جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى
(2008-يىل12-ئاينىڭ28-كۈنى7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-يىغىنىدا ماقۇللانغان،2008-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇليىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى 3-نۇمۇرلۇق «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» 2008-يىل4-ئاينىڭ24-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى،ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» ئېلان قىلىندى،2008-يىل7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلسۇن.n\ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خۇجىنتاۋ 2008-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى
1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ
[تەھرىر]1-ماددا بۇ قانۇن مېيىپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا باۋارەر، تولۇق قاتنىشىشى، ئىجتىمائىي، ماددىيي مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھىرىمەن بولۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.
2-ماددا مېيىپلەر پىسخىك، فىزىئولوگىيە، تەن قۇرۇلما جەھەتتە مەلۇم توقۇلمىسى ۋە ئىقتىدارى يوقالغان ياكى نورمالسىز بولغان، مەلۇم ئىشنى نورمال قىلىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقاتقان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
مېيىپلەر كۆزى، قۇلىقى، تىلى، پۇت-قولى، ئەقلى، روھىي، كۆپ يېرى مەجرۇھ كىشىلەر ۋە باشقا يېرى مەجرۇھ كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مېيىپلىك ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
3-ماددا مېيىپلەر سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا پۇقرالار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.
مېيىپلەرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە ئىنسانىي ئىززىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.
مېيىپ دەپ كەمسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
مېيىپلەرگە ھاقارەت قىلىش، زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرىدە ياكى باشقا شەكىلدە مېيىپلەرنىڭ ئادىمىيلىكىنى كەمسىتىپ زىيانغا ئۇچرىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
4-ماددا دۆلەت ياردەم بېرىش ئۇسۇلى ۋە يۆلەش تەدبىرى قوللىنىپ، مېيىپلەرگە ئالاھىدە يار-يۆلەك بولۇپ، مېيىپلىك تەسىرى ۋە تاشقى توسالغۇنى يېنىكلىتىپ ياكى تۈگىتىپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەر ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىگى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇپ ھەمدە مېيىپلەر ئىشلىرى خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، مۇقىم خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمى بەرپا قىلىشى كېرەك.
گوۋۇيۈەن جۇڭگونىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىيات پىروگراممىسىنى تۈزىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگونىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىيات پىروگراممىسى بويىچە، شۇ مەمۇرى رايوننىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن ماس ھالدا راۋاجلاندۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مېيىپلەر خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلارنى مېيىپلەر ئىشلىرى خىزمىتىگە تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكلەش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مېيىپلەر بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، مېيىپلەرنىڭ پىكىرىگە قولاق سېلىپ، مېيىپلەر خىزمىتىنى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
6-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تۈرلۈك يول ۋە شەكىللەر بىلەن، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە جامائەت سىياسىتى چىقىرىشتا، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ۋە مېيىپلەر ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ ئىشلاردا مېيىپلەر ۋە مېيىپلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك.
مېيىپلەر ۋە مېيىپلەر تەشكىلاتلىرى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر، تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.
7-ماددا پۈتۈن جەمئىيەت ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مېيىپلەرنى چۈشىنىشى، ھۆرمەتلىشى، ئۇلارغا كۆيۈنۈشى ۋە ياردەم بېرىشى، مېيىپلەر ئىشلىرىنى قوللىشى كېرەك.
دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ مېيىپلەرگە ئىئانە ۋە مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار دائىرىسىدىكى مېيىپلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
مېيىپلەر خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان دۆلەت خادىملىرى ۋە باشقا خادىملار مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مېيىپلەرگە تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
8-ماددا جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرى مېيىپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، مېيىپلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەربىيەلەپ، مېيىپلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.
جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرى قانۇن-نىزام، نىزامنامە بويىچە ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ھاۋالىسى بويىچە مېيىپلەر خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.
9-ماددا مېيىپنىڭ يار-يۆلەك بولغۇچىسى مېيىپكە يار-يۆلەك بولۇش مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىشى شەرت.
مېيىپنىڭ ۋەسىيلىرى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى قوغدىشى شەرت.
مېيىپنىڭ تۇغقانلىرى، ۋەسىيلىرى مېيىپلەرنىڭ ئۆزىگە تايىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھام ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
مېيىپلەرگە ئائىلە زۇلىمى سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ، مېيىپلەرنى خارلاش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
10-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئۆزىگە تايىنىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا تۆھپە قوشۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
مېيىپلەر قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، جامائەت تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.
11-ماددا دۆلەت مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پىلانلىق قانات يايدۇرۇپ، مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ۋە مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، كەمتۈك توغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، مېيىپ قىلىدىغان ئىرسىيەت، كېسەل، دورا، ھادىسە، ئاپەت، مۇھىت بۇلغىنىش ئامىلى ۋە باشقا ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تەدبىر قوللىنىپ مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مېيىپلىك دەرىجىسىنى يېنىكلىتىدۇ.
دۆلەت مېيىپلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەر ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ تەكشۈرىدۇ ۋە تەھلىل قىلىدۇ.
12-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپ ھەربىيلەرنى، ھۆكۈمەت ئىشىدا مېيىپ بولغانلارنى، شۇنىڭدەك دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا مېيىپ بولغان باشقا كىشىلەرنى ئالاھىدە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارغا نەپىقە ۋە ئېتىبار بېرىدۇ.
13-ماددا سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان مېيىپلەرنى، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، مېيىپلەر ئىشلىرنى راۋاجلاندۇرۇش، مېيىپلەرگە خىزمەت قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخىسلەرنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.
14-ماددا ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 3-يەكشەنبە كۈنى مەملىكەت بويىچە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنى بولىدۇ.
2-باب سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
[تەھرىر]15-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە شارائىت يارىتىپ بېرىشى، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان نۇقتىلىق تۈرلەرنى باسقۇچلارغا بۆلۈپ يولغا قويۇپ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ياكى ئىقتىدارىنى تولۇقلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
16-ماددا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ زامانىۋى تېخنىكىسى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈش؛ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مەھەللىنى ئاساس، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتىنى تايانچ، مېيىپلەر ئائىلىسىنى يۆلەك قىلىش؛ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزمۇنىدا ئەمەلىي، قولايلىق، نەپ بېرىدىغان بولۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مېيىپ بالىلارنى ئالدى بىلەن قۇتقۇزۇپ داۋالاش ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن پەن-تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش، يارىتىش ۋە قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
17-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار شەھەر، يېزىلاردىكى مەھەللە مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى، داۋالاش-ئالدىنى ئېلىش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى، مېيىپلەر تەشكىلاتلىرى، مېيىپلەر ئائىلىلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ ۋە يىتەكلەپ، مەھەللىلەردە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
مېيىپلەر مائارىپ ئاپپاراتلىرى، پاراۋانلىق ئورۇنلىرى ۋە مېيىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان باشقا ئاپپاراتلار شارائىت يارىتىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
مېيىپلەر كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋە ئالاقىدار خادىملار، پىدائىيلار توغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە ئىقتىدار مەشىقى، ھاجىتىدىن چىقىش مەشىقى ۋە ئەمگەك ماھارىتى مەشىقىنى تېرىشىپ قىلىشى كېرەك.
18-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئېھتىياجىغا قاراپ، پىلانلىق ھالدا داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېببىي بۆلۈمى، مېيىپلەر سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاش ۋە مەشىق قىلدۇرۇش، خادىملارنى تەربىيەلەش، تېخنىكا جەھەتتە يېتەكلەش ۋە پەن تەتقىقات خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك.
19-تېببىي مەكتەپ ۋە باشقا ئالاقىدار مەكتەپلەر سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەرسىنى پىلانلىق ھالدا تەسىس قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى ئېچىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك.
ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى خادىملىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەيدۇ؛ مېيىپلەر، مېيىپلەرنىڭ تۇغقانلىرى، ئالاقىدار خادىملار ۋە پىدائىيلارغا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدۇ.
20-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ۋە قوشۇمچە سايمانلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەش ۋە رېمونت قىلىش مۇلازىمىتىنى تەشكىللىشى ۋە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىشى كېرەك.
3-باب تەربىيەلەش
[تەھرىر]21-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ باراۋەر تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەر مائارىپىنى دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەركىبى قىسمى قىلىپ بىر تۇتاش پىلانلاپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە نامرات مېيىپلەر ئائىلىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىكنى ھەقسىز بېرىدۇ ھەمدە يېتىپ ئوقۇش تۇرمۇش خىراجىتى قاتارلىق ياردەم پۇللارنى بېرىدۇ؛ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باشقا مائارىپ بويىچە تەربىيە ئالىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە نامرات مېيىپلەر ئائىلىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ماددىي ياردەم بېرىدۇ.
22-مادا مېيىپلەر مائارىپىدا ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، كەسپىي مائارىپ نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇلىدۇ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى پائال قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئالىي، ئوتتۇرا مائارىپتىن يۇقىرى مائارىپ پەيدىنپەي راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.
23-ماددا مېيىپلەر مائارىپىنى مېيىپلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، تۆۋەندىكى تەلەپلەر بويىچە يولغا قۇيۇش كېرەك.
(1) ئىدىيەۋى تەربىيە، مەدەنىيەت تەربىيەسى بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن تولۇقلاش ۋە كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش؛(2) مېيىپلىك تۈرى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا قاراپ، ئادەتتىكى تەربىيە شەكلى ياكى ئالاھىدە تەربىيە شەكلىنى قوللىنىش؛(3) ئالاھىدە مائارىپ دەرسى تەسىس قىلىش، دەرسلىك، ئوقۇتۇش مېتودى، مەكتەپكە كىرىش ۋە مەكتەپ يېشىنى مۇۋاپىق ئىگىلەش.
24-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنىڭ سانى، جايلىشىش ئەھۋالى ۋە مېيىپلىك تۈرى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ مېيىپلەر مائارىپى ئاپپاراتلىرىنى مۇۋاپىق قۇرۇشى ھەمدە ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مەكتەپ ئېچىشىغا، ئوقۇشقا پۇل ئىئانە قىلىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.
25-ماددا ئادەتتىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئادەتتىكى مائارىپ بويىچە تەربىيە ئالالايدىغان مېيىپلەرنى تەربىيەلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.
ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، تۇرمۇشىغا كۆنەلەيدىغان مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىشى شەرت؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئىمتىھان بەرگەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلاردىن دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەلىپىگە يەتكەنلىرىنى قوبۇل قىلىشى، ئۇلارنى مېيىپ دەپ رەت قىلماسلىقى شەرت؛ رەت قىلسا، ئۇلار ياكى ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى، ۋەسىيلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار شۇ مەكتەپنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇشى لازىم.
ئادەتتىكى گۆدەكلەر مائارىپ ئاپپاراتلىرى شۇ ئاپپاراتنىڭ تۇرمۇشىغا كۆنەلەيدىغان مېيىپ بالىلارنى ئېلىشى كېرەك.
26-ماددا مېيىپ گۆدەكلەر مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە ئادەتتىكى گۆدەكلەر مائارىپ ئاپپاراتلىرنىڭ مېيىپ بالىلار سىنىپى، ئالاھىدە مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى، مېيىپ بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتى ۋە مېيىپ بالىلار ئائىلىسى مېيىپ بالىلارنى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن تەربىيەلەيدۇ.
تولۇقسىز ئوتتۇردىن تۆۋەن ئالاھىدە مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە ئادەتتىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرنىڭ ئالاھىدە مائارىپ سىنىپلىرى ئادەتتىكى مائارىپ بويىچە تەربىيە ئېلىش ئىقتىدارى يوق مېيىپ بالىلار بىلەن ئۆسمۈرلەرنى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلەيدۇ.
تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى ئالاھىدە مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە ئادەتتىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاھىدە مائارىپ سىنىپلىرى ۋە مېيىپلەر كەسپىي مائارىپ ئاپپاراتلىرى شەرتكە توشىدىغان مېيىپلەرنى تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەدەنىيەت مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلەيدۇ.
ئالاھىدە مائارىپ بويىچە تەربىيەلەيدىغان ئاپپاراتلار مېيىپلەرنىڭ ئۆگىنىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان سورۇن ۋە ئەسلىھەلەرنى ھازىرلىشى كېرەك.
27-ماددا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، مېيىپلەرنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ۋە ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مېيىپلەر ئارىسىدا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كەسپى جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ۋە باشقا چوڭلار مائارىپى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ يېتىلىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.
28-ماددا دۆلەت ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل ئالاھىدە مائارىپ پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ۋە كەسىپلىرىنى پىلانلىق تەسىس قىلىپ، ئادەتتىكى پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئالاھىدە مائارىپ سىنىپلىرىنى ئېچىپ، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەيدۇ ۋە يېتىشتۈرىدۇ، ئادەتتىكى پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئالاھىدە مائارىپ دەرسىنى ئېچىپ ياكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردىن دەرس ئۆتۈپ، ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا زۆرۈر بولغان ئالاھىدە مائارىپ بىلىملىرىنى ئۆگىتىدۇ.
ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە بارماق تىلى تەرجىمانلىرى ئالاھىدە مائارىپ قوشۇمچە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
29-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەمالار يېزىقى، بارماق تىلى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى قوللىنىش، ئالاھىدە مائارىپ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈش ۋە نەشر قىلىش، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتۇش قوراللىرى ۋە باشقا قوشۇمچە بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، ئىشلەش ۋە تەمىنلەشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى لازىم.
4-باپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش
[تەھرىر]30-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مېيىپلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
31-ماددا مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا، يىغىپ ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى يولغا قويۇلۇپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە يۆلەش-قوغداش تەدبىرلىرى قوللىنىلىپ، كۆپ يول، كۆپ قاتلام ۋە كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پەيدىنپەي ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇۋاپىقلاشتۇرۇلىدۇ.
32-ماددا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلەر پاراۋانلىق كارخانىسى، ئەمالار ئۇۋلاش ئاپپاراتى ۋە باشقا پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ، مېيىپلەرنى يىغىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
33-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنى نىسبەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلار مېيىپلەرنى بەلگىلىگەن نىسبەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە ئۇلارغا مۇۋاپىق ئىش تۈرى ۋە ئىش ئورنى تېپىپ بېرىشى كېرەك.
بەلگىلىگەن نىسبەتكە يەتكۈزەلمىگەنلىرى مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كاپالەتلەندۈررۈش مەجبۇريىتىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.
دۆلەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مېيىپلەرنى بەلگىلىگەن نىسبەتتىن ئاشۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.
مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
34-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللىشىغا، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
35-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى يېزىلاردىكى مېيىپلەرنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىككە ۋە باشقا شەكىلدىكى ئىشلەپچىقىرش ئەمگىكىگە تەشكىللىشى ۋە ئۇنىڭغا يۆلەك بولۇشى كېرەك.
36-ماددا دۆلەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا بەلگىلىگەن نىسبەتكە يەتكۈزگەن، بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن ئاشۇرغان ياكى مېيىپلەرنى يىغىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىرىغا ۋە يەككە تىجارەتچى مېيىپلەرگە قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇھەمدە ئىشلەپچىقىرش، تىجارەت، تېخنىكا، مەبلەخ، ئەشىيا، سورۇن قاتارلىق جەھەتلەردە يۆلەيدۇ.
دۆلەت يەككە تىجارەتچى مېيىپلەردىن ئېلىنىدىغان مەمۇرىي، كەسپىي ھەقىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مېيىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقرىىش ۋە تىجارىتىگە ماس كېلىدىغان مەھسۇلات، تۈرلەرنى بېكىتىپ، ئۇنى مېيىپلەر پاراۋانلىق ئورۇنلرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشغا ياكى تىجارەت قىلىشىغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە مېيىلەر پاراۋانلىق ئورۇنلرىنىڭ ئىشلەپچىقىرش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، مەلۇم مەھسۇلاتنى ئۇلار مەخسۇس ئىشلەشنى بېكىتىشى كېرەك.
ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشتا، ئوخشاش شارائىتتا مېيىپلەرپاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ياكى مۇلازىمىتىنى ئالدىن سېتىۋېلىش كېرەك.
يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ماس كېلىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشى كېرەك.
يەككە تىجارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان مېيىپلەرگە ئالاقىدار تارماقلار تىجارەت كىنىشكىسىنى ئاۋال بېرىشى كېرەك.
يېزىلاردىكى ھەر خىل ئىشلەپچىقىرش ئەمگىكى قىلىدىغان مېيىپلەرگە ئالاقىدار تارماقلار ئىشلەپچىقرىش مۇلازىمىتى قىلىش، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلرىنى سېتىۋېلىش، سېتىش ۋە كرېدىت قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىشى كېرەك.
37-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قۇرغان جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
مېيىپلەر بىرلەشمىسى قۇرغان مېيىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، كەسىپ تونۇشتۇرۇش ۋە كەسپىي تەربىيەلەشنى ھەقسىز قانات يايدۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مېيىپلەرنى قوبۇل قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
38-ماددا دۆلەت مېيىپلەر پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ مال-مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ.
ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئېلىش، رەسمىيلەشتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسپىي ئۈنۋانىنى باھالاش، ئەمگەك ھەققى، تۇرمۇش پاراۋانلىقى، ئارام-ئوتپۇسكا بېرىش ۋە ئىجتىمائىي سوغۇرتا قاتارلىق جەھەتلەردە مېيىپلەرنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشلەيدىغان ئورۇن ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، مۇۋاپىق ئەمگەك شارائىتى ۋە ئەمگەك مۇھاپىزىتى ھازىرلاپ بېرىشى ھەمدە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ ئەمگەك سورۇنى، ئەمگەك ئۈسكۈنىسى ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەسىنى ياخشىلاپ بېرىشى كېرەك.
دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ساقلىق ساقلايدىغان ۋە داۋالايدىغان ئەما ئۇۋۇلىغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
39-ماددا مېيىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشلەيدىغان ئورۇنلارنى ئىش ئورنىدا تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك ماھارىتى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
40-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەيدىغان ۋاسىتىلەر بىلەن، مېيىلپەرلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
5-باپ مەدەنىيەت تۇرمۇشى
[تەھرىر]41-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مېيىپلەرنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، پائال شارائىت يارىتىپ، مېيىپلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشنى بىيىتىدۇ.
42-ماددا مېيىپلەرنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلرىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈپ، جامائەت مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىگى ۋە ئىھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، مېيىپلەرنى كەڭ دائىردە قاتناشتۇرۇش كېرەك.
43-مادادا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۈرمۇشىنى بېيىتىدۇ: (1) رادىئو، كىنو-تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژورنال، كىتاب، تور قاتارلىقلار ئارقىلىق مېيىپلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەر بېرىپ، مېيىپلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش؛(2) ئەمالار ئوقۇشلۇقى، ئەمالار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى، مېيىپلەرنىڭ باشقا ئوقۇشلۇقى قاتارلىقلارنى تۈزۈش ۋە نەشر قىلىشقا تەشكىللەش ھەم ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش، ئەمالارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، جامائەت كۇتۇپخانىسىدا ئەمالار ئوقۇشلۇقى، ئەمالار ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى قىرائەتخانىسى ئېچىش؛(3) تېلېۋىزىيە بارماق تىلى پروگىراممىسى، مېيىپلەر مەخسۇس رادىئو پروگىراممىسى ئېچىش، تېلېۋىزىيە پروگىراممىسى، كىنو-تېلېۋىزىيىە ئەسەرلىرنىڭ خەت، چۈشەندۈرمىسنى كىرگۈزۈش؛(4) مېيىپلەرنى ئاممىۋى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرنى قانات يايدۇرۇشقا، ئالاھىدە سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كۆرسىتىش ۋە مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە، خەلقئارا مۇسابىقە ۋە ئالاقىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش ھەم ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش؛(5) مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە باشقا جامائەت سورۇنلىرىدا مېيىپلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش، ئېتىبار بېرىش، مېيىپلەر پائالىيەت سورۇنلىرنى پىلانلىق قۇرۇش.
44-ماددا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلەرنىڭ ئەدەبىيات، سەنئەت، مائارىپ، ئىلىم-پەن، تېخنىكا ۋە خەلقكە پايدىلىق باشقا ئىجادىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام ۋە ياردەم بېرىدۇ.
45-ماددا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلەر بىلەن باشقا پۇقرالارنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشى ۋە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرنى ۋە مېيىپلەرگە يار-يۆلەك بولغانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ بوشاشماي ئىلگىرلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، دوسىتلۇق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
6.باب ئىجتىمائىي كاپالەت
[تەھرىر]46-ماددا دۆلەت مېيىپلەرنىڭ ھەر خىل ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈررۈپ، تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.
47-ماددا مېيىپلەر ۋە ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجتىمائىي سوغۇرتىغا قاتنىشىشى كېرەك.
مېيىپلەر تۇرۇشلۇق شەھەر، يېزلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئاپتونوم تەشكىلاتلار ۋە مېيىپلەر ئائىلىلىرى مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي سوغۇرتىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارمېيىپلەرگە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
48-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تۇرمۇش، مائارىپ، تۇرالغۇ ياردىمى ۋە باشقا ئىجتىمائىي ياردەملەرنى بېرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۈكۈمەتلىرى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇقلۇق، تۇرمۇشتا بەك قىيلىنىۋاتقان مېيىپلەر ئائىلىلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامرات مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى، زۆرۈر قوشۇمچە سايمانلارنى ئېلىش ۋە ئالماشتۇرۇشغا بەلگىلىمە بويىچە ياردەم بېرىشى كېرەك.
تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان مېيىپلەرگە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەھۋالغا قاراپ، قاراش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.
49-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمگەك ئىقتىدارى يوق، باققۇچىسى يوق ياكى باققۇچىسىنىڭ بېقىش ئىقتىدارى يوق، تېرىكچىلىك مەنبەسى يوق مېيىپلەرنى بەلگىلىمە بويىچە بېقىشى كېرەك.
دۆلەت ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مېيىپلەرنى بېقىش، بېقىپ بېرىش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
مېيىپلەرنى بېقىش، بېقىپ بېرىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ مېيىپلەرنى ھاقارەتلىشىگە، خورلىشىغا ۋە تاشلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
50-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى قاتناش ۋاستىسىگە چىققان مېيىپلەرگە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ قولايلىق يارىتپ بېرىشى ۋە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
مېيىپلەر يېنىدىن ئايرىمايدىغان زۆرۈر قوشۇمچە سايمانلارنى ھەقسىز سېلىۋالسا بولىدۇ.
ئەمالار شەھەر ئىچىدىكى ئاممىۋى ئاپتۇبۇس، ترامۋاي، مېترو، كېچىك كېمىسى قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىگە كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بىلەن ھەقسىز ئولتۇرىدۇ، پوچىدىن ئەۋەتىلىدىغان ئەمالار ئوقۇشلۇقىغا ھەق ئىلىنمايدۇ.
دۆلەت تېلېگراف، رادىئۇ-تېلېۋىزىيە مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئەمالارغا، قۇلىقى، تىلى مەجرۇھلارغا ئېتىبار بېرىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرگە بېرىدىغان باشقا ئېتىبار ۋە ياردىمىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىشى كېرەك.
51-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە مېيىپلەر تەشكىلاتلىرى جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ مېيىپلەرگە ئىئانە ۋە مۇلازىمەت قىلىش يوللىرىنى ئېچىپ ۋە كۆپەيتىپ، مېيىپلەر خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، پىدائىيلارنىڭ مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش پائالىيىتى قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
7-باب توسالغۇسىز مۇھىت
[تەھرىر]52-ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەدبىر قوللىنىپ، توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ توسالغۇسىز بولۇشىغا تۈرىتكە بولۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا باراۋاەر قاتنىشىشىغا توسالغۇسىز مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلىشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
53-ماددا توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى مېيىپلەرنىڭ ئەمەلىي ئىھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ياساش ۋە ئۆزگەرتىش كېرەك.
ئىمارەت، يول، قاتناش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ياساش، ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىش دۆلەتنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلىشى ئۆلچىمىگە ئويغۇن كېلىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ياسىلىپ بولغان ئەسلىھەلەرنى دۆلەتنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلىشىغا ئائىت بەلگىلىمىسى بويىچە تەدىرىجىي ئۆزگەرتىشى، مېيىپلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنى ئاۋال ئۆزگەرتىشى كېرەك.
توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ۋاقتىدا رېمۇنىت قىلىش ۋە ئاسراش كېرەك.
54-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ توسالغۇسىز بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئلاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلەرنىڭ جامائەت ئۇچۇرى ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە باب كېلىدىغان ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە يارىتىدۇ.
دۆلەت ئالىدىغان يۇقىرلاپ ئوقۇش ئىمتىھانى، كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئىمتىھانلىرىغا ئەمالار قاتنىشىدىغان بولسا، ئەمالارغا ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزى، ئېلېكترونلۇق ئىمتىھان قەغىزى بېرىشى ياكى مەخسۇس خادىم ياردەم بېرىشى كېرەك.
55-ماددا جامائەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە جامائەت سورۇنلىرى شارائىي يارىتىپ، مېيىپلەرگە تاۋۇشلۇق ۋە يېزىقلىق ئەسكەرتمە، بارماق تىلى، ئەمالار يېزىقى جەھەتلەردە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىشى ھەمدە ئۇلارغا ئاۋۋال مۇلازىمەت قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
ئاممىۋى قاتناش قۇراللىرىنى توسالغۇسىز ئەسلىھە تەلىپىگە تەدىرىجى يەتكۈزۈش كېرەك.
شارائىتى بار ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى مېيىپلەرگە مەخسۇس ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئايرىپ قويۇشى كېرەك.
56-ماددا سايلامنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تارماق مېيىپلەرنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىشى؛ شارائىتى بارلىرى ئەمالارغا ئەمالار يېزىقىدىكى سايلام بېلىتى تەييارلارپ بېرىشى كېرەك.
57-ماددا دۆلەت توسالغۇسىز قوشۇمچەئۈسكۈنە، توسالغۇسىز قاتناش قۇراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە يارىتىشىغا ئىلھام ھەم مەدەت بېرىدۇ.
58-ماددا ئەمالار ئەما ئىتىنى يېتىلەپ جامائەت سورۇنلىرىغا كىرىش-چىقىشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
8-باب قانۇن جاۋاپكارلىقى
[تەھرىر]59-ماددا مېيىپلەردىن قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغانلىرى مېيىپلەر تەشكىلاتىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ، مېيىپلەر تەشكىلاتى مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك، ئۇلار ئالاقىدار تارماق ياكى ئورۇنلاردىن بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ئالاقىدار تارماقلار ياكى ئورۇنلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە جاۋاپ بېرىشى كېرەك.
مېيىپلەر تەشكىلاتى مېيىپلەردىن دەۋا يولى بىلەن ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتا ياردەمگە مۇھتاج بولغانلىرىنى قوللىشى كېرەك.
مېيىپلەر تەشكىلاتى مۇئەييەن مېيىپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئالاقىدار تارماقلاردىن تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
60-ماددا مېيىپلەردىن قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغانلىرى ئالاقىدار تارماقلاردىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشقا ۋە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ياكى باشقا سەۋەبتىن قانۇن ياردىمىگە ياكى قانۇن يۈرگۈزۈش ياردىمىگە مۇھتاج بولغان مېيىپلەرگە شۇ جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەمدەم بولۇپ، ئۇلارغا قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى ياكى قانۇن يۈرگۈزۈش ياردىمى بېرىشى كېرەك.
61-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىغا دائىر ئەرز، شىكايەت ۋە پاش قىلىش ماتىرياللىرىنى بىر-بىرىگە ئىتىتىرىپ، ئارقىغا سۆرەپ، بېسىپ قويۇپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار ياكى ئەرز-شىكايەت ۋە پاش قىلغانلاردىن ئۆچ ئالغانلارنى ئىشلەيدىغان ئورنى، مەسئۇل تارماق ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بويرۇيدۇ ھەمدە بىۋاستە جاۋاپكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.
دۆلەت خادىملىرىدىن مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماي، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى ۋاقتىدا توسماي ياكى زىيانغا ئۇچرىغان مېيىپلەرگە زۆرۈر ياردەم بەرمەي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.
62-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرىدە ياكى باشقا ئۇسۇلدا، مېيىپلەرنىڭ ئادىمىيلىكىنى كەمسىتىپ، زىيانغا ئۇچراتقانلارنى مەدەنىيەت، رادىئو، كىنو-تېلېۋىزىيە، ئاخپارات-نەشرىيات تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار خىزمەت ھوقۇقى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.
63-ماددا ئالاقىدار مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئالمىغان ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن قوبۇل قىلىش تەلىپىدىن باشقا شەرت قويۇپ، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا چەك قويغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە بىۋاستە جاۋاپكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.
64-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئېلىش، ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مېيىپلەرنى كەمسىتكەنلەرنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بويرۇيدۇ؛ مېيىپ ئەمگەكچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
65-ماددا بېقىش، بېقىپ بېرىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مېيىپلەرنى ھاقارەتلىگەن، خورلىغان، تاشلىۋەتكەنلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.
66-ماددا موشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىمارەت، يول، قاتناش ئەسلىھەلىرنى ياساس، ئۆزگەرتىش ۋە كىڭىيتىشتە، دۆلەتنىڭ توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى ۋاقتىدا رېمۇنىت قىلماي ۋە ئاسرىماي، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
67-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغانلىقى باشقا قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ مال-مۈلۈك زىيىنى ياكى باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
9-باپ قوشۇمچە پىرىنسىپ
[تەھرىر]68-ماددا بۇ قانۇن 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)