خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى

ئورنى Wikipedia

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1636-يىلى 10 – ئاينىڭ 28- كۈنى قۇرۇلغان ، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نامى خارۋارد ئەمەس ئىدى.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى
ئۇچۇر
ئەسلى ئىسمى Harvard University
دۆلەت ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى Edit this on Wikidata
شۇئار Veritas Edit this on Wikidata
ئورنى Cambridge Edit this on Wikidata
پوچتا نومۇرى 02138 Edit this on Wikidata
توربېكەت https://harvard.edu Edit this on Wikidata
ئورنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى
Map
ئۇنىۋېرسىتېتى

1636-يىلى قىشتا ، ئەنگىلىيە كامبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر كۆچمەن يېڭى قۇرۇقلۇققا كېلىدۇ . شۇ يىلى ئۇ 29 ياشتا ، توي قىلغىنىغىمۇ ئۇزاق بولمىغان ، بالىسىمۇ يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئىسمى جون خارۋارد بولۇپ ، لوندوندىن كەلگەن ئىدى . ئۇ چارلىز كوچىسىدا تۇراتتى ، بۇ كوچا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتوت (ئەينى ۋاقىتتا تېخى بۇ مەكتەپنىڭ رەسمىي نامى يوق ئىدى ) جايلاشقان كامبىرىج كوچىسى بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى ، خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى چىركاۋنىڭ ياردەمچى پوپى بولۇپ قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ئۇ يېڭى قۇرۇقلۇقتا بىرەر يىلمۇ ياشىيالمىدى . 1638-يىلى 9 – ئايدا، ئۆپكە كېسىلى بىلەن چارلىز كوچىسىدا ئۆلۈپ كەتتى . ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ، ئۆزىنىڭ مال – مۈلكىنىڭ يېرىمى (780 فوند سىتىرلىڭ)ۋە بارلىق كىتابلىرى (تەخمىنەن 400 پارچە)نى قارشى قىرغاقتا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتوتقا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ۋەسىيەت قىلدى . بۇ مۇشۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئىئانە ئىدى. مەكتەپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن مەكتەپ نامى بولمىغان بۇ مەكتەپنىڭ نامىنى خارۋارد ئىنىستىتوتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلدى .خارۋارد ئىئانە قىلغان 780 فوند سىتىرلىڭ ئىئانە پۇلى ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ يىللىق مالىيىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى . دىمەك ، بۇ ئەينى چاغدا خېلى كۆپ پۇل ھىساپلىناتتى ، ھازىرقى گېپىمىز بويىچە ئېيتقاندا ، مەكتەپ ئەينى ۋاقىتتا بۇ پۇل بىلەن مەكتەپنىڭ نۇرغۇن «قاتتىق ماتىرىيال » ۋە «يۇمشاق ماتىرىيال » لىرىنى تولۇقلىۋالغان ئىدى . ئەمما خارۋارد ئىئانە قىلغان 400 پارچە كىتابنىڭ تەقدىرى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ ، بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كەتتى ، پەقەت بىر پارچە كىتابنى ئالدىنقى كۈنى كەچتە بىر ئوقۇغۇچى ئارىيەت ئېلىپ ، قايتۇرمىغان بولغاچقا ، مۇشۇ بىر پارچە كىتابلا بۇ بالايى –قازادىن ساقلىنىپ قالدى.بېراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى ، 2- كۈنى ھېلىقى ئوقۇغۇچى بۇ بىر پارچە قىممەتلىك كىتابنى قايتۇرۇپ بېرىشكە كەلگەندە ، ئەينى ۋاقىتتىكى خارۋارد ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى ھىنرى دونىستىر بۇ ئوقوغۇچىنى «ئارىيەت ئالغان كىتابنى كۈتۈپخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ » دېگەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ قاراپ ، خارۋارد مەكتەپ تارىخى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قوغلاندى قىلدى .

خارۋارد ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، دادىسى بىر قاسساپ ئىدى . ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكا ، ئاچا-سىڭىللىرى بار ئىدى . 1625-يىلى ۋابا كېسىلى ۋابا كىسىلى تارقالغان ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ دادىسى ، ئاكا – ئۇكا ئاچا – سىڭىللىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى . خارۋارد ئۆزىمۇ ياش تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا ، بىرەر پەرزەنتىمۇ يوق ئىدى ، پۈتكۈل ئامىرىكا قورۇقلۇقىدا خارۋارد فامىلىلىكلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ ، ئەنگىلىيە زىمىنىدىمۇ بۇ فامىلە ناھايىتى ئاز.

ئېھتىمال ، ئەينى ۋاقىتتا جون.خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى كىچىككىنە ياغاچ ئۆيدە، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنوتلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتتا ، ئۆزىنىڭ يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىدىن ئازابلانغان. ئۆزىنىڭ بىر-ئىككى ئەۋلاد قالدۇرالمىغانلىقىدىن چەكسىز قايغۇرغان بولۇشى ، يەنە بەلكىم قارشى قىرغاقتىكى ئەشۇ مەكتەپكە قاراپ ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىئانىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قوشقان بىردىنبىر تۆھپىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن .

ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خارۋارد شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە تەسەللىي تاپالايدۇكى ، چارلىز دەرياسىنىڭ قارشى قىزغىقىدىكى ھېلىقى مەكتەپ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇ پۈتكۈل ئامىرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي بىلىم يۇتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭلىق بىلەن چەكسىز شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ .شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، جون.خارۋارد خاتىرجەم كۆز يۇمالايدۇ ."L"

مەنبە: شىنجاڭ مائارىپى 2003-يىللىق 11- سان