Jump to content

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى

ئورنى Wikipedia

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورىلىقىدىكى ھاكىمىيەتنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قوغداش، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلغان قانۇن.

ئاساسىي ئۇقۇم

[تەھرىرلەش]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورىلىقىدىكى ھاكىمىيەتنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قوغداش، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلغان قانۇن.

2015–يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15–يىغىنىدا يىڭىدىن تۈزۈلگەن دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-نۇمۇرلۇق رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ ئىلان قىلدى.بۇ قانۇندا سىياسى بىخەتەرلىك،دۆلەت زىمىن بىخەتەرلىكى، ھەربى بىخەتەرلىكى، مەدىنىيەت بىخەتەلىكى، پەن-تىخىنىكا بىخەتەرلىكى قاتارلىق 11 ساھەدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋەزىپىسىگە قارىتا ئىنىق ئىزاھلاش ئىلىپ بىرىلغان ، جەمئى 7 باب، 84ماددا بولۇپ ، 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى (2015-يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15–يىغىنىدا ماقۇللاندى).


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

29-نومۇرلۇق

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» 2015–يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
                            جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
                                      2015-يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنى

ئاساسىي مەزمۇنى

[تەھرىرلەش]

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

[تەھرىرلەش]

1-ماددا، بۇ قانۇن دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورىلىقىدىكى ھاكىمىيەتنى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قوغداش، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى، خەلقنىڭ بەخت–سائادىتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ باشقا مۇھىم مەنپەئىتى نىسپىي ھالدا خەۋپ–خەتەرگە ۋە ئىچكى–تاشقى تەھدىتكە ئۇچرىمىغان ھالەتنى ساقلاش، خەۋپسىز ھالەتنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەۋپسىزلىكىنى مەقسەت، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى نېگىز، ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىكنى ئاساس، ھەربىي، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەت، خەلقئارا خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تايانچ قىلىش، ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولىدا مېڭىش كېرەك.

4-ماددا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن، ئۈنۈملۈك، نوپۇزغا ئىگە دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

5-ماددا، مەركەزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك ئاپپاراتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى ھەققىدىكى تەدبىرلەرنى بەلگىلەشكە ۋە ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە ئالاقىدار چوڭ–چوڭ فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزىدۇ، يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر چوڭ–چوڭ ئىشلار ۋە مۇھىم خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

6-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، خەلقئارا ۋە ئىچكى خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك مۆلچەرلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشانى، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك سىياسىتى، خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.

7-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ئىنسانىي ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.

8-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە ئىچكى خەۋپسىزلىك بىلەن تاشقى خەۋپسىزلىكنى، زېمىن خەۋپسىزلىكى بىلەن پۇقرالار خەۋپسىزلىكىنى، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك بىلەن ئەنئەنىۋى بولمىغان خەۋپسىزلىكنى، ئۆز خەۋپسىزلىكى بىلەن ئورتاق خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك.

9-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش ۋە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس خىزمەت بىلەن ئاممىۋى لۇشيەننى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس ئورگان ۋە باشقا ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش فۇنكسىيەسى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنى كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى توسۇش ۋە قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك.

10-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپسىزلىكنى قوغداش توغرىسىدا چەت ئەل ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن پائال پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا خەۋپسىزلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش كېرەك.

11-ماددا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ پۇقرالىرى، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، پارتىيە ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.

  جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە چېقىلىشقا ۋە ئۇنى پارچىلاشقا يول قويۇلمايدۇ. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى.

12-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى دۆلەت تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

13-ماددا، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر پائالىيەتلەردە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

ھەرقانداق شەخس ۋە تەشكىلاتلاردىن مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردە بولغانلىرى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

14-ماددا، ھەر يىلى 4–ئاينىڭ 15–كۈنى ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى بولىدۇ.

2-باب دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسى

[تەھرىرلەش]

15-ماددا، دۆلەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئۆز–ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

  دۆلەت دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاش، توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇترىتىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش ياكى خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورىسىنى ئاغدۇرۇشقا قۇترىتىش قىلمىشلىرىنىڭ ھەرقاندىقىدىن مۇداپىئەلىنىدۇ، ئۇنى توسىدۇ ۋە قانۇن بويىچە جازالايدۇ؛ دۆلەت مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش، ئاشكارىلاش قىلمىشى قاتارلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىدىن مۇداپىئەلىنىدۇ، ئۇنى توسىدۇ ۋە قانۇن بويىچە جازالايدۇ؛ چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش ھەرىكىتىدىن مۇداپىئەلىنىدۇ، ئۇنى توسىدۇ ۋە قانۇن بويىچە جازالايدۇ.

16-ماددا، دۆلەت ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، خەلقنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدۇ، ياخشى ياشاش، تەرەققىي قىلىش شارائىتى ۋە خاتىرجەم ئىشلەش، تۇرمۇش كەچۈرۈش مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ، پۇقرالارنىڭ ھاياتىنىڭ، مال–مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

17-ماددا، دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بارلىق زۆرۈر قوغدىنىش ۋە باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قۇرۇقلۇق تەۋەلىكى، ئىچكى سۇ تەۋەلىكى، دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدۇ، دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز–ئوكيان ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

18-ماددا، دۆلەت قوراللىق كۈچلەرنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان قوراللىق كۈچ بەرپا قىلىدۇ؛ ھەربىي ئىشلاردا پائال مۇداپىئەلىنىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى يولغا قويۇپ، تاجاۋۇزچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، قوراللىق ئاغدۇرمىچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىكنى توسىدۇ؛ خەلقئارا ھەربىي خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش، خەلقئارا قۇتقۇزۇش ۋە دېڭىزدا مۇھاپىزەت قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ چەت ئەلدىكى مەنپەئىتىنى قوغداش ھەربىي ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، تەرەققىيات مەنپەئەتى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدۇ.

19-ماددا، دۆلەت دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمى ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى قوغدايدۇ، ئىقتىسادىي خەۋپسىزلىك خەۋپ–خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش تۈزۈمىنى، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەر، نۇقتىلىق كەسىپلەر، مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەر، چوڭ–چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى، شۇنىڭدەك باشقا زور ئىقتىسادىي مەنپەئەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

20-ماددا، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى ماكرو جەھەتتىن ئېھتىياتچان باشقۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپ–خەتەرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋە ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق، رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ–خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىدۇ ۋە ئۇنى پەسەيتىدۇ، سىرتقى پۇل مۇئامىلە خەۋپ–خەتىرى زەربىسىدىن مۇداپىئەلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدۇ.

21-ماددا، دۆلەت بايلىق ۋە ئېنېرگىيەدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ، ئىستراتېگىيەلىك بايلىق ۋە ئېنېرگىيەنى ئېچىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدۇ، ئىستراتېگىيەلىك بايلىق ۋە ئېنېرگىيە زاپىسىنى ئاشۇرۇپ، بايلىق ۋە ئېنېرگىيە توشۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك يول قۇرۇلۇشىنى ۋە بىخەتەر قوغداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، خەلقئارا بايلىق ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جىددىي كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئېھتىياجلىق بولغان بايلىق ۋە ئېنېرگىيەنى سىجىل، ئىشەنچلىك ۋە ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ بېرىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

22-ماددا، دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ساقلاپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمى، ئوبوروت سىستېمىسى ۋە بازار ئارقىلىق تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى بويىچە سىگنال بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق تەمىناتى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

23-ماددا، دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىلغار مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ناچار مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، مەدەنىيەتنىڭ بىر پۈتۈن كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

24-ماددا، دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلالايدىغان ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ۋە مۇھىم ساھەلەردىكى يادرولۇق، ھالقىلىق تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش، قوغداش ۋە پەن–تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

25-ماددا، دۆلەت تور ۋە ئۇچۇر خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تور ۋە ئۇچۇر خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تور ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىش، قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، تور ۋە يادرولۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئاچقۇچلۇق ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى شۇنىڭدەك سانلىق مەلۇمات خەۋپسىزلىكى بويىچە كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ تور باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تورغا ھۇجۇم قىلىش، تورغا بېسىپ كىرىش، تور مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش، قانۇنغا خىلاپ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىش قاتارلىق توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنى توسۇپ ۋە قانۇن بويىچە جازالاپ، دۆلەتنىڭ تور بوشلۇقى ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

26-ماددا، دۆلەت مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ. مىللەتلەرنىڭ باپباۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنى توسۇپ ۋە قانۇن بويىچە جازالاپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى قوغداپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

27-ماددا، دۆلەت پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ۋە نورمال دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، دىنلارنىڭ مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەردىن مۇداپىئەلىنىدۇ، ئۇنى توسىدۇ ۋە قانۇن بويىچە جازالايدۇ. چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ چېگرا ئىچىدىكى دىن ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا قارشى تۇرىدۇ، نورمال دىنىي پائالىيەت تەرتىپىنى قوغدايدۇ.

 دۆلەت بىدئەت تەشكىلاتلارنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ بىدئەت جىنايى ھەرىكەتلەردىن مۇداپىئەلىنىدۇ، ئۇنى توسىدۇ ۋە قانۇن بويىچە جازالايدۇ.

28-ماددا، دۆلەت ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمغا قارشى تۇرىدۇ، تېررورىزمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، ئاخبارات توپلاش، تەكشۈرۈش، مۇداپىئەلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش شۇنىڭدەك مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە ئىشلەپ، تېررورلۇق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق جازالايدۇ.

29-ماددا، دۆلەت ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەردىن پائال ساقلىنىدۇ، ئۇنى ئازايتىدۇ ۋە پەسەيتىدۇ، جامائەت ساغلاملىقى، جەمئىيەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت تىنچلىقىنى قوغدايدۇ.

30-ماددا، دۆلەت ئېكولوگيەلىك مۇھىتنى ئاسراش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش ۋە مۇھىت ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش قىزىل سىزىقىنى بەلگىلەيدۇ، ئېكولوگىيەلىك خەۋپ – خەتىرىدىن سىگنال بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنى كۈچەيتىدۇ، تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقنىڭ ياشىشىغا ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولغان ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق قاتارلىق تەبىئىي مۇھىت، شارائىتنىڭ تەھدىتكە ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

31-ماددا، دۆلەت يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە يادرو تېخنىكىسىدىن تىنچلىق ئاساسىدا پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرىدۇ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يادرونىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كېڭىيىپ كېتىشتىن ساقلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يادرو ئەسلىھەلىرى، يادرو ماتېرىياللىرى، يادرو ھەرىكەتلىرى ۋە يادرو تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتەك بىخەتەر باشقۇرۇشنى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىدۇ، يادرو ھادىسىلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، يادرو ھادىسىلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان زىيىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنى كونترول قىلىپ ۋە تۈگىتىپ، يادرو تەھدىتى ۋە يادرو ھۇجۇمىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

32-ماددا، دۆلەت تىنچلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە تاشقى بوشلۇق، خەلقئارالىق دېڭىز ئاستى رايونى ۋە قۇتۇپ رايونىدىن پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر كىرىپ–چىقىش، ئىلمىي تەكشۈرۈش، ئېچىپ پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى بوشلۇق، خەلقئارالىق دېڭىز ئاستى رايونى ۋە قۇتۇپ رايونىدىكى پائالىيىتى، مەبلىغى ۋە باشقا مەنپەئەتىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدۇ.

33-ماددا، دۆلەت زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، چەت ئەلدىكى جۇڭگونىڭ پۇقرالىرى، تەشكىلاتلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، دۆلەتنىڭ چەت ئەلدىكى مەنپەئىتىنى تەھدىتكە ۋە دەخلىگە ئۇچراتمايدۇ.

34-ماددا، دۆلەت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

3-باب دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى

[تەھرىرلەش]

35-ماددا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىلىرىنى قارار قىلىدۇ، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلاش، مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەر قىلىش ياكى قىسمەن سەپەرۋەر قىلىشنى قارار قىلىدۇ، مەملىكەت بويىچە ياكى ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتۈشىنى قارار قىلىدۇ، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەرگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.

36-ماددا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بويىچە، جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكنى جاكارلايدۇ، ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكنى جاكارلايدۇ، سەپەرۋەرلىك پەرمانىنى ئېلان قىلىدۇ، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.

37-ماددا، گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بويىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي نىزاملارنى چىقىرىدۇ، ئالاقىدار مەمۇرىي تەدبىرلەرنى بەلگىلەيدۇ، ئالاقىدار قارار ۋە بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىدۇ؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر قانۇن–نىزاملار ۋە سىياسەتلەرنى يولغا قويىدۇ؛ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دائىرىسىدىكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتۈشىنى قارار قىلىدۇ؛ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەرگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ.

38-ماددا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، ھەربىي ئىستراتېگىيە ۋە قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش فاڭجېنىنى بېكىتىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر ھەربىي ھەرىكەتلەرگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي نىزاملارنى چىقىرىدۇ، ئالاقىدار قارار ۋە بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىدۇ.

39-ماددا، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تارماقلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئائىت فاڭجېن، سىياسەت ۋە قانۇن–نىزاملارنى ئىش تەقسىماتى بويىچە ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ئۆز سىستېمىسى، ساھەسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

40-ماددا، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر قانۇن – نىزاملارغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقۇرىدۇ.
  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

41-ماددا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يۈرگۈزىدۇ، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەپتىش ھوقۇقىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يۈرگۈزىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتىنى جازالايدۇ.

42-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات–ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە يىغىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە تەھقىقلەش، توختىتىپ قويۇش، تەييارلىق سوراق قىلىش ۋە قولغا ئېلىش ھوقۇقىنى شۇنىڭدەك قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ.

  ئالاقىدار ھەربىي ئورگانلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ.

43-ماددا، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.

  دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەردە مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق ئادا قىلىشى، خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى، خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە–كەلمەس ئىشلەتمەسلىكى، شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىگە چېقىلماسلىقى كېرەك.

4-باب دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈمى

[تەھرىرلەش]

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

[تەھرىرلەش]

44-ماددا، مەركەزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك ئاپپاراتى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن تارقاقلاشتۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن، ماسلاشتۇرۇلغان، ئۈنۈملۈك بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈمى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويىدۇ.

45-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە مۇھىم ساھەلەرنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، مەركەزنىڭ ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرىدۇ.

46-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە چوڭ–چوڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

47-ماددا، تارماقلار ۋە جايلار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە يولغا قويۇشى كېرەك.

48-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، تارماق ھالقىغان كېڭىشىش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە دائىر چوڭ–چوڭ ئىشلارنى بىرلىكتە كېڭىشىپ، مۇھاكىمە قىلىپ پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىدۇ.

49-ماددا، دۆلەت مەركەز ۋە جايلار ئارا، تارماقلار ئارا، قىسىم ۋە يەرلىك شۇنىڭدەك رايونلار ئارا دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە ھەمكارلىشىش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ.

50-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئائىت تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىك مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالاقىدار ساھەلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشكە تۈرتكە بولىدۇ.

2-پاراگراف ئاخبارات–ئۇچۇر

[تەھرىرلەش]

51-ماددا، دۆلەت بىر تۇتاش سىستېمىلاشقان ئىنكاسى تېز، توغرا، ئۈنۈملۈك، يۈرۈشۈشى راۋان ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى يىغىش، تەھلىل قىلىش ۋە پايدىلىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئاخبارات–ئۇچۇر خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئاخبارات–ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يىغىش، توغرا تەھلىل قىلىش، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

52-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئالاقىدار ھەربىي ئورگانلار ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات – ئۇچۇرلارنى قانۇن بويىچە يىغىدۇ.

دۆلەت ئورگىنى تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا ئېرىشكەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

53-ماددا، ئاخبارات–ئۇچۇر خىزمىتىنى ئىشلەشتە، زامانىۋى پەن–تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاخبارات–ئۇچۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش، تاللاش، ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

54-ماددا، ئاخبارات–ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا، توغرا، ئەينەن يوللاش كېرەك. كېچىكتۈرۈشكە، چۈشۈرۈپ قويۇشقا، يوشۇرۇشقا ۋە يالغان مەلۇم قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

3-پاراگراف خەۋپ–خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باھالاش، سىگنال بېرىش

[تەھرىرلەش]

55-ماددا، دۆلەت ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ–خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

56-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ–خەتىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ باھالايدۇ.

ئالاقىدار تارماقلار مەركەزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ–خەتىرىنى باھالاش دوكلاتىنى قەرەللىك يوللىشى كېرەك.

57-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ–خەتىرىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ–خەتىرىنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن، خەۋپ–خەتەر سىگنالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك.

58-ماددا، پات ئارىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ياكى يۈز بەرگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ۋەقەلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى بەلگىلىمە بويىچە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا دەرىجە ئاتلاپ مەلۇم قىلسىمۇ بولىدۇ.

4-پاراگراف تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

[تەھرىرلەش]

59-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان، مۇئەييەن ئەشيا تۈرى ۋە ھالقىلىق تېخنىكا، تور ئۇچۇرى تېخنىكا مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرى شۇنىڭدەك باشقا چوڭ–چوڭ تۈرلەر ۋە پائالىيەتلەرنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ–خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى پەسەيتىدۇ.

60-ماددا، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تارماقلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا بىنائەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈش قارارىنى قانۇن بويىچە چىقىرىدۇ ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈش پىكرىنى قويىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىدۇ.

61-ماددا، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمىتىگە قانۇن بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

5-پاراگراف كىرىزىسنى تىزگىنلەش

[تەھرىرلەش]
62-ماددا، دۆلەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھەمكارلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسىنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى چىقىرىدۇ.

63-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان چوڭ–چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار جايلار مەركەزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىنائەن، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇپ، تىزگىنلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىدۇ.

64-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پەۋقۇلئاددە چوڭ ۋەقە يۈز بېرىپ، جىددىي ھالەتكە، ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتۈش ياكى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەر قىلىشقا، قىسمەن سەپەرۋەر قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياكى گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە قارار قىلىدۇ.

65-ماددا، دۆلەت جىددىي ھالەتكە، ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتۈشنى قارار قىلسا ياكى دۆلەت مۇداپىئەسى بويىچە سەپەرۋەر قىلسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسىنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئالاقىدار ئورگانلار قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويۇش، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى كۆپەيتىشتەك ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق.

66-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسىنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئالاقىدار ئورگانلار قانۇن بويىچە قوللانغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان تىزگىنلەش تەدبىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپنىڭ خاراكتېرى، دەرىجىسى، دائىرىسىگە ماس كېلىشى كېرەك؛ تەدبىر كۆپ بولۇپ، تاللاش ئىمكانىيىتى بولسا، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداشقا پايدىلىق تەدبىرنى تاللاش كېرەك.

67-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسىگە دائىر ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىش ۋە ئېلان قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىس ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسىنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ئالاقىدار ئورگانلار بەلگىلىمە بويىچە توغرا، ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى كىرىزىسى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش، كېڭىيىپ كېتىش، تىزگىنلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى شۇنىڭدەك كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە قانۇن بويىچە بىر تۇتاش ئېلان قىلىشى كېرەك.

68-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىش ۋە خەۋپ يەتكۈزۈش ۋەقەسى تىزگىنلەنگەن ياكى تۈگىگەندىن كېيىن، تىزگىنلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى ۋاقتىدا بىكار قىلىپ، قالدۇق ئىشلارنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

5-باب دۆلەت خەۋپسىزلىكى كاپالىتى

[تەھرىرلەش]

69-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

70-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئائىت قانۇن – تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

71-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە كېرەكلىك خىراجەت ۋە جابدۇقنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

72-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە ئىستراتېگىيەلىك ئەشيا زاپىسى تەييارلاشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەشياسىنى تەقلىشى، ساقلىشى ۋە ئاسرىشى، زاپاس ئەشيانى قەرەللىك تەڭشەپ، ئالماشتۇرۇپ، زاپاس ئەشيانىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

73-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، پەن – تېخنىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىكى رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

74-ماددا، دۆلەت زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان كەسپىي خادىملار ۋە ئالاھىدە ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ، تەربىيەلەيدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۆلەت ئالاقىدار ئورگانلاردىكى مەخسۇس دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ سالاھىيىتى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، جىسمانىي جەھەتتىن قوغداش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتىنى ئاشۇرىدۇ.

75-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئالاقىدار ھەربىي ئورگانلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەخسۇس خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، قانۇن بويىچە زۆرۈر ۋاسىتە ۋە ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ، ئالاقىدار تارماق ۋە جايلار مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قوللىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.

76-ماددا، دۆلەت دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئائىت ئاخبارات–تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىق–تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى مىللىي مائارىپ سىستېمىسى ۋە مەمۇرلارنى تەربىيەلەش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ئاشۇرىدۇ.

6-باب پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى

[تەھرىرلەش]

77-ماددا، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ئائىت تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە نىزاملاردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش؛
(2) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەت يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش؛
(3) بىلىپ قالغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىگە چېتىلىدىغان دەلىل–ئىسپاتلارنى ئەينەن بېرىش؛
(4) دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىش ياكى ۋە باشقا ياردەملەرنى بېرىش؛
(5) دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگانلارنى قوللاش ۋە ياردەملىشىش؛
(6) بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش؛
(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەجبۇرىيەتلەر.

ھەر قانداق شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان شەخس ياكى تەشكىلاتقا ماددىي ياردەم بېرىشىگە ياكى ياردەملىشىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

78-ماددا، ئورگانلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز ئورنىدىكى خادىملارغا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تەربىيەسى بېرىشى، ئۆز ئورنىدىكى خادىملارنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردىن مۇداپىئەلىنىشكە ۋە ئۇنى توسۇشقا سەپەرۋەر قىلىشى ۋە تەشكىللىشى كېرەك.

79-ماددا، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىغا ماسلىشىشى كېرەك.

80-ماددا، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى قوللاش ۋە ياردەملىشىش ھەرىكىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ياردەملىشىش سەۋەبىدىن، ئۆزى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرىغانلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن قوغداشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قانۇن بويىچە قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

81-ماددا، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلاردىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ياردەملىشىش سەۋەبىدىن، مال–مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغانلىرىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ جىسمانىي زەخىمگە ئۇچرىغانلىرىغا ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە نەپىقە بېرىلىدۇ ۋە غەمخورلۇق قىلىنىدۇ.

82-ماددا، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى ئۈستىدە تەنقىد، تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى بار، دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش، شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىش ھوقۇقى بار.

83-ماددا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە ئىش قىلىش ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئېھتىياجىنى چەك قىلىش كېرەك.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

[تەھرىرلەش]

84-ماددا، بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مۇتەخەسىسلەر چۈشەندۈرىشى

[تەھرىرلەش]

بىرىنجى يارقىن نوقتا : ئۇنۋىرسال،ئومومىيۈزلۈك،ئاساس خاراكتىرلىك دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى

[تەھرىرلەش]

چىڭخۇا ئۇنۋىرىستىتى قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭجىنمىن :مەركەزنىڭ قارارلىرى دۆلەت دۇچ كەلگەن بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن،دۆلەت بىخەتەرلىكى ئومومى نوقتى –نەزىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش ئارقىلىق دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇن تۈزۈم سىستىمىسىنى بەربا قىلىش، مانا بۇ دۆلەت بىخەتەرلىكى يىڭى قانۇنىنى تۈزۈشنىڭ مەقسىتى.

مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، گوۋۇيۈەن قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسى دۆلەت-مۇداپىئە سىياسى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇخاۋ : دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى تەرەققىياتى ئۆزگىرىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنۋىرسال، ئومومى خاراكتىرلىك، ئاساس خاراكتېرلىك بىر قانۇن تۈزۈشىگە مۇھتاج . دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇپ بولۇپ، كۆپىنچىسى پىرىنسىپ خاراكتىرلىك بەلگىلىمىلەر، بۇ ئارقىلىق دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش ئارقىلىق تولۇقلاشقا تىگىشلىك بوشلۇقلار ئاساسلىق قىلىپ ھەل قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنىڭدىن كىيىن تۈزىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك تولۇقلاش خاراكتىردىكى قانۇن-تۈزۈملەرگە بوشلۇق يارىتىپ بەردى.

ئىككىنجى يارقىن نوقتا : دۆلەت ئىقدىسادى بىخەتەرلىكىنى قوغداش

===جۇڭگو سىياسى–قانۇن ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مادىخۈەي : بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى، ئىقدىسادى بىخەتەلىك ===نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزىمىنى قايتىدىن قاراپ چىقىپ، بۇندىن كىيىنكى ئىقدىسادى بىخەتەلىك تەپتىش –نازارەت قىلىش ئۇسۇلىنى تۈزىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قانۇنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

ئۈچىنجى يارقىن نوقتا : مەدىنىيەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش

جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى قانۇن پەنلىرى باشقارمىسى خەلقىئارا قانۇن ئىستىراگىدىيە تەتقىقات بۆلىمىنىڭ مۇدىرى لىجوڭ : بىزنىڭ مەدىنىيەت بىخەتەرلىكىمىز ھەرگىزمۇ مەدىنىيەتنى قامال قىلىش، گەپ-سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئەمەس ، ھەم بىزنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارماسلىقىمىزمۇ ئەمەس، بىز داۋاملىق باراۋەر سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇشۇ جەرياندا جۇڭخۇا مەدىنىيىتىنى بىيىتىپ ،پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشىشىمىز لازىم.

تۆتىنجى يارقىن نوقتا : دۆلەتنىڭ تور بوشلۇق مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى قوغداش

[تەھرىرلەش]

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭجىنمىن : بۇ قانۇن «تور بوشلۇقى مۇستەقىللىق ھوقۇقى» ئۇقۇمىنى تۇنجى بولۇپ ئىنىق شەرھىيلەپ بەردى، بىزبۇنى دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ توربوشلىقىدا ئىپادىلىنىشى ، داۋامى ۋە ئەكىس ئىتىشى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.

بەشىنجى يارقىن نوقتا : ئالەم بوشلۇقى،دىڭىز ۋە قۇتۇپ رايونى قاتارلىق يىڭى ساھەلەردىكى دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قانۇن ئاساس بىلەن تەمىنلىدى

[تەھرىرلەش]

جۇڭگو سىياسى–قانۇن ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مادىخۈەي : جۇڭگو بىر چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 6 دىن 1 نى ئىگەللەيدۇ، مۇشۇ خىلدىكى يىڭى ساھەلەرگە كىرىشنى تەستىقلىدى ۋە قاتناشتى ، بىرقىسىم خەلقىئارا ئەھدىلەرنى ئىمزالىدى. جۇڭگۇنىڭ ئەھدىنامىدىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتەيدىغان ،بۇ يىڭى ساھەلەردە ئىزدىنىش ، ئىچىش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىدىغان ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. بۇ جەرياندا بىزنىڭ قانۇن بويىچە ئۆزىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىمىز، مال-مۈلۈكلىرىمىز ۋە خادىملىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھوقۇقىمىزمۇ بار.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]