جۇۋازچىلىق

ئورنى Wikipedia

   جۇۋازچىلىقىمىز ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ئاددىي، تەننەرخى تۆۋەن،  تارتىلغان ياغ سۈپەتلىك.

  جۇۋازچىلىق سايمانلىرى:  بىر ئېغىز ئۆي، گۇندا، باچكا، قايچا، ئوق، لەنگەر، بۆك، چۈلۈك، پوتلا، بويۇنتۇرۇق، ياغ ئالىدىغان قاچا، تېڭىق ئۈچۈن ئارقان، قايچا ياغاچ كۆتىكىگە ئېلىپ قويۇلىدىغان تاش، ياغ ساقلاش ئۈچۈن تۇلۇمچىلاپ سويۇلغان تېرە(تۇلۇم)، چاۋا (ياغلىق كۈنجۈرە، يۇڭ قېتىلمىسىدىن ياسالغان كوزا) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  جۇۋازنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى: بىر مېتىردىن ئۇزۇن قۇچاق يەتمەيدىغان كۆتەك ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىلىدۇ. كۆتەككە ئۈستى كەڭ، ئاستى تەرەپ تار قىلىپ ئويۇق ئويۇلۇپ، ئاستىغا ئامۇت ياكى ئالما ياغىچىدىن ئاغزى كىچىك، قورسىقى يوغان ئويۇلغان باچكا قويۇلىدۇ. كۆتەكنىڭ ئاستىنقى بىر تەرىپى ئويۇلغان بولۇپ، بۇ ياغ ئىدىشى قويۇش ئورنى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆتەك ‹‹گۇندا››دەپ ئاتىلىدۇ. ئاچا شەكىلدە ئۆسكەن قارىغاي ياغىچىدىن قايچا ياسىلىپ،  گۇندىغا تىرەپ قويۇلىدۇ. ئاچىنىڭ كۆتىكى تەرەپ ياپىلاقلىنىپ، ئوتتۇرىسىغا ئويۇق ئويۇلۇپ، ئويۇققا قىلچاڭ دەپ ئاتىلىدىغان ياغاچ سايمان تىك بېكىتىلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىغا ئېچىلغان تۆشۈككە چۈلۈك ياغاچ ئۆتكۈزۈلىدۇ (ئۇ ‹‹پوتلا››دېيىلىدۇ). قىلچاڭنىڭ ئۇچىغا ‹‹بۆك›› دەپ ئاتىلىدىغان ياغاچ ئويما كىيدۈرۈلۈپ، ئارقان بىلەن تېڭىپ تۇرغۇزۇلىدۇ. ئاندىن ئوق ياغاچنىڭ بىر ئۇچى گۇندىدىكى باچكىغا، يەنە بىر ئۇچى پوتلا ياغاچقا تېڭىلغان ياغاچ ئويما بۆك ئىچىگە كىرگۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تىك تۇرغان ئوق ياغاچ قايچا(ئاچا) ياغاچنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. گۇندىنى ئارىغا ئېلىپ تۇرغا قايچا ئاچىنىڭ تاشقى تەرىپىگە بويۇنتۇرۇق بېكىتىلىپ، ئۇنىڭغا ئات ياكى كالا قېتىلىدۇ (جۇۋازغا تولاراق كالا قېتىلىدۇ).

  ياغ چىقىرىش ئۇسۇلى: ياغ چۈشىدىغان باچكا ئىچىگە ياغلىق دان چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، جۇۋازنى ھەيدەشتىن بۇرۇن قايچا ياغاچنىڭ كۆتەك تەرىپىگە تاش ئېلىپ قويۇلىدۇ. تاشنىڭ سالمىقى بىلەن تىك تۇرغان ئوق ياغاچ قىرىق بەش گرادۇسلۇق يانتۇلۇق ھاسىل قىلىدۇ. كالا ھەيدەلگەندە جۇۋازچى ياغلىق داننى ئوق ئاستىغا ئىتتىرىدۇ. ئوق تاشنىڭ بېسىمى بىلەن داننى يانچىيدۇ. سېلىنغان دان كۈنجۈرىگە ئايلانغاندا يەنە دان سېلىنىدۇ، جۇۋاز ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ، ئوق ئاستىدا دان يانچىلىدۇ. دان يانچىلىپ بولغاندا چىغ بېسىلىدۇ، چىغنىڭ يانچىلىش بېسىمى بىلەن داندىن ياغ تامىدۇ. دان ۋە چىغ يانچىلىپ بولغاندا گۇندا ئىچىدە قېتىشما پەيدا بولىدۇ. جۇۋازچى  ئۇنى بوشىتىۋېلىپ پارچىلاپ، ئايلانما ئوق ئاستىغا باسىدۇ. بۇ چاغدا دەسلەپ جۇۋازچىنىڭ قولى ياغلىشىپ، ياغ پىشقاندا قول قۇرۇقلىشىدۇ. جۇۋازچى بۇنىڭدىن ياغنىڭ ئېلىنىپ بولۇنغانلىقىنى بايقاپ، جۇۋازنى توختىتىدۇ.

  ياغ ئېلىش ئۇسۇلى: بىر جۇۋازدا كۈنىگە بىر قېتىم ئۇلاغ ئالماشتۇرۇش بىلەن ئون –  ئون ئىككى كىلوگرام ياغ ئېلىنىدۇ. پىشقان ياغنى بەزىلەر ئوقنى چىقىرىۋېتىپ باچكىدىن سۈزۈۋالىدۇ. بەزىلەر گۇندا ئاستىدىكى ئوققا قويۇلغان ياغ قاچىسىغا، باچكا ئاستىدىكى ياغ چۈشۈرۈش تۆشۈكىدىن چۈشۈرۈۋالىدۇ. جۇۋازدا چىقىرىلغان ياغ ‹‹پىششىق ياغ›› دېيىلىپ، ئاسانلىقچە بۇزۇلۇپ قالمايدۇ. جۇۋاز ھەم كىشىلەرنىڭ ياغقا بولغان ئېھتىياجىنى ھەل قىلىدۇ، ھەم چارۋا مال بورداش ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك يەم  كۈنجۈرىنى تەييارلايدۇ.

  جۇۋازغا قېتىلىدىغان چارپايلار كەچكىچە جۇۋاز ئوقىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىۋېرىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە، ئۇلارنىڭ كۆزى لاتا بىلەن تېڭىپ قويۇلىدۇ.[1]

  1. ئاپتۇر:بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار ؛مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ؛ۋاقىت:2009- 01- 09 13:06 ؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-01/09/content_143052.htm ؛