جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ- تۇپراق ساقلاش قانۇنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ- تۇپراق ساقلاش قانۇنى
(1991-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى
دائىمى كوممۇتىتى 20- يىغىنىدا ماقۇللانغان)
بىرىنچى باب ئومۇمى پىرىنسىپ
1- ماددا بۇ قانۇن سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش، سۇ- تۇپراق بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، سۇ، قۇرغاقچىلىق، قۇم –بوران ئاپىتىنى يېنىكلىتىپ، ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى.
2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيىتلغان سۇ– تۇپراقنى ساقلاش تەبىئ ئامىللار ۋە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق كېلىپ چىققان سۇ – تۇپراق ئېقىپ كېتىش ئەھۋاللىرىغا قارىتا قوللىنىلىدىغان ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە قارىتىلغان.
3- ماددا بارلىق ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ سۇ-تۇپراق بايلىقىنى ئاسراش، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيتى، شۇنداقلا سۇ- تۇپراق بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغا ئورۇنلار ۋە شەخىسلەرنى پاش قىلىش ھوقوقى بار.
4- ماددا دۆلەت سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئومۇمىيۈزلۈك پىلانلاش، ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، شۇجاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش فاڭجىنىنى يولغا قويىدۇ.
5- ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ- تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىنى مۇھىم مەسئۇلىيىتى قاتارىغا قويۇشى، تەدبىر قوللىنىپ، سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
6- ماددا گوۋۇيۈننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇغۇچى تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرى ئۆزىگە تەۋە رايۇندىكى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگەمەسئۇل بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكىتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىىرىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرى ئۆزىگە تەۋە رايوندىكى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
7-ماددا گوۋۇيۇەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرى سۇ- تۇپراق بايلىقىنى تەكشۈرۈش، باھالاش ئاساسىدا، ئالاقىدار تارماقلاربىلەن بىرلىكتە سۇ-تۇپراقنى ساقلاش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى، سۇ- تۇپراقنى ساقلاش پىلانىنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە يوللاپ تەستىقلىتىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلىغان سۇ-تۇپراقنى ساقلاش پىلانىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇغۇچى تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىشى لازىم. سۇ- تۇپراقنى ساقلاش پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىشى ئەسلىدىكى تەستىقلىغان ئورگاننىڭ تەستىقدىن ئۆتكۈزىلىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش پىلانىدا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلەرنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجدىمائى تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىشى، ئۇنىڭغا مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە ئۇ پىلاننى يولغا قويۇشى لازىم.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە دائىر كونكىرىت ئەھۋالغا ئاساسەن سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان نۇقتىلىق رايۇن ئايرىپ، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك.
8- ماددا سۇ تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش پائلىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ۋە شەخىسلەر تەدبىر قوللىنىپ سۇ تۇپراق بايلىقىنى ئاسرىشى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش ئەھۋالىنى تىزگىنلەشكە مەسئۇل بولىشى لازىم.
9- ماددا ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش توغرىسىدىكى تەشۋىقىي تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، سۇ –تۇپراقنى ساقلاشقا دائىر پەننى بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرىشى لازىم.
10- ماددا دۆلەت سۇ-تۇپراقنى ساقلاشقا دائىر پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ سۇ-تۇپراقنى ساقلاش، پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، سۇ-تۇپراقنى ساقلاشقا دائىر ئىلغار تېخنىكىلارنى كېڭەيتىش ۋە سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ساھەسىدىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى پىلانلىق يېتىشتۈرۈشنى قوللايدۇ.
11- ماددا سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولغان ئورۇنلار ۋە شەخىسلەرنى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇكاپاتلايدۇ.
ئىككىنجى باب ئالدىن ئېلىش
12- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئومۇمىي خەلق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئىشىنى تەشكىللەپ ئوت-چۆپ تېرىىش، ئورمان بىلەن قاپلىنىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى كۆپەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.
13- ماددا ھەر دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن يېزائىگىلىك كوللىكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى دۆلەت ئىگىلىگىدىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەيدانلىرى ۋە فېرمىلارنىڭ يېقىلغۇ ئورمىنى تىكىشكە، ئوت-چۆپ يېشىل ئوغۇتلۇق ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىشقا ئۇيۇشتۇرۇش، پىلانلىق ھالدا تاغلارنى قامال قىلىپ ئورمان، ئوت-چۆپ يېتىشتۈرۈپ، ئوتلاقنى نۆۋەت بىلەن قامال قىلىپ، نۆۋەت بىلەن چارۋا مال بېقىپ، بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈپ، قۇمنى تىزگىنلىشى، يېپىنچا ئۆسۈملەكلەرنى قوغدىشى كېرەك. ئورماننى ۋەيران قىلىپ بوز يەر ئېچىش، تاققا ئوت قويۇپ بوز يەر ئېچىش، يانتۇلۇق ۋە قىيالاردا، قۇرغاق رايۇنلاردا ئوت-چۆپلەرنى قىرىپ، دەرەخ كۆتەكلىرىنى كولاشنى مەنئى قىلىشى لازىم.
14- ماددا 25گىرادۇستىن يۇقىرى قىيا-يانتۇلۇقلارنى ئېچىپ زىرائەت تېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزىگە قاراشلىق رايۇنلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن، 25 گىرادۇستىن تۆۋەن ئېچىش مەنئى قىلىنغان يانتۇلۇقلارنىڭ ئۆلچىمىنى بەلگىلىسە بولىدۇ.
ئېچىش مەنئى قىلىنغان يانتۇلۇقلارنىڭ كونكىرت دائىرىسىنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئايرىپ چىقىدۇۋە بۇ ھەقتە ئېلان چىقىرىدۇ.
بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئېچىش مەنئى قىلنغان يانتۇلۇقلارنى ئېچىپ زىرائەت تېرىغانلار ئاساسىي ئېتىز بەرپا قىلىش ئاساسىدائەمىلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، يەرلەرنى تېرىلغۇيەر دائىرىسىدىن قايتۇرۇپ، دەرەخ تىكىپ، ئوت-چۆپ تېرىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىشى ياكى پەلەمپەي ئېتىز بەرپاقىلىشى لازىم.
15-ماددا ئېچىش مەنئى قىلىنغان گىرادۇس ئۆلچىمىدىن تۆۋەن، بەش گىرادۇستىن يۇقىرى قاقاس يانتۇلۇقلارنى ئېچىشنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزىشى لازىم، دۆلەت ئىگىلىگىدىكى قاقاس يانتۇلۇقلارنى ئاچقۇچىلار ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۈقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە يەر ئېچىش رەسمىيىتى ئۆتەپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كىرەك.
16- ماددا دەل-دەرەخلەرنى كېسىشتە شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۇش، مۇۋاپىق كېسىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، كېسىشنى قاتتىق تىزگىنلەش، ياغاچ كېسىش رايۇنى ۋە ماتىرىيال توپلاش يولىدا سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، شۇنداقلا كەسكەندىن كېيىن يېڭىلاپ، ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا ئورۇنداش كېرەك. سۇمەنبەلىرى ئارقىلىق ئاسىرىلىدىغان ئورمانلاردا سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ئورمىنى ۋە قۇمىنى تۇراقلاندۇرۇپ، بوراندىن مۇداپئە كۆرۈش ئورمىنى قاتارلىق ئىھاتە ئورمانلىرىنى يېتىشتۇرۇش ۋە يېڭلاش خاراكتېرىدە كېسىشكلا بولىدۇ.
ئورمانچىلىق رايونىدا دەل-دەرەخلەرنى كېسىشكە توغرا كەلسە، كېسش لايىھىسىدە يۇقىرىدىكى تارماقتىكى بەلىگىلىمە بويىچە كېسىش رايونىدىكى سۇ-تۇپراقىنى ساقلاش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرى ۋە ئورمانچىلىق مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرى نازارەتچىلىك قىلىدۇ.
17-ماددا بەش گىرادۇستىن يۇقىرى يانتۇلۇقلارنى تەكشىلەپ ئورمان بىنا قىلىش، كۆچەت يېتشتۈرۈش، كامىللا دەرىخى، ئالورتىس دەرىخى قاتارلىق ئىقتىسادى ئورماننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن، سۇ تۇپراقنى ساقلاش تەدبىرىلىرىنى قوللۇنۇپ، سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
18-ماددا تۆمۈر يول، تاشيول ۋە سۇقۇرۇلۇشى ياسىغاندا يىپىنچا ئۆسۈملۈكلەرگە يېتىدىغان بۇزغۇنچىلىقنى ئىمكان قەدەر ئازايتىش لازىم. تاشلاندۇق شېغىل، تاش، توپىلارنى بەلگىلىگەن مەخسۇس جايغا دۆۋىلەش كېرەك، ئۇلارنى دەريا، كۆل، سۇ ئامبارلىرىغا ۋە مەخسۇس تۆكۈش بەلگىلەنگەن جايدىن باشقا ئېرىق، جىلغىلارغا تۈكۈشكە بولمايدۇ، تۆمۈريول، تاشيوللارنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى پاسىللار ئىچىدىكى يانتولۇقلاردا يانتۇلۇقنى ئاسراش تەدبىرى ۋە باشقا يەرنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك، قورۇلۇش پۈتكەندىن كىيىن توپا ئالغان جاي، كوللىغان جاي ۋە تاشلاندۇق شېخىل، تاش، توپا تۆكۈلگەن ئوچۇقچىلىقلارغا كۆچەت تىكىش، ئوت-چۆپ تېرىش، سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
كان -كارخانلىرى، ئېلىكتىر- ئېنىرگىيە كارخانىلىرى ۋە باشقا چوڭ، ئوتتۇرا سانائەت كارخانىلىرىنى قۇرىغاندا، چىقىرۋىتىلگەن، توپا، تاش، ناچار رودا ۋە داشقانلارنى بەلگىلەنگەن مەخسۇس جايغا دۆۋىلەش كېرەك، دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرى ۋە مەخسۇس تۆكىدىغان جايدىن باشقا جىلغا، ئېرىقلارغا تۆكۈشكە بولمايدۇ، كان ئېچىش ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش سەۋەبىدىن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر زىيانغا ئۇچرىتىلغان بولسا، ئۈستىنكى توپا قاتلىمىنى ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
19-ماددا تاغلىق رايۇن، ئېدىرلىق، قۇم-بورانلىق جايلاردا تۆمۈريول، تاشيول، سۇ قۇرۇلىشى ياسىغاندا، كان-كارخانىسى، ئېلىكتىر –ئېنېرگىيە كارخانىسى ۋە باشقا چوڭ، ئوتتۇرا سانائەت كارخانىسى قۇرغاندا قۇرۇلۇش تۈرى مۇھىت تەسىرى توغرىسىدىكى دوكلات نامىدە سۇچىلىق مەمۇرى باشقۇرغۇچى تارماقلىرى قوشۇلغان سۇ تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسى بولىشى كېرەك. سۇ-تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسى مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۈزىلىشى لازىم.
تاغلىق رايۇن، ئېدىرلىق قۇم بورانلىق رايۇنلاردا قېزىلما بايلىقلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يېزا، بازار كوللىكتىپ كان-كارخنىلىرىنى قۇرغاندا ۋە يەككىلەر كان ئېچىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنڭ سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرى قوشۇلغان سۇ- تۇپراقنى ساقلاش لايىھەسى بولىشى لازىم، شۇنداق بولغاندىلا، كان ئېچىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشكە بولىدۇ.
قۇرۇلۇش تۈرىدىكى سۇ –تۇپراقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى ئاساسى گەۋدە قۇرۇلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا لايىھەلەش، ئۇنىڭ قۇرۇلىشىنىمۇ تەڭ باشلاش، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ئىشلىتىش لازىم. قۇرۇلۇش تۈرى پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋالغاندا سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشى، بۇنىڭغا سۇچىلىق مەمۇرى باشقۇرغۇچى تارماقلىرى ئادەم قاتناشتۇرىشى كېرەك.
20- ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ كان ئېچىش، توپا ئېلىش، شېخىل ئېلىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
گۆمۈرىلىدىغان، سېرىلما يانتۇلۇق، خەۋىپلىك جايلار ۋە ئاسانلار لاتقا ئاقىدىغان جايلاردىن توپا ئېلىش، شېخىل ئېلىش، تاش قېزىشنى چەكلەش، گۆمۈرىلىدىغان سېرىلما يانتۇلۇقلار ۋە ئاسانلا لاتقا ئاقىدىغان دائىرىسنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ئۈچىنجى باب تىزگىنلەش
21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇ-تۇپراقنى ساقلاش پىلانىغا ئاساسەن ئالاقىدار مەمۇرى باشقۇرغۇچى تارماق ۋە ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى پىلانلىق تىزگىنلىشى لازىم.
22- ماددا سۇ يالاپ كەتكەن جايلاردا تەبىئى جىرالار ۋە ئۇنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى تاغ باغرىدا شەكىللەنگەن كىچىك ئېقىن ساھىللىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئومۇمىيۈزلۈك پىلانلاش، ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش، سۇ تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ئۇنۋېرسال مۇداپىئە كۆرۈش سېستىمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. بوران يالاپ كەتكەن رايۇنلاردا سۇ مەنبەئەسىنى ئېچىش، سۇ باشلاپ مۇمنى يۆتكەش، دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپ تېرىش، قۇم توسما ۋە چاسا ئورمان تورى بەرپا قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈپ، قۇمنى تىزگىنلەش ئىھاتە سېستىمىسىنى بەرپا قىلىپ قۇم بوران خەۋپىنى تىزگىنلەش لازىم.
23- ماددا دۆلەت سۇ -تۇپراق ئېقىپ كېتىدىغان رايۇنلاردىكى يېزا ئىگىلىك كوللىكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە دېھقانلارنىڭ سۇ –تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەشكە ئىلھام بېرىدۇ، شۇنداقلا مەبلەغ، ئېنىرگىيە، ئاشلىق، باج قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇمى يۈزلۈك يار-يۆلەكتە بولۇش سىياسىتىنى قوللىنىدۇ، ئۇنىڭ كونكىرىت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
24-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك كوللىكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە دېھقانلارنى ئېچىش چەكلەنگەن يانتۇ لۇقتىن تۆۋەن، بەش گىرادۇستىن يۇقىرى تېرىلغۇ يەرلەرنى پىلانلىق تىزگىلەش، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، سۇنى چىقىرىۋېتىش سېستىمىسىنى ئوڭشاش، پەلەمپەي ئېتىز قۇرۇش سۇ يىغىپ تۇپراقنىڭ ئاسراپ، تېرىقچىلىق قىلىش قاتارلىق سۇ-تۇپراقنى ساقلاش تەەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا تەشكىللىشى لازىم.
25- ماددا سۇ تۇپراق ئېقىپ كېتىدىغان رايۇنلاردىكى كوللىكتىپ ئىلكىدىكى يەرلەرنى شەخىسلەرگە ھۆددىگە بەرگەندە سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىلەش مەسئۇلىيىتىنى ھۆددىگەرلىك توختامىغا كىرگۈزۈش لازىم.
26- ماددا تاقىر تاغ، تاقىر جىلغا، تاقىر تۆپىلىك، چۆللۈكلەردە يېزا ئىگلىك كوللىكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى، دېھقانلار ياكى بىرلەشمە ئائىلىلەر سۇ تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەشنى ھۆددىگە ئالسا بولىدۇ.
تاقىر تاغ، تاقىر جىلغا، تاقىر تۆپىلىك، چۆللۈكلەردە سۇ تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەشنى ھۆددىگە ئالغانلار كىم تىزگىلىسە شۇ مەنپەئەتدار بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ تىزگىنلەش توختىمى تۈزىشى لازىم.
ھۆددىگە ئېلىپ تىزگىنلەش ئۈچۈن تىكىلگەن دەل-دەرەخلەر ۋە ئۇنىڭ مىۋىلىرى ھۆددىگە ئالغۇچىلارنىڭ ئىگەدارچىلىغىدا بولىدۇ. ھۆددىگە ئېلىپ تىزگىنلەش ئارقىلىق كۆپەيگەن يەرنى ھۆددىگە ئالغۇچى ئىشلىتىدۇ.
دۆلەت ھۆددىگە ئېلىپ تىزگىنلەش توختامى تۈزۈشكۈچىلەرنىڭ قانۇنى ھوقوق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. ھۆددىگە ئېلىپ تىزگىنلەش توختامى كۈچكە ئىگە مەزگىلدە ھۆددىگە ئالغۇچى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ۋارىسى ھۆددىگە ئېلىپ تىزگىنلەش توختىمىدىكى كېلىشىم بويىچە داۋاملىق ھۆددىگە ئالسا بولىدۇ.
27- ماددا كارخانا، كەسپى ئورۇنلار قۇرۇلۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا سۇ-تۇپراقنى ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىشى، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەشكە مەسئۇل بولىشى لازىم. ئۆز ئورنىنىڭ تىزگىنلەشكە قۇدرىتى يەتمىسە، سۇچىلىق مەمۇرى باشقۇرغۇچى تارماقلىرى تىزگىنلەيدۇ، تىزگىلەش خىراجىتىنى سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كارخانا، كەسپى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.
قۇرۇلۇش جەريانىدا يۈزبەرگەن سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىراجىتى ئاساسى قۇرۇلۇش خىراجىتىدىن چىقىم قىلىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يۈزبەرگەن سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىراجىتى ئىشلەپچىقىرىش خىراجىتىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.
28- ماددا سۇ-تۇپراق ئېقىپ كەتكەن رايوندا قۇرۇلغان سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە تىكىلگەن دەل-دەرەخ، تېرىلغان ئوت-چۆپلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋالىدۇ.
سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى، تەجرىبە مەيدانلىرى تىكىلگەن دەل-دەرەخ، تېرىلغان ئوت-چۆپ ۋە باشقا تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىشى لازىم.
تۆتىنچى باب نازارەت قىلىش
29-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىقنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرى سۇ-تۇپراقنى ساقلاشنى كۈزىتىش تورى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش ھالىتىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىدۇ ۋە بۇھەقتە ئېلان چىقىرىدۇ.
30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرىنىڭ سۇ-تۇپراقنى ساقلاشنى نازارەت قىلغۇچىلىرى ئۆزىگە قاراشلىق رايوننىڭ سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇنلار ۋە شەخىسلەر ئەھۋالىنى ئەينەن دوكلات قىلىشى، زۆرۈر خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشى لازىم.
31-ماددا رايونلار ئارا يۈز بەرگەن سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر ماجرالارنى كېڭىشىپ ھەل قىلىش لازىم. كېڭىشىپ بىرلىككە كېلەلمىگەنلەرنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكىمىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
بەشىنچى باب قانۇنى جاۋابكارلىق
32-ماددا مۈشۈ قانۇننىڭ14-ماددىسىدىكى بەلىگىلىمىگەخىلاپلىق قىلىپ ئېچىش مەنئى قىلىنغان يانتۇلۇقلانى ئېچىپ زىرائەت تېرىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنڭ سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرى ئېچىشنى توختىتىشقا، قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلارغا جەرىمانە قويسىمۇ بولىدۇ.
33-ماددا كەسپى، كارخانا ئورۇنلار، يېزا ئىگىلىك كوللىكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىدىن ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇ ئىشلىرى مەمۇرى باشقۇرغۇچى تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكزمەي، ئېچىش مەنئى قىلىنغان گىرادۇستىن تۆۋەن، بەش گىرادۇستىن يۇقىرى قاقاس يانتۇلۇقلارنى ئاچقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرى باشقۇرغۇچى تارماقلىرى ئېچىشنى توختىتىشقا، قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قولىنىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويسىمۇ بۇلىدۇ.
34- ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۇمەتلىرى ئايرىپ بېكىتكەن گۆمۇرىلىدىغان، سيرىلما خەتەرلىك جايلار، ئاسانلا لاي- لاتقا ئاقىدىغان جايلار دائىرىسىدىن توپا ئالغان، شېغىل ياكى تاش قازغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۇمەتلىرىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرى باشقۇرغۇچى تارماقلىرى يۇقىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ ھەركەتلىرىنى توختۇتۇشقا، قوتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ.
35-ماددا: ئورمانچىلىق مەيدانىدا دەل- دەرەخ كەسكەن، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغان، سۇ- تۇپراقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئېقىپ كېتىشنى كەلتۇرۇپ چىقارغانلارنى سۇچىلىق مەمۇرى باشقۇرغۇچى تارماقلىرى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يوقىرى خەلق ھۆكۇمىتىگە يوللاپ چەكلىك مۇددەتتە تۇزىتىش، قوتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا بۇيرۇش قارارى چىقىرىدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ.
36- ماددا: كارخانا، كەسپى ئۇرۇنلار قورۇلۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا، سۇ- توپراق ئېقىپ كېتىش ئەھۋالىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ، تىزگىنلىمىگەن بۇلسا، كەلتۇرۇپ چىقارغان زىيىنىنىڭ ئاقىۋىتىگە قاراپ، جەرىمانە قويۇلسا ياكى ئۇلار ئىشنى توختىتىپ، تىزگىنلەشكە بۇيرۇلسا بۇلىدۇ، ئالاقىدار جاۋاپكارلارغا ئوزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يوقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇرچى ئۇرگانلار مەمۇرىي چارە كۇرىدۇ. يوقىرىدىكى تارماقتا ئېيتىلغان مەسىلىلەرنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۇمەتلىرىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلىرى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۇمەتلىرىنىڭ قارار قىلىشىغا يوللايدۇ. ئىشنى توختىتىپ تىزگىنلەش توغرىسىدا شەھەرلىك، ناھىيلىك خەلق ھۆكۇمىتى قارار چىقىرىدۇ. مەركەز ياكى ئولكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۇمەتلىرىگە بېۋاستە قاراشلىق كەسپى، كارخانا ئورۇنلارنىڭ ئىشتىن توختاپ تىزگىنلىشنى گوۋۇيۈەن ياكى ئولكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش لازىم.
يەككەلەر كان ئېچىپ، سۇ- توپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشگە سەۋەپچى بۇلۇپ تىزگىنلىمىگەنلەرنى يۇقىرىدىكى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالاش لازىم.
37-ماددا سۇ-تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىنى نازارەت قىلغۇچى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا زورلۇق كۈچ، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق توسقۇنلۇق قىلغۇچىلارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، سۇ-تۇپراقنى نازارەت قىلغۇچى خادىملار ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان، ئەمما زورلۇق كۈچ، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانمىغانلارنى ج خ ئورگانلىرى ئامانلىق ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش-جازالاش نىزامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جازالايدۇ.
38- ماددا داۋاگەر مەمۇرىي جەھەتتىن جازالاش قارارىغا قايىل بولمىسا، جازالاش ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ 15كۈن ئىچىدە جازالاش قارارى چىقارغان ئورگاندىن بىر دەرىجە ئورگانغا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ 15كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز قىلسىمۇ بولىدۇ.
قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىۋېلىپ 60كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. دەۋاگەر قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ 15كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكىچە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقارمىسا دەۋاگەر قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى توشۇپ 15كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.
دەۋاگەر قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش مۇددىتى توشقىچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا خەلق سوت مەھكىمىسىگىمۇ ئەرىز قىلمىسا، جازالاش قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، جازالاش قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرى ئىجرا قىلدۇرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
39-ماددا سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلرنىڭ زىياننى تۈگىتىش ھەمدە بىۋاستە زىيانغا ئۇچرىغان ئورۇن ۋە شەخسكە زىياننى تۆلەپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار.
تۆلەم بېرىش ۋە تۆلەم پۇلى ماجرالىرى داۋاگەرلەرنىڭ ئىلتىماسى بويىچە سۇچىلىق مەمۇرى باشقۇرغۇچى تارماقلىرى تەرەپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. دەۋاگەر بىرتەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ. دەۋاگەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز قىلسىمۇ بولىدۇ.
تاقابىل تۇرۇشقا بولمايدىغان تەبىئى ئاپەت يۈزبەرگەن، شۇنداقلا ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىلغان بولسىمۇ، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ خەۋپىدىن يەنىلا ساقلانغىلى بولمىغان ئەھۋالدا جاۋاپكارلىقى ئۈستىگە ئېلىش كەچۈرۈم قىلىنىدۈ
40-ماددا سۇ-تۇپراقنى ساقلاشنى نازارەت قىلغۇچى خادىملار خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھۇقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىپ، جامائەت مال-مۈلكى، دۆلەت، خەلق مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلارغا، ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورون ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى باشقۇرغۇچى تارماق مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
ئالتىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ
41-ماددا گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش نىزامى تۈزۈپ چىقىدۇ. . ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىې كومىتىتلىرى مۇشۇ قانۇنغا ۋە ئۆز رايۇنىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن، يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.
42- ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلنىغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. 1982-6-ئاينىڭ 30- كۈنى گۇۋۇيۈەن ئېلان قىلغان ‹‹سۇ –تۇپراقن ساقلاش خىزمەت نىزامى ›› شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ.