جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى

ئورنى Wikipedia

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى، قىسقارتىلىپ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى (ئېنگلىزچە: Chinese People's Political Consultative Conference ؛ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 中国人民政治协商会议)، جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم ئاپپارات، جۇڭگونىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم شەكلى.

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى
جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى
سىياسى كېڭەش بەلگىسى
قىسقارتىش مەمىلكەتلىك سىياسى كېڭەش
شەكىللىنىش 1949-يىلى 21-سېنتەبىر
تىپ كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى، بىرلكىسەپ
مەقسەت سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىتتىپاقلىق قۇرۇلۇشى

جۇڭگونىڭ بىرلىشىشى.

باش شىتابى بېيجىڭ
رەئىس ۋاڭ ياڭ ، ج ك پ
باش كاتىپ شيا باۋلوڭ ، ج ك پ
ئاساسلىق ئورگان جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى

ئومۇمىي يىغىن ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى

تور بېكەت www .cppcc .gov .cn

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسى كېڭەش دائىمى كومېتىتىنىڭ ئەزەلىرى

جۇڭگو خەلقى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلىدىغان، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، پارتىيىسىز-گۇرۇھسىز دېموكراتىك زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئاز سانلىق مىللەت زاتلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلاردىن تەركىب تاپقان، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى تەشكىل قىلدى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئېلىمىز خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتىدۇر.

تارىخ[تەھرىرلەش]

1949-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1-نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈپ، مۇھىم تارىخىي رولىنى جارى قىلدۇرغان. 1954-يىلى ئېچىلغان 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيىلىك ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزۈشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلاندى، سىياسىي كېڭەش خەلق دېموكراتىيىسىنىڭ بىرلىك سەپ تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق ساقلانماقتا ھەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دۆلەت ئاپپاراتى سىستېمىسىدىكى دۆلەت ئورگىنىغا كىرمەيدۇ، ئۇ يەنە ئادەتتىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىدۇر. ئۇ «ئۇزاققىچە بىللە تۇرۇش، ئۆزئارا نازارەت قىلىش» ، «بىر-بىرىدىن سىر ساقلىماسلىق، بار-يوقنى تەڭ كۆرۈش» فاڭجېنىغا ئاساسەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيىسىز-گۇرۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى مۇھىم رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ سىياسەت-فاڭجېنلىرى، تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭىشىدۇ ۋە مۇزاكىرە قىلىدۇ ھەمدە تەكلىپ ۋە تەنقىد ئارقىلىق دېموكراتىك نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى بەرپا قىلىش، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشىلاش ۋە قوللاش، چوڭ-چوڭ تەدبىرلەرنى دېموكراتىيىلەشتۇرۇش ۋە ئىلمىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئىزچىل تۈردە جۇڭگودىكى ئابرۇيلۇق سىياسىيونلار ئۆتەپ كەلدى. ماۋ زېدۇڭ 1-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولدى.

ۋەزىپىسى[تەھرىرلەش]

سىياسىي كېڭەش[تەھرىرلەش]

سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش دېگەنلىك، دۆلەتنىڭ ۋە جايلارنىڭ مۇھىم فاڭجىنلىرى ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى كېڭىشىش ئېلىپ بېرىش ۋە تەدبىرنى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى كېڭىشىشنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سىياسىي كېڭىشى جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى.

دېموكراتىك نازارەت قىلىش[تەھرىرلەش]

دېموكراتىك نازارەت قىلىش دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى، قانۇن ۋە نىزامنامىلىرىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى، چوڭ - چوڭ فاڭجېن - سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىللىشىشى، دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنى خىزمەت، تەكلىپ ۋە تەنقىد ئارقىلىق نازارەت قىلىدۇ. ئۇ جۇڭگودىكى سىياسىي كېڭەش قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتى ئارقىلىق دۆلەت ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىشى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار بىلەن سىياسىي كېڭەشتىكى دېموكراتىك گۇروھسىز زاتلارنىڭ بىر - بىرىنى نازارەت قىلىدۇ.

ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش[تەھرىرلەش]

ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مۇھىم مەسىلىلەر، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، خەلق رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلدى . تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ئارقىلىق، تەكلىپ، پىكىر بېرىش ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋە دۆلەت ئورگىنىغا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى. جۇڭگو سىياسىي كېڭەشنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم شەكلى.

تەشكىلى قۇرۇلمىسى[تەھرىرلەش]

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، جۇڭگو دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيىسى، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيىسى، « 3 - سېنتەبىر » ئىلمىي جەمئىيىتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونوم ئىتتىپاقى، ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز دېموكراتىك زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ھەرساھە ۋەكىللەر، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، شىياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن ھەم ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان زاتلاردىن تەشكىل قىلىنىدۇ.

تەسىرى[تەھرىرلەش]

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىختىساسلىق كىشىلەر توپلانغان ۋە ئالاقە دائىرىسى كەڭ بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسىي فاڭجېنلىرى ئۈستىدە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش ۋە دېموكراتىك يول بىلەن نازارەتچىلىك قىلىش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش، تىنچ – ئىتتىپاقلىق سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئالاقىنى پائال كېڭەيتىپ، بوغۇزنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئالاقىسى، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋە خەلقئارا دوستانە ئالاقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە، ئۈنۈملۈك خىزمەت ئېلىپ بېرىپ مۇھىم تۆھپە قوشتى.

سىياسى كېڭەش ئەزالىرى[تەھرىرلەش]

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كېڭىشىپ كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سانىنى ۋە نامزاتلىرىنى ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلەر مەجلىسى يىغىنى ئارقىلىق قاراپ چىقىپ قوشۇلغاندىن كېيىن، دائىمىي كومىتېت كېڭىشىپ بەلگىلەيدۇ. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى، ھەر ساھە ۋەكىل ۋە ئىجتىمائىي تەسىرى بار، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئىقتىدارى بار شەخس.

ئاساسلىق تەلىپى[تەھرىرلەش]

ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى ئىگىلەپ ۋە ئەكس ئەتتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش تەشكىللىگەن يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش.

دېموكراتىيە ھوقۇقى[تەھرىرلەش]

ئۆز كومىتېتلىرىنىڭ يىغىنىدا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە، سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى؛ ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىگە تەنقىد ۋە تەكلىپ بېرىش؛ كومىتېتىمىز ئاچقان يىغىن ۋە تەشكىللىگەن ھەر تۈرلۈك مۇزاكىرىلەردە دۆلەتنىڭ مۇھىم فاڭجىنى ۋە شۇ جاينىڭ چوڭ _ چوڭ ئىشلار؛ دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ ۋە تەنقىد بېرىش؛ ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ۋە تەكشۈرۈش؛ سىياسىي كېڭەش كىتىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە؛ بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ياكى قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان بىر تەرەپ قىلغاندا، قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيە ئادا قىلىش دېموكراتىيە ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.

ئەزالارنىڭ مەجبۇرىيىتى[تەھرىرلەش]

رىئايە قىلىش ۋە سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى بولۇش؛ ئەمەل قىلىدىغان، ئىجرا قىلىدىغان سىياسىي كېڭەش يىغىنى چىقارغان قارار.

ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسى[تەھرىرلەش]

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئالدى بىلەن يېشى 18 گە توشقان پۇقرا بولۇشى شەرت، ئادەت بويىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى بولۇشى، لېكىن، چەت ئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە ھازىر تەيۋەندىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلاردا خەلق نەزەرىيەسى جەھەتتە قاتناشسا بولىدۇ.

رەئىس ھەققىدە[تەھرىرلەش]

1982-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى « جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نىزامنامىسى » نىڭ 31 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىغا رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر ۋە باش كاتىپ؛ 36 - ماددا بەلگىلەنگەن مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. تور دۇنياسى