خاسىيەتلىك سان

ئورنى Wikipedia

خاسىيەتلىك سان


دۇنيادا خېلى نۇرغۇن مىللەتلەردە مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن خاسىيەتلىك سان بار. ئەمما، ئۇنىڭ مۇقەددەسلەشتۈرۈلۈش سەۋەب - جەريانى ۋە تۇرمۇشتا ئىپادىلىنىش شەكلى ھەرخىل. ئۇيغۇرلاردا، جۈملىدىن، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق قېرىنداش مىللەت خەلقىدە تاق سان <توققۇز> خاسىيەتلىك سان ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەقىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئالەم مەنبەسى توغرىسىدىكى ئىپتىدائىي چۈشەنچىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئەجدادلىرىمىز ئاسمان، يەر ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش شارائىتىغا ھەرخىل تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغان يەتتە چوڭ پىلانېتنى ئالەم مەنبەسى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ چوقۇنۇپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا سان ئۇقۇمى بويىچە <توققۇز> ئەڭ مۇقەددەس سان بولۇپ تونۇلغان. بۇ چۈشەنچە - ئەقىدە كېيىنچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش - پائالىيەتلىرىدە، قەبىلە ئىتتىپاقى قۇرۇلمىسى، ھەتتا خانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەدەپ - قائىدىلەردىمۇ جارىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك ئەنئەنىگە ئايلانغان. ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى قەبىلىلەرنىڭ <ئىچكى توققۇز قەبىلە>، <تاشقى توققۇز قەبىلە> دەپ ئاتىلىشى، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە <توققۇز> لۇق تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشى ① ئەنە شۇ ئەقىدىدىن كەلگەن. 

ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ئەنئەنە ئادىتى توغرىسىدا <جۇنامە> 5 - جىلددا <خان يېڭى تەختكە چىققاندا، مەھرەملىرى بىلەن بىرگە كىگىزدە ئولتۇرىدۇ، خان كۈنگە قاراپ توققۇز قېتىم ئايلىنىدۇ. ھەربىر ئايلانغاندا قول ئاستىدىكىلەر ئاسمانغا توققۇز قېتىم باش قويىدۇ. . . > دەپ ھېكايە قىلىنغان Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەرگە تەئەللۇق تاش پۈتۈكلەر، <ئوغۇزنامە>، <گۆر ئوغلى>، <سىنتاش> قاتارلىق تارىخىي يادنامىلەردە خاسىيەتلىك <توققۇز> سان چۈشەنچىسى بىلەن مۈجەسسەملەشتۈرۈلگەن جۈملە - پارچىلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئوتتۇرا ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن بولغان <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا <تۇغ> سۆزلىمىگە مىسال كەلتۈرۈلۈپ: <خاننىڭ قول ئاستىدىكى ۋىلايەتلەر قانچە كۆپىيىپ، مەرتىۋىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسىمۇ، تۇغلىرى توققۇزدىن ئاشمايدۇ، چۈنكى، توققۇز خاسىيەتلىك سان> دەپ ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنغان (شۇ ئەسەر، 3 - توم 175 -، 176 - بەتلەر). مۇندىن باشقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېغىز ئەدەبىيات ئىجادىيەتلىرى ۋە بەزى قەدىمكى يەر - جاي ناملىرى ھەم رېئال تۇرمۇشىمىزدا بۇ چۈشەنچە - ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك ئىبارىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. ئالايلۇق، ماقال - تەمسىل، تېپىشماقلاردىكى <تويغان يەرگە توققۇز تەزىم>، <توققۇز قىزنىڭ تولغىقى تەڭ تۇتۇپتۇ>، <مەن قىلارمەن ئوتتۇز، خۇدايىم قىلار توققۇز>، <تۆت تەڭگىگە قىممەت، توققۇز تەڭگىگە ئەرزان>، <پاكار - پاكار بويى بار، توققۇز قەۋەت تونى بار> (پىياز). ھېكايە - چۆچەكلەردە پادىشاھ ئوردىلىرىنىڭ ھەشەمەتلىكى، بايلىقىنىڭ كۆپلۈكى، كىيىنىشىنىڭ كاتتىلىقىنىڭ <توققۇز قات شاھانە كىيىم كېيىدىغانلىقى> بىلەن تەسۋىرلىنىشى ۋە <توققۇز سۇ>، <توققۇزاق>، <توققۇز خان شەھىرى> (خوتەندە <مەلىكە شاھ> دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، <توققۇز بۇلاق> قاتارلىق يەر - جاي ناملىرى ئەنە شۇ خاسىيەتلىك <توققۇز> سان چۈشەنچىسىدىن كەلگەن. 

رېئال تۇرمۇشىمىزدا كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ خۇشاللىق ئىشلار جۈملىسىدىن بولغان تويدا ئىككى ياشقا بىلدۈرۈلىدىغان ئارزۇ - تىلەكلەردە، تۇغۇت ۋە تۇرمۇش پاراۋانلىقى، تويلۇق ئۆلچىمى قاتارلىقلارمۇ خاسىيەتلىك <توققۇز> سان چۈشەنچىسى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، <توققۇزۇڭلار تەل بولسۇن! توققۇز ئوغۇل بىر قىزلىق بولۇڭلار>، <بالا توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەت، توققۇز دەقىقىدە توغۇلىدۇ. > <توققۇزىمىز تەل> دېيىلىشى قاتارلىقلار. بۇ چۈشەنچە ھەتتا ئادەتتىكى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنىڭ نامىغىمۇ سىڭدۈرۈلگەن. مەسىلەن، <توققۇز قاتار>. 

مۇقەددەس <توققۇز> سانىدىن باشقا تەمسىل، ھېكايە - چۆچەكلەردە <يەتتە> ۋە <قىرىق> مۇ مۇقەددەس سان سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە <يەتتە> نىڭ مۇقەددەس سان دەپ قارىلىشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مانى ۋە بۇددا دىنى ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى <يەتتە> پارىسلار بىلەن ھىندىلاردا بۇرۇندىنلا مۇقەددەس سان ھېسابلىنىپ كەلگەن. رېئال تۇرمۇشىمىزدا <توققۇز> غا سېلىشتۇرغاندا <يەتتە> نىڭ مۇقەددەس سان قاتارىدا كۆپ تىلغا ئېلىنماسلىقىمۇ شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 

<قىرىق> سانىغا كەلسەك، بۇ ئەجدادلىرىمىزدا كېيىنچە ئىككى قول بارمىقىنى ساناشتىن كېلىپ چىققان ئەڭ چوڭ سان <ئون> ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئۆز دەۋرىدە بەش بارماق قوشۇلسا <ئون> ھاسىل بولىدىغانلىقىغا قاراپ ئۇنى (كۈن) چىقىش، (كۈن) پېتىش، تاغ، جەنۇبتىن ئىبارەت تۆت تەرەپكە تەدبىقلاشنى چۈشىنىپ يەتكەن بولۇشى، نەتىجىدە، <ئون> بارماقنىڭ تۆت تەرەپكە تەدبىقلىنىشىدىن كېلىپ چىققان <قىرىق> ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئەڭ كۆپ (چوڭ) سانغا ئايلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن <قىرىق> مۇ مۇقەددەس سان تۈسىنى ئالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن <قىرىق> ھېكايە - چۆچۈكلەردە كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن، <قىرىق كېچە - كۈندۈز توي بولدى>، <بىر ئۈزۈم قىرىق ئادەمگە يېتىپتۇ>، <قىرىق خېچىر ئالتۇن بىلەن يولغا چىقىپتۇ>، <قىرىق غۇلاچ قۇدۇق> ۋەھاكازا. <قىرىق> سانى بىلەن كەلگەن تەسۋىرىي ئىبارىلەر تارىخىي داستانىمىزدا <ئوغۇزنامە> دىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. قېرىنداش قىرغىز خەلقىدىكى <قىرىق قىز> ئەپسانىسىمۇ مۇشۇ مۇقەددەس سان <قىرىق> بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دېمەك <قىرىق> نى مۇقەددەس سان ھېسابلاش ئادىتى تۈركىي قوۋملاردا شەكىللەنگەن.