىدىن باشقىلىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىنى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم قىلسا ياكى تەستىقلىسا بولىدۇ.

49- ماددا جىنايەت ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا 18 ياشقا توشمىغانلارغا ۋە سوت قىلىنغاندا ھامىلىدار ئاياللارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ.

50- ماددا كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مەزگىلىدە، قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىرىنىڭ جازاسى ئىككى يىللىق مۇددەت توشقاندىن كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلىدۇ؛ ھەقىقەتەن چوڭ خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلىرىنىڭ جازاسى ئىككى يىللىق مۇددەت توشقاندىن كېيىن 15 يىلدىن يۇقىرى، 20 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلدۇ؛ قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە راست بولۇپ چىققانلىرىغا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ.

51- ماددا كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ مۇددىتى ھۆكۈم بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتكەنلەرنىڭ جازا مۇددىتى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

6- پارگراف جەرىمانە

52- ماددا جەرىمانە ھۆكۈم قىلىنغاندا، جەرىمانە سوممىسى جىنايى قىلمىشقا قاراپ بېكىتىلىدۇ.

53- ماددا جەرىمانە ھۆكۈمىدە بېكىتىلگەن سۈرۈك ئىچىدە بىر قېتىمدا ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرغۇزۇلىدۇ. سۈرۈك توشقىچە تاپشۇرمىغانلارغا مەجبۇرىي تاپشۇرغۇزۇلىدۇ. جەرىمانىنى تولۇق تاپشۇرالمايدىغانلار بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ تاپشۇرغۇدەك مال- مۈلكى بارلىقىنى قاچان سەزسە شۇ چاغدا تاپشۇرغۇزىدۇ. تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئاپەتكە ئۇچراش سەۋەبىدىن تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىينىلىپ قالغانلارغا ئەھۋالغا قاراپ جەرىمانە ئازايتىلسا ياكى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.

7- پاراگراف سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش

54- ماددا سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىشتا تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن مەھرم قىلىنىدۇ:

(1) سايلام ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى؛

(2) سۆز، مەبۇئات، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكى ھوقۇق؛

(3) دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلرى، كەسپىي ئورۇنلىرىدا ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەش ھوقۇقى.

55- ماددا سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش مۇددىتى بىر يىلدىن يۇقىرى، بەش يىلدىن تۆۋەن بولىدۇ، مۇشۇ قانۇننىڭ 57- ماددىسىدا بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

رېجىم ھۆكۈم قىلىنىپ قۇشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنىش مۇددىتى رېجىم مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، بىر ۋاقىتتا ئىجرا قىلىنىدۇ.

56- ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتىلىتىش، زەھەر سېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلىرى بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بولىدۇ.

سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئايرىم بېرىشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ.

57- ماددا ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنىدۇ.

كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلسە ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلسە، قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ.

58- ماددا قۇشۇمچە سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنىڭ مۇددىتى قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان كۈندىن ياكى شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش ئاساسىي جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ.

سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان جىنايەتچىلەر جازا ئىجرا قىلىنۋاتقان مەزگىلدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەققىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى، نازارەتچىلىككە بويسۇنۇشى كېرەك؛ ئۇلار مۇشۇ قانۇننىڭ 54- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى يۈرگۈزسە بولمايدۇ.

8- پارگراف مال- مۈلۈكنى مۇسادىر قىلىش

59- ماددا مال- مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش جىنايەتچىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق مال- مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مال- مۈلكىنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلىشقا توغرا كەلگەن جىنايەتچىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن زۆرۈر تۇرمۇش خىرجىتى قالدۇرۇلىدۇ.

 مال- مۈلكنى مۇسادىرە قىلىش ھۆكۈم قىلىنغاندا، جىنايەتچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەئەللۇق ياكى تېگىشلىك بولغان مال- مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىشقا بولمايدۇ.

60- ماددا جىنايەتچىنىڭ مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئورۇنلۇق قەرزىنى مۇسادىرە قىلىنىدىغان مال- مۈلۈك بىلەن قايتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ھەقدارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن قايتۇرۇلىدۇ.

4 - باب جىنايى جازانىڭ كونكرېت بېرىلىشى

1- پاراگراف جازا ئۆلچەش

61- ماددا جىنايەتچىگە بېرىلىدىغان جازا ئۇنىڭ جىنايىتىنىڭ پاكىتىغا، جىنايىتىنىڭ خاراكتېرىگە، ئەھۋالىغا ۋە جەمئىيەتكە يەتكۈزگەن خەۋپىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ، مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

62- ماددا جىنايەتچىلەردىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدىغان ئەھۋال بولغانلىرىغا قانۇندا بەلگىلەنگەن جازادىن تۆۋەن جازا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

63- ماددا جىنايەتچىلەردىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن يېنىكلىتىپ جازا بېرىلدىغان ئەھۋال بولمىغانلىرىغا دېلودىكى ئالاھىدە ئەھۋالغا قاراپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇندا بەلگىلەنگەن جازادىن تۆۋەن جازا ھۆكۈم قىلىنسىمۇ بولىدۇ.

64- ماددا جىنايەتچىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ تاپقان پۇل- مېلىنىڭ ھەممىسى تاپشۇرغۇزۇلىدۇ ياكى قاتۇرۇغۇزۇلىدۇ، تۆلىتىلىدۇ؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنىي مال- مۈلكى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ؛ مەنئى قىلىنغان نەرسىلەر ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشتە ئىشلىتىلگەن شەخسى پۇل- مال مۇسادىرە قىلىنىدۇ. مۇسادىرە قىلىنغان پۇل- مال ۋە ئېلىنغان جەرىمانە بىردەك دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇنى ئىشلىتىۋېلىشقا ۋە ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

2- پارگراف تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزۈش

65 - ماددا مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان ياكى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن، بەش يىل ئىچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازا بېرىلىدىغان جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەر تەكرار جىنايەت ئۆتكۈۈزگەنلەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ، لېكىن سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

 ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇددەت شەرتلىك قوريۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىگە تەتبىقلانغاندا، شەرتلىك قويۇپ بېرىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

66- ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەردىن جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان ياكى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر قانداق چاغدا يەنە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرى تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرقاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

3- پاراگراف ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋە خىزمەت كۆرسىتىش

67- ماددا جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن دېلوسىنى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم قىلىپ، جىنايەتنى ئەينەن ئىقرارقىلىش ئۆزىنى مەلۇم قىلىش بولىدۇ. ئۆزىنى مەلۇم قىلغان جىنايەتچىلەرگە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ. ئۇلاردىن جىنايىتى يېنىكرەك بولغانلارغا جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.

 مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغان جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلار ۋە جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەردىن ئەدلىيە ئورگىنى تېخى ئىگىلىمىگەن باشقا جىنايەتلىرىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىرى ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

68- ماددا جىنايەتچىلەردىن باشقىلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە راست بولۇپ چىققانلىرى ياكى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، باشقا دېلونىڭ پاش قىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلىرىغا يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ؛ چوڭ خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلىرىغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.

جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ھەم چوڭ خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلارغا يېنىكلىتىپ جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

4- پاراگراف بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش

69- ماددا بىر كىشى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانغا قەدەر بىر نەچچە جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىرىنى ھېسبقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغان جازا مۇددىتى ئەھۋالغا قاراپ، يىغىندى جازا مۇددىتدىن قىسقا، بىر نەچچە جازا ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

 بىر نەچچە جىنايەت ئىچىدە قوشۇمچە جازا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، قۇشۇمچە جازا ئىجرا قىلىنىۋېرىدۇ.

70 - ماددا جازا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمگە كىرگۈزۈلمەي قالغان باشقا جىنايەتلىرىمۇ بارلىقى سېزىلگەنلىرىنىڭ يېڭى سېزىلگەن جىنايىتى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىپ، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ھۆكۈمىدىكى جازا مۇشۇ قانۇننىڭ 69- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، ئىجرا قىلىنىدىغان جازا قىلىپ بېكىتىلىدۇ. ئىجرا قىلىنىپ بولغان جازا مۇددىتى يېڭى ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن جازا مۇددىتى ئىچىگە كىرگۈزۈپ ھېسابلىنىدۇ.

71- ماددا جازا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا يەنە جىنايەت ئۆتكۈزۈلگەنلىرىنىڭ يېڭى جىنايىتى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىپ، ئىلگىرىكى جىنايىتىگە بېرىلىپ ئىجرا قىلىنىپ بولمىغان جازا بىلەن كېيىنكى جىنايىتىگە ھۆكۈم قىلىنغان جازا مۇشۇ قانۇننىڭ 69- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ئىجرا قىلىنىدىغان جازا قىلىپ بېكىتىلىدۇ.

5- پارگراف جازا كېچىكتۈرۈش

72 - ماددا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جىنايەت ئەھۋالىغا ۋە توۋا قىلىش ئىپادىسىگە قاراپ جازاسى كېچىكتۈرۈلسە، جەمئىيەتكە ھەقىقەتەن قايتا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغانلىرىغا جازانى كېچىكتۈرۈش جاكارلانسا بولىدۇ.

 جازا كېچىكتۈرۈش جاكارلانغان جىنايەتچىلەرگە قوشۇمچە جازا ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، قوشۇمچە جازا ئىجرا قىلىنىۋېرىدۇ.

73- ماددا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىنىدىغانلارنىڭ جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا مۇددىتىدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن بولىدۇ، لېكىن ئىككى ئايدىن قىسقا بولمايدۇ.

 مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا مۇددىتىدىن يۇقىرى، بەش يىلدىن تۆۋەن بولىدۇ، لېكىن بىر يىلدىن قىسقا بولمايدۇ.

 جازانى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ھۆكۈم بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

74- ماددا تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جازاسى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.

75- ماددا جازا كېچىكتۈرش جاكارلانغان جىنايەتچىلەر تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلشى كېرەك:

 (1) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش، نازارەتچىلىككە بويسۇنۇش؛

 (2) تەكشۈرگۈچى ئورگاننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىش- ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىش؛

 (3) تەكشۈرگۈچى ئورگاننىڭ كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش؛

 (4) ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىن كەتمەكچى ياكى كۆچمەكچى بولسا، تەكشۈرگۈچى ئورگاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش.

76- ماددا جازا كېچىكتۈرۈش جاكارلانغان جىنايەتچىلەرنى جازانى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرىدۇ، ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورۇن ياكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات تەكشۈرۈشكە ماسلىشىدۇ، مۇشۇ قانۇننىڭ 77- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلمىسە، جازانى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى توشقاندا، ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا ئىجرا قىلىنمايدۇ ھەم بۇ ئاشكارا جاكارلىنىدۇ.

77- ماددا جازا كېچىكتۈرۈش جاكارلانغان جىنايەتچىلەردىن جازانى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە يېڭى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى ھۆكۈم جاكارلىنىشتىن بۇرۇن ھۆكۈمگە كىرگۈزۈلمەي قالغان باشقا جىنايەتلىرىمۇ بارلىقى سېزىلگەنلىرىگە جازانى كېچىكتۈرۈش بىكار قىلىنىپ، يېڭى جىنايىتى ياكى يېڭىدىن سېزىلگەن جىنايىتى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىپ، ئىلگىرىكى جىنايىتى بىلەن كېيىنكى جىنايىتى ئۈچۈن ھۆكۈم قىلىنغان جازا مۇشۇ قانۇننىڭ 69- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغان جازا قىلىپ بېكىتىلىدۇ.

 جازا كېچىكتۈرۈش جاكارلانغان جىنايەتچىلەردىن جازانى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە قانۇنغا، مەمۇرىي نىزامغا ياكى گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ جازا كېچىكتۈرۈلگەنلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، قىلمشى ئېغىر بولغانلىرىغا جازا كېچىكتۈرۈش بىكار قىلىنىپ، ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا ئىجرا قىلىنىدۇ.

6 - پارگراف جازا كېمەتىش

78- ماددا رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جازاسى ئىجرا قىلىنۋاتقان مەزگىلدە تۈرمە قائىدىسىگە ئەستايىدىل رىئايە قىلىپ، تەربىيە ۋە ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلىپ، ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ياكى خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى كۆرۈلگەنلىرىنىڭ جازاسى كېمەيتىلسە بولىدۇ؛ تۆۋەندىكى چوڭ خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلىرىنىڭ جازاسى كېمەيتىلىدۇ:

 (1) باشقىلارنىڭ زور جىنايى ھەرىكىتىنى توسقان بولسا؛

 (2) تۈرمە ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور جىنايى ھەرىكەتنى پاش قىلىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە راست بولۇپ چىققان بولسا؛

 (3) كەشپىيات- ئىجادىيەت ياراتقان ياكى تېخنىكىنى زور دەرىجىدە يېڭىلىغان بولسا؛

 (4) كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ باشقلارنى قۇتۇلدۇرغان بولسا؛

 (5) تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشى ياكى زور ھادىسىنى تۈگىتىشتە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان بولسا؛

 (6) دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە باشقا زور تۆھپە قوشقان بولسا.

جازا كېمەيتىلگەندىن كېيىن ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىدىغان جازا مۇددىتى رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئەسلىي ھۆكۈمىدىكى جازا مۇددىتىنىڭ يېرىمىدىن قىسقا بولمايدۇ.

79- ماددا جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى كېمەيتىشتە جازا ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭەيتىش توغرىسىدا تەكلىپنامە سۇنىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ قاراپ چىقىپ، ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ياكى خىزمەت كۆرسىتىش پاكىتى بارلارنىڭ جازاسىنى كېسىم بىلەن كېمەيتىدۇ. جازانى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ كېڭەيتىشكە بولمايدۇ.

80- ماددا مۇددەتسىز قاماق جازاسى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا كېمەيتىلگەنلەرنىڭ جازا مۇددىتى جازاسىنى كېمەيتىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

7- پاراگراف شەرتلىك قويۇپ بېرىش

81- ماددا مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا مۇددىتىنڭ تەڭدىن تولىسى ئىجرا قىلىنىپ بولغانلار، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جازاسى ئەمەلىيەتتە ئون يىلدىن ئارتۇقراق ئىجرا قىلىنغانلار تۈرمە قائىدىسىگە ئەستايىدىل رىئايە قىلىپ، تەربىيە ۋە ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلىپ، ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ئىپادىسى بولۇپ، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن جەمئىيەتكە قايتا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان بولسا، شەرتلىك قويۇپ بېرىلسە بولىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال بولسا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق جازا مۇددىتى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسىمۇ بولىدۇ.

تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەن، شۇنىڭدەك قاتىللىق قىلىش، پارتلىتىش، بۇلاڭچىلق قىلىش، باسۇنچىلىق قىلىش، تۇتۇپ كېتىش قاتارلق زورلۇق خاراكتىرىدىكى جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىلەردىن ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماقجازاسى بېرىلگەنلەرنى شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ.

82 - ماددا جىنايەتچىلەرنى شەرتلىك قويۇپ بېرىش مۇشۇ قانۇننىڭ 79 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بولىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ.

83 - ماددا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلەردىن شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلەرنى سىناش مۇددىتى ئون يىل بولىدۇ.

شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ سىناش مۇددىتى شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

84 - ماددا شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكى جاكارلانغان جىنايەتچىلەر تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قلىشى كېرەك:

(1) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش، نازارەتچىلىككە بويسۇنۇش؛

(2) نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇش؛

(3) نازارەتچىلىك ئورنىنىڭ كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش؛

(4) ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىن كەتمەكچى ياكى كۆچمەكچى بولسا، نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش.

85 - ماددا شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنى شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نازارەت قىلىدۇ، مۇشۇ قانۇننىڭ 86 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلمىسە، شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى توشقاندا، ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان ھېسابلىنىدۇ ھەمدەئۇ ئاشكارا جاكارلىنىدۇ.

86 - ماددا شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىناتچىلەردىن شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە يېڭى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرى شەرتلىك قويۇپ بېرىش بىكار قىلىنىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 71 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر نەچچە جىنايەتى قوشۇپ جازالىنىدۇ.

شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەردىن شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە، ھۆكۈم جاكارلىنىشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمگە كىرگۈزۈلمەي قالغان باشقا جىنايەتلىرىمۇ بارلىقى سېزىلگەنلىرى شەرتلىك قويۇپ بېرىش بىكار قىلىنىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 70 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر نەچچە جىنايىتى قوشۇپ جازالىنىدۇ.

شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەردىن شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا ياكى گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشى بولۇپ، يېڭى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسىمۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شەرتلىك قويۇپ بېرىش بىكار قىلىنىپ تۈرمىگە ئېلىنىپ، ئىجرا قىلىنىپ بولمىغان جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ.

8 - پاراگراف ۋاقىت چېكى

87 - ماددا تۆۋەندىكى مۇددەتتىن ئېشىپ كەتكەن جىنايەت سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ:

(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى جازا بەش يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا توشمايدىغان بولۇپ، ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا؛

(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى جازا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازسىغا توشمايدىغان بولۇپ، ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا؛

(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى جازا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، بولۇپ، ئارىدىن 15 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا؛

(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى جازا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى بولۇپ، ئارىدىن 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارالسا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە تەستىقلىتش شەرت.

88 - ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت ئېچىپ تەھقىقلەشكە كىرىشكەن ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تەھقىقلەشتىن ياكى سوت قىلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلارنى سۈرۈشتۈرۈشتە مۇددەت چېكى بولمايدۇ.

زىيانلەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈرۈشتۈرۈش مۇددىتى ئىچىدە شىكايەت قىلغان، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، دېلو ئاچمىغان بولسا، سۈرۈشتۈرۈشتە مۇددەت چېكى بولمايدۇ.

89 - ماددا سۈرۈشتۈرۈش مۇددىتى جىنايەت سادىر بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ جىنايى قىلمىش ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ياكى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، جىنايى قىلمىش ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسانلىنىدۇ.

سۈرۈشتۈرۈش مۇددىتى ئىچىدە يەنە جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا، ئىلگىرىكى جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇددىتى كېيىنكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

5 - باب باشقا بەلگىلىمىلەر

90 - ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ئانچە مۇۋاپىق كەلمەي قالغان مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا ئاپتونوم رايونلۇق ياكى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ۋە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپلارغا بىنائەن، جانلىق ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ يولغا قويىدۇ.

91 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان جامائەت مال - مۈلكى تۆۋەندىكى مال - مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ:

(1) دۆلەت مال - مۈلكى؛

(2) ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال - مۈلكى؛

(3) نامراتلارنى يۆلەش ۋە باشقا جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىجتىمائىي ئىئانە ياكى مەخسۇس فوند مال - مۈلكى.

دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كوللېكتىپ كارخانىلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى باشقۇرۇۋاتقان، ئىشلىتىۋاتقان ياكى توشۇۋاتقان خۇسۇسىي مال - مۈلۈك جامائەت مال - مۈلكى ھېسابلىنىدۇ.

92 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مال - مۈلكى تۆۋەندىكى مال - مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ:

(1) پۇقرالارنىڭ قانۇنىي كىرىمى، ئامانەت پۇلى، ئۆي - ئىمارىتى ۋە باشقا تۇرمۇش ۋاستىلىرى؛

(2) قانۇن بويىچە شەخسكە ۋە ئائىلىگە تەئەللۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى؛

(3) يەككە تىجارەتچىلەر ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ قانىي مال - مۈلكى؛

(4) قانۇن بويىچە شەخسكە تەئەللۇق پاي، پاي چېكى، زايوم ۋە باشقا مال - مۈلكى.

93 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت خادىملىرى دۆلەت ئورگانلىرىدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.

دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرىدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلىرى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەتلەر، كاراخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملار، شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان باشقا خادىملار دۆلەت خادىمى دەپ قارىلىدۇ.

94 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېغىر زەخىملەندۈرۈش تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەن زەخىملەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ:

(1) ئادەمنىڭ پۇت - قوللىرىنى مېيىپ قىلىش ياكى چىراي - شەكلىنى بۇزۇۋېتىش؛

(2) ئادەمنىڭ ئاڭلاش، كۆرۈش ئەزالىرى ياكى باشقا ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىۋېتىش؛

(3) ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا زەخىملەر.

96 - ماددا بۇقانۇندا ئېيتىلغان دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ۋە بېكىتىمىلىرىگە، گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، بېكىتمە ۋە بۇيرۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلىشنى كۆرسىدۇ.

97 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان باش ئۇنسۇرلار جىنايەتچىلەر گۇرۇھى ئىچىدە ياكى توپلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ئۇيۇشتۇرۇش، پىلانلاش، قوماندانلىق قىلىش رولىنى ئوينىغان جىنايەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

98 - ماددا مۇ قانۇندا ئېيتىلغان دەۋا قىلىنغاندىلا سوراش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەۋا قىلغاندىلا سوراشنى كۆرسىتىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى زورلۇق ۋە تەھدىتكە ئۇچراپ دەۋا قىلالمىغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

99 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان «. . . دىن يۇقىرى. . . . دىن تۆۋەن»، «. . . ئىچىدە» دېيىلگەنلەر شۇ ساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

100 - ماددا قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىلگەنلەر ئەسكەر بولىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان چاغدا، ئۆزىگە بۇرۇن جىنايى جازا بېرىلگەنلىكىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا يوشۇرماي ئەينەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.

101 - ماددا بۇ قانۇننىڭ ئومۇمىي پرىنسىپى جىنايى جازا بەلگىلەنگەن باشقا قانۇنلارغىمۇ تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن باشقا قانۇنلاردىن ئالاھىدە بەلگىلىمە بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

2-قىسىم خاس پرىنسىپ

1-باب دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى

102 - ماددا چەت ئەل بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

103 - ماددا دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان ۋە ئېلىپ بارغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

دۆلەتنى پارچىلاشقان، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

104 - ماددا قوراللىق ئىسيان ياكى قوراللىق توپىلاڭنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان ۋە كۆتۈرگەنلەردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنى، قوراللىق قىسىم خادىملىرىنى، خەلق ساقچىلىرىنى، خەلق ئەسكەرلىرىنى قۇترىتىش، مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش ۋە سېتىۋېلىش يولى بىلەن قوراللىق ئىسيان ياكى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

105 - ماددا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان ۋە ئېلىپ بارغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

ئىغۋا توقۇش، تۆھمەت چاپلاش يولى ياكى باشقا يوللار بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

106 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات، تەشكىلات ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇشۇ بابنىڭ 103 -، 104 -، 105 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

107 - ماددا چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىك ئاپپارات، تەشكىلات ياكى شەخسلەر چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ مۇشۇ بابنىڭ 102 -، 103 -، 104 -، 105 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈشىگە ماددىي ياردەم بەرسە، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

108 - ماددا دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ ئاسىيلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ياكى قوراللىق قىسىم خادىملىرى، خەلق ساقچىلىرى، خەلق ئەسكلەرلىرىنى باشلاپ دۈشمەنگە تەسلىم بولغان ئاسىيلىق قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

109 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىش ئورنىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلىپ، ئاسىيلىق قىلىپ چېگرا سىرتىغا قېچىپ ياكى چېگرا سىرتىدا ئاسىيلىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىرىگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

دۆلەت مەخپىيىتىنى ئىگىلەپ تۇرغان دۆلەت خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىك جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

110 - ماددا تۆۋەندىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدىن بىرىنى قىلىپ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛

(1) جاسۇسلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلار ياكى جاسۇسلۇق تەشكىلاتىدىن ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۋالغانلار؛

(2) دۈشمەنگە توپقا تۇتۇش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلەر.

111 - دۆلەت مەخپىيىتىنى ياكى ئاخباراتىنى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات، تەشكىلات ۋە خادىملارغا ئوغرىلاپ بەرگەن، تىڭ - تىڭلاپ بەرگەن، سېتىۋېلىپ بەرگەنلەرگە ۋە قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

112 - ماددا ئۇرۇش ۋاقتىدا دۈشمەننى قورال - جابدۇق ۋە ھەربىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەپ ياردەم بەرگەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

113 - ماددا بۇ بابتا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىدىن 103 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا، 105 -، 106 -، 107 - ۋە 109 - ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەتكە ۋە خەلققە يەتكۈزگەن خەۋپى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.

مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ.

2 - باب جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى

114 - ماددا ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنى ۋە يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

115 - ماددا ئوت قويۇش، يار قويۇۋېتىش، پارتلىتىش، شۇنىڭدەك زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنى ۋە يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

116 - ماددا پويىز، ئاپتوموبىل، ترامۋاي - تراللىبۇس، كېمە - پاراخوتقا ۋە ئاۋىئا ۋاسىتىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، پويىز، ئاپتوموبىل، ترامۋاي - تراللىبۇس، كېمە - پاراخوت ۋە ئاۋىئا ۋاسىتىلىرىنى ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش، ۋەيران بولۇش خەۋپىگە ئۇچراتقان بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

117 - ماددا رېلىس، كۆۋرۈك، تونېل، تاشيول، ئايرودروم، سۇ يولى، ماياك، بەلگىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ياكى باشقا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، پويىز، ئاپتوموبىل، ترامۋاي - تراللىبۇس، كېمە - پاراخوت، ئاۋىئا ۋاسىتىلىرىنى ئاغدۇرۇلۇپ كېتىش، ۋەيران بولۇش خەۋپىگە ئۇچراتقان بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

118 - ماددا ئېلېكتر، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە ياكى ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان باشقا ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

119 - ماددا قاتناش ۋاسىتىلىرى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

120 - ماددا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن ھەمدە قاتىللىق قىلىش، پارتلىتىش، تۇتۇپ كېتىش قاتارلىق جىنيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاشقا دائىر بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان شەخسلەرگە ماددىي ياردەم بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇق قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

121 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى ياكى باشقا يوللار بىلەن ئاۋىئا ۋاسىتىلىرىنى بۇلىغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەىىملىنىشى، ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى ئاۋىئا ۋاسىتىلىرىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

122 - ماددا زورلۇق ئىشلىتى، تەھدىت سېلىش يولى ياكى باشقا يوللار بىلەن كېمە - پاراخوت، ئاپتوموبىللارنى بۇلىغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى يكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

123 - ماددا ئۇچۇۋاتقان ئاۋىئا ۋاسىتىلىرىدىكى خادىملارغا زورلۇق ئىشلىتىپ، ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

124 - ماددا رادىئو - تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرى، جامائەت تېلېگراف ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتلەرنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

125 - ماددا قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچنى قانۇنسىز ياسىغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، پوچتىدىن يوللىغان ۋە ساقلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنى ۋە يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى قانۇنسىز ياسىغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ساقلىغانلاردىن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

126 - ماددا قورال - ياراغ ياسىشى ۋە سېتىشى قانۇن بويىچە كۆرسىتىلگەن ۋە بېكىتىلگەن كارخانىلار قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، بۇ ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛

(1) قانۇنسىز سېتىش مەقسىتىدە، قورال - ياراغنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ياكى بەلگىلەنگەن تۈرگە ئەمەل قىلماي ياسىغان، تەمىنلىگەن بولسا؛

(2) قانۇنسىز سېتىش مەقسىتىدە، قورال - ياراغنى نومۇرسىز، تەكرار نومۇرلۇق، يالغان نومۇرلۇق قىلىپ ياسىغان بولسا؛

(3) قورال ياراغنى قانۇنسىز ساتقان ياكى ئېكسپورت ئۈچۈن ياسالغان قورال - ياراغنى چېگرا ئىچىدە ساتقان بولسا؛

127 - ماددا قورال - ياراغ، ئوق - دورا ۋە پارتلاتقۇچنى ئوغرىلىغان ۋە تارتىۋالغان ياكى زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى ئوغرىلاپ، تارتىۋېلىپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

قورال - ياراغ، ئوق - دورا ۋە پارتلاتقۇچنى بۇلىغان ياكى زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلارنى، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى بۇلاپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن ۋە ياكى دۆلەت ئورگانلىرى، ھەربىي، ساقچى خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچىنى ئوغرىلىغان ۋە تارتىۋالغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

128 - ماددا قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى قانۇنسىز ھالدا ئىلكىدە تۇتقان ۋە يوشۇرۇن ساقلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن قانۇن بويىچە قورال بېرىلگەن خادىملاردىن قورال - ياراغنى قانۇنسىز ئىجارىگە ۋە ئارىيەتكە بەرگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

قانۇن بويىچە قورال بېرىلگەن خادىملاردىن قورالنى قانۇنسىز ئىجارىگە ۋە ئارىيەتكە بېرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

ئورۇنلاردىن 2 -، 3 - تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

129 - ماددا ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن قانۇن بويىچە قورال بېرىلگەن خادىملاردىن قورالىنى يوقىتىپ قويۇپ، ۋاقتىدا مەلۇم قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

130 - ماددا قورال - ياراغ، ئوق - دورا، باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمانلارنى ياكى پارتلاپ كېتىدىغان، ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى، رادىئوئاكتىپلىق، زەھەرلىك، چىرىتكۈچ بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئېلىپ جامائەت سورۇنلىرىغا كىرىپ ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چىقىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.

131 - ماددا ئاۋىئاتسىيە خادىملىرىدىن قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، زور ئۇچۇش ھادىسىسى سادىر قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىپ پاچاقلىنىشى ياكى ئادەم ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

132 - ماددا تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆمۈريول ترانسپورتىدا بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى يكاى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

133 - ماددا قاتناش - ترانسىپورتنى باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا ياكى جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قاتناش - ترانسپورت ھادىسىسى تۇغدۇرغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قېچىپ كېتىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

134 - ماددا زاۋۇت، كان، ئورمانچىلىق مەيدانى، بىناكارلىق كارخانىسى ياكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن باشقۇرۇشقا بويسۇنماي، قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى ئىشچىلارنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا قاراملىق بىلەن مەشغۇلت قىلىشقا زورلاپ زور تالاپەت تۇغدۇرغانلارغا ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

135 - ماددا زاۋۇت، كان، ئورمانچىلىق مەيدانى، بىناكارلىق كارخانىسى ياكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيد، ئالاقىدار تارماقلار ياكى شۇ ئورۇننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنمۇ يوشۇرۇن ئاپەتكە تەدبىر قوللىنىلماي زور تالاپەت ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

174- ماددا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، سودا بانكىسى، ئاكسىيە بىرژىسى، زاكاز مال بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى، زاكاز مال ۋاستىچى شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

سودا بانكىسى، ئاكسىيە بىرژىسى، زاكاز مال بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ياكى تەستىق ھۆججەتلىرىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان ۋە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1- تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

175- ماددا ئۆزى ئالغان كرېدىت مەبلىغىنى باشقىلارغا بېرىپ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ كرېدىت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ باشقىلارغا يۇقىرى ئۆسۈمدە قەرز بەرگەنلەردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىسىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ بىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

176- ماددا جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ ياكى باشقا يول بىلەن قوبۇل قىلىپ، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

177- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، پۇل مۇئامىلە تالون- ئىسپاتلىرىنى ياسىغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل چېكىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلار؛

(2) ھاۋالە كىرىم دوكۇمېنتى، پېرېۋوت پۇل دوكۇمېنتى، بانكىغا قويۇلغان ئامانەت پۇل تالونى قاتارلىك بانكا راسچوتىنىڭ باشقا دوكۇمېنتلىرىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلار؛

(3) كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى قوشۇمچە تالون، ھۆججەتلەرنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغانلار؛

(4) كرېدىت كارتوچكىسىنى ياسىغانلا.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

178- ماددا خەزىنە چېكى ياكى دۆلەت تارقاتقان باشقا ئاكسىيىلەرنى ياسىغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

پاي چېكى ياكى شىركەت، كارخانا زايومىنى ياسىغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىغالاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

179- ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، پاي چېكى ياكى شىركەت، كارخانا زايومىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تارقاتقانلاردىن مىقدارى ناھايىتى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قانۇنسىز توپلىغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ بىر پىرسەنتىدىن يۇقىرى، بەش پىرسەنتىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

180- ماددا ئاسىيە، زاكاز مال سودىسىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرىنى بىلىدىغانلار ياكى ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرۈۋالغاندىن ئاكسىيىنىڭ تارقىتىلىشى، ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىغا ئالاقىدار بولغان ئۇچۇرلار ياكى ئاكسىيە، زاكاز مال باھاسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا ئۇچۇرلار ئاشقارىلىنىشتىن بۇرۇن، شۇ ئاكسىيىنى سېتىۋېلىش ياكى سېتىۋېتىش ۋە ياكى شۇ ئۇچۇرغا ئالاقىدار بولغان زاكاز مال سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى شۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويۇش قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قۇشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

ئىچكى ئۇچۇرلارنىڭ، ئىچكى ئۇچۇرلارنى بىلىدىغانلارنىڭ دائىرسى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

181- ماددا ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىغا تەسىر تەتكۈزۈدىغان يالغان ئۇچۇر توقۇپ ۋە تارقىتىپ، ئاكىسيە، زاكاز مال سودا بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قۇشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئاكسىيە بىرژسى، زاكاز مال بىرژىسى، ئاكىسيە شىركىتى، زاكاز مال ۋاستىچى شىركىتىدىكى كەسىپكارلاردىن ئاكسىيىچىلىك جەمئىيىتى، زاكاز مال جەمئىيىتى ياكى ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىدىكى خادىملاردىن قەستەن يالغان ئۇچۇر بېرىپ ياكى سودا خاتىرىسىنى ياساپ، ئۆزگەرتىپ ياساپ، كۆيدۈرۈۋېتىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالداپ ئاكسىيە، زاكاز مال توختامنى ئېلىپ- ساتقۇزۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قۇشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

182- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىدا باھانى كونترول قىلىۋېلىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشكەن ياكى خەۋپ- خەتەرنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويغانلاردىن قىلمشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) ئۆز ئالدىغا ياكى بىرلشىۋېلىپ، مەبلەغ ئۈستۈنلۈكى، پاي ئىگىلەش ئۈستۈنلۈكى ياكى پاي ئىسكىلاتى ئىگىلەش ئۈستۈنلۈكى توپلاپ ياكى ئۇدا ئېلىپ- سېتىپ، ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىدا باھانى كونترول قىلىۋېلىش؛

(2) تىل بىرىكتۈرۋېلىپ، ئالدىن كېلىشىۋالغان ۋاقىت، باھا ۋە ئۇسۇل بويىچە ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسى قىلىش ياكى ئۆز ئىلكىدە بولمىغان ئاكسىيىنى ئېلىپ- سېتىش، ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىدا باھاغا ياكى ئۇنىڭ سودا مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزۈش؛

(3) ئۆزى سودا ئوبيېكتى بولۇۋېلىپ، ئاكسىيە ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكىمەي ئۆزى ئېلىپ، ئۆزى سېتىپ ياكى ئۆزى سودا ئوبيېكتى بولۇۋېلىپ، زاكاز مال توختامنى ئۆزى ئېلىپ، ئۆزى سېتىپ، ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىدا باھاغا ياكى ئۇنىڭ سودا مىقدارىغا تەسىر تەتكۈزۈش؛

(4) ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىدا باھانى باشقا ئۇسۇللار بىلەن كونترول قىلىۋېلىش.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

183- ماددا سۇغۇرتا شىركىتى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، يۈز بەرمىگەن سۇغۇرتا ھادىسىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىپ، كۆز بوياپ تۆلەپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 271- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

دۆلەت سۇغۇرتا شىركىتى خادىملىرىدىن ۋە دۆلەت سۇغۇرتا شىركىتىدىن دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان سۇغۇرتا شىركىتىگە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شوغۇللىنىشقا ئەۋەتىلگەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 382- ۋە 383- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازابېرىلىدۇ.

184- ماددا بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن پۇل مۇئامىلە كەسپىي پائالىيەتلىرىدە باشقىلاردىن پۇل- مال تەلەپ قىلىپ ياكى پۇل- مالنى قانۇنسىز ئېلىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەنلىرىگە ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ تۈرلۈك نامدىكى ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى ئېلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 163- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن ۋە دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلگەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشىنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 365 - ۋە 386 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

185 - ماددا سودا بانكىسى، ئاكسىيە بىرژىسى، زاكاز مال بىرژىسى، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى زاكاس مال ۋاستىچى شىركىتى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ ياكى مۇئامىلىدارلارنىڭ مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغانلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 272 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

دۆلەت سودا بانكىسى، ئاكسىيە بىرژىسى، زاكاز مال بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى، زاكاز مال ۋاستىچى شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى دۆلەتنىڭ باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن دۆلەت سودا بانكىسى، ئاكسىيە بىرژىسى، زاكاز مال بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى زاكاز مال ۋاستىچى شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئاپپاراتقا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىلگەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشىنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 384 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

186 - بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىدىن قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، چۆپقەتلىرىگە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ياكى كېپىللىك قەرز پۇل تارقىتىش شەرتىنى باشقا قەرز ئالغۇچىلارغا ئوخشاش تۈردىكى قەرز پۇل بېرىش شەرتىدىن كەڭرەك قىلىپ بېرىپ، چوڭراق زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قۇشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ زور زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قۇشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، چۆپقەتلەردىن باشقىلارغا قەرز پۇل بېرىپ، ئېغىر زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قۇشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە زور زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن قۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

چۆپقەتلەرنىڭ دائىرىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودا بانكىسى قانۇنى» ۋە ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە نىزامىلىرى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

187- ماددا بانكا ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن پايدا ئۈندۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە، مۇئامىلىدارلاردىن قوبۇل قىلغان مەبلەغنى ھېسابقا كىرگۈزمەسلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەبلەغنى قانۇنسىز ئۆتنە بېرىشكە، قەرز تارقىتىشقا ئىشلىتىپ، زور زىيان پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە زور زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

188- ماددا بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا كاپالەت خېتى، چەك- ھۆججەت، پۇل ئامانەت تالونى، مەبلەغ ئىناۋىتى ئىسپاتى بېرىپ، چوڭراق زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ زور زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مۇسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

189- ماددا بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن چەك- ھۆججەت كەسپىدە، چەك- ھۆججەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كېلىدىغان چەك- ھۆججەتنىڭ چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا پۇل چىقىم قىلىپ ياكى كېپىللىك قىلىپ زور زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە زور زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

190- ماددا شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىن دۆلەت بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاشقى پېرېۋوتنى چېگرا سىرتىغا ئامانەت قويغان ياكى چېگرا ئىچىدىكى تاشقى پېرىۋوتنى چېگرا سىرتىغا قانۇنسىز يۆكىگەن ۋە سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا قاچۇرغان پېرېۋوت سوممىسىنىڭ بەش پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 30 پىرسەنتىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ سۇممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا قاچۇرغان پېرېۋوت سوممىسىنىڭ بەش پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 30 پىرسەنتىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە بىۋاسىتە جاۋاكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، تاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ سېتىۋالغانلاردىن سوممىسى كۆپەرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قۇشۇمچە ئالداپ سېتىۋالغان تاشقى پېرېۋوت سوممىسىنىڭ بەش پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 30 پىرسەنتىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قۇشۇمچە ئالداپ سېتىۋالغان تاشقى پېرىۋوت سوممىسىنىڭ بەش پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 30 پىرسەنتىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئادە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىسدۇ، قوشۇمچە ئالداپ سېتىۋالغان تاشقى پېرېۋوت سوممىسىنىڭ بەش پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 30 پىرسەنتىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1)يالغاندىن ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ئىمزالىق تالۇنى، ئىمپورت ئىسپاتى، تاشقى پېرىۋوت باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىق ھۆججىتى قاتارلىق دوكۇمېنت ۋە ھۆججەتلەرنى ئىشلەتكەنلەر؛

(2) تاموژنىدىن تارقىتىلغان تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ئىمزالىق تالونى، ئىمپورت ئىسپاتى، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىق ھۆججىتى قاتارلىق دوكۇمېنت ۋە ھۆججەتلەرنى تەكرار ئىشلەتكەنلەر؛

(3) باشقا ئۇسۇللار بىلەن تاشقى پېرىۋوتنى ئالداپ سېتىۋالغانلار

تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ئىمزالىق تالونى، ئىمپورت ئىسپاتى، تاشقى پېرىۋوت باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى ھۆججىتى قاتارلىق دوكۇمېنت ۋە ھۆججەتلەرنى يالغاندىن ياسىغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىغان ھەمدە ئۇ ئارقىلىق تاشقى پېرىۋوتنى ئالداپ سېتىۋالغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

ئالداپ سېتىۋالغان تاشقى پېرىۋوت ئىشلەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ خەلق پۇلى بەرگەنلەرگە ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا جازا بېرىلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئۈپ تارماقتا بەلگىلىگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە 1- تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئورۇنغا جەرىماننە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

191- ماددا زاھەرلىك بۇيۇم جىنايىتى، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات جىنايىتى، تېررورلۇق جىنايىتى، ئەتكەسچىلىك جىنايىتىدىن قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە خاراكتېرىنى پەردازلاش، يوشۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ يۇقىرىدا ئيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئاقىلىق تاپقان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل قىلغان پايدىسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، يۇيغان پۇل سوممىسىنىڭ بەش پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 20 پىرسەنتدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، يۇيغان پۇل سوممىسىنىڭ بەش پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 20 پىرسەنتىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) مەبلەغ ئسچوتىنى بەگەنلەر؛

(2) مال- مۈلكىنى نەق پۇلغا ياكى پۇل مۇئامىلە چەك- ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا ياردەم بەرگەنلەر؛

(3) مېمورىئا راسچوت قىلىش ياكى باشقا راسچوت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن مەبلەغنى يۆتكىۋېتىشكە ياردەم بەگەنلەر؛

(4) مەبلەغنى چېگرا سىرتىغا پېرېۋوت قىلىۋېتىشكە ياردەم بەرگەنلەر؛

(5) جىنايەتتىن قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پايدىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەنبەسىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن پەردازلىغان ۋە يوشۇرغانلار.

ئورۇنلاردى ئالدىنقى تاماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

5- پاراگراف پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىق جىنايىتى

192- ماددا قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

193- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ئالداپ قەرز پۇل ئالغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلىمىشى بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) مەبلەغ ۋە تۈرلۈك قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈشتە يالغان سەۋەب ئويدۇرۇپ چىقىرىش؛

(2) يالغان ئىقتىسادىي توختام ئىشلىتىش؛

(3) يالغان ئسپات- ھۆججەت ئىشلىتىش؛

(4) يالغان مۈلۈك ھوقۇقى ئىسپاتىنى كېپىللىككە ئىشلىتىش ياكى رەنىگە قويۇلغان نەرسىنىڭ قىممىتىدىن ئاشۇرۇپ تەكرار كېپىللىك بېرىش؛

(5) باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئالداپ قەرز پۇل ئېلىش.

194- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، پۇل مۇئامىلە چەك- ھۆججىتى ئالدامچىلىقى قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل چېكىنىڭ ياسالغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلىتىش؛

(2) بىكار قىلىنغان پېرېۋوت چېكى، خاس چەك ۋە پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلىتىش؛

(3) باشقىلارنىڭ پېرېۋوت چېكى، خاس چېكى ۋە پۇل چېكىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىش؛

(4) قۇرۇق پۇل چېكى ياكى قالدۇرۇلغان تامغا ئىزى ۋە ئىمزاغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پۇل چېكىگە قول قويۇپ، پۇل- مالنى ئالداپ ئېلۋېلىش؛

(5) پېرېۋوت چېكى، خاس چەك كەسكۈچى مەبلەغ كېپىللىكى بولمىغان پېرىۋوت چېكى، خاس چەككە قول قويۇپ ياكى چەك كەسكەندە يالغان خاتىرىلەپ، ئالداپ پۇل- مال ئېلىۋېلىش.

ياسىغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىغان ھاۋالە كىرىم دوكۇمېنتى، پۇل پېرېۋوت دوكۇمېنتى، بانكا ئامانەت پۇل تالونى قاتارلىق بانكىنىڭ باشقا راسچوتىدىكى دوكۇمېنتلىرىنى ئشلەتكەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

195- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئەددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان كرېدىت گۇۋاھنامىسى ياكى قوشۇمچە تالون، ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىش؛

(2) بىكار قىلىنغان كرېدىت گۇۋاھنامىسىنى ئىشلىتىش؛

(3) كرېدىت گۇۋاھنامىسىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛

(4) باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق كرېدىت گۇۋاھنامىسى ئالدامچىلىقى قىلىش.

196- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، كرېدىت كارتوچكىسى ئالدامچىلىقى قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) ياسىۋالغان كرېدىت كارتوچكىسىنى ئىشلىتىش؛

(2) بىكار قىلىنغان كرېدىت كارتوچكىسىنى ئىشلىتىش؛

(3) باشقىلارنىڭ كرېدىت كارتوچكىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىش؛

(4) يامان غەرەزدە ئاشۇرۇپ چىقىم قىلش.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان يامان غەرەزدە ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش كارتوچكا ئىگىسىنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، بەلگىلەنگەن نورمىدىن ياكى بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش ھەمدە كارتوچكا تارقاتقان بانكا تاپشۇرۇشنى سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ قايتۇرۇپ بەرمەسلىك قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.

كرېدىت كارتوكچكىسنى ئوغرىلىغان ۋە ئىشلەتكەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 264- ماددىسدىكى بەلگىلىمە بويچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

197- ماددا ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان خەزىنە چېكىنى ياكى دۆلەتنىڭ باشقا ئاكسىيىلىرىنى ئىشلىتىپ ئالدامچىلىق قىلغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قۇشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

198- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى سادىر قىلىپ سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلىنغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلىمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) سۇغۇرتىلارتقۇچى سۇغۇرتا نىشانىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛

(2) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار يۈز بەرگەن سوغۇرتا ھادىسىسى ھەققىدە سەۋەب ئويدۇرۇپ ياكى زىياننى كۆپتۈرۈپ سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلۋېلىش؛

(3) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار يۈز بەرمىگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالدا ئېلىۋېلىش؛

(4) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى مال- مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغانلىق سۇغۇرتا ھاسىسىنى قەستەن پەيدا قىلىپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (4)، (5) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا جىنايەتنى قوشۇپ جازالاشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

ئورۇنلاردىن بىرىنچى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمان قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

سۇغۇرتا ھادىسىسىنى باھالىغۇچى، ئسپاتلىغۇچى ۋە مال- مۈلكنى باھالىغۇچىلاردىن قەستەن يالغان ئىسپات- ھۆججەت بېرىپ، باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىق قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىرى سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

199- ماددا مۇشۇ پاراگرافنىڭ 192 -، 194- ۋە 195- ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ھەمدە دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

200- ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافنىڭ 192 -، 194-، 195 -، ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئون يىلدى يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ .

6- پاراگراف باج ئېلىش- باشقۇرۇش ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى

201- ماددا باج تاپشۇرۇغۇچىلاردىن ھېسابات دەپتىرى، ھېساباتقا خاتىرىلەش دوكۇمېنتلىرىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، يوشۇرۇن قويۇش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يوقىتىۋېتىش، ھېساب دەپتەرلىرىدە چىقىمنى كۆپ خاتىرىلەش ياكى كىرىمنى خاتىرلىمەسلىك، ئاز خاتىرلەش، باج ئورگانلىرى مەلۇم قىلىشنى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، مەلۇم قىلىشنى رەت قىلىش ياكى تاپشۇرىدىغان باجنى يالغان مەلۇم قىلىش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى تاپشۇرمىغان ياكى ئاز تاپشۇرغان، ئوغرىلىغان باج سوممىسى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنىڭ ئون پىرسەنتىدىن يۇقىرى بولغان، 30 پىرسەنتىگە يەتمىگەنلىرىگە ھەمدە ئوغرىلىغان باج سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغا، 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە ياكى باج ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن باج ئورگانلىرى ئىككى قېتىم مەمۇرىي جازا بەرگەن تۇرۇپ يەنە باج ئوغرىلىغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئوغرىلىغان باج سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئوغرىلىغان باج سوممىسىنىڭ 30 پىرسەنتىدىن يۇقىرى ھەمدە ئوغرىلىغان باج سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئوغرىلىغان باج سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

باجنى ۋاكالىتەن تاپشۇرغۇچىلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، تۇتۇپ قالغان، ئېلىنغان باج پۇلىنى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنىڭ ئون پىرسەنتىدىن يۇقىرى ھەمدە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى كۆپ قېتىم سادىر قىلغانلاردىن بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىرىنىڭ سوممىسى يىغىندى سوممىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

202- ماددا باج پۇلىنى تاپشۇرۇشنى زورلۇق ئىشلىتىش ۋە تەھدىت سېلىش يولى بىلەن رەت قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

203- ماددا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى قەرز قىلىپ، مال- مۈلكىنى يۆتكىۋېتىش ياكى يوشۇرۇش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، باج ئورگانلىرىنى قەرز قالغان باج پۇلىنى ئالالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قويغان باج تاپشۇرغۇچىلاردىن سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، بولغان، 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قەرز قالغان باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قەرز قالغان باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

204- ماددا دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرما پۇلىنى ئېكسپورتنى يالغان مەلۇم قىلىش ۋاستىسى ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاستىلىرى بىلەن ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئالداپ ئېلىۋالغان باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئالداپ ئېلىۋالغا باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئالداپ ئېلىۋالغان باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

باج تاپشۇرغۇچلاردىن باج پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تاپشۇرغان باج پۇلىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئېلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 201- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ؛ ئالداپ ئېلىۋالغان باج پۇلىنىڭ تاپشۇرغان باج پۇلىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

205- ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كەسكەنلەرگە ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغا باشقا تالونلارنى كۆز بوياپ كەسكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كۆز بوياپ كەسكەن تالوندىكى باج سوممىسى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كۆز بوياپ كەسكەن تالوندىكى باج سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ دۆلەتنىڭ باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈن جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈپ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ كۆز بوياپ كەسكەن تالوندىكى باج سوممىسى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ كۆز ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

قوشۇمچە قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بوياپ كېسىش ياكى ئېكسپورت باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان باشقا تالونلارنى كۆز بوياپ كېسىش باشقىلار ئۈچۈن كۆز بوياپ كېسىش، ئۆزى ئۈچۈن كۆز بوياپ كېسىش، ئۆزى ئۈچۈن كۆز بوياپ كەستۈرۈش، باشقىلارغا كۆز بويا كېسىشنى تونۇشتۇرۇش قىلمىشىنىڭ بىرىنى سادىر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

206- ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى ياسىۋلغان ياكى ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى، بېرىلىدۇ. قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى ياسىۋالغان ھەمدە ساتقانلاردىن مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرتىپنى ئېغىر دەرىجىدە بوزغانلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈچگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

207- ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

208- ماددا قوشۇلغا قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز سېتىۋالغانلارغا ياكى يالغان قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى سېتىۋالغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

قوشۇمچە قىممەت بېجى تالونىنى قانۇنسىز سېتىۋالغان ياكى يالغا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى سېتىۋېلىش بىلەنلا قالماي، كۆز بوياپ كەسكەن ياكى ساتقانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 205 -، 206- ۋە 207- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

209- ماددا ئېكسپورت باج قايتۇرۇلمىسى، توغرىلاپ چىقرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئادە كۆپ بولغانلىرىغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلگەندىن باشقا تالونلارنى ياسىۋالغان، ئۆ بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى ساتقانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئېكىسپورت باج قايتۇرمىسى، توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى قانۇنسىز ساتقانلارغا 1- تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

3- تارماقتىكى بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلگەندىن باشقا تالونلارنى قانۇنسىز ساتقانلارغا 2- تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

210- ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ۋە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ئوغرىلىغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 264- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

قوشۇمچە قىممەت بېجى تالونىنى ياكى ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ۋە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا تالونلارنى ئالدامچىلىق ۋاستىسى بىلەن ئېلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 266- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

211- ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافنىڭ 201 -، 203 -، 204 -، 207 -، 208 -، 209 -، ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

212- ماددا مۇشۇ پاراگرافتىكى 201- ماددىدىكى 205- ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، جەرىمانە جازاسى، مال- مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى، باج ئورگانلىرى ئۇلارغا باج پۇلىنى ۋە ئالداپ ئېلىۋالغان ئېكسپورت باج قايتۇرما پۇلنى ئالدى بىلەن تاپشۇرغۇزىدۇ.

7- پاراگراف بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش جىنايىتى

213- ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋر ماركىسى ئىگىدارىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بىر تۈردىكى ئىشلەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

214- ماددا باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان ماكىسى ئىشلىتۋېلىنغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سېتىش سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

215- ماددا باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ ياسىۋېلىنغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان بەلگىسىنى ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك

قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

216- ماددا باشقىلارنىڭ پاتېنتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلاردىن قىلىمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

217- ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى سادىر قىلغانلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىدارىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ يازما ئەسىرى، مۇزىكا، كىنو، تېلېۋىزىيە، ئۈن- سىن ئەسىرى، مۇزىكا، كىنو، تېلېۋىزىيە، ئۈن- سىن ئەسىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە باشقا ئەسەرلىرىنى كۆپەيتىپ تارقىتىش؛

(2) نەشىر ھوقۇقى باشقىلارغا خاس كىتابلارنى نەشىر قىلىش؛

(3) ئۈن- سىن ھاسىلاتى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلار ئىشلىگەن ئۈن- سىن ھاسىلاتىنى كۆپەيتىپ تارقىتىش؛

(4) باشقىلارنىڭ نامى ئىشلىتىۋېلىنىغان گۈزەل سەنئەت ئەسىرىنى ئىشلەش، سېتىش.

218- ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە، مۇشۇ قانۇننىڭ 217- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىنغان كۆپەيتىلمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

219- ماددا سودا مەخپىيىتىگە دەخلى- تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ سودا مەخپىيىتى ھوقۇقى ئىگىسىنى زور زىيان سادىر قىلىپ سودا مەخپىيىتى ھوقۇقى ئىگىسىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاپەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) ھوقۇق ئىگىسىنىڭ سودا مەخپىتىنى ئوغرىلاش، ئازدۇرۇش، تەھدىت سېلىش ۋاستىسى ياكى باشقا ناتوغرا ۋاستىلەر بىلەن قولغا چۈشۈرۈش؛

(2) ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ۋاستىلەر ئاقىلىق قولغا چۈشۈرۈۋېلىنغان سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش، ئىشلىتىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش؛

(3) پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى ئىگىسىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلاشقا دائىر تەلەپلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش، ئىشىلىتىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان، ئىشلەتكەن ياكى ئاشكارىلىغانلار سودا مەخپىيىتىگە دەخ- تەرۇز قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

مۇشۇ ماددىدا ئېيتىلىغان سودا مەخپىيىتى جامائەتكە بىلدۈرمەيدىغان، ھوقۇق ئىگىسىگە ئىقتىسادىي مەنپەئەت بېرىدىغان، ئەسقاتىدىغان ھەمدە ھوقۇق ئىگىسى مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ۋە تىجارەت ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇشۇ ماددىدا ئېيتىلغان ھوقۇق ئىگىسى سودا مەخپىيىتىنىڭ ئىگىدارىنىڭ ئىجازىتى بىلەن سودا مەخپىيىتىدىن پايدىلانغۇچىنى كۆرسىتىدۇ.

220- ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 213- ماددىدىن 219- ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

8- پاراگراف بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى

221- ماددا يالغان پاكىتنى ئويدۇرۇپ ھەم تارقىتىپ، باشقىلارنىڭ سودا ئىناۋىتىگە، تاۋار داڭقىغا زىيان يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ياكى باشقىلارنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

222- ماددا دۆلەت بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ قىلىپ، تاۋات ياكى مۇلازىمەت ھەققىدىكى ئېلاندىن پايدىلىنىپ ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان چىقارغۇچىلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

223- ماددا خېرىدارلىققا چىققۇچىلار باھا ئۈستىدە تىل بىرىكتۈرۋېلىپ، خېرىدار چاقىرغۇچىلار ياكى باشقا خېردارلىققا چىققۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرىدىن قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

خېرىدارلىققا چىققۇچىلار بىلەن خېرىدار چاقىرغۇچىلادىن خېرىدار چىقىش ئۈستىدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەت، كوللىكتىپ ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنىي مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

224- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرىنى سادىر قىلىپ، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى كۆزلەپ، توختام تۈزۈش ۋە ئىجارا قىلىش جەريانىدا قارشى تەرەپنىڭ پۇل- مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى قىلىمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) يوق ئورۇننىڭ ياكى باشقىلارنىڭ نامىدا توختام تۈزگەن بولسا؛

(2) ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان، بىكار قىلىنغان چەك- ھۆججەت ياكى باشقا يالغان مۈلۈك ھوقۇقى ئىسپاتى بىلەن كېپىللىك قىلغان بولسا؛

(3) ئەمەلىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇپ، ئالدى بىلەن ئاز سوممىلىق توختامنى ئىجراقىلىش ياكى توختامنى قىسمەن ئىجرا قىلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنى توختامنى داۋاملىق تۈزۈش ۋە ئىجراقىلىشقا ئازدۇرغان بولسا؛

(4) قارشى تەرەپ بەگەن مال، مال پۇلى ۋە ئاۋانىس پۇلنى ئالغاندىن ياكى مال- مۈلۈككە كېپىل بولغاندىن كېيىن قېچىپ يۈرسە؛

(5) قارشى تەرەپنىڭ پۇل- مېلىنى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالداپ ئېلىۋالسا.

225- ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قانۇنسىز تىجارلەرنىڭ بىرىنى قىلىپ بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقولئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا مەخسۇس تىجارەت، مونوپول تىجارەت قىلىش بەلگىلەنگەن نەرسە ياكى ئېلىپ- سېتىشتا چەك قويۇلغان باشقا نەرسە تىجارەتنى ئىجازەتسىز قىلىش؛

(2) ئىمپورت- ئېكىسپورت ئىجازەتنامىسى، ئىمپورت- ئېكىسپورت ماللىرىنىڭ ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان جايى توغرىسىدىكى ئىسپات ۋە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تىجارەت ئىجازەتنامىسى ياكى تەستىق ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ- سېتىش؛

(3) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقسىز ئاكسىيە، زاكاز مال ياكى سۇغۇرتا كەسپى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللىنىش؛

(4) بازار تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرىدىغان باشقا قانۇنسىز تىجارەتلەر.

226- ماددا تاۋارلارنى زورلاپ ئېلىپ- ساتقان، باشقىلارنى مۇلازىمەت قىلىشقا ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

227- ماددا ماشىنا- پويىز بېلىتى، كېمە- پاراخوت بېلىتى، پوچتا ماركىسى ياكى باشقا باھالىق بېلەتلەرنى ياسىۋالغان ياكى شۇنداق يالغان بېلەتلەرنى ھايىنىغا ساتقانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، بېلەت باھاسىنى بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، بېلەت باھاسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

ماشىنا- پويىز بېلىتى، كېمە- پاراخوت بېلىتى ھاينىغا ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، ساتقان بېلەت باھاسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

228- ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدەم، يەر باشقۇرۇش قانۇن- نىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن ۋە ھايىنىغا ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش، ھايىنىغا سېتىش سوممىسىنىڭ بەش پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 20 پىرسەنتىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىش، ھايىنىغا سېتىش سوممىسىنىڭ بەش پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 20 پىرسەنتىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

229- ماددا مۈلۈك باھالاش، مەبلەغ تەكشۈرۈش، ئىسپات تەكشۈرۈش، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق مەسئۇليەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان ۋاستىچى تەشكىلاتلاردىكى قەستەن يالغان ئىسپات- ھۆججەت بەرگەن خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خادىملار باشقىلاردىن پۇل- مال تەلەپ قىلىپ ياكى پۇل- مالنى قانۇنسىز ئېلىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزسە، بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلدۇ.

1- تارماق بەلگىلەنگەن خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەيسىزلىك قىلىپ، بەرگەن ئىسپات- ھۆججەتلىرى پاكىتتىن تولىمۇ يىراق بولۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

230- ماددا ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاۋارلارنى تەكشۈرۈشتىن قاچۇرۇپ، تاۋار تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى شەرت بولغان ئىمپورت تاۋارلارنى مەلۇم قىلىپ تەكشۈرۈتمەيلا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقانلار، ئىشلەتكەنلەر ياكى تاۋار تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى شەرت بولغان ئېكىسپورت تاۋارلىرىنىڭ لاياقىتىنى مەلۇم قىلىپ تەكشۈرۈتمەيلا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېكىسپورت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

231- ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

4- باب پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش جىنايىتى

232- ماددا قەستەن قاتىللىق قىلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

233- ماددا سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

234- ماددا باشقىلارنىڭ تېنىنى قەستەن زەخمىلەندۈرگەنلەر ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازالاش ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ باشقىلارنى ئېغىر زەخمىلەندۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلىغانلارغا ياكى پەۋقۇلئاددە ۋەھشىي ۋاستىلەر بىلەن باشقىلارنى ئېغىر زەخمىلەندۈرۈپ ئېغىر مېيىپ قىلىۋەتكەنلەرگە ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

235- ماددا باشقىلارنى سەۋەنلىك بىلەن يارىلاندۇرۇپ، ئېغىر زەخمىلەندۈرۈپ قويغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

236- ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاستىسى ياكى باشقا ۋاستىلەر بىلەن ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت- نومۇسىغا تەگكەنلەرگە باسقۇنچىلىق قىلغانلار قاتارىدا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلغان، نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت- نۇمۇسىغا تەگكەنلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەلىرىگە ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت- نۇمۇسىغا تېگىش قىلمىشلىرى قەبىھ بولغانلار؛

(2) كۆپ ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغان ۋە كۆپ نارەسىدەقىزنىڭ ئىپپەت- نومۇسىغا تەگكەنلەر؛

(3) جامائەت سورۇنلىرىدا ئاياللارغا ئاشكارىدىن - ئاشكارا باسقۇنچىلىق قىلغانلار؛

(4) ئىككىدىن ئارتۇق كىشى نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغانلار؛

(5) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئېغىر زەخىمىلىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلار.

237 - ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئاياللارنى زورلاپ، ئۇلارغا پەسكەشلىك قىلغان ياكى ھاقارەت قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەت توپلىشىپ ياكى جامائەت سورۇنلىرىدا ئاشكاراىدىن - ئاشكارا ئۆتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جاززاسى بېرىلىدۇ.

بالىلارغا پەسكەشلىك قىلغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

238 - ماددا باشقىلارنى قانۇنسىز سولاپ قويغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇرۇش، ھاقارتلەش قىلىمىشى بولغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. زورلۇق ئىشلىتىپ ئادەمنىڭ زەخمىلىنىشى، مېيىپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 234 -، 232 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

قەرزىنى قايتۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنى قانۇنسىز تۇتۇۋالغان ۋە سولاپ قويغانلارغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

239 - ماددا پۇل - مالنى قاقتى - سوقتى قىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنى زورلۇق بىلەن تۇتۇپ كەتكەنلەرگە ياكى تۇتۇپ كېتىپ تۇتقۇن قىلىۋالغانلارغا ئون يىلىدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلىكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ تۇتۇپ كېتىلگۈچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى تۇتۇپ كېتىلگۈچىنىڭ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

پۇل - مالنى قاقتى - سوقتى قىلىش مەقسىتىدە بوۋاق ۋە گۆدەك بالىلارنى ئوغرىلىغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

240 - ماددا ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ ساتقانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛

(2) ئۈچتىن ئارتۇق ئايال ۋە بالىنى ئالداپ ساتقانلار؛

(3) ئالداپ سېتىۋېتىلدىغان ئايالنىڭ ئىپپەت- نومۇسىغا تەگكەنلەر؛

(4) ئالداپ سېتىۋېتىلىدىغان ئايالنى ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلار؛

(5) سېتىش مەقسىتىدە، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى ھوشسىزلاندۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى تۇتۇپ كەتلەنلەر؛

(6) سېتىش مەقسىتىدە، بوۋاق ۋە گۆدەك بالىلارنى ئوغرىلىغانلار؛

(7) ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار، بالىلار ياكى ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشى، ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلار؛

(8) ئاياللار ۋە بالىلارنى چېگرا سىرتىغا سېتىۋەتكەنلەر.

ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش سېتىۋېتىش مەقسىتىدە، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداش، تۇتۇپ كېتىش، سېتىۋېلىش، سېتىش، تاپشۇرۇۋېلىش، ئەۋەتىپ بېرىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشلىرىنىڭ بىرەرىنى سادىر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

241- ماددا ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.

ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللارنى سېرىۋېلىپ، زورلۇق ئىشلىتىپ ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 236- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەپ قويغانلار ياكى ئۇلارنى زەخمىلەندۈرۈش، ھاقارەتلەش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدا بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

ئالداپ سېتۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋالغان ھەمدە 2 -، 3- تارماقتا بەلگىلەنگەن جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىپ باشقىلارغا ساتقانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 240- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئايال ۋە بالىنى سېتىۋېلىپ سېتىۋېلىنغان ئايالنىڭ ئەسلىي تۇرۇشلۇق جايىغا قايتىپ كېتىش ئارزۇسىغا توسقۇنلۇق قىلمىغانلار، سېتىۋېلىنغان بالىنى خارلىمىغان، قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا توسقۇنلۇق قىلمىغانلار، سېتىۋېلىنغان قىلمىغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمىسا بولىدۇ.

242- ماددا دۆلەت ئورگەنلىرىدىكى خادىملارنىڭ سېتىۋېلىنغان ئاياللار، بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىغا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 277- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ سېتىۋېلىنغان ئاياللار، بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىغا ئادەم توپلاپ توسقۇنلۇق قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلاردىن زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

243- ماددا باشقىلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتقۇزۇش غەرىزىدە، پاكىت ئويدۇرۇپ ئۇلارغا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

قەستەن قارا چاپلىمىغان، ئەمما خاتا شىكايەت قىلىپ قويغانلارغا ياكى پاش قىلغانلىرى پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەي قايغانلارغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.

244- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچ ئورۇنلاردىن ئەمگەك باشقۇرۇش قانۇن- نىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش يولى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى ئېغىر بولغان بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئەمگەك باشقۇرۇش قانۇن- نىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، 16 ياشقا توشمىغانلارنى ياللاپ مادارى يەتمەيدىغان ئەمگەككە ياكى ئېگىز بوشلۇق، قۇدۇق ئاستى مەشغۇلاتىغا ۋە ياكى پارتىلاپ كېتىش، ئاسان ئوت ئېلىش، رادىئو ئاكتىپلىق، زەھەرلىنىپ قېلىشقا ئوخشاش خەتەرلىك مۇھىتتا ئەمگەككە سالغاندىن قىلمىشى ئېغىر بولغان بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ ھادىسە پەيدا قىلغان، يەنە كېلىپ باشقا جىنايەتنى شەكىللەندۈرگەنلىرى بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.

245- ماددا باشقىلارنىڭ يېنىنى، تۇرا جايىنى قانۇنسىز ئاختۇرغانلارغا ياكى باشقىلارنىڭ تۇرا جايىغا قانۇنسىز بېسىپ كىرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

ئەدلىيە خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

246- ماددا زورلۇق ئىشلىتىش ئۇسۇل ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنى ئوچۇقتىن- ئوچۇق ھاقارەتلىگەن ياكى پاكىت ئويدۇرۇپ باشقىلارغا تۆھمەت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەت ئۈستىدە دەۋا قىلىنغانلىرىلا سورىلىدۇ، لېكىن جەمئىيەت تەرتىپىگە ۋە دۆلەت مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

247- ماددا ئەدلىيە خادىملىرىدىن جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارلارنى قىيناپ سوراق قىلىپ ئىقرار قىلدۇرغانلىرى ياكى زورلۇق ئىشلىتىپ گۇۋاھچىلاردىن گۇۋاھلىق ئالغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئادەمنىڭ زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 234 -، 232- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

248- ماددا تۈرمە، توختىتىپ قويۇش ئورنى ۋە قاماقخانا قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورگانلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملاردىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى ئۇرغان ياكى تەن جازاسى بېرىپ خارلىغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئادەممنىڭ زەخمىلىنىشى، مېيىپ بولۇشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 234 -، 232- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خادىملىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى باشقا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلارنى ئۇرۇپ ياكى تەن جازاسى بېرىپ خارلاشقان كۈشكۈرتكەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

249- ماددا مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇللۇق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

250- ماددا نەشىر بۇيۇملىرىغا ئازسانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان ۋە ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇنلارنى بېسىپ چىقارغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.

251- ماددا قانۇنسىز يوللار بىلەن پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتىگە دەخلى- تەرۇز قىلغان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

252- ماددا باشقىلارنىڭ خەت- چەكلىرىنى تىقىۋېلىپ، يىرتىپ تاشلاپ ياكى قانۇنسىز ئېچىپ پۇقرالارنىڭ خەت- ئالاقە ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا دەخ-تەرۇز قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بىر يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

296 - ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشتە قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلماي ياكى ئىلتىماسىغا رۇخسەت ئالماي ۋە ياكى مەسئۇل ئورگان رۇخسەت قىلغان باشلاش - توختىتىش ۋاقتى، ئورنى ۋە لىنىيىسىگە ئەمەل قىلماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارقىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا بويسۇنماي جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغانلاردىن يىغىلىشقا، نامايىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە مەسئۇل بولغانلىرىغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

297- ماددا قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يىغىلىشقا، نامايىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە قورال- ياراغ ۋە باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمان ياكى پارتلاتقۇچ ئېلىپ قاتناشقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋە نمۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

298- ماددا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشكە كاشىلا قىلىش، ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش بېرىلىدۇ.

299- ماددا جامائەت سورۇنلىرىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربىنى قەستەن كۆيدۈرۈۋېتىش، بۇزۇش، جىجىش، بۇلغاش، دەسسەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

300- ماددا خۇيداۋمىن تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

خۇيداۋمېن تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇرۇشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى ئالداپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

خۇيداۋمېن تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچى دىنىي تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇپ ياكى خۇراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ ئاياللارنىڭ ئىپپەت- نومۇسىغا تەگكەن، پۇل- مالنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 236 -، 266-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

301- ماددا توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى بۇزۇقچىلىققا كۆپ قېتىم قاتناشقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.

قۇرۇمىغا يەتمىگەنلەرنى ئازدۇرۇپ توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىشقا قاتناشتۇرغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلدۇ.

302- ماددا جەسەتنى ئوغرىلىغان ۋە ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

303- ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە توپلىشىپ قىمار ئوينىغا، قىمارخانا ئاچقان ياكى قىمارنى كەسىپ قىلىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

304- ماددا پوچتا خادىملىرىدىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ پوچتا يوللانمىلىرىنى تەگكۈرۈشنى قەستەن كېچىكىتۈرۈپ، جامائەت مال- مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

2- پاراگراف ئەدلىيە ئىشلىرىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى

305- ماددا جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، خاتىرلىگۈچى ۋە تەرجىمانلاردىن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ياكى جىنايەت پاكىتلىرىنى يوشۇرۇش غەرىزىدە، دېلو بىلەن مۇھىم ئالاقىسى بولغان ئەھۋاللاردا قەستەن يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن، باھالىغان، خاتىرە يازغان ۋە تەرجىمە قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

306- ماددا جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا، ئاقىلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرىدىن دەلىل- ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتكەن، ئويدۇرۇپ چىقارغان، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىشى، ئويدۇرۇپ چىقشىغا ياردەم بەرگەن، تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش يولى بىلەن گۇۋاھچىلارغا پاكىتقا زىت ھالدا گۇۋاھلىق سۆزىنى ئۆزگەرتكۈزگەن ياكى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئاقلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرى بەرگەن، كۆرسەتكەن ۋە نەقىل كەلتۈرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ياكى باشقا دەلىل- ئىسپاتلار قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىلغان بولماستىن، پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەي قالسا دەلىل- ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىش ھېسابلانمايدۇ.

307- زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، پارا بېرىپ سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان ياكى كۈشكۈرتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلىدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىشى، ئويدۇرۇپ چىقىرىشىغا ياردەم بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئەدلىيە خادىملىرىدىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى سادىر قىلغانلىرىغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

308- ماددا گۇۋاھچىلارغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

309- ماددا سوتجانىدا توپلىشىپ غوۋغا كۆتۈرۈپ، سوتخانىغا ھۇجۇم قىلىپ ياكى ئەدلىيە خادىمىلىرىنى ئۇرۇپ، سوتخانا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.

310- ماددا بىراۋنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يۇشۇرۇنىدىغان جاي ۋە پۇل- مال تېپىپ بېرىپ قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن ياكى يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ قانات ئاستىغا ئالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم بېرىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن ئالىدىن تىل بىركتۈرۈۋالغانلىرى بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

311- ماددا باشقىلارنىڭ جاسۇسلۇق جىنايى قىلمىشى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرگەندە، ئالاقىدار دەلىل- ئىسپات بەرمىگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.

312- ماددا جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولى بىلەن ئېرىشكەن ھارام مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋالغان ياكى سېتىپ بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

313- خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىمىلىرىنى ئىجرا قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق ئىجرا قىلمىغانلاردىن قىلىمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.

314- ماددا ئەدلىيە ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ پېچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغان، توڭلىتىۋەتكەن مال- مۈلۈكنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن ۋە قەستەن بۇزۇغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.

315 - ماددا قانۇن بويىچە قاماققا ئېلىنىغان جىنايەتچىلەردىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان ۋە قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملارنى ئۇرغانلار؛

(2) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇيۇشتۇرغانلار؛

(3) توپلىشىپ جېدەل چىقىرىپ، نورمال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛

(4) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقانلارنى ئۇرغان ۋە ئۇلارغا تەن جازاسى بەرگەنلەر ياكى باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلەر.

316- ماددا قانۇن بويىچە قاماققا ئېلىنغان جىنايەتچىلەر، جاۋابكارلار ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىدىن قېچىپ كەتكەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

يالاپ مېڭىلغان جىنايەتچى، جاۋابكار ۋە جىنايەت گۇماندارىنى بۇلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

317- ماددا تۈرمىدىن قېچىشنى ئۇيۇشتۇرغان باش ئۇنسۇرلارغا ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

توپىلاڭ كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچقان ياكى تۈرمىدىن جىنايەتچىلەرنى توپلىشىپ، تاياق- توقماق كۆتۈرۈپ بۇلىغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

3- پاراگراف دۆلەت چېگرىسى (چېگرا)نى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى

318 - ماددا باشقىلارنى دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغانلارغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال _ مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) باشقىلارنى دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛

(2) باشقىلارنى دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە كۆپ قېتىم ئۇيۇشتۇرغانلار ياكى كۆپ ئادەمنى دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرغانلار؛

(3) ئۇيۇشتۇرۇلغانلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛

(5) تەكشۈرۈشكە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر؛

(6) قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلار؛

(7) باشقا پەۋقولئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلار.

ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلارنى ئۆلتۈرۈش، زەخىمىلەندۈرۈش، ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشى بولغانلىرىغا بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

319- ماددا ئەمگەك كۈچى چىقىرىش، ئىقتىساد- سودا ئالاقىسى قىلىش نامدا ياكى باشقا ناملاردا ساختىپەزلىك قىلىپ، پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرادىن چىقىش گۇۋاھنامىلىرىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، باشقىلارنى دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە ئۇيۇشتۇرۇشقا ئىشلەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

320- ماددا باشقىلارغا ياسىۋىلېنغان، ئۆزگەرتىلگەن پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرا دىن چىقىش- كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى بەرگەنلەرگە ياكى پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق چېگرادىن چىقىش- كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى ساتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلدۇ.

321- ماددا دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتىدىغانلارنى توشۇغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) كۆپ قېتىم توشۇغانلار ياكى كۆپ ئادەمنى توشۇغانلار؛

(2) زۆرۈر بىخەتەرلىك شارائىتى ھازىرلانمىغان، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغان كېمە- پاراخوت، ئاپتوموبىل قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرىنى ئىشلەتكەنلەر؛

(3) قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلار؛

(4) باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلار .

دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتدىغانلارنى توشۇش جەريانىدا، توشۇلغۇچىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى تەكشۈرۈشكە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرگە يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن توشۇلغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈش، زەخمىلەندۈرۈش، ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشى ۋە ئۇلارنى ئالداپ سېتىش قاتالىق جىنايى قىلمىشى بولغانلىرىغا ياكى تەكشۈگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈش، زەخملەندۈرۈش قاتارلىق جىنايى قىلمىشى بولغانلىرىغا بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

322 - ماددا دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) نى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت چېگرسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىغچە ئۆتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بىر يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى رېجىم جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

323- ماددا دۆلەت چېگرىسىدىكى چېگرا تاختىسى، چېگراقوزۇقى ياكى مەڭگۈلۈك ئۆلچەش بەلگىلىرىنى قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

4- پاراگراف مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى

324- ماددا دۆلەت قوغداۋاتقان قىممەتلىك مەدەتىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئورۇنلاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قەستەن بۇزغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

دۆلەت قوغداۋاتقان ئاسارئەتىقىلەرنى قەستەن بۇزغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

دۆلەت قوغداۋاتقان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى، ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئورۇنلاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سەۋەنلىك بىلەن بۇزۇپ قويغانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

325- ماددا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ساقلىنىۋاتقان، دۆلەت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چەت ئەللىكلەرگە ئاتىرتتىن ساتقانلار ياكى ئاستىرتتىن تەقدىم قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇلى خادىمىغا ۋە بەلگىلەنگەن بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

326- ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە، دۆلەت تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھايىنىغا ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلىدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

327- ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى مۇزېي، كۈتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت قوغداۋاتقان ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى دۆلەت ئىلكىدە بولغان ئورۇنلاردىن باشقا ئورۇنلارغا ۋە شەخىسلەرگە ساتقان ياكى ئاستىرتتىن ھەدىيە قىلغان بولسا، شۇ ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

328- ماددا تارىخىي، بەدئىي ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قازاغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋالللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئورۇنلاردىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛

(3) قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى كۆپ قېتىم ئوغرىلىقچە قازغانلار؛

(4) قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قودىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قازغان ھەمدە مەدەنىيەت يادىكارلىقرىنى ئوغرىلىغانلارنى ياكى قىممەتلىك مەدەنىتەت يادىكارلىقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغانلار؛

قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ۋە قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تاش قاتمىلىنى ئوغرىلىقچە قازغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

329- ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى تارتىۋالغان ۋە ئوغرىلىغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئارخىپ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان ۋە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەردىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر اقىتتا، قىلمىشى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا جىنايەتلەرگە توشىدىغانلارغا ئېغىرراق جازا كېلىدىغان بەلگىلىمە بويىچە جازا بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

5- پاراگراف جامائەت تازلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى

330- يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن ئا تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولغانلار ياكى تارقىلىش ئېغىر خەۋپىنى پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى؛ پەۋقۇ. لئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ:

(1) سۇ بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇنلاردىن تەمىنلىگەن ئىچىملىك سۈيى دۆلەت بەلگىلىگەن تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولىمىغانلىرى؛

(2) ساقلىقنى ساقلاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپپاراتى ئوتتۇرىغا قويغان تازلىق تەلپىنى رەت قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلىلىرىدىن بۇلغانغان پاسكىنا سۇ، يۇندا ۋە گەندە- سغيدغكلەرنى دېزېنفىېسىيە قىلمىغانلار؛

(3) يۇقۇملۇق كېسەل بارلار، تېنىدە كېسەل قوزغاتقۇچىسى بۇلغانلار ۋە يۇقۇملۇق كېسىلى بارلىقىدىن گۇمانى بار كىشىلەرنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مامۇرىي تارمىقى شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن شۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى ئاسانلا تارقىتىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلغان ۋە يول قويغانلار؛

(4) ساقلىقنى ساقلاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپپاراتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار؛

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

ئا تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ دائىرسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى» غا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە بىنائەن بېكىتىلىدۇ.

331- ماددا يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنى تەجرىبە قىلغۇچى، ساقلىغۇچى، ئېلىپ يۈرگۈچى ۋە توشۇغۇچىلاردىن گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

332 - ماددا دۆلەت چېگرىسىنىڭ تازىلىق كارانتىنى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانلارغا ياكى تارقىلىش ئېغىر خەۋىپىنى پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئورۇننىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

333- ماددا باشقىلارنى قان سېتىشقا قانۇنسىز ئۇيۇشتۇرغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقىلارنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن قان ساتقۇزغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلاردىن باشقىلاردىن رەخىملەندۈرگەنلىرىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 234- مادىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازابېرىلىدۇ.

334 - ماددا قانۇنسىز ھالدا قان ئالغان، قان بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، باشقىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى تەييارلىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قۇيۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

قان ئېلىشى، قان بىلەن تەمىنلىشى ياكى قان پلازمىسى ياسالمىلىرىنى تەييارلىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلىشى دۆلەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن تەستىقلانغان تارماقلار بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرمەي ياكى مەشغۇلاتقا دائىر باشقا بەلگلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغان بولسا، شۇ ئورۇنغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

335 - ماددا تېببىي خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

336- ماددا دوختۇرلۇق سالاھىيتىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كېسەل كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۇغۇتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى، يالغان تۇغۇت چەكلەش ئوپېرتسىيسى، ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلغان ياكى بالياتقۇدىكى تۇغۇت چەكلىگۈچىنى ئېلىۋەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قوۇلىدۇ؛ كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

337- ماددا چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان ۋە چىقىرىلىدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كانتىنىدىن قاچۇرۇپ، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قۇشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

6- پاراگراف مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى

338- ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرگە، سۇغا ۋە ئاتموسفېراغا رادىئوئاكتىپلىق تاشلاندۇقلارنى، يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغاتقۇچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشلاندۇقلارنى، زەھەرلىك ماددىلار ياكى باشقا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى قويۇپ بېرىپ، تۆكۈپ ياكى بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىتنى قاتتىق بۇلغايدىغان ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغانلاردىن جامائەتنىڭ ۋە شەخىسنىڭ مال- مۈلۈكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش ياكى كىشىلەرنى تالاپەتكە ئۇچرىتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

339- ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقلارنى چېگرىدىن كىرگۈزۈپ تۆككەنلەر، دۆۋىلەپ قويغانلار ۋە بىر تەرەپ قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مۇھىت ئېغىر بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، جامائەتنىڭ ۋە شەخىسلەرنىڭ مال- مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلار ياكى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيانغا يەتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، ؛ پەۋقۇلئاددە قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى خام ئەشىيا ئورنىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىمپورت قىلىپ، مۇھىت ئېغىر بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال- مۈلكىنى ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

خام ئەشيادىن پايدىلىنىش نامىدا، خام ئەسيا قىلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان قاتتىق تاشلاندۇق، سۇيۇق تاشلاندۇق ۋە گاز تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 152- ماددىسىنىڭ 2 -، 3- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

340- ماددا سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى قوغداش قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنغان رايونلاردا، مەنئى قىلىنغان مەۋسۇملەردە ياكى مەنئى قىلىنغان قورال- سايمان ۋە ئۇسۇللار بىلەن تۇتقانلاردىن قىلىمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى، بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.

341- ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان ۋە ئۆلتۈرگەنلەرگە ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى قانۇسىز سېتىۋالغان، توشۇغان ۋە ساتقانلارغا بەش تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ئوۋچىلىق قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنغان مەۋسۈمدە ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان قورال- سايمان ۋە ئۇسۇللار بىلەن ئوۋچىلىق قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.

342 - ماددا يەر باشقۇرۇش قانۇن - نىزامىلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرىگە ئوخشاش دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى قانۇنسىز ئىگىلەپ، شۇ ئىگىلىۋالغان يەرنى باشقا ئىشلارغا ئىشلەتكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان، تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرىگە ئوخشاش دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى كۆپلەپ ۋەيران قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

343- ماددا قېزىلما بايلىقلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، كان ئېچىش ئىجارەتنامسى ئالماي تۇتۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كان ئاچقانلارغا، دۆلەت پىلانلىغان كان رايونى، خەلق ئىگىلىكىدە مۇھىم قىممەتكە ئىگە كان رايونى ۋە باشقىلارنىڭ كان رايونى دائىرىسىگە خالىغانچە كىرىپ كان ئاچقانلارغا، دۆلەت قوغداش خاراكتېرىدە ئېچىشنى بەلگىلىگەن ئالاھىدە كان تۈرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېچىپ، ئېچىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغاندىن كېيىنمۇ توختاتماي، قېزىلما بايلىقلارنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

قېزىلما بايلىق قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قېزىلغا بايلىقنى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدە ئېچىپ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

344 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز

كەسكەن، ۋەيران قىلغانلار ۋە ياكى ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى ھەمدە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان، پىششىقلاپ ئىشلىگەن، ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

345 - ماددا ئورماننى ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كەسكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئورماننى ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى كەلسە - كەلمەس كەسكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئوغرىلىقچە كېسىلگەن، كەلسە - كەلمەس كېسىلگەن دەل - دەرەخ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغانلاردىن قىلىمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

دۆلەت دەرىجىلىك تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئورماننى ياكى باشقا دەل - دەرەخلەرنى ئوغرىلىقچە كەسكەن ۋە كەلسە - كەلمەس كەسكەنلەرگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

7 - پاراگراف زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش ۋە ياساش جىنايىتى

347 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغانلار، مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىرىغا ۋە جىنايى جازاغا تارتىلىدۇ.

زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئەپيۇن 1000 گرامدىن، خروئىن ياكى مېتىلامفېتامىن 50 گرامدىن كۆپ بولغانلار ياكى باشقا زەھەرلىك مىقدارى كۆپ بولغانلار؛

(2) زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياسا، گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛

(3) زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغۇچى، ئېلىپ - سېتقۇچى، توشۇغۇچى ۋە ياسىغۇچىلارنى قوراللىق قوغدىغانلار؛

(4) تەكشۈرۈشكە، توختىتىپ قويۇشقا ۋە قولغا ئېلىشقا زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەردىن قىلىمىشى ئېغىر بولغانلار؛

(5) تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكىگە قاتناشقانلار.

ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئەپيۈن 200 گرامدىن ئاز، خروئېن ياكى مېتلامفېتامىن ئون گرامدىن ئاز ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى ئاز بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن 2 -، 3 -، 4 - تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ تارماقلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

قۇرۇمىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشقا سېلىپ ۋە كۈشكۈرتۈپ زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش ۋە ياساش قىلمىشلىرىنى كۆپ قېتىم سادىر قىلىپ بىر تەرەپ قىلنمىغانلارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.

348- ماددا ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغان ئەپيۈن 1000 گرامدىن، خروئېن ياكى مېتىلامفېتامىن 50 گرامدىن كۆپ ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى كۆپ بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغان ئەپيۈن 200 گرامدىن كۆپ، 1000 گرامدن ئاز، خىروئېن ياكى مېتىلامفېتامىن ئون گرامدىن كۆپ، 50 گىرامدىن ئاز ياكى باشقا زەھەرلىك بويۇم مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلىمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

349- ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ- ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلار، جىنايەتچىلەرنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تاپقان پۇل- مېلىنى ساقلاش، يۆتكەپ ۋە يوشۇرۇپ بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىرىنى تۇتقۇچىلار ياكى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى باشقا خادىملاردىن زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، قانات ئاستىغا ئالغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، ئالدىن تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلار زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ- ساتقان توشۇغان ۋە ياسىغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

350- ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، سىركە كىسلاتا ئانگىدرىدى، ئېتىر، خلوروفورم ياكى زەھەرلىك بۇيۇم باساشقا كېرەكلىك باشقا خام ئەشياۋە ياكى قوشۇلما خۇرۇچنى قانۇنسىز توشۇپ، ئېلىپ يۈرۈپ، چېگرادىن كىرگۈزگەن ۋە چىقارغانلارغا ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقىرىدىكى بۇيۇملارنى چېگرا ئىچىدە قانۇنسىز ئېلىپ- ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ئون يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

باشقىلارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ياسايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بۇيۇملارنى بەرگەنلەر زەھەرلىك بۇيۇم ياسىغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا مەسئۇل ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

351- ماددا زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان ئەپيۈنگۈل، كەندىر قاتارلىق ئۆسۈملۈكلىرى بىردەك مەجبۇرىي چانىتىۋېتىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋالارنىڭ بىرى بولغانلارغا بەش يىلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:

(1) تېرىغان ئەپيۈنگۈل 500 تۈپتىن كۆپ، 3000 تۈپتىن ئاز ياكى زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولغانلار؛

(2) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوگىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن يەنە تېرىغانلار؛

(3) چانىۋېتىشكە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر.

قانۇنسىز تېرىغان ئەپيۈنگۈل 3000 تۈپتىن كۆپ ياكى زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

ئەپيۈنگۈل ياكى زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان باشقائۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسەز تېرىغانلاردىن ھوسۇل يىغىۋېلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈكىدىن چانىۋەتكەنلىرىگە جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.

352- ماددا بىخ تارتىش كۈچىدىن قالمىغان ئەپيۈنگۈلى قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇم چىقىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقىنى ياكى مايسىلىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ- ساتقان، توشۇغان، ئېلىپ ۋە ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرۇرغانلاردىن مىقدارى كۆپرەكلىرىگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

353- ماددا باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈرتۈپ ۋە ئالداپ زەھەرلىك بۇيۇم چەكتۈرگەن، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل سالدۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلىمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

باشقىلارنى زورلاپ زەھەرلىك بۇيۇم چەكتۈرگەن، ئستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۇل قىلىپ سالدۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قىزىقتۇرۇپ، كۈشكۈتۈپ، ئالداپ ياكى زورلاپ زەھەرلىك بۇيۇم چېكىشىگە، ئىستېمال قىلدۇرغان ۋە ئوكۈل قىلىپ سالدۇرغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

354- ماددا باشقىلارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم چېكىشىگە، ئستېمال قىلىشىغا ۋە ئوكۇل قىلىپ سېلىشىغا سورۇن ھازىرىلاپ بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قوۇلىدۇ.

355 - ماددا دۆلەت تىزگىنلەيدىغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىدىغان، توشۇيدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان خادىملاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، زەھەرلىك بۇيۇم چەككۈچى، ئىستېمال قىلغۇچى ۋە ئوكۈل قىلىپ سالغۇچىلارغا دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن، ئادەمنى خۇمار قىلالايدىغان ناركوز دورىلىرىنى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى بەرگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغان، ساتىدىغان جىنايەتچىلەرگە ياكى زەھەرلىك بۇيۇم چەككۈچى، ئستېمال قىلغۇچى، ئوكۇل قىلىپ سالغۇچىلارغا دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن، كىشىلەرنى خۇمار قىلالايدىغان ناركوز دورىلىرىنى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى پايدا تېپىش مەقسىتىدە بەرگەن مۇشۇ قانۇننىڭ 347 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

356- ماددا زەھەرلىك بۇيۇن ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ- سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇپ جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

357- ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان زەھەرلىك بۇيۇم ئەپيۈن، خروئېن، مېتىلامفېتامىن، مورفىن، نەشە، كوكايىنلارنى ھەم دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن ئادەمنى خۇمار قىلالايدىغان باشقا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ- سېتىلغان، ياسالغان ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نەق مىقدارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ساپلىق دەرىجىسى بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلانمايدۇ.

8- پاراگراف باشقىلارنى ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇتۇش، مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش، سولاپ بېرىش ۋە تونۇشتۇرۇش جىنايىتى

358- ماددا باشقىلارنى ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان ياكى زورلىغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) باشقىلارنى ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغانلاردىن قىلىمىشى ئېغىر بولغانلار؛

(2) 14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنى ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلار؛

(3) كۆپ كىشىنى ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغان ياكى باشقىلارنى ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىشقا كۆپ قېتىم مەجبۇرلىغانلار؛

(4) باسقۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، باشقىلارغا ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىشقا مۇجبۇرلىغانلار؛

(5) ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىشقا زورلانغۇچىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغانلار.

ئالدىنقى تارماقتىكى ئەھۋللارنىڭ بىرى بولغانلاردىن قىلىمىشى پەۋقولئاددە ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

باشقىلارنى ئىپپەت- نومۇسنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەنلەرگە بەش يىلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلىمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلىدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

359 - ماددا باشقىلارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇغان، سولاپ بەرگەن ۋە تونۇشتۇرغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنى ئازدۇرۇپ ئىپپەت- نومۇسىنى ساتقۇزغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

360- ماددا ئۆزىنىڭ سىفلىس، سۆزنەك قاتارلىرىق ئېغىر جىنسىي كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىپپەت- نومۇسىنى ساتقانلار ۋە پاھىشىۋازلىق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

361- ماددا مېھمانخانا، يېمەك- ئېچمەك مۇلازىمەت ئورنى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، ئاپتوموبىل كىراكەشلىك ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ئۆز ئورنىنىڭ شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى ئىپپەت- نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان، زورلىغان، ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن ۋە تونۇشتۇرغانلىرىغا، ئازدۇرغان، سولاپ بەرگەن ۋە تونۇشتۇرغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 358-، 359- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

362 - ماددا مېھمانخانا، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنى، ئاپتوموبىل كىراكەشلىك ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتى، پاھىشىۋازلىق ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ قويۇش قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 310 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

9- پاراگراف شەھۋاني بۇيۇملارنى ئىشلەش، ئېلىپ- سېتىش ۋە تارقىتىش جىنايىتى

363- ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە شەھۋانىي بۇيۇملارنى ئىشلىگەن، نەشىر قىلغان، ئېلىپ- ساتقان ۋە تارقاتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

باشقىلارنىڭ شەھۋانىي كىتاب- ژورناللارنى نەشىر قىلىشى ئۈچۈن كىتاب نومۇرى بەرگەنلەر ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.

364 - ماددا شەھۋانىي كىتاب - ژورنال، كىنو فىلىمى، ئۈن - سىن بۇيۇمى، سۈرەت ياكى باشقا سەھۋانىي بويۇملارنى تارقاتقانلاردىن قلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىشى جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇم قوشۇمچە جەرىمەنە قويۇلىدۇ.

شەھۋانىي كىنو، سىنئالغۇ فىلىمى قاتارلىق ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ ۋە كۆپەيتىپ، قويۇشنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا ئىككىنچى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

18 ياشقا توشمىغانلارغا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقاتقانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

365- ماددا شەھۋنىي ئويۇن قويۇشنى ئۇيۇشتۇرۇغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جاراسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلىمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

366- ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 363 -، 364 -، 365- ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

367- ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان شەھۋانىي بۇيۇملار جىنسىي ھەرىكەت كونكرېت تەسۋىرلەنگەن ياكى ئىشقۋازلىق قىپيالىڭاچ تەرغىپ قىلىنغان، بۇزۇقچىلىقنى ئۆگىتىدىغان كىتاب- ژورنال، كىنو فىلىم، سىنئالغۇ- ئۈنئالغۇ لېنتىسى، سۈرەت ۋە باشقا شەھۋانىي بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ.

ئادەم فىزىئولوگىيىسى، تېببىي بىلىمگە ئائىت ئىلمىي ئەسەرلەر شەھۋانىي بۇيۇم ھېسابلانمايدۇ. ئىشقۋازلىق مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بەدئىي قىممەت ئىگە ئەدەبىي، بەدىئىي ئەسەرلەر شەھۋانىي بۇيۇم ھېسابلارنمايدۇ.

7- باب دۆلەت مۇداپىئەسى مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى

368- ماددا ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.

قوراللىق قىسىملارنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قەستەن توسقۇنلۇق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

369- ماددا قورال- جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ۋە ھەربىي خەۋەرلىشىش ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمەگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ مۇھىم قورال- جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ۋە ھەربىي خەۋەرلىشىش ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلرغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئىغىر بوغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

370- ماددا ئۆلچەمگە توشمايدىغان قورال- جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى قوراللىق قىسمىلارغا بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئورۇنلاردىن 1- تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمان قويۇلىدۇ ھەمدە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1- تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

371- ماددا چەكلەنگەن ھەربىي ئىشلار دائىرىسىگە توپلىشىپ بېسىپ كىرىپ، شۇ دائىرىنىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلارنىڭ باش ئۇنسۇرلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

372- ماددا ھەربىي قىياپەتكە كىرۋېلىپ كۆز بويامچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

373- ماددا ھەربىيلەرنى قىسمدىن قېچىپ كېتىشكە قۇتراتقان ياكى قىسىمدىن قاچقان ھەربىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ياللاپ ئىشلەتكەلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.

374- ماددا ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇنسىز ھالدا لاياقەتسىز ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلغان ۋە بوللاپ بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

375- ماددا قوراللىق قىسملارنىڭ ھۆججەت- ئالاقە، گۇۋاھنامە ۋە تامغىلىرىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان، ئېلىپ- ساتقان ياكى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

قوراللىق قىسىملارنىڭ فورمىسى، ماشىنا نومۇرى قاتارلىق خاس بەلگىلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىگەن ۋە ئېلىپ- ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئورۇنلاردىن ئىككنچى تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

376- ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە چاقىرىقنى ياكى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغان، ئۆزىنى قاچۇرغان پۇقرالاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

377- ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە قوراللىق قىسىملارغا دۈشمەن ئەھۋالى توغرىسىدا قەستەن يالغان مەلۇم بېرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقولئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

378- ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە پىتنە- ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ھەربىيلەرنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

379- ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە قىسىمدىن قاچقان ھەربىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا يوشۇرۇندىغان جاي، پۇل- مال ھازىرلارپ بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

380- ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي زاكازنى رەت قىلغان ياكى قەستەن كېچىكتۈرگەن ئورۇنلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

381- ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئېلىپ ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى بېرىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

8- باب خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى

382- ماددا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، جامائەتنىڭ پۇل- مېلىنى يەپ كېتىشى، ئوغرىلىشى، ئالداپ ئېلىۋېلىشى ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشى خىيانەتچىلىك جىنايىتى بولىدۇ.

دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دۆلەت مال- مۈلكىنى باشقۇرۇۋاتقان، تىجارەت قىلىۋاتقان خادىملار ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ پۇل- مېلىنى يەپ كەتكەن، ئوغرىلىغان ئالداپ ئېلىۋالغان ياكى باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان بولسا، خىيانەتچىلىك دەپ قارىلىدۇ

ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەن خادىملار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شېرىكلىشىپ خىيانەت قىلغانلار ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

383 - ماددا خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈرگەنلەرگە قىلمىشىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ:

(1) شەخسىي خىيانەت سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرىلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىسا بولىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

(2) شەخسىي خىيانەت سوممىسى 50 يۈەندىن يۇقىرى بولسا، 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

(3) شەخسىي خىيانەت سوممىسى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغان، 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە بىر يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. شەخسىي خىيانەت سوممىسى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغان، 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن، جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن توۋا قىلىپ ھارامنى ئاكتىپلىق بىلەن قايتۇرغانلارغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ، ئۇلارغا ئۆز ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

(4) شەخسىي خىيانەت سوممسى 5000 يۈەنگە يەتمىسىمۇ قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۆز ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

كۆپ قېتىم بىر تەرەپ قىلىنمىغانلارغا خىيانەت سوممىسىنىڭ يىغىندىسى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

384- ماددا دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ جامائەتنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋېلىپ، قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا ياكى جامائەتنىڭ كۆپرەك پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىپ، قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا ياكى جامائەتنىڭ كۆپرەك پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىپ پايدا ئېلىش ھەرىكىتىدە بولغان بولسا ۋە ياكى جامائەتنىڭ كۆپرەك پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىپ قايتۇرمىغىنىغا ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، جامائەتنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. بۇنداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئىشلىتىۋېلىپ قايتۇرمىغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئاپەتتىن ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئېتىبار بېرىش- نەپىقە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاھالە كۆچۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش پۇل- ماللىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋالغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

385- ماددا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل- مال تەلەپ قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ پۇل- مېلىنى قانۇنسىز ئېلىپ ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى پارا ئېلىش جىنايىتى بولىدۇ.

دۆلەت خادىملىرىدىن ئىقتىساىي مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈرلۈك نام بىلەن ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى ئېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلار پارا ئالغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

386- ماددا پارا ئېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئالغان پارا سوممىسىغا ۋە قىلمىشىغا قاراپ مۇشۇ قانۇننىڭ 383- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. پارا تەلەپ قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

387- ماددا باشقىلاردىن پۇل- مال تەلەپ قىلىپ ۋە قانۇنسىز ئېلىپ، ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلاردىن ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە ھېساب سىرتىدا تۈرلۈك نامدا بېرىلگەن ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققىنى خۇپىيانە ئالغانلىرى پارا ئالغان دەپ قارىلىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.

388- ماددا دۆلەت خادىملىرى ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن ياكى مەرتىۋىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پۇل- مال تەلەپ قىلسا ياكى ئالسا پارا ئالغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

389- ماددا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ دۆلەت خادىملىرىغا پۇل- مال بېرىش پارا بېرىش جىنايىتى بولىدۇ.

ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت خادىملىرىغا كۆپرەك پۇل- مال بەرگەنلەر ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ دۆلەت خادىملىرىغا تۈرلۈك نامدا ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى بەرگەنلەر پارا بەرگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىندۇ.

قاقتى- سوقتى قىلىنغانلىقتىن دۆلەت خادىملىرىغا پۇل- مال بەرگەن بولسىمۇ، نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلەر پارا بەرگەنلەر قاتارىغا كىرمەيدۇ.

390- ماددا پارا بېرىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە بەش يىلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پارا بېرىلىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەت ئالغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ياكى دۆلەت مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ياكى دۆلەت مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلارغا بەش يىلىدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ.

پارا بەرگەنلەر سۈرۈشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن پارا بېرىش قىلمىشىنى ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرسا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.

391- ماددا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ، دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىغا پۇل- مال بەرگەن ياكى ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە دۆلتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈرلۈك نامدا ئۈستەك، راسمىيەت ھەققى بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈرگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

392- ماددا دۆلەت خادىملىرىغا پارا بەرگۈچىلەرنى تونۇشتۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.

393 - ماددا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ پارا بارگەن ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت خادىملىرىغا ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى بەرگەن ئورۇنلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. پارا بېرىپ ئېرىشكەن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 389 -، 390 -، ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

394- ماددا دۆلەت خادىملىرىدىن مەملىكەتلىك ئىچىدىكى ھۆكۈمەت پائالىيىتىدە ياكى تاشقى ئالاقىدە كۆپرەك سوۋغات قويۇل قىلىپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ تاپشۇرمىغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 382- ۋە 383- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.

395- ماددا مال- مۈلكى ياكى چىقىمى قانۇنلۇق كىرىمىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن، پەرق بەك زور بولغان دۆلەت خادىملىرى كىرىم مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈشكە بۇيرۇلسا بولىدۇ. ئۆز كىرىمىنىڭ قانۇنلۇق يول بىلەن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەنلەرنىڭ ئارتۇق كىرىمى قانۇنسىز تاپاۋەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئۇلارغا بەش يىلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ئۇلارغا بەش يىلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، مال- مۈلكىنىڭ ئارتۇق قىسمى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ.

دۆلەت خادىملىرى چېگرا سىرتىدا ئامانەت قويغان پۇلىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەلۇم قىلىشى كېرەك. سوممىسى كۆپرەك بولۇپ، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۇلار تۇتۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

396- ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى ئورۇن نامىدا كوللېكتىپ ھالدا شەخسىي بۆلۈشۈۋالغان دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپى ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

ئەدليە ئورگانلىرى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگانلاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتكە تاپشۇرۇدىغان جەرىمانە، مۇسادىرە پۇل- ماللارنى ئورۇن نامىدا كوللېكتىپ ھالدا شەخسىي بۆلۈشۈۋالغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

9- باب مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتى

397- ماددا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، جامائەتنىڭ مال- مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن تەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلىمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلىدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

398- ماددا دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن باشقا كىشىلەردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەھۋالغا قاراپ جازا بېرىلىدۇ.

399- ماددا نەپسانىيەتچىلىك ۋە يۈز- خاتىر قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ، جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ جاۋاكارلىققا تارتىقان، جىنايەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قانات ئاستىغا ئېلىپ جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن ساقلاپ قالغان ياكى جىنايى ئىشلار سوت پائالىيتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ ناھەق ھۆكۈم- كېسىم چىقارغا ئەدلىيە خادىملىرىغا بەش يىلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلىمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلىدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقولئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ھەق تەلەپ، مەمۇرىي سوت پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، ناھەق ھۆكۈم- كېسىم چىقارغانلاردىن قىلىمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ھۆكۈم، كېسىمنى ئىجرا قىلىشتا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ياكى ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىپ، قانۇن بويىچە دەۋادا ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللانماي، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىجرا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئەدلىيە خادىملىرىدىن پارا ئېلىپ ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇشۇ قانۇننىڭ 385- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنىمۇ شەكىللەندۈرگەنلەر ئېغىرراق جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا لىنىدۇ.

400- ماددا ئەدلىيە خادىملرىدىن قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ياكى جىنايەتچىنى ئاستىرتتىن قويۇپ بەرگەنلەرگە بەش يىلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئەدلىيە خادىملىرىدىن ئېغىر مەسئۇليەتسىزلىك قىلىپ، قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارياكى جىنايەتچىنى قاچۇرۇپ قويۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

401 ماددا ئەدلىيە خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، جازانى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى كمەيتكەن، ئۇلارنى شەرتلىك قويۇپ بەرگەن ياكى ئۇلارنىڭ جازاسىنى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

402- ماددا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇن بويىچە ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن قانۇن ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

403- ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىدىكى دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت ھووقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شىركەت قۇرۇش، تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى ياكى پاي چېكى، زايوم تارقىتىش، بازارغا سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ ياكى تىزىملاپ جامائەتنىڭ مال- مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار تىزىملاش ئورگىنىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنى يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلىغان بولسا، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

404- ماددا باج ئورگىنى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئېلىشقا باج كىرىمنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە زور زىيان پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

405- ماددا باج ئورگىنى خادىملىرىدىن قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تالون تارقىتىپ- سېتىش، باج پۇلىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش ۋە ئېكىسپورت باج پۇلىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش ۋە ئېكىسپورت قىلىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا بەش يىلىدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

باشقا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مالنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالۈنى، ئېكىسپورتتىن قىلىنغان تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنى بېرىش جەرىمانىدا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

406- ماددا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن توختام تۈزۈش، ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئالدىنقى دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

407- ماددا ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دەل- دەرەخلەرنى تەستىقلانغان يىللىق كېسىش نورمىسىدىن ئاشۇرۇپ كېسىشكە ئىجازەتنامە بېرىش ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دەل- دەرەخلەرنى كېسىش ئىجازەتنامىسىنى كەلسە- كەلمەس بېرىش قىلمىشى ئېغىر بولغان ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى خادىملىرىدىن ئورماننى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

408- ماددا مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ زور مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسى تۇغدۇرۇپ، جامائەتنىڭ ۋە شەخىسلەرنىڭ مال- مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان ياكى تالاپەت پەيدا قىلىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

409- ماددا ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىدىكى ئېغىر مەسئۇليەتسىزلىك قىلىپ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ياكى كېڭىيىشىنى پەيدا قىلغان خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

410- ماددا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، يەر باشقۇرۇش قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىپ، يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، يەر ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى يەر ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەن باھادا قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەتنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

411- نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ ئەتكەسچىلىككە يول قويغان تاموژنا خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

412- ماددا دۆلەتنىڭ تاۋار تەكشۈرۈش تارمىقى، تاۋار تەكشۈرۈش ئاپپاراتى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىققانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

يۇقىرقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، تاكشۈرۈشكە تېگىشلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرمەي ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، كارنتىن ئسپاتىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

213 - ماددا ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ كارانتىن خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ كارانتىن نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىققانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، كارانتىن قىلدىغان نەرسىلەرنى كارانتىن قىلماي ياكى كارانتىن ئىسپاتىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

414- ماددا يالغان، ناچار تاۋالارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايى قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش مسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

415- ماددا پاسپورت، ۋىزا بېجىرىش ياكى چېگرىدىن چىقىش- كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى دۆلەت چېگرىسىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان كىشىلەرگە بىلىپ تۇرۇپ دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) دىن چىقىش- كىرىش گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىپ بەرسە ياكى چېگرا مۇداپىئە ئورگىنى، تاموژنا ئورگىنى قاتارلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ كېتىدىغانلارنى بىلىپ تۇرۇپ قويۇۋەتسە، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

416- ماددا ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار، بالىلارنى قۇتقۇزماي ئېغىر ئاقىۋە پەيدا قىلسا، بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

قۇتقۇزۇشقان توسقۇنلۇق قىلغانلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

417- ماددا جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەقىپ قىلىش مەسئۇليىتىن ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرگە خەۋەريەتكۈزۈپ، قۇلايلىق يارىتىپ بېرىپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جازادىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا ياردەم بەرگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ

418- ماددا دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

419- ماددا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ياكى يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

10- باب ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى

420- ماددا ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن، قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان قىلمىشلىرى ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بولىدۇ.

421- ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە بۇيرۇققا قارشىلىق كۆرسىتىپ جەڭگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جەڭ ۋە ئۇرۇشنى زور زىيانغا ئۇچرىغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

422- ماددا ھەربىي ئەھۋالنى قەستەن يوشۇرۇپ، يالغان مەلۇم قىلىپ ياكى ھەربىي بۇيرۇق يەتكۈزۈشنى رەت قىلىپ، يالغان ھەربىي بۇيرۇق يەتكۈزۈپ جەڭگە زىيان كەلتۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جەڭ ۋە ئۇرۇشنى زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

423 - ماددا جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈمدىن قورقۇپ، ئۆزلىكىدىن قورال تاشلاپ دۈشمەنگە تەسلىم بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلىمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

تەسلىم بولغانلاردىن كېيىن دۈشمەنگە خىزمەت قىلغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

424 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە جەڭدىن بۇرۇن قېچىپ كەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلىمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جەڭ ۋە ئۇرۇشنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

425 - ماددا قوماندانلىق قىلغۇچىلار، دىجورنىلار ۋە ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەردىن خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە كېتىپ قېلىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئۇرۇش مەرگىلىدە، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

426- ماددا قوماندانلىق قىلغۇچىلار ياكى دىجورنىلار، ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشى، ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

427- ماددا خىزمىتى ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى مەسئۇلىيەتكە خىلاپ ئىشنى قىلدۇرۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

428- ماددا قوماندانلىق قىلغۇچىلاردىن بۇيرۇققا قارشى چىقىپ، جەڭدىن قۇرقۇپ، ئۇرۇشتا پاسسىپلىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

429- ماددا جەڭ مەيدانىدا خەۋپلىك ئەھۋالدا قالغان دوست- قوشنا قىسىمنىڭ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ۋە ياردەم بېرەلەيدىغان تۇرۇپ ياردەم بەرمەي، دوست- قوشنا قىسىمىنى ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ۋە ياردەم بېرەلەيدىغان تۇرۇپ ياردەم بەرمەي، دوست- قوشنا قىسمنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان قوماندانلىق قىلغۇچىلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

430- ماددا ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلىپ دۆلەت چىگرىسىدىن ئاسىيلىق قىلىپ قېچىپ ياكى چېگرا سىرتىدا ئاسىيلىق قىلىپ دۆلەتنىڭ ھەربىي مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئاۋىئا ۋاستىلىرى، كېمە- پاراخوتلارنى ھەيدەپ ئاسىيلىق قىلىپ قاچقانلارغا ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى، بېرىلىدۇ.

431- ماددا ئوغرىلاش، تىڭ- تىڭلاش، سېتىۋېلىش يولى بىلەن ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە خادىملارغا ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ، تىڭ- تىڭلاپ، سېتىۋېلىپ قانۇنسىز بەرگەنلەرگە ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

432- ماددا دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

433- ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ئېغىۋا تارقىتىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازسى بېرىلىدۇ؛ قىلىمشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛

قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسا بولىدۇ.

434 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆزىنى زەخملەندۇرۇۋېلىپ ھەربىي مەجبۇرىيەتتىن باش تارتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمشى ئېغىر بولغانلارغ ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

435- ماددا ھەربىي مەجبۇرىيەت قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ قىسمىدىن قاچقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

ئۇرۇش مەزگىلىدە ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

436- ماددا قورال- جابدۇق ئىشلىتىش بەلگىلمىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك ھادىسىسى پەيدا قىلغان، كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشى، ئۆلۈشىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان، كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخملىنىشى، ئۆلۈشىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلىدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

437- ماددا قورال- جابدۇق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال- جابدۇقلارنىڭ سەپلەپ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

438 - ماددا قورال - جابدۇق ياكى ھەربىي ئەشيالارنى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلىدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

قورال- ياراغ، ئوق- دورا ۋە پارتلاتقۇچلارنى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 127- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

439- ماددا ئارمىيىنىڭ قورال- جابدۇقلىرىنى قانۇنسىز ساتقان، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ زور مىقداردىكى قورال- جابدۇقنى ساتقان، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرگە ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلاغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

440- بۇيرۇققا قارشى چىقىپ، قورال- جابدۇقنى تالىۋەتكەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مۇھىم ياكى زور مىقداردىكى قورال- جابدۇقنى تاشلىۋەتكەنلەرگە ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

441- ماددا قورال- جابدۇقنى يوقىتىپ قويۇپ، ۋاقتىدا مەلۇق قىلمىغانلارغا ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

442- ماددا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئارمىيىنىڭ ئۆي- زېمىنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغان بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

443- ماددا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىىقارغانلارغا بەش يىلىدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدۇ.

444- ماددا جەڭ مەيدانىدا يارىدار ۋە كېسەل ھەربىيلەرنى قەستەن تاشلاپ كەتكەنلەردىن قىلمىشى قەبىھ بولغان بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاس بېرىلىدۇ.

445- ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە قۇتقۇزۇش- داۋالاش ئورنىدا قۇتقۇزۇش- داۋالاش شارائىتى بار تۇرۇقلۇق، كېسلى خەۋپلىك، ئېغىر ھەربىيلەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاشنى رەت قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ يارىدار- كېسەل ھەربىيلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ بولۇشىنى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ يارىدار- كېسەل ھەربىيلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ بولۇشىنى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ياكى باشقا قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

446- ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ھەرىكەت رايونىدا بىگرناھ ئاھالىلەرگە زىيان- زەخمەت يەتكۈزگەنلەرگە ياكى بىگۇناھ ئاھالىلەنىڭ پۇل- مېلىنى تالان تاراج قىلغانلارغا ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلىدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

447- ماددا ئەسىرلەرنى ئاستىرتتىن قويۇپ بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ مۇھىمى ئەسىرلەرنى ئاستىرتتىن قويۇپ بەرگەن ۋە كۆپ ئەسىرنى ئاستىرتتىن قويۇپ بەرگەنلەرگە ياكى باشقا قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلىدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

448- ماددا ئەسىرلەرنى خارلاش قىلمىشى قەبىھ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدۇ.

449- ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن، نەق خەۋپى بولمىغانلىقتىن جازاسىنى كېچىكتۈرۈش جاكارلانغان جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھەربيلەرنىڭ خىزمەت كۆرسىتىپ جىنايىتىنى يۇيۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ھەقىقەتەن خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغاندا، ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا كۈچتىن قالدۇرۇلۇپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا بولىدۇ.

450- ماددا بۇ باب جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىكى رەسمىي ئوفىتسېر، مۈلكىي كادىر، ئەسكەرلەرگە ۋە ھەربىي تەۋەلىكتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھەم جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىدىكى رەسمىي ئوفىتسېرلار، مۈلكىي كادىرلار، ئەسكەرلەر ۋە ھەربىي تەۋەلىكتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھەم ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى زاپاس خادىملار ۋە باشقا خادىملارغا تەتبىقلىنىدۇ.

451- ماددا مۇشۇ بابتا دېيىلگەن ئۇرۇش مەزگىلى دۆلەت ئۇرۇش ھالىتى جاكارلىغان ۋاقىتنى، قىسىم جەڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ياكى دۈشمەننىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.

قىسىملارنىڭ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ياكى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاقتى ئۇرۇش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.

قوشۇمچە پرىنسىپ

452- ماددا بۇ قانۇن 1997- يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مۇشۇ قانۇننىڭ قوشۇمچە (1)ىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزاملىرى، قوشۇمچە بەلگىلىمىلىرى ۋە بېكتمىلىرىدىن مۇشۇ قانۇنغا كىرگۈزۈلگەنلىرى ياكى تەتبىقلانمايدىغانلىرى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈنىدىن باشلاپ بىكار قىلىنىدۇ.

مۇشۇ قانۇننىڭ قوشۇمچە (2) دىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قوشۇمچە بەلگىلىمىلىرى ۋە بېكىتمىلىرى ساقلاپ قېلىنىدۇ. بۇلاردىن مەمۇرىي جازا ۋە مەمۇرىي تەدبىرلىرىگە دائىر بەلگىلىمىلەر كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ؛ جىنايى جاۋابكارلىققا دائىر بەلگىلىمىلەر مۇشۇ قانۇنغا كىرگۈزۈلدۇ، شۇڭا مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىىمە تەتبىقلىنىدۇ.

قوشۇمچە (1)

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۆۋەندىكى نىزام، قوشۇمچە بەلگىلىمە ۋە بېكىتمىلىرىدىن مۇشۇ قانۇنغا كىرگۈزۈلگەنلىرى ياكى تەتبىقلارنمايدىغانلىرى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىكار قىلىنىدۇ؛

1 . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ھەربىيلەرنى جازالاش ۋاقتىلىق نىزامى

2 . ئىقتىسادقا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قارار

4 . ئەتكەسچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە

5 . خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە

6 . دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە

7 . دۆلەت نۇقتىلىق قوغداۋاتقان ئەتىۋارلىق ۋە خەۋپ ئىچىدە قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە

8 . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گېربىنى ھاقارەتلەش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار

9 . قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە

10 . ئاۋىئاۋاسىتىلىرىنى بۇلىغان جىنايەتچىلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار

11 . رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماكىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە

12 . ساختا، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسدىكى قارار

13 . ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار

14 . شىركەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار

15 . ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتقان جىنايەتچىلەر ۋە ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقانلاردىن قاچقان ياكى قايتا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارى

قوشۇمچە (2)

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۆۋەندىكى قوشۇمچە بەلگىلىمىلىرى ۋە بېكىتمىلىرى ساقلاپ قېلىنىدۇ. بۇلاردىن مەمۇرىي جازا ۋە مەمۇرىي تەدبىرلەرگە دائىر بەلگىلىمىلەر كۈچكە ئىگە بولىۋرىدۇ؛ جىنايى جاۋابكارلىققا دائىر بەلگىلىمىلەر مۇشۇ قانۇنغا كىرگۈزلدى، شۇڭا مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ:

1 . زەھەرلىك بۇيۇملارنى مەمئى قىلىش توغرىسىدىكى قارار

2 . شەھۋانىي بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ياسىغان، ئېلىپ- ساتقان ۋە تارقاتقان جىنايەتچىلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار

3 . ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ ساتقان، تۇتۇپ كەتكەن جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قارار

4 . پاھىشىلىك، پاھىشىۋازلىقنى قاتتىق مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە

5 . باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرۇشقا قارشىلىق كۆرسىتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسىدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە

6 . باشقىلارنى دۆلەت چېگرىسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزگەنلەرنى قاتتىق جازالاش توغرىسدىكى قوشۇمچە بەلگىلىمە

7 . پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار

8 . قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كۆز بۇياپ كېسىش ۋە قانۇنسىز سېتىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدىكى قارار