جەمئىيەتشۇناسلىق

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ كىلىپ چىقىشى[تەھرىرلەش]

جەمئىيەتشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ پەن غەرپتە گۈللىنىپ بۈگۈنكى كۈندە نەزەرىيە يارىتىش جەھەتتىن بىر ئاز پەسكويغا قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما، پەن ئىسمىنىڭمۇ كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ئومۇملاشمىغانلىقىدىن بىزنىڭ ئىلمىي ھاۋايىمىزنىڭ خەلقئارالىق پەن تەرەققىياتىدىن تۇلىمۇ چەتتە قالغانلىقىنى بىلىش مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە، جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ پەن سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىدا غەرپتە يۈز بەرگەن جەمئىيەت ئۆزگىرىشلىرى مۇھىم رول ئوينىغان. جەمئىيەتشۇناسلىق بىرەر مۇتەپەككۇر ياكى پەيلاسوپنىڭ جەمئىيەت ۋە ئادەملەر ھەققىدىكى سوبىكتىپ پىكىر قىلىشىدىن شەكىللەنگەن بولماستىن، بەلكى غەرپتە يۈز بەرگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مەيدانغا كەلگەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، غەرپ دۇنياسىدىكى سانائەت ئىنقىلابى، فىرانسىيە ئىنقىلابى ۋە ئىلىم پەندىكى يىڭىلىق قاتارلىقلار جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئوت ياققان پىلتىلەر بولۇپ، بۇ پەننىڭ فىرانسىيە ۋە گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە شەكىللىنىپ، ئامېرىكىدا بىر مەزگىل گۈللىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى.

بارلىق جەمئىيەتشۇناسلار بىردەك ئىتراپ قىلغىنىدەك، ياۋرۇپا يىقىنقى زامان تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى ۋە ھالىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ تاشلىغان بولۇپ، جەمئىيەتشۇناسلىق بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.[1] چۈنكى، جەمئىيەتنىڭ يىڭى ئۆزگەرگەن ھالىتىنى بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ئىدىيەلەر بىلەن چۈشەندۈرۈش تەس ئىدى. يارۇپادا 16-ئەسىردىن باشلانغان ئۆزگىرىشلەر ئەنئەنىۋى جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتشىكە باشلىغان ۋە جەمئىيەتتە خىلمۇ-خىل يىڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن ئىدى.

ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە يىڭى دېڭىز يۇلىنىڭ ئېچىلىشى ئەسلىدە كىرىزىس ئىچىدە ۋە ئەنئەنىۋى شەكىلدە كىتىۋاتقان ياۋرۇپانىڭ ئىقتىساد، ھۇقۇق ۋە دىن سىستىمىسىنى ئۆزگەرتىشكە باشلايدۇ.  ئامېرىكا ۋە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشى قۇل سودىسى ۋە رايۇن ھالقىغان تىجارەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. يىڭى دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە رايۇن ھالقىغان سودىنىڭ بارلىققا كىلىشى بىلەن ياۋرۇپادىكى بەزى دۆلەتلەر مۇستەملىكە قىلغان يەرلەرگە ئەڭ ئاۋال خرىستىيان دىنىنى تارقىتىش باھانىسى بىلەن كىرىشكە باشلايدۇ. بۇ خىل سەۋەپ ئاساسەن مۇستەملىكە زامانىنىڭ باشلانغان دەۋىرلىرىگە توغرا كىلىدۇ. ئىككىنجى قەدەمدە مۇستەملىكە خەلقىنى مەدەنىيلەشتۈرۈش باھانىسى بىلەن مۇستەملىكىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۈچىنجى قەدەمدە، مۇستەملىكە قىلىنغان يەرلەرگە دىموكراتىيە ۋە سىياسىي جەھەتتىن تىنچلىق ئېلىپ كىلىش باھانىسى بىلەن مۇستەملىكە پائالىيتى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىدۇ. ياۋرۇپادىكى بىر قانچە دۆلەتنىڭ مۇستەملىكىچىلىكى ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرىدىغان ۋاستە بولۇپ، نەچچە ئەسىر ئىچىدە كىچىك دۆلەتلەر چوڭىيىپ ئىمپىرىيەگە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، ئەنگىلىيە ھۈكۈمىتى خەلقىنىڭ رايۇن ھالقىغان سودىسى ئۈچۈن ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن بولۇپ، ئەنگىلىيە تىجارەتچىلىرىگە ئىشىكىنى ئاچمىغان دۆلەتلەرگە ئالدى بىلەن ھەربىي ھۇجۇم قوزغىغان. بۇ گەپنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ئەنگىلىيەنىڭ 1840-يىللاردا جۇڭگۇغا قوزغىغان ئەيپيۇن ئورۇشىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.

قىسقىسى، ياۋرۇپادا مۇستەملىكە دەۋرى، سانائەت دەۋرى ۋە فىرانسىيە ئىنقىلابىدىن باشلاپ جەمئىيەت ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىش سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ۋە خەلقئارالىق كاپىتالىزىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تېخىمۇ تىزلىشىدۇ ۋە ئەنئەنىۋى ئىقتىساد ئەندىزىسى بۇ زاماندا ئاساسەن كۈچتىن قېلىشقا باشلايدۇ. يېزىدىكى يەرگە باغلىنىپ ئىشلەيدىغان نورغۇن كىشىلەر شەھەرگە كىرىپ ئىشچىغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ. زاۋۇتلار قۇرۇلىدۇ. سانائەت مەھسۇلاتلىرى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلايدۇ… جۈملىدىن، ئىنسانىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.

1789-يىلىدىكى فىرانسىيە پارژ ئىنقىلابى بولسا بۇ دەۋردىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تىپىك نامايدىسى بولۇپ قالىدۇ. 18- ۋە 19-ئەسىرلەردە ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر جىددىي شەكىلدىكى ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈشكە باشلايدۇ. جەمئىيەتتە ئۆزگىرىش تىزلىشىۋاتقان بىر تارىخى دەۋر كىشىلەرنى بۇ ھادىسىلەرنىڭ قانۇنىيتى ھەققىدە ئويلىنىشقا ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈشكە چاقىرىدۇ. جۈملىدىن ياۋرۇپادىكى فىرانىسيەنى مەركەز قىلغان سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ۋە ئەنگىلىيەنى مەركەز قىلغان ئىككى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدىن ئىبارەت ئىقتىسادىي ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشى جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەڭ مۇھىم ئامىلدىن ئىبارەت. بۇ سەۋەپتىن جەمئىيەتشۇناسلىقنى زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلاتى دىيىش تامامەن مۇمكىن.