جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى

(1991- يىل 4- ئاينىڭ 9- كۈنى 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

1- قىسىم ئومۇمىي پرىنسىپ

1- باب ۋەزىپە، تەتبىقلاش دائىرىسى ۋە ئاساسىي پرىنسىپ

1- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى ئاساسىي قانۇننى ئاساسى قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ھەق تەلەپ سوت خىزمىتىنىڭ تەجرىبىلىرىگە ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلىدۇ.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ ۋەزىپىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوغداش، ھەق- ناھەقنى ئايرىم، قانۇننى توغرا تەتبىقلاپ، ھەق تەلەپ دېلولىرىنى ۋاقتىدا سوت قىلىشىغا، ھەق تەلەپ ھوقۇق- مەجبۇرىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمشلارنى جازالىشىغا، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا، پۇقرالارغا قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشىگە، سوتسىيالىتىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى تەمىن ئېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش

3- خەلق سوت مەھكىمىلىرى پۇقرالار ئارىسىدىكى، قانۇنىي ئىگىلەر ئارىسىدىكى، باشقا تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى، شۇنىڭدەك ئۇلار ئارىسىدىكى مال- مۈلۈك مۇناسىۋىتى ۋە جىسانىي مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن قىلىنغان ھەق تەلەپ دەۋاسىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلايدۇ.

4- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىكى ھەق تەلەپ دەۋالىرىدا مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت.

5- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىنغان ياكى دەۋا جاۋاب قايتۇردىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەرنىڭ چەت ئەل كارخانىلىرى ياكى تەشكىلاتلىرىنىڭ دەۋا ھوقۇقى ۋدە مەجبۇرىيىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلىرىنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ.

چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگىلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى چەكلىگەن بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى شۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى، كارخانىلىرى ياكى تەشلىلاتلىرىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا ھوقۇقىغىمۇ ئوخشاش پرىنسىپ قوللىنىدۇ.

6- ماددا ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىش ھوقۇقىنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى يۈرگۈزىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قلىش ئىشىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل ئېلىپ تەشكىلاتلار ۋە شەخسىيلەرنى ئارلاشتۇرمايدۇ.

7 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىشتا پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشى لازىم.

8- ماددا ھەق تەلەپ دەۋا ئىشلىرىدا دەۋالاشقۇچىلار باراۋەر دەۋا ھوقۇقىغا ئىگە. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ئۇلارغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى، قانۇننى تەتبىق قىلىشتا دەۋالاشقۇچىلارغا بابباراۋەر مۇئامىلە قىلىشى لازىم.

9- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، ئىختىيار قىلىش ۋە قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشى پرنسىپىغا ئاساسەن مۇرەسسە قىلىشى، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە ۋاقتىدا ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك.

10- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دېلورىنى سوت قىلىشتا، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە كېڭىشىش، چەتلەپ تۇرۇش، ئوچۇق سوت قىلىش ۋە سوتنى ئىككى دەرىجىلىك سوت بىلەن ئاياغلاشتۇرۇش تۈزۈمىلىرىنى يولغا قويىدۇ.

11- ماددا ھەرمىللەت پۇقرالىرى ھەق تەلەپ دەۋا ئىشلىرىنى ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىل- يېزىقى بىلەن ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇقلۇق.

ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان جايلاردا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىشتا ۋە قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىشتا شۇ جايدىكى مىللتلەر كەڭ قوللىنىدىغان تىل- يېزىقنى ئىشلىتىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەر كەڭ قوللىنىدىغان تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى لازىم.

12- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلغاندا، دەۋالاشقۇچىلار مۇنازىرىلىشىشىكە ھوقوقلۇق.

13- ماددا دەۋالاشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقى ۋە دەۋا ھوقۇقىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقوقلۇق.

14- ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ سوت پائالىيەتلىرىگە قانۇن نازارەتچىلىكى قىلىشقا ھوقوقلۇق.

15- ماددا ئىدارىلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ياكى شەخسىيلەرنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى ئۈستىدە زىيانغا ئۇچرىغان ئورۇن ياكى شەخسىيلەرنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە دەۋا قىلىشىنى قوللىسا بولىدۇ.

16- ماددا خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى ئاساسىي قاتلام خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىدىغان ئاممىۋى تەشكىلات.

خەلق مۇرەسسە ھەيئىتى مۇرەسسە خىزمىتىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئىختىيارلىق پرىنسىپى ئاساسىدا ئېلىپ بارىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار مۇرەسسەدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئادا قىلىشى كېرەك، مۇرەسسەنى خالىمىغان، كېلىشەلمىگەنلەرنى ياكى يېنىۋالغانلارنى خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

خەلق مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ ئەل ئارىسىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش ئىشلىرىدا قانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، خەلق سوت مەھكىمىسى تۈزىتىشى كېرەك.

17- ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ، خەلق قۇرۇلتايلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە مۇشۇ قانۇندىكى پرنسىپلارغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بەزى جانلىق ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلار ئۆز بەلگىلىمىلىرىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەر ئۆز بەلگىلىمىلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق ياكى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىغا تەستىقلىتىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

2- باب باشقۇرۇش تەۋەلىكى

1- پاراگراف دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى

18- ماددا 1- سوت ھەق تەلەپ دېلولىرى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ، لېكىن مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

19- ماددا 1- سوتتىكى تۆۋەندىكى ھەق تەلەپ دېلولىرى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛

(1) چەت ئەلگە چېتىشلىق چوڭ دېلولار؛

(2) ئۆز تەۋەسىدىكى تەسىرى چوڭ دېلولار؛

(3) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن دېلولار.

20- ماددا ئۆز تەۋەسىدىكى تەسىرى چوڭ بولغان 1- سوت ھەق تەلەپ دېلولىرى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

21- ماددا تۆۋەندىكى 1- سوت ھەق تەلەپ دېلولىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلەكىدە بولىدۇ:

(1) مەملىكەت بويىچە تەسىرى چوڭ دېلولار؛

(2) ئۆزى سوت قىلىشنى لايىق كۆرگەن دېلولار.

2- پاراگراف جايلار بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى

22- ماددا پۇقرالار ئۈستىدىن قىلىنغان ھەق تەلەپ دەۋاسى جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛ جاۋابكارنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى دائىم تۇرۇشلۇق جايى بىلەن بىر جاي بولمىسا، ئۇ دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۈستىدىن قىلىنغان ھەق تەلەپ دەۋاسى جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

بىر دەۋاغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە جاۋابكارنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى، دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايى ئىككىدىن ئارتۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسا، شۇ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ.

23- ماددا تۆۋەندىكى ھەق تەلەپ دەۋالىرى دەۋاگەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛ دەۋاگەرنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى ئۇنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق جايى بىلەن بىر جاي بولمىسا، دەۋاگەر دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ:

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈستىدىن قىلىنغان سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە دائىر دەۋالار؛

(2) ئىز- دېرىكى بولمىغان ياكى يوقاپ كەتكەنلىكى جاكارلانغان كىشىلەر ئۈستىدىن قىلىنغان سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە دائىر دەۋالار؛

(3) ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقانلار ئۈستىدىن قىلىنغان دەۋالار؛

(4) قاماقتىكىلەر ئۈستىدىن قىلىنغان دەۋالار.

24- ماددا توختام ماجىراسى يۈزىسىدىن قىلىنغان دەۋالار جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى توختام ئىجرا قىلىنىدىغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

25- ماددا توختام تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ يازما توختامدا جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جاي، توختام ئىجرا قىلىنىدىغان جاي، توختام تۈزۈلگەن جاي، دەۋاگەر ئولتۇرۇشلۇق جاي، نىشان قىلىنغان نەرسە بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن بىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى كېلىشىپ تاللىۋالسا بولىدۇ، مۇشۇ قانۇندىكى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە دائىر بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

26- ماددا سۇغۇرتا توختامى ماجىراسى تۈپەيلىدىن قىلىنغان دەۋا جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى سۇغۇرتا نىشانى قىلىنغان نەرسە بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

27- ماددا ۋېكسىل ماجىراسى تۈپەيلىدىن قىلىنغان دەۋا شۇ ۋېكسىل بېرىلگەن جايدىكى ياكى جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

28- ماددا تۆمۈر يول، تاشيول، سۇ، ھاۋا ترانسپورتىدا ۋە بىرلەشمە ترانسپورتتا تۇغۇلغان توختام ماجىراسىغا دائىر دەۋا ترانسپورت باش، ئاخىرقى پونكىتى جايلاشقان جايدىكى ياكى جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

29- ماددا ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى يۈزىسىدىن قلىنغان دەۋا شۇ قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى ياكى جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

30- ماددا تۆمۈر يول، تاشيول، سۇ ۋە ھاۋا قاتنىشى ھادىسىسىدىن بولغان زىياننى تۆلىتىش يۈزىسىدىن قىلىنغان دەۋا ھادىسە يۈز بەرگەن جايدىكى ياكى پويىز، ماشىنا، پاراخوت ئەڭ ئاۋۋال يېتىپ بارغان جايدىكى، ئاۋىئاتسىيە قۇرالى ئەڭ ئاۋۋال قونغان جايدىكى ياكى جاۋابكار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

31- ماددا پاراخوت- كېمىلەرنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشىدىن ياكى باشقا دېڭىز ھادىسىلىرىدىن بولغان زىياننى تۆلىتىش يۈزىسىدىن قىلىنغان دەۋالار شۇ سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن جايدىكى ياكى سوقۇلغان پاراخوت- كېمە ئەڭ ئاۋۋال يېتىپ بارغان جايدىكى، زىيان سالغۇچى پاراخوت- كېمە تۇتۇپ قېلىنغان جايدىكى ياكى جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

32 - ماددا دېڭىز ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدىكى دەۋالار قۇتقۇزۇلغان جايدىكى ياكى قۇتقۇزۇلغان پاراخوت - كېمە ئەڭ ئاۋۋال يېتىپ بارغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

33- ماددا دېڭىز ۋەقەسىدىن بولغان ئورتاق زىيان يۈزىسىدىن قىلىنغان دەۋا پاراخوت- كېمد ئەڭ ئاۋۋال يېتىپ بارغان جايدىكى، دېڭىز ۋەقەسىدىن بولغان ئورتاق زىيان ھېسابلانغان جايدىكى ياكى مۇساپە ئاخىرلىشىدىغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

34- ماددا تۆۋەندىكى دېلولار مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛

(1) كۆچمەس مۈلۈككە دائىر دەۋالار شۇ مۈلۈك بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛

(2) پورت مەشغۇلاتىدا تۇغۇلغان دەۋالار پورت جايلاشقان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛

(3) مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش يۈزىسىدىن قىلىنغان دەۋالار مىراس قالدۇرغۇچى ۋاپات بولغان چاغدا ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسىي مىراسى بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

35- ماددا ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولغان دەۋادا، دەۋاگەر شۇ خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن بىرنى تاللاپ دەۋا قىلسا بولىدۇ؛ دەۋاگەر باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان بولسا، ئەڭ ئاۋۋال دېلو تۇرغۇزغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

3- پاراگراف باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلەش

36- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىنغان دېلونىڭ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرمەيدىغانلىقىنى سەزسە، ئۇنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئۆتكۈزۈۋالغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆتكۈزۈۋالغان دېلونى بەلگىلىمە بويىچە ئۆز تەۋەلىكىگە كىرمەيدۇ دەپ ھېسابلىسا، ئۇنى يەنە ئۆز مەيلىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىۋەتمەي، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلەپ بېرىشىگە سۇنۇشى كېرەك.

37- ماددا باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە سەۋەبلەر بىلەن باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەي قالسا، يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئوتتۇرسىدا باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۈستىدە تالاش- تارتىش يۈز بەرسە، تالاشقۇچى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ كېڭىشىپ ھەل قىلالمىسا، ئىككى تەرەپ تەڭ قارايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلەپ بېرىشىگە مەلۇم قىلىدۇ.

38- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى توغرىسىدا باشقىچە پىكرى بولسا، ئۇنى جاۋابنامە تاپشۇرۇش مۇددىتى ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىنىڭ باشقىچە پىكرىگە قاراپ چىقىشى لازىم. پىكرى ئورۇنلۇق بولسا، دېلونى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا كېسىم چىقىرىدۇ؛ پىكرى ئورۇنسىز بولسا، رەت قىلىپ كېسىم چىقىرىدۇ.

39 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى 1 - سوت قىلىنىدىغان ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قاراپ چىقىشقا ھوقۇقلۇق، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى 1 - سوت قىلىنىدىغان ھەق تەلەپ دېلولىرىنى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىشىغا تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ.

تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى 1 - سوت قىلىنىدىغان ھەق تەلەپ دېلولىرىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىشى زۆرۈر، دەپ قارىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلىشىغا سۇنسا بولىدۇ.

3- باب سوت تەشكىلاتى

40- ماددا ىەلق سوت مەھكىمىلىرى 1- سوت قىلىنىدىغان ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوتچى، زاسېداتىللاردىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ياكى سوتچىلاردىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىدۇ.

كېڭەشمە سوت ئەزالىرىنىڭ سانى تاق بولۇشى شەرت.

ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا تېگىشلىك ھەق تەلەپ دېلولىرىنى بىرلا سوتچى ئۆز ئالدىغا سوت قىلىدۇ.

زاسېداتىللار ۋەزىپە ئۆتىگەندە سوتچىلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇق- مەجبۇرىيەتكە ئىگە.

41- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى 2- سوت قىلىنىدىغان ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوتچىلاردىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلىدۇ.

باشقىدىن سوت قىلىشقا قايتۇرۇلغان دېلودا ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى 1- سوت تەرتىپى بويىچە باشقىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرىدۇ.

يېڭىۋاشتىن سوت قىلىنغان دېلو 1- سوت قىلىنغان دېلو بولسا، 1- سوت تەرتىپى بويىچە باشقىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ؛ 2- سوت قىلىنغان ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدۇرۇپ سوت قىلغان دېلو بولسا، 2- سوت تەرتىپى بويىچە باشقىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.

42- ماددا كېڭەشمە سوتنىڭ باش سوتچىلىقىنى مەھكىمە باشلىقى ياكى كوللېگىيە باشلىقى بەلگىلىگەن سوتچىلاردىن بىرى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ مەھكىمە باشلىقى ياكى كوللېگىيە باشلىقى سوت قىلىشقا قاتناشقان بولسا ئۆزى باش سوتچى بولىدۇ.

43- ماددا كېڭەشمە سوتتا دېلو ئۈستىدە باھالاش ئېلىپ بېرىلغاندا، ئازچىلىق كۆپچىلىككە بويسۇنۇش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ. باھالاشتا خاتىرە يېزىلىشى، ئۇنىڭغا كېڭەشمە سوتنىڭ ئەزالىرى ئىمزا قويۇشى كېرەك. باھالاشتا چۈشكەن ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر خاتىرىگە ئەينەن يېزىلىشى لازىم.

44- ماددا سوت قىلغۇچى خادىملار دېلونى قانۇن بويىچە ئادىل بېجىرىشى كېرەك. سوت قىلغۇچى خادىملار دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ زىياپىتىگە بېرىشقا، سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.

سوت قىلغۇچى خادىملاردىن خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار، قانۇننى بۇزۇپ ھۆكۈم- كېسىم چىقارغانلار قانۇن جاۋبكارلىقىغا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

4- باب چەتلەپ تۇرۇش

45- ماددا سوت قىلغۇچى خادىملاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر چەتلەپ تۇرۇشى شەرت. دەۋالاشقۇچىلار ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئاغزاكى ياكى يازما تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) شۇ دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلاردىن ياكى دەۋالاشقۇچىنىڭ، دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن بولغانلار؛

(2) شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغانلار؛

(3) شۇ دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلار بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، دېلونىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغانلار.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىلەر پۈتۈكچى، تەرجىمان، باھالىغۇچى ۋە ئېنىقلىغۇچىلارغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

46- ماددا دەۋالاشقۇچىلار چەتلەپ تۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، دېلو سوت قىلىنىشقا باشلانغان ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ چەتلەپ تۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلار دېلو سوت قىلىشقا باشلانغاندىن كېيىن مەلۇم بولغان بولسا، سوتتىكى مۇنازىرە ئاياغلىشىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ بولىدۇ.

چەتلەپ تۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان خادىملارنىڭ چەتلەپ تۇرۇش- تۇرماسلىقىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قارار قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇلار شۇ دېلو ئۈستىدىكى خىزمەتكە قاتنىشىشتىن ۋاقتىنچە توختاپ تۇرۇشى كېرەك. لېكىن، جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا تېگىشلىك دېلولار بۇنىڭ سىرتىدا.

47- ماددا مەھكىمە باشلىقى باش سوتچى بولغان چاغدا، ئۇنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى سوت ھەيئىتى قارار قىلىدۇ؛ سوت قىلغۇچى خادىملارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى مەھكىمە باشلىقى قارار قىلىدۇ؛ باشقا خادىملارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى باش سوتچى قارار قىلىدۇ.

48- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان چەتلەپ تۇرۇش ئىلتىماسى توغرىسىدا ئىلتىماس قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئاغزاكى ياكى يازما قارار چىقىرىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىلار قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنى تاپشۇرۇۋالغاندا، قايتا سوت قىلىشنى بىر قېتىم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قايتا سوت قىلىش سۈرۈكى ئىچىدە، چەتلەپ تۇرۇشى ئىلتىماس قىلىنغان خادىملار شۇ دېلو خىزمىتىگە قاتنىشىۋېرىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرى قايتا سوت قىلىش ئىلتىماسىغا قارىتا، ئۈچ كۈن ئىچىدە سوت قىلىش قارارىنى چىقىرىشى ھەمدە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

5- باب دەۋاغا قاتناشقۇچىلار

1- پاراگراف دەۋالاشقۇچىلار

49- ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ھەق تەلەپ دەۋاسىدا دەۋالاشقۇچى بولالايدۇ.

قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ دەۋا ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئېلىپ بارىدۇ.

50- ماددا دەۋالاشقۇچىلار ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلىش، چەتلەپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش، دەلىل- ئىسپاتلارنى توپلاش، يەتكۈزۈپ بېرىش، مۇنازىرىلىشىش، مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش، نارازىلىق ئەرزى بېرىش، ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

دەۋالاشقۇچىلار شۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقسا ھەمدە شۇ ماتېرىياللارنى ۋە قانۇن ھۆججەتلىرىنى كۆچۈرۈۋالسا بولىدۇ. شۇ دېلودىكى ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈۋېلىش، كۆچۈرۈۋېلىش دائىرىسى ۋە چارىسىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەيدۇ.

دەۋالاشقۇچىلار دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، دەۋا تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى، قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈمنامە، كېسىمنامە ۋە مۇرەسسەنامىنى ئىجرا قىلىشى شەرت.

51- ماددا دەۋالاشقۇچىلار ئۆزلىرى كېلىشىۋالسا بولىدۇ.

52 - ماددا دەۋاگەر دەۋا تەلىپىدىن كەچسە ياكى ئۇنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. جاۋابكار دەۋا تەلىپىنى ئېتىراپ قىلسا ياكى رەت قىلسا بولىدۇ، ئۇ قارشى دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

53- ماددا دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ ياكى ئىككىلا تەرەپنىڭ ئادىمى ئىككىدىن ئارتۇق، دەۋا نىشانى ئورتاق ياكى بىر خىل بولۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسى بىر يولىلا قاراپ چىقىشنى لايىق كۆرگەن ھەمدە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزگەن دەۋالار ئورتاق دەۋا بولىدۇ.

ئورتاق دەۋادىكى بىر تەرەپنىڭ دەۋا نىشانى جەھەتتىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتى ئورتاق بولۇپ، بىر كىشىنىڭ دەۋا ھەركىتى ھەممەيلەن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنسا، ئۇنىڭ دەۋا ھەركىتى ھەممەيلەن ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ دەۋا نىشانى جەھەتتىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى ئورتاق بولمىسا، ئۇلار ئىچىدىكى بىر كىشىنىڭ دەۋا ھەرىكىتى شۇ ئورتاق دەۋادىكى باشقا كىشىلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

54- دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ ئادىمى كۆپ بولۇپ، دەۋاسى ئورتاق دەۋا بولسا، دەۋالاشقۇچىلار ۋەكىل سايلاپ چىقىپ دەۋالاشسا بولىدۇ، ۋەكىلنىڭ دەۋا ھەرىكىتى ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان تەرەپتىكى دەۋالاشقۇچىلار ئۈچۈن كۈچكا ئىگە بولىدۇ، ئەمما، ۋەكىل دەۋا تەلىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ ياكى دەۋالاشقۇچى ئىككىنچى تەرەپنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئېتىراپ قىلىپ كېلىشىۋالماقچى بولسا، ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى شەرت.

55- ماددا دەۋا نىشانى بىر خىل، دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ ئادىمى كۆپ بولۇپ، دەۋا قىلىشتا ئادەم سانى تېخى بېكىتىلمىگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان چىقىرىپ، دېلو ئەھۋالى ۋە دەۋا تەلىپىنى چۈشەندۈرۈپ، ھوقۇقلۇق كىشىگە مەلۇم سۈرۈك ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسىگە تىزىمغا ئالدۇرغان ھوقۇقلۇق كىشىلەر ۋەلىك سايلاپ دەۋالاشسا بولىدۇ؛

ۋەكىل سايلاپ چىقالمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى تىزىمغا ھوقۇقلۇق كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ۋەكىل بەلگىلىسە بولىدۇ.

ۋەكىلنىڭ دەۋا ھەرىكىتى ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان دەۋالاشقۇچىلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما، ۋەكىل دەۋا تەلىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسە ياكى دەۋالاشقۇچى ئىككىنچى تەرەپنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئېتىراپ قىلىپ كېلىشىۋالماقچى بولسا، ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى شەرت.

خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھۆكۈم، كېسىم تىزىمغا ئالدۇرغان بارلىق ھوقۇقلۇق كىشىلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرمىغان ھوقۇقلۇق كىشىلەردىن دەۋا ۋاقىت چېكى ئىچىدە دەۋا قىلغانلىرىغا مۇشۇ ھۆكۈم، كېسىم تەتبىقلىنىدۇ.

56- ماددا دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ دەۋا نىشانى ئۈستىدە ئۈچىنچى كىشى مۇستەقىل تەلەپ قويۇشقا ھەققىم بار دەپ بىلسە، دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ دەۋا نىشانى ئۈستىدە مۇستەقىل تەلەپ قويۇشقا ھەققىم بار، دەپ بىلگەن ئۈچىنچى كىشىنىڭ مۇستەقىل تەلەپ قويۇش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، لېكىن دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسى بىلەن قانۇن جەھەتتە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا، ئۇ دەۋاغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ دەۋاغا قاتنىشىشىنى ئۇقتۇرىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ئۈچىنچى كىشىدە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇق- مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

2- پاراگراف دەۋا ۋاكالەتچىسى

57- ماددا دەۋادا ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغانلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ۋەسىيىسى قانۇنىي ۋاكالەتچى سۈپىتىدە ۋاكالىتەن دەۋالىشىدۇ. قانۇنىي ۋاكالەتچىلەر ۋاكالەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى بىر- بىرىگە ئىتتىرىپ تۇرۇۋالسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلاردىن بىرىنى ۋاكالىتەن دەۋالىشىشقا بەلگىلەيدۇ.

58- ماددا دەۋالاشقۇچىلار، قانۇنىي ۋاكالەتچىلەر بىردىن ئىككىگىچە كىشىنى دەۋا ۋاكالەتچىلىكىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

ئادۋوكاتلار، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى دەۋالاشقۇچىلار تۇرۇشلۇق ئورۇن تەۋسىيە قىلۈان ئادەملەر، خەلق سوت مەھكىمىسى رۇخسەت قىلغان باشقا پۇقرالار ھاۋالە بويىچە دەۋا ۋاكالەتچىسى بولسا بولىدۇ.

59- ماددا ۋاكالىتەن دەۋالىشىش ھاۋالە قىلىنغاندا، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ياكى تامغىسى بېسىلغان ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلىشى شەرت.

ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسىگە ھاۋالە قىلىنغان ئىشلار ۋە ھوقۇق دائىرىسى ئېنىق يېزىلىشى شەرت. دەۋا ۋاكالەتچىسى دەۋا تەلىپىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش، ئۇنى ئۆزگەرتىش، كېلىشىۋېلىش، قارشى دەۋا قىلىش ياكى نارازىلىق ئەرزى بېرىش ئىشلىرىدا ھاۋالە قىلغۇچىدىن ئالاھىدە ھوقۇق ئالغان بولۇشى شەرت.

چەت ئەللەردە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ قالغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلدىن پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتكەن ياكى باشقىلاردىن ئەۋەتكەن ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى، ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا بولمىسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋە كونسۇلخانىسىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ياكى شۇ جايدىكى ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىرلار تەشكىلاتىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى شەرت.

60- ماددا دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئۆزگەرتىلسە ياكى بىكار قىلىنسا، دەۋالاشقۇچى ئۇنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە خەت ئارقىلىق خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشى ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى دەۋالاشقۇچى ئىككىنچى تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

61- ماددا ۋاكالىتەن دەۋا قىلىدىغان ئادۋوكاتلار ۋە باشقا دەۋا ۋاكالەتچىلىرى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشكە، توپلاشقا ھوقۇقلۇق، شۇ دېلوغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقسا بولىدۇ. شۇ دېلوغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىش دائىرىسى ۋە چارىسىنى ئالىي خەكق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەيدۇ.

62- ماددا نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىدا، دەۋا ۋاكالەتچىسى بولغان تەقدىردىمۇ دەۋالاشقۇچىنىڭ ئۆزى سوتتا ھازىر بولۇشى كېرەك، ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا؛ پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن ھەقىقەتەن سوتتا ھازىر بولالمايدىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازما پىكىر سۇنۇشى لازىم.

6- باب دەلىل- ئىسپات

63- ماددا دەلىل- ئىسپات تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل بولىدۇ:

(1) يازما ئىسپات؛

(2) ماددىي ئىسپات؛

(3) كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئەسۋابلىرىغا ئېلىنغان ماتېرىياللار؛

(4) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

(5) دەۋالاشقۇچىلارنىڭ بايانلىرى؛

(6) باھالاش خۇلاسىسى؛

(7) ئېنىقلاش خاتىرىسى؛

يۇقىرىدىكى دەلىل- ئىسپاتلار تەكشۈرۈلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىلا پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ.

64- ماددا دەۋالاشقۇچىلار ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس ئۈستىدە دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.

دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرى ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توپلىيالمىغان دەلىل- ئىسپاتلارنى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قاراپ چىقىشتا زۆرۈر دەپ قارىغان دەلىل- ئىسپاتلارنى خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ توپلىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى دەلىل- ئىسپاتلارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئەتراپلىق ۋە ئوبيېكتىپ ھالدا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

65- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار ئورۇن شەخسلەردىن تەكشۈرۈپ دەلىل- ئىسپات ئېلىشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇنى رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئىسپاتلارنىڭ راست- يالغانلىقىنى ئايرىپ، ئۇنىڭ كۈچىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى لازىم.

66- ماددا دەلىل- ئىسپاتنى سوتتا كۆرسىتىش ھەمدە دەۋالاشقۇچىلارنى يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش كېرەك، لېكىن دۆلەت مەخپىيىتىگە، سوت مەخپىيىتىگە ياكى شەخسنىڭ سىرىغا چېتىلىدىغان دەلىل- ئىسپاتلارنى مەخپىي تۇتۇش كېرەك. سوتتا كۆرسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

67- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەر ئارقىلىق جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن قانۇن ھەرىكەتلىرى، قانۇن پاكىتلىرى ۋە ھۆججەتلىرىنى پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشى كېرەك. ئەمما، جامائەت گۇۋاھلىقىنى ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغان قارشى دەلىل- ئىسپاتلار بۇنىڭ سىرتىدا.

68- ماددا يازما ئىسپاتنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى تاپشۇرۇلىشى كېرەك. ماددىي ئىسپاتنىڭ ئۆزى تاپشۇرۇلىشى كېرەك. يازما ئىسپاتنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ياكى ماددىي ئىسپاتنىڭ ئۆزىنى ياپشۇرۇش ھەقىقەتەن قىيىن بولسا، تەقلىد قىلىپ ئىشلەنگەن نۇسخىسى، سۈرىتى، كۆپەيتمىسى، قىسقارتىلما نۇسخىسى تاپشۇرۇلسىمۇ بولىدۇ.

يازما ئىسپاتنىڭ چەت ئەل يېزىقىدىكى نۇسخىسى تاپشۇرۇلغاندا، جۇڭگو يېزىقىدىكى تەرجىمە نۇسخىسىمۇ قوشۇپ تاپشۇرۇلۇشى لازىم.

69- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئەسۋابلىرىغا ئېلىنغان ماتېرىياللارنىڭ راست- يالغانلىقىنى ئايرىشى ھەمدە شۇ دېلوغا دائىر باشقا دەلىل- ئىسپاتلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى بولالايدىغان- بولالمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ مۇقىملاشتۇرۇشى لازىم.

70- ماددا دېلو ئەھۋالىدىن خەۋىرى بارلىكى ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ سوتتا گۇۋاھلىق بېرىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشىنى قوللىشى كېرەك. گۇۋاھچى ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولۇپ سوتقا كېلەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن يازما گۇۋاھلىق بەرسە بولىدۇ.

ئۆز ئىرادىسىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغانلار گۇۋاھلىق بەرسە بولمايدۇ.

71- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ بايانلىرىنى شۇ دېلوغا دائىر باشقا دەلىل- ئىسپاتلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى بولالايدىغان- بولالمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ مۇقىملاشتۇرۇش لازىم.

دەۋالاشقۇچىلار ئەھۋالنى بايان قىلىشنى رەت قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا قارىماي دېلو پاكىتلىرىنى دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىۋېرىدۇ.

72- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى باھالىتىش زۆرۈر دەپ قارىغان مەخسۇس مەسىلىلەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن باھالاش تارماقلىرىغا باھالىتىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن باھالاش تارماقلىرى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەنگەن باھالاش تارماقلىرىغا باھالىتىدۇ.

باھالىغۇچى تارماقلار ۋە ئۇلار بەلگىلىگەن باھالىغۇچىلار باھالاش ئىشىغا زۆرۈر بولغان دېلو ماتېرىياللىرىنى ئىگىلەشكە ھوقۇقلۇق، زۆرۈر تېپىلغاندا، دەۋالاشقۇچىلاردىن ۋە گۇۋاھچىلاردىن گەپ سورىسا بولىدۇ.

باھالىغۇچى تارماقلار ۋە باھالىغۇچىلار باھالاشتىن يازما خۇلاسە چىقىرىشى، باھالاشنامىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك. باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسىغا باھالىغۇچى تۇرۇشلۇق ئورۇن ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاپ تامغا بېسىشى لازىم.

73- ماددا ئېنىقلىغۇچى ماددىي ئىسپاتلارنى ياكى نەق مەيداننى ئېنىقلاشتا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك ھەمدە شۇ يەردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار ياكى دەۋالاشقۇچىلار تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئادەم تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرۇش لازىم. دەۋالاشقۇچى ياكى ئۇنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تەۋەسى مەيداندا ھازىر بولۇشى كېرەك، مەيداندا ھازىر بولۇشنى رەت قىلسا، ئېنىقلاش ئىشى ئۇنىڭغا قارىماي ئېلىپ بېرىلىۋېرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەردە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، نەق مەيداننى قوغداش ۋە ئېنىقلاش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

ئېنىقلىغۇچى ئېنىقلاش ئەھۋالى نەتىجىسىدىن خاتىرە يېزىشى، ئۇنىڭغا ئېنىقلىغۇچى، دەۋالاشقۇچى ۋە تەكلىپ بىلەن قاتناشقۇچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم.

74- ماددا دەۋاغا قاتناشقۇچىلار يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن قولغا كەلتۈرۈش تەس بولغان دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ ئامان ساقلىنىشىنى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن تەلەپ قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئامان ساقلاش تەدبىرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللانسىمۇ بولىدۇ.

7- باب سۈرۈك، يەتكۈزۈش

1- پاراگراف سۈرۈك

75- ماددا سۈرۈك قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكنى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلىگەن سۈرۈكنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

سۈرۈك سائەت، كۈن، ئاي، يىل بىلەن ھېسابلىنىدۇ. سۈرۈك باشلانغان سائەت ۋە كۈن سۈرۈككە قوشۇپ ھېسابلانمايدۇ.

سۈرۈك توشقان ئاخىرقى بىر كۈن بايرام كۈنىگە، دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا، بايرام كۈنىدىن، دەم ئېلىش كۈنىدىن كېيىنكى بىرىنچى كۈن سۈرۈك توشقان كۈن بولىدۇ.

سۈرۈك يولغا كەتكەن كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، دەۋا ھۆججەتلىرى سۈرۈك توشۇشتىن ئىلگىرى پوچتىغا سېلىنغان بولسا، سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكەن بولمايدۇ.

76- ماددا دەۋالاشقۇچىلار يەڭگىلى بولمايدىغان توسالغۇ ياكى باشقا ئورۇنلۇق سەۋەبلەر بىلەن مۆھلەتنى كېچىكتۈرۈپ قويغان بولسا، توسالغۇ تۈگىگەندىن كېيىنكى ئون كۈن ئىچىدە مۆھلەتنىڭ ئۇزارتىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئۇنىڭۈا رۇخسەت قىلىش- قىلماسلىقنى خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەيدۇ.

2- پاراگراف يەتكۈزۈش

77- ماددا دەۋا ھۆججەتلىرى يەتكۈزۈلگەندە ئۇچۇر قەغىزى بولۇشى، تاپشۇرۇۋالغۇچى ئۇچۇر قەغىزىگە تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتنى ئېنىق يېزىپ ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.

تاپشۇرۇۋالغۇچى ئۇچۇر قەغىزىگە ئىمزا قويغان ۋاقىت يەتكۈزۈلگەن ۋاقىت بولىدۇ.

78- ماددا يەتكۈزىلىدىغان دەۋا ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئۆز قولىغا بېرىشى كېرەك؛ تاپشۇرۇۋالغۇچى ئۆزى بولمىسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدىغان قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تەۋەسىگە تاپشۇرۇپ ئىمزا قويدۇرۇۋېلىش لازىم؛ تاپشۇرۇۋالغۇچى قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار بولسا، قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى ياكى بۇ قانۇنىي ئىگە، تەشكىلاتلارنىڭ ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇۋېلىشىغا مەسئۇل بولغان كىشى ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىشى كېرەك؛ تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى بولسا، ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسىگە تاپشۇرۇپ ئىمزا قويدۇرۇۋېلىنسا بولىدۇ؛ تاپشۇرۇۋالغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆزىگە ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالدىغان كىشىنى كۆرسەتكەن بولسا، ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالغۇچىغا تاپشۇرۇپ ئىمزا قويدۇرۇۋېلىشى لازىم.

تاپشۇرۇۋالغۇچى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدىغان قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تەۋەسى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇل بولۇپ تاپشۇرۇۋالغۇچىسى، دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالغۇچى ئۇچۇر قەغىزىگە ئىمزا قويغان ۋاقىت يەتكۈزگەن ۋاقىت بولىدۇ.

79- ماددا تاپشۇرۇۋالغۇچى ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدىغان قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تەۋەسى دەۋا ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رت قىلسا، يەتكۈزگۈچى مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي قاتلام تەشكىلىنىڭ ياكى ئۇ تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ۋەكىلىنى چاقىرتىپ، تۆپىدە تۇرغۇزۇپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشى، تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلىش سەۋەبى ۋە ۋاقىتنى ئۇچۇر قەغىزىگە ئېنىق يېزىپ قويۇشى كېرەك، ئۇنىڭغا يەتكۈزگۈچى ۋە گۇۋاھچىلار ئىمزا قويۇپ ياكى يامغا بېسىپ، دەۋا ھۆججىتىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىغا قويۇپ قويسىلا يەتكۈزۈلگەن بولىدۇ.

80- ماددا دەۋا ھۆججەتلىرىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بېرىش قىيىن بولسا، يەتكۈزۈپ بېرىش باشقا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھاۋالە قىلىنسىمۇ ياكى پوچتىدىن ئەۋەتىلسىمۇ بولىدۇ. پوچتىدىن ئەۋەتكەندە، زاكاز خەتنىڭ ئۇچۇر قەغىزىگە يېزىلغان تاپشۇرۇۋېلىش ۋاقتى يەتكۈزۈلگەن ۋاقىت بولىدۇ.

81- ماددا تاپشۇرۇۋالغۇچى ھەربىي بولسا، ئۇنىڭغا ئۆزى تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى تۇەندىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ سىياسىي ئورگىنى ئارقىلىق يەتكۈزىلىدۇ.

82- ماددا تاپشۇرۇۋالغۇچى قاماقتا بولسا، ئۇنىڭغا ئۇنىڭغا ئۆزى تۇرۇشلۇق تۈرمە، سولاقخانا ياكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.

تاپشۇرۇۋالغۇچى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ئۆزى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقان ئورۇن ئارقىلىق يەتكۈزىلىدۇ.

83- ماددا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بەرگۈچى ئورگان ۋە ئورۇن دەۋا ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تاپشۇرۇۋالغۇچىغا دەرھال تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئىمزا قويدۇرۇۋېلىشى لازىم. ئۇچۇر قەغىزىگە ئىمزا قويۇلغان ۋاقىت يەتكۈزۈلگەن ۋاقىت بولىدۇ.

84- ماددا تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئىز- دېرىكى ئېنىق بولمىسا ياكى مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن باشقا يوللار بىلەن يەتكۈزۈش مۇمكىن بولمىسا، ئېلان چىقىرىش يولى بىلەن يەتكۈزۈلىدۇ. ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئارىدىن 60 كۈن ئۆتسە، يەتكۈزۈلگەن بولىدۇ.

ئېلان چىقىرىش يولى بىلەن يەتكۈزۈلگەندە، ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ۋە جەريانى دېلوغا ئېنىق يېزىلىشى لازىم.

8- باب مۇرەسسە قىلىش

85- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، دەۋالاشقۇچىلار ئىىتىيار قىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، پاكىتلار ئېنىق بولغان ئاساستا، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ مۇرەسسە قىلىشى كېرەك.

86- ماددا خەق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسە قىلىش ئىشىغا بىر سوتچى رىياسەتچىلىك قىلسا بولىدۇ، كېڭەشمە سوت رىياسەتچىلىك قىلسىمۇ بولىدۇ ھەمدە ئۇ مۇمكىن قەدەر شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە قىلىشتا دەۋالاشقۇچىلار ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ سوتقا كېلىشى ھەققىدە ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.

87- ماددا خەلق سوت مىھكىمىسى مۇرەسسە قىلىشتا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ھەمكارلاشتۇرسا بولىدۇ. تەكلىپ قىلىنغان ئورۇن ۋە شەخسلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە ياردەملىشىشى كېرەك.

88- ماددا مۇرەسسەدە زورلاش يولى بىلەن ئەمەس، ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن ھاسىل قىلىنىشى شەرت. كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ كەلسە بولمايدۇ.

89- ماددا مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسەنامە تەييارلاپ چىقىشى كېرەك. مۇرەسسەنامىگە دەۋا تەلىپى، دېلو پاكىتى ۋە مۇرەسسە نەتىجىسى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

مۇرەسسەنامە سوت قىلغۇچى خادىملار ۋە پۈتۈكچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلىپ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

مۇرەسسەنامە دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغاندىن كېيىنلا قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

90- ماددا تۆۋەندىكى دېلولاردا مۇرەسسە يولى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسەنامە تەييارلاپ چىقمىسىمۇ بولىدۇ:

(1) مۇرەسسە يولى بىلەن ياراشتۇرۇلغان نىكاھتىن ئاجرىشىشقا دائىر دېلولار؛

(2) مۇرەسسە يولى بىلەن داۋملاشتۇرۇلىدىغان بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىگە دائىر دېلولار؛

(3) دەرھال ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان دېلولار؛

(4) مۇرەسسەنامە تەييارلاش ھاجەتسىز بولغان باشقا دېلولار.

مۇرەسسەنامە تەييارلاش ھاجەتسىز بولغان كېلىشىم خاتىرىگە يېزىپ قويۇلۇشى لازىم. ئۇ دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ، سوت قىلغۇچى خادىملار ۋە پۈتۈكچى ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقاندىن كېيىنلا قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

91- ماددا مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان ياكى مۇرەسسەنامە يەتكۈزۈپ بېرىلگۈچە بىر تەرەپ يېنىۋالغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋاقتىدا ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك.

9- باب مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاش ۋە ئالدىن ئىجرا قىلىش

92- ماددا دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغان ياكى ئىجرا قىلىش تەس بولغان دېلودا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچى ئىككىنچى تەرەپنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاش توغرىسىدا كېسىم چىقارسا بولىدۇ؛ دەۋالاشقۇچى ئىلتىماس بەرمىگەن بولسا، زۆرۈر تېپىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىش ھەققىدە كېسىم چىقارسىمۇ بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشتا، ئىلتىماس قىلغۇچىنى كېپىللىككە بېرىشكە بويرۇسا بولىدۇ؛ كېپىللىك بەرمىگەنلەرنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە 48 سائەت ئىچىدە كېسىم چىقىرىشى شەرت؛ مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىش توغرىسىدا كېسىم چىقارغان بولسا، ئۇنى ئىجرا قىلىشقا دەرھال كىرىشىشى لازىم.

93- ماددا مەنپەئەتدار كىشى ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكى تۈپەيلىدىن، مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاش ھەققىدە دەرھال ئىلتىماس قىلمىسا ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىگە تولدۇرغۇسىز زىيان يېتىدىغان ئەھۋال ئاستىدا، دەۋا قىلىشتىن بۇرۇن مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىش ھەققىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى كېپىللىك بېرىشى لازىم. كېپىللىك بەرمىگەنلەرنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن 48 سائەت ئىچىدە كېسىم چىقىرىشى شەرت؛ مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىش توغرىسىدا كېسىم چىقارغان بولسا، ئىجرا قىلىشقا دەرھال كىرىشىشى لازىم.

خەلق سوت مەھكىمىسى مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچى 15 كۈنگىچە دەۋا قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى بىكار قىلىشى كېرەك.

94- ماددا مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەلەپ قىلىنغان دائىرە ياكى شۇ دېلوغا ئالاقىدار نەرسە بىلەن چەكلىنىدۇ.

مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاشتا پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىپ قويۇش ئۇسۇللىرى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى مال- مۈلۈكنى توڭلاتقاندا، مال- مۈلكى توڭلىتىلغۇچىغا دەرھال ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

پېچەتلەنگەن، توڭلىتىلغان مال- مۈلۈكلەرنى ئۈستىلەپ پېچەتلەشكە ۋە توڭلىتىشقا بولمايدۇ.

95- ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچى كېپىللىك قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى بىكار قىلىشى كېرەك.

96- ماددا ئىلتىماستا خاتالىق كۆرۈلسە، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ مال- مۈلۈكىنى ئامان ساقلاش تۈپەيلىدىن تارتقان زىيىنىنى تۆلەيدۇ.

97- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەندىكى دېلولاردا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئالدىن ئىجرا قىلىش توغرىسىدا كېسىم چىقارسا بولىدۇ:

(2) ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىراجىتى، بېقىش خىراجىتى، تەربىيلەش خىراجىتى، نەپىقە پۇلى، داۋالىنىش خىراجىتى تەلەپ قىلىنغان دېلولار؛

(3) ئەھۋال جىددىي بولغانلىقتىن ئالدىن ئىجرا قىلىش زۆرۈر بولغان دېلولار.

98- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىن ئىجرا قىلىش ھەققىدە چىقارغان كېسىمى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:

(1) دەۋالاشقۇچىلار ئارىسىدا ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئېنىق بولۇپ، ئالدىن ئىجرا قىلىنمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تۇرمۇشىغا ياكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە ئېغىر تەسىر يەتسە؛

(2) ئىلتىماس قىلىنغۇچى مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسا.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماس قىلغۇچىنى كېپىللىك بېرىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى كېپىللىك بېرىشكە ئۇنىمىسا، ئۇنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى دەۋادا يېڭىلسە، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئالدىن ئىجرا قىلىش تەدبىرى قوللىنىلغانلىق تۈپەيلىدىن مال- مۈلۈك جەھەتتە تارتقان زىيىنىنى تۆلەيدۇ.

99- ماددا مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاش ياكى ئالدىن ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى كېسىمگە قايىل بولمىغان دەۋالاشقۇچىلار بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش سۈرۈكى ئىچىدە كېسىمنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ.

10- باب ھەق تەلەپ دەۋا ئىشلىرىغا دەخلى قىلغۇچىلارغا قوللىنىلىدىغان مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى

100- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوتقا كېلىشى شەرت بولغان، چاقىرىق قەغىزى بىلەن ئىككى قېتىم چاقىرتىلسىمۇ ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن كەلگىلى ئۇنىمىغان جاۋابكارنى مەجبۇرىي چاقىرتىپ كەلسە بولىدۇ.

101 ماددا دەۋا ئىشتىراكچىلىرى ۋە باشقا كىشىلەر سوتخانا قائىدىسىگە ئەمەل قىلىغى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى سوتخانا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا تەنبىھ بېرىپ، سوتخانىدىن چىقىرىۋەتسە ياكى جەرىمانە قويسا، توختىتىپ قويسا بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى سوتخانانىدا غوۋغا چىقىرىپ، سوتخانىغا بېسىپ كىرىپ، سوت قىلغۇچى خادىملارنى ھاقارەتلەپ قارىلاپ، ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۇرۇپ، سوتخانا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجە قالايمىقانلاشتۇرغانلارنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ، قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا جەرىمانە قويىدۇ، ئۇلارنى توختىتىپ قويىدۇ.

102- ماددا دەۋا ئىشتىراكچىلىرىدا ياكى باشقا كىشىلەردە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قىلمىشىنىڭ ئېغىر- يىنىكلىكىگە قاراپ جەرىمانە قويسا، توختىتىپ قويسا بولىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ:

(1) مۇھىم دەلىل- ئىسپاتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ. كۆيدۈرۈۋېتىپ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى قاراپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا؛

(2) گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، پارا بېرىپ سېتىۋېلىش يولى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان ياكى باشقىلارنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە كۈشكۈرتكەن، پارا بېرىپ سېتىۋالغان، زىيان- زەخمەتكە ئۇچراتقان، مەجبۇرلىغان بولسا؛

(3) پېچەتلەپ قويۇلغان، تۇتۇپ قېلىنغان مال- مۈلۈكلەرنى ياكى ئېنىقلىنىپ بولغان ھەمدە ساقلاپ بېرىشكە تاپشۇرۇلغان مال- مۈلۈكلەرنى يوشۇرۇپ قويغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن، زىيان- زەخمەتكە ئۇچراتقان، توڭلىتىپ قويۇلغان مال- مۈلۈكلەرنى يۆتكىۋەتكەن بولسا؛

(4) ئەدلىيە خادىملىرىغا، دەۋاغا قاتناشقۇچىلارغا، گۇۋاھچىلارغا، تەرجىمانلارغا، باھالىغۇچىلارغا، ئېنىقلىغۇچىلارغا ۋە ئىجراغا ياردەم بەرگۈچىلەرگە ھاقارەت كەلتۈرگەن، تۆھمەت چاپلىغان، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغان، ئۇرغان ياكى زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغان بولسا؛

(5) ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن ياكى باشقا يوللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان بولسا؛

(6) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم، كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتقان بولسا.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرى ياكى بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار خادىملىرىغا جەرىمانە قويسا ۋە ئۇلارنى توختىتىپ قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققە تارتىدۇ.

103- ماددا تەكشۈرۈشكە ۋە ئىجرا قىلىشقا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بولغان ئورۇنلار تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇغاندىن تاشقىرى، ئۇلارغا جەرىمانە قويسىمۇ بولىدۇ:

(1) ئالاقىدار ئورۇنلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل- ئىسپات ئېلىشىنى رەت قىلغان ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا؛

(2) بانكا، ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى ۋە پۇل ئامانەت كەسپىنى بېجىرىدىغان باشقا ئورۇنلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىشقا ياردەم بېرىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئامانەت قويۇلغان پۇللارنى سۈرۈشتۈرۈشكە، توڭلىتىشقا ياكى ئاجرىتىشقا ياردەم بەرمىگەن بولسا؛

(3) ئالاقىدار ئورۇنلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىشقا ياردەم بېرىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىجرا ئوبيېكتىنىڭ كىرىمىنى تۇتۇپ قېلىشقا، مال- مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر گۇۋاھنامىلەرنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە ئالاقىدار تالون- ئىسپات، گۇۋاھنامىلەرنى ياكى باشقا مال- مۈلۈكلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ياردەم بېرىشتىن باش تارتقان بولسا؛

(4) ئىجراغا ياردەم بېرىشتىن باش تارتقان باشقا ئىشلار بولسا.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىغا ياكى بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار خادىملىرىغا جەرىمانە قويسا بولىدۇ، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىغا ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئۇلارغا ئىنتىزام جازاسى بېرىش ھەققىدە ئەدلىيىلىك تەكلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

104- ماددا شەخسلەرگە قويۇلىدىغان جەرىمانە خەلق پۇلى ھېسابىدا 1000 يۈەندىن تۆۋەن بولىدۇ. ئورۇنلارغا قويۇلىدىغان جەرىمانە خەلق پۇلى ھېسابىدا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولىدۇ.

توختىتىپ قويۇش مۇددىتى 15 كۈندىن تۆۋەن بولىدۇ.

توختىتىپ قويۇلىدىغانلارنى خەلق سوت مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. توختىتىپ قويۇلغان مەزگىلدە توختىتىپ قويۇلغۇچى خاتالىقنى تونۇسا ھەمدە تۈزەتسە، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

105- ماددا ھەق تەلەپ دەۋاسىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشنى خەلق سوت مەھكىمىسى قارار قىلىشى شەرت. باشقىلارنى قانۇنسىز قاماپ قويغان ياكى قەرزىمنى بەر، دەپ باشقىلارنىڭ مال- مۈلكىنى قانۇنسىز ھالدا ئۆز ئالدىغا تۇتۇپ قالغان ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ياكى توختىتىپ قويۇش ۋە ئۇلارغا جەرىمانە قويۇش كېرەك.

106- ماددا ھەق تەلەپ دەۋاسىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشنى خەلق سوت مەھكىمىسى قارار قىلشى شەرت. باشقىلارنى قانۇنسىز قاماپ قويغان ياكى قەرزىمنى بەر، دەپ باشقىلارنىڭ مال- مۈلكىنى قانۇنسىز ھالدا ئۆز ئالدىغا تۇتۇپ قالغان ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ياكى توختىتىپ قويۇش ۋە ئۇلارغا جەرىمانە قويۇش كېرەك.

11- باب دەۋا ھەققى

107- ماددا دەۋالاشقۇچىلار ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىشقاندا بەلگىلىمە بويىچە دېلو قوبۇل قىلىش كېرەك. مال- مۈلۈك دېلولىرىدا دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى تاپشۇرغاندىن تاشقىرى، بەلگىلىمە بويىچە باشقا دەۋا ھەققىنىمۇ تاپشۇرۇشى لازىم.

دەۋالاشقۇچىلاردىن دەۋا ھەققى تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارلار بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى، كېمەيتىپ تاپشۇرۇشنى، ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسى ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

2- قىسىم سوت تەرتىپى

12- باب 1- سوتنىڭ ئادەتتىكى تەرتىپى 1- پاراگراف دەۋا قىلىش ۋە دەۋانى قوبۇل قىلىش

108- ماددا دەۋا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت:

(1) دەۋاگەر شۇ دېلو بىلەن بىۋاسىتە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بولۇشى شەرت؛

(2) جاۋابكار ئېنىق بولۇشى شەرت؛

(3) دەۋا تەلىپى، پاكىتلىرى ۋە سەۋەبلىرى كونكرېت بولۇشى شەرت؛

(4) خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىدىغان ھەق تەلەپ دەۋاسى دائىرىسىدە ۋە دەۋانى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇشى شەرت.

109- ماددا دەۋا قىلغۇچى دەۋا خېتىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇشى ھەمدە جاۋابكارلارنىڭ سانىغا قاراپ دەۋا خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى تاپشۇرۇشى لازىم.

دەۋا خېتى يېزىشتا ھەقىقەتەن قىينىلىدىغانلار ئاغزاكى دەۋا قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى خاتىرىلىۋالىدۇ ھەم دەۋالاشقۇچى ئىككىنچى تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

110- ماددا دەۋا خېتىگە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:

(1) دەۋالاشقۇچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، جىنسى، يېشى، مىللىتى، كەسپى، ئىشلەيدىغان ئورنى ۋە ئادرېسى، قانۇنىي ئىگىنىڭ ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ نامى، ئادرېسى ۋە قانۇنىي ۋەكىلنىڭ ياكى ئاساسلىق مەسئۇل كىشىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، ۋەزىپىسى؛

(2) دەۋا تەلىپى ۋە ئاساسلىنىدىغان پاكىتى ۋە ئاساسى؛

(3) دەلىل- ئىسپات ۋە دەلىل- ئىسپاتنىڭ مەنبەسى، گۇۋاھچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى ۋە ئادرىسى.

111- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 108- ماددىسىغا ئۇيغۇن دەۋالارنى قوبۇل قىلىشى شەرت. تۆۋەندىكى دەۋالارنى ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىدۇ:

(1) مەمۇرىي دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، مەمۇرىي دەۋا بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغان دېلو دائىرىسىگە كىرسە، دەۋاگەرگە مەمۇرىي دەۋا قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ؛

(2) قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ توختام ماجىراسى ئۈستىدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يازما كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ بېرىشىگە ئىلتىماس قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا بولمايدىغان بولسا، دەۋاگەرگە كېسىم قىلىپ بېرىشىگە ئىلتىماس سۇنۇشنى ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ؛

(3) قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، باشقا ئورگانلار ھەل قىلىشقا تىگىشلىك بولغان تالاشلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئىلتىماس قىلىپ ھەل قىلىۋېلىشىنى دەۋاگەرگە ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ؛

(4) شۇ مەھكىمىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغان دېلو بولسا، دەۋاگەرگە باشقۇرۇش ھوقۇقى بار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ؛

(5) دەۋالاشقۇچىلار ھۆكۈم، كېسىم قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان دېلو ئۈستىدە قايتا دەۋا قىلسا، ئۇنىڭ ئەرز قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى دەۋاگەرگە ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ، لېكىن خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋادىن كېچىشكە رۇخسەت قىلىپ كېسىم چىقارغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(6) قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، مەلۇم مۆھلەت ئىچىدە دەۋا قىلىشقا بولمايدىغان دېلو ئۈستىدە، دەۋا قىلىشقا بولمايدىغان مۆھلەت ئىچىدە قىلىنغان دەۋانى قوبۇل قىلمايدۇ؛

(7) نىكاھتىن ئاجرىشىشقا بولمايدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ۋە مۇرەسسە يولى بىلەن ياراشتۇرۇپ قويۇلغان، بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە ھۆكۈم قىلىنغان ۋە بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى مۇرەسسە يولى بىلەن داۋالاشتۇرۇلغان دېلو ئۈستىدە يېڭى ئەھۋال، يېڭى سەۋەب بولمىسا، دەۋاگەرنىڭ ئالتە ئاي ئىچىدە قايتا قىلغان دەۋاسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

112- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى يازما دەۋانى ياكى ئاغزاكى دەۋانى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دەۋا قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ قارىغانلىرى ئۈستىدە يەتتە كۈن ئىچىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك؛ دەۋاگەر كېسىمگە قايىل بولمىسا، نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ.

2- پاراگراف سوت قىلىش ئالدىدىكى تەييارلىق

113- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە دەۋا خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى جاۋابكارغا ئەۋەتىپ بېرىشى، جاۋابكارغا ئەۋەتىپ بېرىشى، جاۋابكار ئۇنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە جاۋابنامە تاپشۇرۇشى لازىم.

جاۋابكار جاۋابنامە تاپشۇرسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە جاۋابنامىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى دەۋارگە ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك. جاۋابكار جاۋابنامە تاپشۇرمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىشنى ئۇنىڭغا قارىماي ئېلىپ بېرىۋېرىدۇ.

114- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان دېلونىڭ قوبۇل قىلغانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى ۋە دەۋاغا جاۋاب بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا دەۋالاشقۇچىلارغا ئالاقىدار دەۋا ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئۇقتۇرۇشى ياكى ئۇنى ئاغزاكى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

115- ماددا كېڭەشمە سوت ئەزالىرى بەلگىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، بۇنى ئۈچ كۈن ئىچىدە دەۋالاشقۇچىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

116- ماددا سوت قىلغۇچى خادىملار دەۋا ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقىشى، زۆرۈر دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ توپلىشى كېرەك.

117- خەلق سوت مەھكىمىسى ئەۋەتكەن خادىملار تەكشۈرگەندە تەكشۈرۈلگۈچىگە گۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

تەكشۈرۈش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈلگۈچى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تەكشۈرۈلگۈچى بىلەن تەكشۈرگۈچى ئىمزا قويىدۇ ياكى تامغا باسىدۇ.

118- ماددا زۆرۈر تېپىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈشنى باشقا جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلغاندا، تەكشۈرۈش تۈرى ۋە تەلەپلەر ئېنىق بولۇشى شەرت. ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ھاۋالىنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈشنى 30 كۈن ئىچىدە تۈگىتىشى كېرەك، بىرەر سەۋەب بىلەن تۈگىتەلمىسە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان سۈرۈك ئىچىدە ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقە يېزىپ ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

119- ماددا ئورتاق دەۋا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان دەۋالاشقۇچىلاردىن دەۋاغا قاتناشمىغانلىرى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارغا دەۋا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

3- پاراگراف سوت ئېچىپ سوت قىلىش

120- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىشنى ئوچۇق ئېلىپ بېرىشى كېرەك، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىگە، شەخسلەرنىڭ سىرىغا تاقىلىدىغان ياكى قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بار دېلو بۇنىڭ سىرتىدا.

دەۋالاشقۇچىلار ئوچۇق سوت تەلەپ قىلغان نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرى ۋە سودا مەخپىيىتىگە دائىر دېلولار ئوچۇق سوت قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ.

121- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، ئېھتىياجىغا قاراپ، دېلونى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە بېجىرىش ئۈچۈن سەييارە سوت قىلىدۇ.

122- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، سوت ئېچىپ سوت قىلىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى دەۋالاشقۇچىلارغا ۋە باشقا دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئوچۇق سوت قىلىنىدىغان دېلولاردا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، دېلو مەزمۇنى، سوت ئېچىپ سوت قىلىش ۋاقتى ۋە ئورنى توغرىسىدا ئېلان چىقىرىشى كېرەك.

123- ماددا سوت ئېچىپ سوت قىلىش ئالدىدا پۈتۈكچى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ۋە باشقا دەۋا ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سوتت ھازىر بولغان- بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى، سوتخانا ئىنتىزامىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

سوت باشلانغاندا، باش سوتچى دەۋالاشقۇچىلارنى يوقلىما قىلىدۇ، دېلو مەزمۇنىنى، سوت قىلغۇچى خادىملار ۋە پۈتۈكچىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئالاقىدار دەۋا ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرىدۇ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سوت تەركىبىدىكىلەردىن بىرەرىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلىدىغان- قىلمايدىغانلىقىنى سورايدۇ.

124- ماددا سوتتا تەكشۈرۈش ئىشى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:

(1) دەۋالاشقۇچىلار پىكىر بايان قىلىش؛

(2) گۇۋاھچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇش، گۇۋاھچى گۇۋاھلىق بېرىش، سوتقا كەلمىگەن گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى ئوقۇش؛

(3) يازما ئىسپاتلار، ماددىي ئىسپاتلار ۋە كۆرۈش- ئاڭلاش ئەسۋابلىرىغا ئېلىنغان ماتېرىياللارنى كۆرسىتىش؛

(4) باھالاش خۇلاسىسىنى ئوقۇش؛

(5) ئېنىقلاش خاتىرىسىنى ئوقۇش.

125- ماددا دەۋالاشقۇچىلار سوتتا يېڭى دەلىل- ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

دەۋالاشقۇچىلار سوتنىڭ رۇخسىتى بىلەن گۇۋاھچىدىن، باھالىغۇچىدىن ۋە ئېنىقلىغۇچىدىن سوئال سورىسا بولىدۇ.

دەۋالاشقۇچىلار تەكشۈرۈش، باھالاش ياكى ئېنىقلاش ئىشىنىڭ قايتا ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىش- قىلماسلىقنى خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەيدۇ.

126- ماددا دەۋاگەر دەۋادا يەنە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا، جاۋابكار قارشى دەۋا قىلسا، ئۈچىنچى كىشى شۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بۇلارنى بىر يولىلا سوت قىلىشقا بولىدۇ.

127- ماددا سوتتىكى مۇنازىرە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ؛

(1) دەۋاگەر ۋە ئۇنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى سۆزلەش؛

(2) جاۋابكار ۋە ئۇنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى جاۋاب بېرىش؛

(3) ئۈچىنچى كىشى ۋە ئۇنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى سۆزلەش ياكى جاۋاب بېرىش؛

(4) مۇنازىرىلىشىش.

سوتتىكى مۇنازىرە ئاخىرلاشقاندا، باش سوتچى تەرتىپ بويىچە دەۋاگەر تەرەپتىن، جاۋابكار تەرەپتىن ۋە ئۈچىنچى كىشىدىن ئاخىرقى قېتىم پىكىر ئالىدۇ.

128- ماددا سوتتىكى مۇنازىرە ئاخىرلاشقاندا، قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك. ھۆكۈم چىقىرىشتىن بۇرۇن مۇرەسسە قىلىشقا بولىدىغانلار مۇرەسسە قىلىنسىمۇ بولىدۇ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىگەنلىرى ئۈستىدە ۋاقتىدا ھۆكۈم چىقىرىشقا لازىم.

129 - ماددا دەۋاگەر چاقىرىق قەغىزى ئارقىلىق چاقىرتىلسىمۇ ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن سوتقا كەلمىسە ياكى سوتنىڭ رۇخسىتىسىز ئارىلىقتا سوتتىن چىقىپ كەتسە، دەۋادىن كەچكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ جاۋابكار قارشى دەۋا قىلغان بولسا، سىرتتىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ.

130 - ماددا جاۋابكار چاقىرىق قەغىزى ئارقىلىق چاقىرتىلسىمۇ ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن سوتقا كەلمىسە ياكى سوتنىڭ رۇخسىتىسىز ئارىلىقتا سوتتىن چىقىپ كەتسە، سىرتتىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ.

131- ماددا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، دەۋاگەر دەۋادىن كېچىدىغانلىقىنى ئىلتىماس قىلسا، ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىش- قىلماسلىق ھەققىدە خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋادىن كېچىشكە رۇخسەت قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقارغاندا، دەۋاگەر چاقىرىق قەغىزى ئارقىلىق چاقىرتىلسىمۇ ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن سوتقا كەلمىسە، سىرتتىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ.

132- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، سوت ئېچىپ سوت قىلىش كېچىكتۈرۈلسە بولىدۇ:

(1) سوتقا كېلىشى شەرت بولغان دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا دەۋا ئىشتىراكچىلىرى ئورۇنلۇق سەۋەب بىلەن سوتقا كەلمىگەن بولسا؛

(2) دەۋالاشقۇچىلار ئوشتۇمتۇتلا چەتلەپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا؛

(3) يېڭى گۇۋاھچىلارنىڭ سوتقا كېلىشىنى ئۇقتۇرۇشقا، يېڭى دەلىل- ئىسپاتلارنى ئالدۇرۇشقا، يېڭىۋاشتىن باھالاش ۋە ئېنىقلاشقا ياكى قوشۇمچە تەكشۈرۈشكە روغرا كەلگەن بولسا؛

(4) كېچىكتۈرۈشكە تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.

133- ماددا پۈتۈكچى سوتتا سوت قىلىش داۋامىدىكى بارلىق ئىشلاردىن خاتىرە يازىدۇ، ئۇنىڭغا سوت قىلغۇچى خادىملار ۋە پۈتۈكچى ئىمزا قويىدۇ.

سوت خاتىرىسى سوتنىڭ ئۆزىدىلا ئوقۇپ ئۆتۈلىدۇ، دەۋالاشقۇچىلارغا ۋە باشقا دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا خاتىرىنى سوتنىڭ ئۆزىدە ياكى بەش كۈن ئىچىدە ئوقۇپ چىقىش ئۇقتۇرۇلسىمۇ بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا دەۋا ئىشتىراكچىلىرى بايان قىلغان سۆزلىرىدىن خاتىرىگە چۈشمەي قالغان ياكى خاتا يېزىلىپ قالغان يەرلەر بار دەپ قارىسا، تولۇقلاپ قويۇش ياكى تۈزىتىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. تولۇقلاپ ياكى تۈزىتىپ قويۇلمىسا، ئىلتىماسنى دېلوغا خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.

سوتتا يېزىلغان خاتىرىگە دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا دەۋا ئىشتىراكچىلىرى ئىمزا قويىدۇ ياكى تامغا باسىدۇ.

ئىمزا قويۇش ياكى تامغا بېسىشنى رەت قىلىدىغانلار چىقىپ قالسا، ئەھۋال ئېنىق يېزىلىپ دېلوغا سېلىنىدۇ.

134- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت قىلغان ياكى ئوچۇق سوت قىلمىغان دېلولارنىڭ ھۆكۈملىرىنى پۈتۈنلەي ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ.

ھۆكۈمى شۇ سوتنىڭ ئۆزىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىرىنىڭ ھۆكۈمنامىسى ئون كۈن ئىچىدە ئەۋەتىپ بېرىلىشى كېرەك؛ ھۆكۈمى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىرىنىڭ ھۆكۈمنامىسى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دەرھال تارقىتىپ بېرىلىشى لازىم.

ھۆكۈم ئېلان قىلىش ۋاقتىدا دەۋالاشقۇچىلارغا نارازىلىق ئەرزى بېرىش ھوقۇقىنى، نارازىلىق ئەرزى بېرىش سۈرۈكىنى ۋە نارازىلىق ئەرزىنى قاراپ چىقىدىغان سوت مەھكىمىسىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش شەرت.

نىكاھتىن ئاجرىشىش ھۆكۈمىنى ئېلان قىلغاندا، دەۋالاشقۇچىلارغا ھۆكۈم قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغۇچە قايتا نىكاھلانسا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش شەرت.

135- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە سوت قىلىدىغان دېلونى دېلو تۇرغۇزۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايغىچە ئاخىرلاشتۇرۇشى لازىم. پەۋقۇلئاددە ئەھۋال كۆرۈلۈپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، شۇ مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ؛

يەنە ئۇزارتىشقا توغرا كەلگەنلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەستىقلىتىدۇ.

4- پاراگراف دەۋانى توختىتىپ تۇرۇش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش

136- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دەۋا توختىتىپ تۇرۇلىدۇ:

(1) دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ ۋارىسىنىڭ دەۋاغا قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە؛

(2) دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ دەۋادا ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قېلىپ، ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى تېخى بەلگىلەنمىگەن بولسا؛

(3) دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ بولغان قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئادىمى تېخى بەلگىلەنمىگەن بولسا؛

(4) دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ يەڭگىلى بولمايدىغان توسالغۇ تۈپەيلىدىن دەۋاغا قاتنىشالمىسا؛

(5) شۇ دېلو يەنە بىر دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسىگە بالىق بولۇپ قالغان، ئەمما ئۇ دېلونى سوت قىلىش ئىشى تېخى ئاخىرلاشمىغان بولسا؛

(6) دەۋانى توختىتىپ تۇرۇشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.

دەۋانى توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، دەۋا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

137- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، دەۋا ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ:

(1) دەۋاگەر ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ ۋارىسى بولمىسا ياكى دەۋا ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە؛

(2) جاۋابكار ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ مىراسىمۇ، مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئادىمىمۇ بولمىسا؛

(3) نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىدا دەۋالاشقۇچى تەرەپنىڭ بىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا؛

(4) ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىراجىتى، يار- يۆلەك بولۇش خىراجىتى، تەربىيىلەش خىراجىتى تەلەپ قىلىشقا ۋە بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشقا دائىر دېلودا دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا.

5- پاراگراف ھۆكۈم ۋە كېسىم

138- ماددا ھۆكۈمنامىگە مۇنۇلار يېزىلىشى كېرەك:

(1) دېلونى مەزمۇنى، دەۋا تەلىپى، تالاش- تارتىش قىلىنىۋاتقان پاكىت ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرى؛

(2) ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن پاكىتلار، ئاساسلار ۋە تەتبىقلانغان قانۇن ئاساسلىرى؛

(3) ھۆكۈم نەتىجىسى ۋە دەۋا ھەققىنىڭ كىمگە يۈكلىنىدىغانلىقى؛

(4) نارازىلىق ئەرزى بېرىش سۈرۈكى ۋە نارازىلىق ئەرزىنى قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى.

ھۆكۈمنامىگە سوت قىلغۇچى خادىملار ۋە پۈتۈكچى ئىمزا قويىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ.

139- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلغان دېلونىڭ بىر قىسىم پاكىتى ئېنىقلانغان بولسا، ئاۋۋال شۇ قىسمى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىلسا بولىدۇ.

140- ماددا كېسىم تۆۋەندىكى دائىرىدە ئىشلىتىلىدۇ:

(1) دەۋانى قوبۇل قىلماسلىق؛

(2) باشقۇرۇش ھوقۇقى ئۈستىدە باشقىچە پىكىر تۇغۇلۇش؛

(3) دەۋانى رەت قىلىش؛

(4) مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاش ۋە ئالدىن ئىجرا قىلىش؛

(5) دەۋادىن كېچىشكە يول قويۇش ياكى يول قويماسلىق؛

(6) دەۋانى توختىتىپ تۇرۇش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش؛

(7) ھۆكۈمنامىدىكى يېزىق جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويغان يەرنى تولۇقلاش، تۈزىتىش؛

(8) ئىجرانى توختىىتپ تۇرۇش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش؛

(9) كېسىم ئورگىنىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلماسلىق؛

(10) جامائەت گۇۋاھلىقى ئورگانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە ھەقدارلىق ھوقۇقىغا دائىر ھۆججىتىنى ئىجرا قىلماسلىق؛

(11) كېسىم بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

ئالدىنقى (1)، (2) ۋە (3) لەردە كۆرسىتىلگەن ئەھۋال ھەققىدە چىقىرىلغان كېسىم ئۈستىدە نارازىلىق ئەرزى بېرىشكە بولىدۇ.

كېسىمنامىگە سوت قىلغۇچى خادىملار ۋە پۈتۈكچى ئىمزا قويىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ، ئاغزاكى كېسىم خاتىرىگە ئېلىنىدۇ.

141- ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى، كېسىمى، شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە نارازىلىق ئەرزى بېرىش سۈرۈكى ئىچىدە نارازىلىق ئەرزى بېرىش سۈرۈكى ئىچىدە نارازىلىق ئەرزى بېرىلمىگەن ھۆكۈم ۋە كېسىم قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

13- باب ئاددىي تەرتىپ

142- ماددا ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەت سوتلىرى پاكىتى ئېنىق، ھوقۇق- مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئايدىڭ، تالاش- تارتىشى ئانچە چوڭ بولمىغان ئاددىي ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلايدۇ.

143- ماددا ئاددىي ھەق تەلەپ دېلولىرىدا دەۋاگەر ئاغزاكى دەۋد قىلسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ بىر ۋاقىتتا ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت سوتىغا بېرىپ، ماجىرانى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بۇنداق ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ۋاكالەت سوتلىرى دەرھال سوت قىلسىمۇ، ئايرىم ۋاقىت بەلگىلەپ سوت قىلسىمۇ بولىدۇ.

144- ماددا ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەت سوتلىرى ئاددىي ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، دەۋالاشقۇچىلار ۋە گۇۋاھچىلارنى ئاددىي ئۇسۇل بىلەن خالىغان چاغدا چاقىرتسا بولىدۇ.

145- ماددا ئاددىي ھەق تەلەپ دېلولىرىنى بىرلا سوتچى ئۆز ئالدىغا سوت قىلىدۇ ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 122 -، 124 -، 127- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

146- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشتا، ئۇنى دېلو تۇرغۇزۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئايغىچە ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك.

14- باب 2- سوت تەرتىپى

147- ماددا يەرلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 1- سوتتا چىقارغان ھۆكۈمىگە قايىل بولمىغان دەۋالاشقۇچىلار ھۆكۈمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

يەرلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 1- سوتتا چىقارغان كېسىمگە قايىل بولمىغان دەۋالاشقۇچىلار كېسىمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

148- ماددا نارازىلىق ئەرزى بېرىشتە نارازىلىق ئەرز خېتى سۇنۇشى كېرەك. نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ مەزمۇنى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، قانۇنىي ئىگىنىڭ نامى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ ئىسىم- فامىلىسىنى، ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ نامى، دېلو نومۇرى ۋە دېلو مەزمۇنى، نارازىلىق ئەرزى بېرىشتىكى تەلەپ ۋە ئاساسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

149- ماددا نارازىلىق ئەرز خېتى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق سۇنۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ كۆچۈرۈلمىسى دەۋالاشقۇچى ئىككىنچى تەرەپنىڭ ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلىنىڭ ئادەم سانى بويىچە تاپشۇرۇلىدۇ.

دەۋالاشقۇچىلار نارازىلىق ئەرزىنى 2- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە سۇنغان بولسا، 2- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ نارازىلىق ئەرز خېتىنى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە بەش كۈن ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

150- ماددا ئەسلىي سوت قىلغان خەلق دوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى دەۋالاشقۇچى ئىككىنچى تەرەپكە بەش كۈن ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، دەۋەلاشقۇچى ئىككىنچى تەرەپ نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ كۈچۈرۈلمىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە جاۋابنامە تاپشۇرىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. دەۋالاشقۇچى ئىككىنچى تەرەپ جاۋابنامە تاپشۇرمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئىشىنى ئۇنىڭغا قارىماي ئېلىپ بېرىۋېرىدۇ.

ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز خېتىنى جاۋابنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە بارلىق دېلو ماتېرىياللىرى ۋە دەلىل- ئىسپاتلار بىلەن بىللە 2- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە يوللاپ بېرىدۇ.

151- ماددا 2- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزىدە تەلەپ قىلىنغان ئالاقىدار پاكىتلار ۋە قانۇننىڭ تەتبىق قىلىنىشىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

152- ماددا 2- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن دېلونى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، سوت ئېچىپ سوت قىلىشى كېرەك. كېڭەشمە سوت دېلو كۆرۈش ۋە تەكشۈرۈش، دەۋالاشقۇچىلاردىن گەپ سوراش ئارقىلىق پاكىتلارنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، سوت ئېچىپ سوت قىلىش ھاجەتسىز، دەپ ھېسابلىغان دېلو ئۈستىدە توغرىدىن - توغرا ھۆكۈم، كېسىم چىقارسىمۇ بولىۋېرىدۇ.

2- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن دېلونى شۇ مەھكىمىنىڭ ئۆزىدە سوت قىلسىمۇ بولىدۇ، دېلو سادىر بولغان جايغا ياكى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ سوت قىلسىمۇ بولىدۇ.

153- ماددا 2- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن دېلونى سوت قىلغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بويىچە ئايرىم- ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:

(1) ئەسلىي ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن پاكىتلار ئېنىق، قانۇنىنىڭ تەتبىقلىنىشى توغرا بولسا، نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگەقىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛

(2) ئەسلىي ھۆكۈمدە قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشى خاتا بولسا، ھۆكۈمنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىدۇ؛

(3) ئەسلىي ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن پاكىتلار خاتا بولسا ياكى ئەسلىي ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن پاكىتلار ئېنىق بولمىسا، دەلىل- ئىسپاتلار تولۇق بولمىسا، كېسىم ئارقىلىق ئەسلىي ھۆكۈمنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، دېلونى باشتا سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىغا قايتۇرىدۇ ياكى پاكىتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىدۇ؛

(4) ئەسلىي ھۆكۈمدە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەرگە خىلاپلىق قىلىنىشى تۈپەيلىدىن، دېلو ئۈستىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرىشقا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى تۇغۇلسا، كېسىم ئارقىلىق ئەسلىي ھۆكۈمنى كۈچتىن قالدۇرۇپ، دېلونى باشتا سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىغا قايتۇرىدۇ.

دەۋالاشقۇچىلار قايتا سوت قىلىنغان دېلونىڭ ھۆكۈم ۋە كېسىمىگە نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ.

154- ماددا 2- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى 1- سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن دېلونى پۈتۈنلەي كېسىم چىقىرىش يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ.

155- ماددا 2- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن دېلونى سوت قىلىشتا مۇرەسسە قىلىپ باقسا بولىدۇ. مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولسا، مۇرەسسەنامە تەييارلاپ چىقىشى، ئۇنىڭغا سوت قىلغۇچى خادىملار ۋە پۈتۈكچى ئىمزا قويۇشى ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلىشى كېرەك. مۇرەسسەنامە يەتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، باشتا سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى لۈچتىن قالغان ھېسابلىنىدۇ.

156- ماددا 2- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى نارازىلىق ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىش- قىلماسلىق توغرىسىدا 2- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىدۇ.

157 - ماددا 2 - سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن دېلونى سوت قىلشتا، مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندىن باشقا، 1 - سوتنىڭ ئادەتتىكى تەرتىپىنى تەتبىقلايدۇ.

158- ماددا 2- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى ۋە كېسىمى ئاخىرقى ھۆكۈم ۋە كېسىم بولىدۇ.

159- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئۈستىدە نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن دېلونى سوت قىلىشنى 2- سوتتا دېلو تۇرغۇزۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك. پەۋقۇلئاددە ئەھېال بولۇپ ۋاقىتنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، ئۇنى شۇ مەھكىمىنىڭ باشلىقى تەستىقلايدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم ئۈستىدە نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن دېلونى سوت قىلىشتا، 2- سوتتا دېلو تۇرغۇزۇلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئاخىرقى كېسىمنى چىقىرىشى كېرەك.

15- باب ئالاھىدە تەرتىپ

1- پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

160- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سايلىغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىگە دائىر دېلونى، يوقاپ كەتتى دەپ ياكى ئۆلۈپ كەتتى دەپ جاكارلاشقا دائىر دېلونى، پۇقرانى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق دەپ ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن دەپ بېكىتىشكە دائىر دېلونى ۋە مال- مۈلۈكنى ئىگىسىز دەپ بېكىتىشكە دائىر دېلونى سوت قىلىشتا، مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلايدۇ. مۇشۇ بابتا بەلگىلەنمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇندىكى ۋە باشقا قانۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلايدۇ.

161- ماددا مۇشۇ بابتىكى تەرتىپ بويىچە سوت قىلىنىدىغان دېلو بىر سوت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ. سايلىغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىگە دائىر دېلو، چوڭ ۋە چىگىش دېلو سوتچىلاردىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇلۇپ سوت قىلىنىدۇ؛ باشقا دېلونى بىلا سوتچى ئۆز ئالدىغا قاراپ چىقىدۇ.

162- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى مۇشۇ بابتىكى تەرتىپ بويىچە سوت قىلىش جەريانىدا، شۇ دېلونىڭ ھەق تەلەپ ھۇقۇق- مەنپەئەتىگە دائىر تالاش- تارتىشقا ياتىدىغانلىقىنى سەزسە، ئالاھىدە تەرتىپنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا كېسىم چىقىرىشى ھەمدە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەرگە باشقىدىن دەۋا قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

163- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە سوت قىلىدىغان دېلونى دېلو تۇرۇغۇزۇلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ياكى ئېلان سۈرۈكى توشقاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك. پەۋقۇلئاددە ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ۋاقىتنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، شۇ مەھكىمىنىڭ باشلىقى تەستىقلايدۇ، لېكن سايلىغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىگە دائىر دېلونىڭ قاراپ چىقىلىشى بۇنىڭ سىرتىدا.

2- پارگراف سايلىغۇچىلارنىڭ ساالاھىيىتىگە دائىر دېلو

164- ماددا سايلام ھەيئىتىنىڭ سايلىغۇچىلار سالاھىيىتى ھەققىدىكى ئەرز توغرىسىدا چىقارغان بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىغان پۇقرالار سايلام كۈنىدىن بەش كۈن بۇرۇن شۇ سايلام رايونى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

165- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى سايلىغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىگە دائىر دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قاراپ چىقىشنى سايلام كۈنىدىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇشى شەرت.

خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسى سايلام كۈنىدىن بۇرۇن سايلام ھەيئىتىگە ۋە دەۋا قىلغۇچىغا يەتكۈزۈلىشى ھەمدە ئالاقىدار پۇقرالارغا ئۇقتۇرۇلۇشى لازىم.

3- پاراگراف يوقاپ كاتتى، ئۆلدى دەپ جاكارلاشقا دائىر دېلو

166- ماددا پۇقرانىڭ ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتكىنىگە ئىككى يىل توشقاندا، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان كىشى ئۇنى يوقاپ كەتتى، دەپ جاكارلاش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كىشى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە سۇنىدۇ.

ئىلتىماستا شۇ كىشىنىڭ ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىگە دائىر پاكىت، يوقاپ كەتكەن ۋاقىت ۋە بۇ ھەقتىكى تەلەپ ئېنىق يېزىلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ياكى باشقا ئالاقىدار ئورگاننىڭ شۇ پۇقرانىڭ ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىسپات قەغىزى ئىلتىماسقا قوشۇپ ئەۋەتىلىشى كېرەك.

167- ماددا پۇقرانىڭ ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىگە تۆت يىل توشقان بولسا ياكى كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن يوقاپ كەتكەنلىكىگە ئىككى يىل توشقان بولسا ۋە ياكى كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن شۇ پۇقرانىڭ ھايات ئەمەسلىكىنى ئالاقىدار ئورگان ئىسپاتلىغان بولسا، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان كىشى ئۇنى ئۆلدى، دەپ جاكارلاش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كىشىنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايىدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە سۇنىدۇ.

ئىلتىماستا شۇ كىشىنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىگە دائىر پاكىت، يوقاپ كەتكەن ۋاقىت ۋە بۇ ھەقتىكى تەلەپ ئېنىق يېزىلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ياكى باشقا ئالاقىدار ئورگاننىڭ شۇ پۇقرانىڭ ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىسپات قەغىزى ئىلتىماسقا قوشۇپ ئەۋەتىلىشى كېرەك.

168- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى يوقاپ كەتتى، ئۆلدى دەپ جاكارلاشقا دائىر دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كىشىنى ئىزدەش توغرىسىدا ئېلان چىقىرىشى كېرەك. يوقاپ كەتتى دەپ جاكارلاش توغرىسىدىكى ئېلاننىڭ سۈرۈكى ئۈچ ئاي بپلىدۇ، ئۆلدى دەپ جاكارلاش توغرىسىدىكى ئېلاننىڭ سۈرۈكى بىر يىل بولىدۇ. كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن، ھايات ئەمەسلىكىنى ئالاقىدار ئورگان ئىسپاتلىغان پۇقرانى ئۆلدى دەپ جاكارلاش توغرىسىدىكى ئېلاننىڭ سۈرۈكى ئۈچ ئاي بولىدۇ.

ئېلان سۈرۈكى توشقاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى يوقاپ كەتتى، ئۆلدى دەپ جاكارلاشقا دائىر پاكىتنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن- مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەنلىكىگە قاراپ، يوقاپ كەتتى، ئۆلدى دەپ جاكارلاش ياكى ئىلتىماسنى رەت قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

169- ماددا يوقاپ كەتتى، ئۆلدى دەپ جاكارلانغان پۇقرا پەيدا بولۇپ قالسا، خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ كىشىنىڭ ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان كىشىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن يېڭىۋاشتىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى كۈچتىن قالدۇرۇشى كېرەك.

4- پاراگراف پۇقرانى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن دەپ بېكىتىشكە دائىر دېلو

170- ماددا پۇقرانى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن دەپ بېكىتىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى ۇاكى باشقا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان كىشى شۇ پۇقرا تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە سۇنىدۇ.

ئىلتىماستا شۇ پۇقرانىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلۇقىغا ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلىكىگە دائىر پاكىت ۋە ئاساسلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

171- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، زۆرۈر تېپىلغاندا، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن دەپ بېكىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان پۇقرا ئۈستىدە باھالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى باھالاش يەكۈنىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، باھالاش يەكۈنىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

172- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى پۇقرانى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق دەپ ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن دەپ بېكىتىشكە دائىر دېلونى سوت قىلىشتا، شۇ پۇقرانىڭ يېقىن تۇغقىنى ئۇنىڭغا ۋاكالەتچى بولۇشى كېرەك، لېكىن ئىلتىماس سۇنغۇچى بۇنىڭ سىرتىدا. يېقىن تۇغقانلىرى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ تۇرۇۋالسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلاردىن بىرىنى ۋاكالەتچى قىلىپ بېكىتىدۇ. شۇ پۇقرانىڭ سالامەتلىكى يار باەرسە، ئۇنىڭدىنمۇ پىكىر ئېلىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئارقىلىق ئىلتىماسنىڭ پاكىت ئاساسى بار دەپ بېكىتكەنلىرىدە، شۇ پۇقرانى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن، دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ؛ ئىلتىماسنىڭ پاكىت ئاساسى يوق دەپ بېكىتكەنلىرىدە، ئىلتىماسنى رەت قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

173- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن دەپ بېكىتىلگەن كىشىنىڭ ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيىسىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، شۇ پۇقرانىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ يۇقالغانلىقىنى ئىسپاتلىسا، يېڭىۋاشتىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى كۈچتىن قالدۇرىدۇ.

5- پارگراف مال- مۈلۈكنى ئىگىسىز دەپ بېكىتىشكە دائىر دېلو

174- ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مال- مۈلۈكنى ئىگىسىز دەپ بېكىتىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى شۇ مال- مۈلۈك بار جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە سۇنىدۇ.

ئىلتىماسقا مال- مۈلۈكنىڭ تۈرى، مىقدارى ۋە مال- مۈلۈكنىڭ ئىگىسىز دەپ بېكىتىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشتىكى ئاساسلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

175- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مال- مۈلۈكنى تونۇۋېلىش توغرىسىدا ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ئېلان چىقىرىپ بىر يىلغىچە ئىگە چىقمىسا، مال- مۈلۈكنى ئىگىسىز دەپ بېكىتىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ ۋە شۇ مال- مۈلۈكنى دۆلەت ياكى كوللېكتىپنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

175- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مال- مۈلۈكنى تونۇۋېلىش توغرىسىدا ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ئېلان چىقىرىپ بىر يىلغىچە ئىگە چىقمىسا، مال- مۈلۈكنى ئىگىسىز دەپ بېكىتىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ ۋە شۇ مال- مۈلۈكنى دۆلەت ياكى كوللېكتىپنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

175 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مال - مۈلۈكنى تونۇۋېلىش توغرىسىدا ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ئېلان چىقىرىپ بىر يىلغىچە ئىگە چىقمىسا، مال - مۈلۈكنى ئىگىسىز دەپ بېكىتىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ ۋە شۇ مال - مۈلۈكنى دۆلەت ياكى كوللېكتىپنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

16- باب سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى

177- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرنىڭ باشقىلىرى شۇ مەھكىمىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم، كېسىملىرىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سېزىپ قايتا سوت قىلىش كېرەك دەپ ھېسابلىسا، سوت ھەيئىتىنىڭ مۇزاكىرىلىشىپ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، دېلونى ئاغدۇرۇپ سوت قىلىشقا ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنى قايتا سوت قىلىشقا بۇيرۇشقا ھوقۇقلۇق.

178- ماددا دەۋالاشقۇچىلار قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىملەردە خاتالىق بار دەپ قارىسا، ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، لېكىن ھۆكۈم كېسىمنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ.

179- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىلتىماسلىرىنى قايتا سوت قىلىشى كېرەك:

(1) ئەسلىي ھۆكۈم ۋە كېسىمنى ئىنكار قىلالىغۇدەك يېڭى دەلىل- ئىسپات تېپىلغان بولسا؛

(2) ئەسلىي ھۆكۈم ۋە كېسىمدە بېكىتىلگەن پاكىتنىڭ ئاساسلىق دەلىل- ئىسپاتلىرى تولۇق بولمىسا؛

(3) ئەسلىي ھۆكۈم ۋە كېسىمدە قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشىدا ھەقىقەتەن خاتالىق بولسا؛

(4) خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، دېلو ئۈستىدە توغرا ھۆكۈم ۋە كېسىم چىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا؛

(5) سوت قىلغۇچى خادىملار شۇ دېلونى سوت قىلغاندا خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلغان، شەخسىي غەرەز بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلغان، قانۇننى بۇزۇپ ھۆكۈم ۋە كېسىم چىقارغان بولسا.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ئىلتىماسنى رەت قىلىدۇ.

180- ماددا دەۋالاشقۇچىلار قانۇن كۈچىگە ئىگە مۇرەسسەنامە ئۈستىدە دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ، مۇرەسسەنىڭ ئىختىيارىيلىق پرىنسىپىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ياكى مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولسا، قايتا سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرگەندە راست بولۇپ چىقسا، قايتا سوت قىلىشى كېرەك.

181- ماددا دەۋالاشقۇچىلار نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ھۆكۈم قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن قايتا سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.

182- ماددا دەۋالاشقۇچىلار قايتا سوت قىلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى ھۆكۈم، كېسىملەر قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە سۇنۇشى كېرەك.

183- ماددا سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە قايتا سوت قىلىش قارار قىلىنغان دېلودا ئەسلىي ھۆكۈمنىڭ ئىجراسىنى توختىتىپ تۇرۇش توغرىسىدا كېسىم چىقىرىلىدۇ. كېسىمگە مەھكىمە باشلىقى ئىمزا قويىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ.

184- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە قايتا سوت قىقلماقچى بولغان دېلونىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم، كېسىملىرىنى 1- سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى چىقارغان بولسا، ئۇ 1- سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىنىدۇ، دەۋالاشقۇچىلار ھۆكۈم ۋە كېسىم ئۈستىدە نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ؛ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم، كېسىملەرنى 2- سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى چىقارغان بولسا، ئۇ 2- سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىنىدۇ. چىقارغان ھۆكۈم ۋە كېسىملەر قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىم بولىدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە ئالدۇرۇپ سوت قىلىدىغانلىرى 2- سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىنىدۇ، چىقارغان ھۆكۈم ۋە كېسىملەر قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىم بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىنىدىغان دېلونى سوت قىلىشتا، باشقىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم.

185- ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سەزسە، سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە ئېتىزار بىلدۈرۈشى لازىم:

(1) ئەسلىي ھۆكۈم ۋە كېسىمدە بېكىتىلگەن پاكىتلارنىڭ ئاساسلىق دەلىل- ئىسپاتلىرى تولۇق بولمىغان بولسا؛

(2) ئەسلىي ھۆكۈم ۋە كېسىمدە قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشىدا ھەقىقەتەن خاتالىق بولسا؛

(3) خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، دېلو ئۈستىدە توغرا ھۆكۈم ۋە كېسىم چىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا؛

(4) سوت قىلغۇچى خادىملار شۇ دېلونى سوت قىلغاندا خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلغان، شەخسىي غەرەز بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلغان، قانۇننى بۇزۇپ ھۆكۈم ۋە كېسىم چىقارغان بولسا.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم ۋە كېسىملىرىدە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سەزسە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە ئېتىزار بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشى لازىم.

186- ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلونى خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىشى كېرەك.

187- ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ چىقارغان ھۆكۈم ۋە كېسىملىرى ئۈستىدىن ئېتىراز بىلدۈرۈش قارارىغا كەلسە، ئېتىرازنامە تەييارلاپ چىقىشى لازىم.

188- ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلونى خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت قىلغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

17- باب ھەيدەكچىلىك تەرتىپى

189- ماددا ھەقدارلارنىڭ قەرزدارلارنىڭ پۇل ۋە باھالىق ئاكسىيە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلسە، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە چىقىم قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:

(1) قەرزدار بىلەن ھەقدارنىڭ باشقا قەرز ماجىراسى بولمىسا؛

(2) چىقىم قىلىش بۇيرۇقىنى قەرزدارغا يەتكۈزگىلى بولسا.

ئىلتىماسقا بېرىش تەلەپ قىلىنغان پۇل ياكى باھالىق ئاكسىيىنىڭ سانى، ئاساسلانغان پاكىت ۋە دەلىل- ئىسپاتلار ئېنىق يېزىلىشى لازىم.

190- ماددا ھەقدارلار ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان- قىلمىغانلىقىنى بەش كۈن ئىچىدە ھەقدارلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

191- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھەقدارلار يەتكۈزۈپ بەرگەن پاكىت، دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرگەندە، ھەقدارلىق- قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى ئېنىق، قانۇنلۇق بولسا، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە قەرزدارلارغا چىقىم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشى كېرەك؛ ئىلتىماس پۇت تىرەپ تۇرالمىسا، رەت قىلىش ھەققىدىكى كېسىم چىقىرىشى كېرەك.

قەرزدارلار چىقىم قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە قەرزنى ئۈزۈشى ياكى باشقىچە پىكرىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازما ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

قەرزدارلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا ھەم چىقىم قىلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىسا، ھەقدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

192- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قەرزدارلارنىڭ يازما بېرىلگەن باشقىچە پىكرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھەيدەكچىلىك تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرۇش توغرىسىدا كېسىم چىقىرىدۇ، چىقىم قىلىش بۇيرۇقى ئۆزلۈكىدىن كۈچتىن قالىدۇ، ھەقدارلار دەۋا قىلسا بولىدۇ.

18- باب ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش تەرتىپى

193- مادددا بەلگىلىمە بويىچە ئىمزا قويۇلغان، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان ۋېكسىلنى ئوغرىلىتىپ قويغان، يىتتۈرۈپ قويغان ياكى يوقىتىۋەتكەنلەر ۋېكسىل چىقىم قىلىنىدىغان جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىغان باشقا ئىشلارغا مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇشتا، ئىلتىماسقا ۋېكسىل سوممىسى، ئۇنى بەرگۈچى، ئىلكىدە ساقلىغۇچى، ئۇنىڭغا ئىمزا قويغۇچى قاتارلىق ۋېكسىلغا ئائىت ئاساسىي مەزمۇنلار، شۇنىڭدەك ئىلتىماس قىلىشتىكى ئاساس ۋە پاكىتلارنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

194- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چىقىم قىلغۇچىغا چىقىم قىلىشنى توختىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە ئۈچ كۈن ئىچىدە ئېلان چىقىرىپ، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى مەلۇم قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم. ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش سۈرۈكىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەيدۇ، لېكىن ئۇ 60 كۈندىن كەم بولسا بولمايدۇ.

195- ماددا چىقىم قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ چىقىم قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش تەرتىپى ئاخىرلاشقۇچە چىقىم قىلىشنى توختىتىپ تۇرۇشى لازىم.

ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش سۈرۈكى ئىچىدە ۋېكسىل ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈش ھەرىكەتلىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

196- ماددا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەر ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش سۈرۈكى ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھوقۇقىنى مەلۇم قىلىشى لازىم.

خەلق سوت مەھكىمىسى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان كىشىنىڭ ھوقۇقىنى مەلۇم قىلغان ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋاغاندىن كېيىن، ئېلان چىقىرىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ۋە چىقىم قىلغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى مەلۇم قىلغۇچى سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

197- ماددا مەلۇم قىلغۇچىلار بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىپ، ۋېكسىل كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ جاكارلىشى ھەمدە تۆلىگۈچىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇلۇشى كېرەك. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىلتىماس قىلغۇچى تۆلىگۈچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

198- ماددا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەر ئورۇنلۇق سەۋەب بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشتىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلالمىسا، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلگەن كۈندىن ياكى بىلىشكە تىگىشلىك كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ھۆكۈم چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

19- باب كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەردىن ۋەيران بولغانلىرىنىڭ قەرز قايتۇرۇش تەرتىپى

199- ماددا كارخانى تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەر ئېغىر زىيان تارتقانلىقى تۈپەيلىدىن قەرەلى توشقان قەرزنى ئۈزەلمىسە، ھەقدارلار قەرزدارلاردىن ۋەيران بولغانلىرىنىڭ قەرز قايتۇرۇشىنى جاكارلاش توغرىسىدا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قەرزدارلاردىن ۋەيران بولغانلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قەرز قايتۇرۇشنى جاكارلاش توغرىسىدا ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

200- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋەيران بولغانلارنىڭ قەرز قايتۇرۇش تەرتىپى باشلانغانلىقىنى جاكارلاپ كېسىم چىقارغاندىن كېيىن ئون كۈن ئىچىدە، قەرزدارلارغا ۋە مەلۇم بولغان ھەقدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى لازىم.

ھەقدارلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغان ھەقدارلار ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەقدارلىق ھوقۇقىنى مەلۇم قىلىشى لازىم. سۈرۈك توشقۇچە ھەقدارلىق ھوقۇقىنى مەلۇم قىلمىغانلار ھەقدارلارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن، دەپ قارىلىدۇ.

ھەقدارلار ھەقدارلار كېڭىشى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەيران بولغانلارنىڭ مال- مۈلىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەقسىم قىلىش لاھىيىسى ياكى يارىشىش كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىسا بولىدۇ.

201- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار ئورگان ۋە ئالاقىدار خادىملارنى تەشكىللەپ ھېسابات ئېنىقلاش تەشكىلاتى قۇرسا بولىدۇ. ھېسابات ئېنىقلاش تەشكىلاتى ۋەيران بولغانلارنىڭ مال- مۈلكىنى ساقلاش، ئېنىقلاش، باھالاش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەقسىم قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ھېسابات ئېنىقلاش تەشكىلاتى زۆرۈر ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

ھېسابات ئېنىقلاش تەشكىلاتى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.

202- ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەر بىلەن ھەقدارلار كېڭىشى يارىشىپ قېلىش يۈزىسىدىن كېلىشىم ھاسىل قىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى ماقۇل كۆرسە، ۋەيران بولغانلارنىڭ قەرز قايتۇرۇش تەرتىپى توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقىرىدۇ. ياراشتۇرۇش كېلىشىمى ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

202- ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەر بىلەن ھەقدارلار كېڭىشى يارىشىپ قېلىش يۈزىسىدىن كېلىشىم ھاسىل قىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى ماقۇل كۆرسە، ۋەيران بولغانلارنىڭ قەرز قايتۇرۇش تەرتىپى توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقىرىدۇ. ياراشتۇرۇش كېلىشىمى ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

203- ماددا بانكىدىن ئېلىنغان قەرز پۇل قاتارلىق ھەقدارلىق ئۈچۈن گۆرۈ نەرسە ياكى كېپىللىككە بېرىلگەن نەرسە بولسا، بانكا ۋە باشقا ھەقدارلار بۇ گۆرۈ نەرسە ياكى كېپىللىككە بېرىلگەن نەرسە بىلەن قەرزنى ئالدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. گۆرۈگە قويۇلغان نەرسە ياكى باشقا كېپىللىككە بېرىلگەن نەرسىنىڭ باھاغا سۇندۇرۇلغان پۇلى كېپىللىككە ئېلىنغان قەرز سوممىسىدىن ئارتۇق بولسا، ئارتۇق قىسمى ۋە ۋەيران بولغانلارنىڭ قەرز قايتۇرىدىغان مال- مۈلكى ھېسابلىنىدۇ.

204 ماددا ۋەيران بولغانلارنىڭ مال- مۈلكىدىن ئالدى بىلەن ۋەيران بولۇش خىراجىتى تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، باشقا قەرزلىرى تۆۋەندىكى رەت بويىچە تۆلىنىدۇ:

(1) ۋەيران بولغان كارخانىلار ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە قەرز بولۇپ قالغان ئىش ھەققى ۋە ئەمگەك سۇغۇرتىسى خىراجىتى؛

(2) ۋەيران بولغان كارخانىلار قەرز بولۇپ قالغان باج سوممىسى؛

(3) ۋەيران بولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ھەقدارلىق.

ۋەيران بولغانلارنىڭ مال- مۈلكى بىر رەتتىكى ھەقدارلارنىڭ تۆلەم تەلىپىگە يېتىشمىسە، نىسبەت بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.

205- ماددا كارخانى تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەردىن ۋەيران بولغانلىرىنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىشى شۇ كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

206- ماددا ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلاردىن ۋەيران بولغانلىرىنىڭ قەرز قايتۇرۇش تەرتىپىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

قانۇنىي ئىگە ھېسابلانمايدىغان كارخانىلار، يەككە سودىگەرلەر، يېزىلاردىكى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلار، خۇسۇسىي شېرىكلەشكەنلەرگە بۇ بابتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.

3- قىسىم ئىجرا تەرتىپى

20 - باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

207- ماددا قانۇن كۈچىگە ئىگە ھەق تەلەپ ھۆكۈملىرىنى ۋە كېسىملىرىنى، شۇنىڭدەك جىنايى ئىشلار ھۆكۈملىرى، كېسىملىرىنىڭ مال- مۈلۈككە دائىر قىسمىنى 1- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىدۇ.

208- ماددا ئىجرا قىلىش جەريانىدا، دېلو بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر ئىجرا نىشانى ئۈستىدە باشقىچە پىكىر بەرسە، ئىجراچى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك. ئاساسى يولسىز بولسا رەت قىلىنىدۇ، ئاساسى يوللۇق بولسا مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىجرا توختىتىلىدۇ. ھۆكۈم، كېسىملەردە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقى سېزىلسە، سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

209- ماددا ئىجرا قىلىش ئىشىنى ئىجراچى ئىشلەيدۇ.

مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرى قوللىنىلغاندا، ئىجراچى ئۆزىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى لازىم. ئىجرا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ، تۆپىدە تۇرغان مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ئىمزا قويدۇرۇشى ياكى تامغا باستۇرۇشى كېرەك.

ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسى، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئېھتىياجغا قاراپ ئىجرا ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلسا بولىدۇ. ئىجرا ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەيدۇ.

210- ماددا ئىجرا قىلىنغۇچى ياكى ئىجرا قىلىنىدىغان مال- مۈلۈك باشقا جايدا بولسا، شۇ جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋاكالىتەن ئىجرا قىلىشىغا ھاۋالە قىلىنسا بولىدۇ. ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ھاۋالە قىلىش ئالاقىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىشقا كىرىشىشى شەرت، رەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئىجرا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىش نەتىجىسىنى ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقە ئارقىلىق ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ 30 كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىپ بولالمىغان بولسا، بۇ ئەھۋالنىمۇ ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقە ئارقىلىق ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ھاۋالە قىلىش ئالاقىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلمىسا، ھاۋالە قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى قارايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلىشنى بۇيرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

211- ماددا ئىجرا قىلىش جەريانىدا، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى پۈتۈشۈپ كېلىشىم ھاسىل قىلسا، ئىجراچى كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى خاتىرىگە ئېلىشى، ئۇنىڭغا دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.

دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ كېلىشىمنى ئادا قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچى 2- تەرەپنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئەسلىدىكى كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتىنىڭ ئىجراسىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ.

212- ماددا ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئىجرا قىلىنغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە كېپىللىك بەرسە ھەمدە بۇنىڭغا ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى قوشۇلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرانى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشنى ۋە ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش سۈرۈكىنى قارار قىلسا بولىدۇ. ئىجرا قىلىنغۇچى سۈرۈك توشقاندا يەنىلا ئىجرا قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىنغۇچى كېپىللىك بەرگەن مال- مۈلۈكنى ياكى كېپىلنىڭ مال- مۈلكىنى ئىجرا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

213- ماددا ئىجرا قىلىنغۇچى پۇقرا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ قەرزى مىراسىدىن تۆلىنىدۇ. ئىجرا قىلىنغۇچى قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، مەجبۇرىيىتىنى ئۇنىڭ ھوقۇق- مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار ئۆتەيدۇ.

214- ماددا ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن شۇ ئىجرا ئاساسلانغان ھۆكۈم، كېسىم ۋە باشقا قانۇن ھۆججەتلىرىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بولۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى كۈچتىن قالدۇرغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلىنغان مال- مۈلۈكلەر ئۈستىدە كېسىم چىقىرىپ، مال- مۈلۈككە ئېرىشكۈچىنى ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇشى، قايتۇرۇپ بەرمىسە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشى كېرەك.

215- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى تەييارلاپ چىققان مۇرەسسەنامىنى ئىجرا قىلىشتا، مۇشۇ قىسمىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

21- باب ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىش

216- ماددا دەۋالاشقۇچىلار قانۇن كۈچىگە ئىگە ھەق تەلەپ ھۆكۈملىرىنى ۋە كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىشى شەرت. دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ئىجرا قىلىشنى رەت قىلسا، دەۋالاشقۇچى ئىككىنچى تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، سوتچىلار ئىجرا قىلىشنى ئىجراچىغا ئۆتكۈزۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

دەۋالاشقۇچىلار مۇرەسسەنامىنى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان باشقا قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلسا، دەۋالاشقۇچى ئىككىنچى تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

217- ماددا دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان كېسىم ئورگانلىرىنىڭ كېسىم قارارىنى ئىجرا قىلمىسا، دەۋالاشقۇچى ئىككىنچى تەرەپ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

ئىلتىماس قىلنغۇچى دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ، كېسىم قارارىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بارلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغابدىن كېيىن، بۇ قارارنى ئىجرا قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىدۇ:

(1) دەۋالاشقۇچىلار توختامغا كېسىم ماددىلىرىنى كىرگۈزمىگەن ياكى كېيىن يازما كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلمىغان بولسا؛

(2) قارار قىلىنغان ئىشلار كېسىم كېلىشىمى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ياكى كېسىم ئورگانلىرىنىڭ كېسىم قىلىش ھوقۇقى بولمىغان ئىشلار بولسا؛

(3) كېسىم كوللېگىيىسىنىڭ تەشكىللىنىشىنى ياكى كېسىم تەرتىپى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ بولسا؛

(4) پاكىتلارنى بېكىتىشتىكى ئاساسىي دەلىل- ئىسپات تولۇق بولمىسا؛

(5) قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشى ھەقىقەتەن خاتا بولغان بولسا؛

(6) كېسىم قىلغۇچىلار شۇ دېلو ئۈستىدە كېسىم قىلغاندا خىيانەتچىلىك- پارىخورلۇق قىلغان، شەخسىي غەرەز بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلغان، قانۇننى بۇزۇپ قارار چىقارغان بولسا.

خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم ئورگىنىنىڭ بۇ قارارى ئىجرا قىلىنسا، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يېتىدۇ دەپ بېكىتسە، ئۇنى ئىجرا قىلماسلىق توغرىسىدا كېسىم چىقىرىدۇ.

كېسىمنامە دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە ۋە كېسىم قىلغۇچى ئورگانغا يەتكۈزۈپ بېرىلىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم قارارىنى ئىجرا قىلماسلىق توغرىسىدا كېسىم چىقارغاندا، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى ھاسىل قىلغان يازما كېسىم كېلىشىمىگە ئاساسەن، يېڭىۋاشتىن كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

218- ماددا جامائەت گۇۋاھلىقى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە قىلغان ھەقدارلىق ھۆججەتلىرىنى دەۋالاشقۇچى ئىككىنچى تەرەپ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلدۇرۇشى كېرەك.

جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەقدارلىق ھۆججەتلىرىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلماسلىق توغرىسىدا كېسىم چىقىرىدۇ ھەمدە كېسىمنامىنى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە ۋە جامائەت گۇۋاھلىقى ئورگىنىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

219- ماددا ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش سۈرۈكى، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ياكى بىر تەرەپ پۇقرا بولسا بىر يىل بولىدۇ، ئىككى تەرەپ قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بولسا ئالتە ئاي بولىدۇ.

يۇقىرىقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۈرۈك قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن ئىجرا سۈرۈكىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ قانۇن ھۆججەتلىرىدە مۇددەتكە بۆلۈپ ئىجرا قىلىش بەلگىلەنگەن بولسا، ھەر قېتىملىق ئىجرا سۈرۈكىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

220- ماددا ئىجراچى ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسنى ياكى ئىجرا قىلىشنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىنغۇچىغا ئىجرا قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئۇنى بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇشى، سۈرۈك توشقۇچە ئىجرا قىلمىغانلارغا مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشى لازىم.

22- باب ئىجرا تەدبىرى

221- ماددا ئىجرا قىلىنغۇچى قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئىجرا ئۇقتۇرۇشى بويىچە ئادا قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى بانكا، ئامانەت قەرز كوپىراتىپى ۋە پۇل ئامانەت كەسپى بىلەن شۇغۇلىنىدىغان باشقا ئورۇنلاردىن ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ ئامانەت پۇل ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ ئامانەت پۇلىنى توڭلىتىش، ئاجرىتىشقا ھوقۇقلۇق. لېكىن، ئامانەت پۇلنى سۈرۈشتە قىلىش توڭلىتىش ۋە ئاجرىتىش ئىشىنى ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەت دائىرىسىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئامانەت پۇلنى توڭلىتىش، ئاجرىتىشنى قارار قىلىشتا كېسىم چىقىرىشى ھەمدە ئىجرا قىلىشقا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈشى لازىم. بانكا، ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى ۋە پۇل ئامانەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا ئورۇنلار بېجىرىپ بېرىشى شەرت.

222- ماددا ئىجرا قىلىنغۇچى قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرىنى ئىجرا ئۇقتۇرۇشى بويىچە ئادا قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەت قىسمىدىكى كىرىمىنى تۇتۇپ قېلىش، ئاجرىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. لېكىن، ئىجرا قىلىنغۇچىغا ۋە ئۇنىڭ بېقىۋاتقان ئائىلە تەۋەلىرىگە زۆرۈر بولغان تۇرمۇش خىراجىتىنى قالدۇرۇش كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى كىرىمنى تۇتۇپ قېلىش، ئاجرىتىۋېلىشتا كېسىم چىقىرىشى ھەمدە ئىجرا قىلىشقا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى لازىم. ئىجرا قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق ئورۇنلار، بانكىلار، ئامانەت- قەرز كوپىراتىپلىرى ۋە پۇل ئامانەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا ئورۇنلار بېجىرىپ بېرىشى شەرت.

223- ماددا ئىجرا قىلىنغۇچى قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئىجرا ئۇقتۇرۇشى بويىچە ئادا قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەت قىسمىدىكى مال- مۈلكىنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش، كىم ئارتۇق سودىسى قىلىش ۋە سېتىشقا ھوقۇقلۇق. لېكىن، ئىجرا قىلىنغۇچىغا ۋە ئۇنىڭ بېقىۋاتقان ئائىلە تەۋەلىرىگە زۆرۈر بولغان تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى قالدۇرۇش كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان تەدبىرنى قوللىنىشتا كېسىم چىقىرىشى كېرەك.

224- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مال- مۈلۈكنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىشتا، ئىجرا قىلىنغۇچى پۇقرا بولسا، ئىجرە قىلىنغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تەۋەسىگە تۆپىدە تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛ ئىجرا قىلىنغۇچى قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار بولسا، ئۇنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىغا تۆپىدە تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش كېرەك. ئۇلار تۆپىدە تۇرۇشنى رەت قىلسا، ئۇنىڭغا قارىماي ئىجرا قىلىۋېرىدۇ. ئىجرا قىلىنغۇچى پۇقرا بولسا، ئۇنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى مال- مۈلكى بار جايدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار تۆپىدە تۇرۇشقا ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك.

ئىجرادا پېچەتلىنىدىغان ۋە تۇتۇپ قېلىنىدىغان مال- مۈلۈكنى تىزىمغا ئېلىپ، تۆپىدە تۇرغانلارغا ئىمزا قويدۇرغان ياكى تمغا باستۇرغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىنغۇچىغا بىر نۇسخا بېرىشى شەرت. ئىجرا قىلىنغۇچى پۇقرا بولسا، ئۇنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تەۋەسىگە بىر نۇسخا بېرىلسىمۇ بولىدۇ.

225 - ماددا ئىجراچى پېچەتلەنگەن مال - مۈلۈكنى ساقلاشنى ئىجراقىلىنغۇچىغان يۈكلىسە بولىدۇ. ئىجراقىلىنغۇچىنىڭ خاتالىقىدىن بولغان زىياننى ئىجرا قىلىنغۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

226- ماددا ئىجراچى مال- مۈلۈك پېچەتلەنگەن ۋە تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلىنغۇچىنى بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇشى كېرەك. ئىجرا قىلىنغۇچى مەجبۇرىيەتنى بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئادا قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى پېچەتلەنگەن ۋە تۇتۇپ قېلىنغان مال- مۈلۈكنى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ كىم ئارتۇق سودىسى قىلىشىغا ياكى سېتىشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ. دۆلەت ئىختىيارىي ئېلىش ۋە سېتىشنى چەكلىگەن نەرسىلەرنى دۆلەت بەلگىلىگەن باھا بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ سېتىۋېلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

227- ماددا ئىجرا قىلىنغۇچى قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىسا ۋە مال- مۈلۈكنى يۇشۇرغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئاختۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ئىجرا قىلىنغۇچىنى ۋە ئۇنىڭ تۇرار جايىنى ياكى مال- مۈلۈكنى يۇشۇرغان جايىنى ئاختۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان تەدبىرنى قوللىنىشتا مەھكىمە باشلىقى ئاختۇرۇش بۇيرۇقىنى ئىمزا قويۇپ چۈشۈرىدۇ.

228- ماددا ئىجراچى قانۇن ھۆججەتلىرىدە تاپشۇرۇپ بېرىش بەلگىلەنگەن نەرسە ياكى تالون- ئىسپاتلارنى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارغا دەرقەمدە تۇرغۇزۇپ تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ياكى ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە تاپشۇرۇۋالغۇچىغا ئىمزا قويدۇرىدۇ.

نەرسە ياكى تالون- ئىسپات مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قولىدا بولسا، ئۇلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجراغا ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە تاپشۇرۇۋالغۇچىغا ئىمزا قويدۇرۇشى كېرەك.

نەرسە ياكى تالون ئىسپات ئالاقىدار پۇقرانىڭ قولىدا بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارغا تاپشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلارغا مەجبۇرىي تاپشۇرغۇزىدۇ.

229- ماددا ئۆيدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە ياكى يەرنى مەجبۇرىي قايتۇرغۇزۇشقا توغرا كەلگەندە، مەھكىمە باشلىقىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان چىقىرىلىپ، ئىجرا قىلىنغۇچىغا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئىجرا قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئىجرا قىلىنغۇچى سۈرۈك توشقۇچە ئىجرا قىلمىغان بولسا، ئىجراچى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ.

مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشتا، ئىجرا قىلىنغۇچى پۇقرا بولسا، ئىجرا قىلىنغۇچى ياكى ئۇنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تەۋەسىگە تۆپىدە تۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش لازىم. تۆپىدە يۇرۇشنى رەت قىلسا، ئۇنىڭغا قارىماي ئىجرا قىلىۋېرىدۇ. ئىجرا قىلىنغۇچى پۇقرا بولسا، ئۇنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى ئۆيى، يېرى بار جايدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار تۆپىدە تۇرۇشقا ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك. ئىجراچى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇشى، ئۇنىڭغا تۆپىدە تۇرغان كىشىلەر ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم.

ئۆيدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ يۆتكەپ چىقىلغان نەرسىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئادەم ئەۋەتىپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يۆتكەپ، ئىجرا قىلىنغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئىجرا قىلىنغۇچى پۇقرا بولسا، ئۇنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تەۋەسىگە تاپشۇرۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان زىياننى ئىجرا قىلىنغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

230- ماددا ئىجرا قىلىش داۋامىدا، مال- مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر كىنىشكا- گۇۋاھنامىلەرنى ئالماشتۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆتەشكە توغرا كەلسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئىجراغا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرسە بولىدۇ، ئالاقىدار ئورۇنلار ئۇنى بېجىرىپ بېرىشى شەرت.

231- ماددا ئىجرا قىلىنغۇچى ھۆكۈم، كېسىم ۋە باشقا قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ئىجرا ئۇقتۇرۇشى بويىچە قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا ياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ۋە ياكى باشقا كىشىلەرمىڭ پۈتتۈرۈشىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنى ئىجرا قىلىنغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

232- ماددا ئىجرا قىلىنغۇچى پۇل تۆلەش مەجبۇرىيىتنى ھۆكۈم، كېسىم ۋە باشقا قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئادا قىلمىسا، ئادا قىلىش كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلىدىكى قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلىشى كېرەك. ئىجرا قىلىنغۇچى باشقا مەجبۇرىيەتلەرنى ھۆكۈم، كېسىم ۋە باشقا قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئادا قىلمىسا، ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرۈش پۇلى تۆلىشى كېرەك.

233- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 221 -، 222 -، 223- ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئىجرا تەدبىرلىرىنى قوللانسىمۇ ئىجرا قىلىنغۇچى يەنىلا قەرزنى تۆلىيەلمىسە، مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىشى كېرەك. ھەقدار ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ باشقا مال- مۈلكىنىڭ بارلىقىنى سەزسە، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىشىنى ھەر ۋاقىت ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

23- باب ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش

234- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇش توغرىسىدا كېسىم چىقىرىشى كېرەك:

(1) ئىلتىماس قىلغۇچى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا قوشۇلسا؛

(2) دېلو بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشى ئىجرا نىشانى ئۈستىدە ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق بولغان باشقىچە پىكىر بەرسە؛

(3) دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ بولغان پۇقرا ئۆلۈپ كېتىپ، ۋارىسىنىڭ ھوقۇققا ۋارىسلىق قىلىشىنى ياكى مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە؛

(4) دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ بولغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھوقۇق- مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى تېخى بەلگىلەنمىگەن بولسا؛

(5) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرانى توختىتىپ[ تۇرۇشىغا سەۋەب بولىدىغان باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.

ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇشقا سەۋەب بولغان ئەھۋاللار تۈگىگەندىن كېيىن، ئىجرا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

235- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرانى ئاخىر لاشتۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىدۇ:

(1) ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماسنى بىكار قىلسا؛

(2) ئىجرا قىلىشتا ئاساس قىلىنغان قانۇن ھۆججەتلىرى كۈچتىن قالدۇرۇلسا؛

(3) ئىجرا قىلىنغۇچى بولغان پۇقرا ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇدەك مىراسى قالمىغان ھەم مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇدەك ئادىمى چىقمىغان بولسا؛

(4) ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىرەجىتى، يار- يۆلەك بولۇش خىراجىتى، تەربىيلەش خىراجىتى تەلەپ قىلىشقا دائىر دېلودىكى ھوقۇقلۇق كىشى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا؛

(5) ئىجرا قىلىنغۇچى بولغان پۇقرا تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن قەرزنى تۆلىيەلمىسە، كىرىم مەنبەسى بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان بولسا؛

(6) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرانى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا سەۋەب بولىدىغان باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.

236- ماددا ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى كېسىم دەۋالاشقۇچىلارغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىنلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

4- قىسىم چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ تەرتىپىگە دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە

24- باب ئادەتتىكى پرىنسىپ

237- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ داۋاسىغا مۇشۇ قىسمىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. بۇ قىسىمدا بەلگىلەنمىگەنلىرىگە مۇشۇ قانۇندىكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

238- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە مۇشۇ قانۇندىكىدىن باشقىچە بەلگىلىمىلەر بولسا، شۇ خەلقئارا شەرتنامىلەردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. لېكىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ ئۆز پىكرىدە قالغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا.

239- ماددا دىپلوماتىك ئىمتىياز ۋە كۈچۈرۈمدىن بەھرىمەن بولىدىغان چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل تەشكىلاتلىرى ياكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

240- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە كەڭ قوللىنىدىغان تىل ۋە يېزىقنى قوللىنىشى كېرەك، دەۋالاشقۇچىلار تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، تەرجىمە قىلىپ بەرسە بولىدۇ، ئۇنىڭ چىقىمىنى دەۋالاشقۇچىلار ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

241- ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ياكى چەت ئەل تەشكىلاتلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغاندا ۋە دەۋاغا جاۋاب بەرگەندە، دەۋا ئىشلىرىنى ئادۋوكاتلارغا ھاۋالە قىلىشقا توغرا كەلسە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلىرىغا ھاۋالە قىلىشى شەرت.

242-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە چەت ئەل تەشكىلاتلىرى دەۋا ئىشلىرىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلىرىغا ياكى باشقا كىشىلەرگە ھاۋالە قىلسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىنىڭ سىرتىدىن پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتكەن ۋە باشقىلار ئارقىلىق ئەۋەتكەن ھاۋالىنامىسى ئۇلار تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ جامائەت گۇۋاھلىقى ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ياكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇلار تۇرۇشلۇق دۆلەت بىلەن تۈزگەن ئالاقىدار شەرتنامىلەردە بەلگىلەنگەن ئىسپاتلىق رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگەندىن كېيىنلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

25- باب باشقۇرۇش تەۋەلىكى

243- ماددا توختام ماجىراسى ياكى باشقا مال- مۈلۈك ھوقۇق- مەنپەئەت ماجىراسى تۈپەيلىدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە تۇرۇشلۇق بولمىغان جاۋابكار ئۈستىدىن دەۋا قىلىنغاندا، توختام جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە ئىمزالانغان ياكى ئادا قىلىنىدىغان بولسا ياكى دەۋا نىشانى قىلىنغان نەرسە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە تۇتۇپ قالغۇدەك مال- مۈلكى بولسا ۋە ياكى جاۋابكارنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە تەسىس قىلىنغان ۋەكىللىك ئورگىنى بولسا، بۇنداق دەۋا توختام تۈزگەن جايدىكى، دەۋا نىشانى قىلىنغان نەرسە بار جايدىكى، تۇتۇپ قالىدىغان مال- مۈلۈك بار جايدىكى، ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش قىلمىشى يۈز بەرگەن جايدىكى ياكى ۋەكىللىك ئورگىنى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

244- ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق توختام ماجىراسىدىكى ياكى چەت ئەلگە چېتىشلىق مال- مۈلۈك ھوقۇق- مەنپەئەت ماجىراسى قىلغۇچىلار تالاش تارتىش بىلەن ئەمەلىي ئالاقىسى بولغان جايدىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇشنى يازما كېلىشىم ئارقىلىق تاللىۋالسا بولىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى تاللىۋېلىشتا، مۇشۇ قانۇنىدىكى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق ققىلىشقا بولمايدۇ.

245- ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ دەۋالىرىدىكى جاۋابكارلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا ۋە دەۋاغا جاۋاب بەرمىسە، مۇشۇ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە سوت مەھكىمىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، دەپ قارىلىدۇ.

246- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە جۇڭگو- چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار توختامى، جۇڭگو- چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار توختامى ۋە جۇڭگو- چەت ئەل ھەمكارلىشىپ تەبىئىي بايلىقلارنى چارلاش ۋە ئېچىش توختامىنى ئىجرا قىلىشتا ماجىرا تۇغۇلۇپ دەۋا قىلىنغان بولسا، ئۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

26- باب يەتكۈزۈش، سۈرۈك

247- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان دەۋالاشقۇچىلارغا دەۋا ھۆججەتلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن يەتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ:

(1) تاپشۇرۇۋالغۇچى دۆلەت بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بويىچە يەتكۈزۈش؛

(2) دىپلوماتىيە يولى بىلەن يەتكۈزۈش؛

(3) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدىكى تاپشۇرۇۋالغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇلار تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى ئەلچىخانىسىغا ۋە كونسۇلخانىسىغا ھاۋالە قىلىش؛

(4) تاپشۇرۇۋالغۇچى ھاۋالە قىلغان، ۋاكالىتەن قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغان دەۋا ۋاكالتچىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىش؛

(5) تاپشۇرۇۋالغۇچىلارنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە تەسىس قىلىنغان ۋەكىللىك ئورگىنى ياكى قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق شۆبە ئورگىنى، كەسپىي ۋاكالەتچىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىش؛

(6) تاپشۇرۇۋالغۇچى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇنىدا پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈشكە يول قويۇلسا، پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلسە بولىدۇ. پوچتىدىن ئەۋەتكەن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايغىچە ئۇچۇر قەغىزى قايتۇرۇلمىسىمۇ، تۈرلۈك ئەھۋاللارغا ئاساسەن يەتكۈزۈلدى دەپ بېكىتىشكە بولسا، سۈرۈك توشقان كۈنى يەتكۈزۈلگەن ھېسابلىنىدۇ؛

(7) يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇسۇللار بىلەن يەتكۈزۈشكە بولمىسا، ئېلان ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ، ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي توشقاندا يەتكۈزۈلگەن ھېسابلىنىدۇ.

248- ماددا جاۋابكار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارغا دەۋا خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە جاۋابنامە سۇنۇشنى ئۇقتۇرىدۇ. جاۋابكار كېچىكتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا، رۇخسەت قىلىش- قىلماسلىقنى خەلق سوت مەھكىمىسى قارار قىلىدۇ.

249- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان دەۋالاشقۇچىلار 1- سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم، كېسىمىگە قايىل بولمىسا، ھۆكۈمنامە ۋە كېسىمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە نارازىلىق ئەرزى بېرىلگۈچى ئۇنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە جاۋابنامە سۇنۇشى كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە نارازىلىق ئەرزى ياكى جاۋابنامە بەرمەي، سۈرۈكنىڭ ئۇزارتىپ بېرىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا، رۇخسەت قىلىش- قىلماسلىقنى خەلق سوت مەھكىمىسى قارار قىلىدۇ.

250- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ چەت ئەلگە چېتىلىدىغان ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىش سۈرۈكى بۇ قانۇننىڭ 135- ۋە 159- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

27- باب مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاش

251- ماددا دەۋالاشقۇچىلار بۇ قانۇننىڭ 92- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، خەلق سوت مەھكىمىسىگە مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان كىشى بۇ قانۇننىڭ 93- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دەۋا قىلىشتىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ما- مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

252- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا قىلىشتىن ئىلگىرى مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاشقا رۇخسەت قىلىش توغرىسىدا كېسىم چىقارغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچى 30 كۈن ئىچىدە دەۋا قىلىشى كېرەك. سۈرۈك توشقۇچە دەۋا قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى بىكار قىلىشى لازىم.

253- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاشقا رۇخسەت قىلىش توغرىسىدا كېسىم چىقارغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلىنغۇچى كېپىللىك بەرسە، خەلق سوت مەھكىمىسى مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى بىكار قىلىشى كېرەك.

254- ماددا ئىلتىماستا خاتالىق بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ مال- مۈلكىنى ئامان ساقلاش تۈپەيلىدىن تارتقان زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

255- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن ئامان ساقلانغان مال- مۈلۈكنى نازارەت قىلىشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدار ئورۇنلارغا نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ چىقىمىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

256- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى ئىجراچى ئىجرا قىلىدۇ.

28- باب كېسىم

257- ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق ئىقتىساد- سودا، ترانسپورت ۋە دېڭىز ئىشلىرىدا تۇغۇلغان ماجىرالاردىن دەۋالاشقۇچىلار توختامدا كېسىم ماددىلىرىنى كىرگۈزگەن ياكى كېيىن يازما كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىرىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ئورگىنىنىڭ كېسىم قىلىشىغا سۇنىدۇ، دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا بولمايدۇ.

دەۋالاشقۇچىلار توختامدا كېسىم ماددىلىرىنى كىرگۈزمىگەن ياكى كېيىن يازما كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلمىغانلىرى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

258- ماددا دەۋالاشقۇچىلار مال- مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىقكېسىم ئورگىنى ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىدىكى ياكى مال- مۈلكى بار جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم چىقىرىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

259- ماددا دەۋالاشقۇچىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ئورگىنى چىقارغان قارار ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولمايدۇ. دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ قارارنى ئىجرا قىلمىسا، دەۋالاشقۇچى ئىككىنچى تەرەپ ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى مال- مۈلكى بار جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

260- ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچىلار جۇڭخۇا خەلق جمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ئورگانلىرى چىقارغان قارارلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ دەلىل- ئىسپات قويالىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئىجرا قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىدۇ:

(1) دەۋالاشقۇچىلار توختامدا كېسىم ماددىلىرىنى كىرگۈزمىگەن ياكى يازما كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلمىغان بولسا؛

(2) ئىلتىماس قىلىنغۇچى كېسىم قىلغۇچىنىڭ بەلگىلەنگەنلىكى ياكى كېسىم تەرتىپى يولغا قويۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغان ياكى ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ياتمايدىغان باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلالمىغان بولسا؛

(3) كېسىم كوللېگىيىسىنىڭ تەشكىللىنىشى ياكى كېسىم تەرتىپى كېسىم قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان بولسا؛

(4) قارار قىلىنغان ئىشلار كېسىم كېلىشىمى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ياكى كېسىم ئورگانلىرىنىڭ كېسىم قىلىش ھوقۇقى بولمىغان ئىشلار بولسا.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىنسا جامائەت مەنپەئىتىگە خىلاپ كېلىدۇ، دەپ بېكىتكەن قارارنى ئىجرا قىلماسلىق توغرىسىدا كېسىم چىقىرىدۇ.

261- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىم چىقىرىشى بىلەن ئىجرا قىلىنمىغان كېسىم قارارلىرى ئۈستىدە، دەۋالاشقۇچىلار ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان يازما كېسىم كېلىشىمىگە ئاساسەن كېسىم ئورگانلىرىنىڭ يېڭىۋاشتىن كېسىم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

29- باب ئەدلىيە ھەمكارلىقى

262- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەرگە ۋە ياكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىلەن چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرى ھۆججەت يەتكۈزۈش، تەكشۈرۈپ دەلىل- ئىسپات ئېلىش ۋە باشقا دەۋا ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشنى ھاۋالە قىلىشسا بولىدۇ.

چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرى ھەمكارلىشىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان ئىشلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، خەۋپسىزلىكىگە ياكى جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلار بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئىجرا قىلمايدۇ.

263- ماددا ئەدلىيە ھەمكارلىقىنى تەلەپ قىلىش ۋە تەمىن ئېتىش ئىشلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە بەلگىلەنگەن يوللار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ شەرتنامە مۇناسىۋىتى بولمىسا، دىپلوماتىيە يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

چەت ئەللەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىغا ھۆججەتلەرنى يەتكۈزۈپ بەرسە ۋە ئۇلاردىن تەكشۈرۈپ دەلىل- ئىسپات ئالسا بولىدۇ، لېكىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىشقا ھەمدە مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

264- ماددا چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرى خەلق سپت مەھكىمىلىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئەدلىيە جەھەتتىن ھەمكارلىشىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەۋەتكەن تەلەپنامىلەر ۋە قوشۇمچە ھۆججەتلەرىنىڭ جۇڭگو يېزىقىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى ياكى خەلقئارا شەرتنامىدە بەلگىلەنگەن باشقا يېزىقتىكى نۇسخىسى بولۇشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئەدلىيە جەھەتتىن ھەمكارلىشىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەۋەتىدىغان تەلەپنامىلەر ۋە قوشۇمچە ھۆججەتلىرىنىڭ شۇ دۆلەتنىڭ يېزىقىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى ياكى خەلقئارا شەرتنامىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا يېزىقتىكى نۇسخىسى بولۇشى كېرەك.

265- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئەدلىيە ھەمكارلىقىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە يولغا قويىدۇ؛ چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرى پەۋقۇلئاددە ئۇسۇلنى بويىچە يولغا قويسىمۇ بولىدۇ، لېكىن قوللىنىش تەلەپ قىلىنغان پەۋقۇلئاددە ئۇسۇل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا زىت كەلمەسلىكى كېرەك.

266- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى چىقارغان قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم، كېسىملەردىكى ئىجرا قىلىنغۇچى ياكى ئۇنىڭ مال- مۈلكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە بولمىغاندا، دەۋالاشقۇچىلار ئىجرا قىلدۇرماقچى بولسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرىگە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشنى ۋە ئىجرا قىلىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ۋە ياكى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى بويىچە چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ۋە ئىجرا قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق كېسىم ئورگىنى چىقارغان قانۇن كۈچىگە ئىگە كېسىم قارارلىرىنى دەۋالاشقۇچىلار ئىجرا قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا، ئىجرا قىلىنغۇچى ياكى ئۇنىڭ مال- مۈلكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە بولمىسا، ئۇلار باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرىگە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشنى ۋە ئىجرا قىلىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

267- ماددا چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرى چىقارغان قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم، كېسىمنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سوت مەھكىمىلىرى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ئىجرا قىلىشقا توغرا كەلگەندە، دەۋالاشقۇچىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئېتىراپ قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ياكى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى بويىچە، خەلقسوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قىلسىمۇ بولىدۇ.

268- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش ئىلتىماس قىلىنغان ياكى تەلەپ قىلىنغان چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرى چىقارغان قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم، كېسىملەرنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەرگە ياكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇنلىرىنىڭ تۈپ پرىنسىپىغا ياكى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە خىلاپ بولمايدۇ، دەپ ھېسابلىغاندا، ئۇنىڭ كۈچىنى ئېتىراپ قىلىپ كېسىم چىقارسا بولىدۇ، ئىجرا قىلىشقا توغرا كەلسە، ئىجرا قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىپ، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇنلىرىنىڭ تۈپ پرىنسىپىغا ياكى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە خىلاپ بولغانلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

269- ماددا چەت ئەل كېسىم ئورگانلىرى چىقارغان قارارلارنى جۇڭخۇا خەلق جمھۇرىيىتى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئىجرا قىلىشىغا توغرا كەلسە، دەۋالاشقۇچىلار ئىجرا قىلىنغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جاي ياكى ئۇنىڭ مال- مۈلكى بار جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن ياكى قاتناشقان ئالاقىدار شەرتنامىلەرگە ياكى ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن بېجىرىشى كېرەك.

270- ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى (سىناق نۇسخىسى) » بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىكار قىلىدۇ.