جەمئىيەت ئۆزگىرىشى

ئورنى Wikipedia

ئىنسان بولغانىكەن جەمئىيەت بۇلىدۇ، جەمئىيەت بولغانىكەن ھامان ئۆزگىرىش ئىچىدە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەيدىغان جەمئىيەت يوق.

جەمئىيەت ئۆزگىرىشى ھەققىدە ئنىسانشۇناسلار بىلەن جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ كۆز قارىشى خىلىلا پەرقلىق. ئىنسانشۇناسلار جەمئىيەتنىڭ تۈۋەن سەۋىيەسىدىن يۇقىرى سەۋىيەسىگە چىققانلىقىدەك بىر تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەسىنى تۇلا ھاللاردا تەكىتلەيدۇ. مورگان قاتارلىق مەشھۇر ئىنسانشۇناسلار ئىنسانىيەت جەمئىيتىنى ئىپىتدائىي باسقۇچ، مەدەنىيەت باسقۇچى دىگەندەك تۈرلەرگە بۆلگەن. ۋەھالەنكى، جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ جەمئىيەتنىڭ خاراكىتىرىنى تۈرگە بۈلۈش ئۇسۇلى بىر ئاز پەرقلىق. بۇ يەردە جەمئىيەتنىڭ تۈرلىرى ۋە خاراكىتىرى ھەققىدە توختالمايمەن.(بۇ ھەقتە كىتابنىڭ ”جەمئىيەت ۋە ئىقتىساد“ قىسمىدا تەپسىلىي مەزمۇن بار.)

كىلاسسىك جەمئىيەتشۇناسلار ئىچىدە ئاۋگۇس كومت، ئېمىل دۇركخيىم ۋە كارل ماركىس قاتارلىقلار جەمئىيەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققى قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما، ماكىس ۋېبىر جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشىنىڭ بەزىدە ئۇشتۇمتۇت ياكى كۈتۈلمىگەن شەكىلدە بۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. جۈملىدىن، جەمئىيەتنىڭ بىر سىزىق ئۈستىدە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش قارىشى كۈپىنچە دەلىلچىلىك(positivism 实证主义) پەلسەپىسىگە يىقىن قاراشتۇر.

ئەمما، جەمئىيەت ھەر زامان بىر سىزىق ئۈستىدە ئىلگىرىلىمەيدۇ. مەسىلەن، غەربىي ياۋرۇپا سىرتىدىكى دۆلەتلەر ھەقىقىي زامانىۋىلىشىشنىڭ ساھىپلىرى ئەمەس. بۇ سەۋەپتىن، ئۇلار غەربىي ياۋرۇپاغا ئوخشاش زامانىۋىلىشىشنىڭ قەدەملىرىنى بىر-بىرلەپ بېسىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. غەربىي ياۋرۇپانىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى زامانىۋىلىشىشى ئەمەلىيەتتە ئۈزىنىڭ ئەسلىدىكى جەمئىيەت ئەندىزىسى، سىياسىي قارىشىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا سەكرەش ياكى ئۈزۈلۈپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت تەقلىدچانلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان.

جەمئىيەت ئۆزگەرگەن ئىكەن ئۆزگىرىشنىڭ چۇقۇم ئالاھىدىلىكلىرى بۇلىدۇ. جون ماكىنىسنىڭ چۈشەنچىلىرىگە قارىغاندا جەمئىيەت ئۆزگىرىشلىرىنىڭ تۈۋەندىكىدەك خاراكىتىرى بار:

1) ئۆزگىرىش ھەممە ۋاقىتتا يۈز بىرىدۇ. جەمئىيەتتە ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە يوق. بەلكىم بىر جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى باشقا بىر جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن تىزرەك بۇلۇشى مۇمكىن.

2) جەمئىيەت ئۆزگىرىشى بەزى ۋاقىتلاردا مەقسەتلىك بۇلىدۇ، ئەمما كۈپىنچە ھاللاردا مەقسەتىسز مەيدانغا كىلىدۇ. جەمئىيەتتىكى مەلۇم بىر ئۆزگىرىش كۈپىنچە ھاللاردا باشقا نەرسىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بۇلۇپ قالىدۇ. بۇلۇپمۇ سانائەت ئىنقىلابىدىن كىيىن جەمئىيەتتە خىلمۇ-خىل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئۆزگىرىشلەرنىڭ بەزىسى مەقسەتلىك بولدى، بەزىسى مەقسەتسىز رۇياپقا چىقتى. مەسىلەن، تېلفون تۇنجى قېتىم ياسالغىنىدا ھەرگىزمۇ تورغا چىقىش ئۈچۈن ياسالمىغان، پەقەت سۆزلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتى بىلەن ياسالغان.

3) جەمئىيەت ئۆزگىرىشى قارىمۇ-قارىشىلىققا تولغان بۇلىدۇ. مەسىلەن ماشىنا ياسالغىنىدا ئۇنىڭ مۇھىتقا ئېلىپ كىلىدىغان تەسىرى كۆپ ئويلىشىلمىغان. كاپىتالىزىم تېخىنىكىغا ئىتىبار بىرىشىدىكى سەۋەپ ئۇنىڭ يىڭى ئۈنۈمدارلىق ۋە پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىدە.

4) بەزى ئۆزگىرىشلەر قىسقا زامانلىق بۇلىدۇ (مەسىلەن كىيىم-كىچەك مودىسى)، بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوزۇن زامان تەسىرى بولغان بۇلىدۇ. مەسىلەن كومپىيوتىر ئىجاد قىلىنغىنىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ.[1]

جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار نۇرغۇن بۇلۇپ، بۇ سەۋەپلەر مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە سىياسىي ساھەلەر بۇيىچە پەرقلىق.

جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سەۋىيەسى[تەھرىرلەش]

ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، جەمئىيەت ئۆزگىرىشى تۈۋەندىكى ئۈچ سەۋىيەدە يۈز بىرىدۇ. بىرى، جەمئىيەتنىڭ ماكرو(macro) قىسمىدا. يەنى مەلۇم بىر جەمئىيەت تىپىدىن يىڭى بىر جەمئىيەت تىپىغا ئۈتۈش. مەسىلەن، جۇڭگۇنىڭ 1949-يىلىدىن بۇرۇنقى فىئودال جەمئىيەت تىپىدىن سوتسىيالىست بىر جەمئىيەت تىپىغا ئۈتۈشى. ئەمەلىيەتتە، ماركىسىنىڭ گىپى بىلەن ئېيتقاندا كاپىتالىزىم تەرەققى قىلىپ بىر باسقۇچقا بارغاندىن كىيىن، ئاندىن سوتسىيالىزىم قورۇش مۇمكىن ئىدى. بۇ نوقتىدا فىئودالىزىمدىن سوتسىيالىزىمغا بىۋاستە ئۈتۈش سەكرەپ ياكى ئۈزۈلۈپ ئىلگىرىلەش ھىسابلىنىدۇ.

ئىككىنجىسى، جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا قسىمىدا(mezzo) يەنى قۇرۇلمىسىدا، ئورگان ۋە قۇرۇملىرىدىكى ئۆزگىرىش. مەسىلەن، مائارىپ سىستىمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، داۋالاش سىستىمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار.

ئۈچىنجىسى، مىكرو قىسىمىدا(micro) يەنى شەخسىنىڭ ئۆزگىرىشى. شەخسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەتتە جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلما ئۆزگىرىشى بىلەن بەزىدە باغلىق، بەزىدە باغىمسىز بۇلىدۇ. مەسىلەن، كاپىتالىزىم جەمئىيتىدە سوتسىيالىست كاللا  بىلەن ياشايدىغان ئادەم مەۋجۇت. قىسقىسى، شەخسىنىڭ ئۆزگىرىشى جەمئىيەت ئۆزگىرىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىر قەدەر ئاجىز. شەخسلەر كوللىكىتپ شەكىلدە ئۇيۇشقاندىلا ئاندىن جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىش كۈچى چوڭىيدۇ.

[1] John Macionis, sociology (fourteenth edition), Pearson Press, p.565