خاسىيەتلىك سان «يەتتە» ۋە «قىرىق»

ئورنى Wikipedia

خاسىيەتلىك سان «يەتتە» چۈشەنچىسى «9» ساننىڭ سىرلىق خاراكتېرىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «يەتتە» بىلەن باغلىنىشلىق ئادەتلەرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. ئۇيغۇرلاردا «يەتتە» سانىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش ئەتراپىدىكى باشقا دىنىي مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىدىن بارلىققا كەلگەنلىكى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۇ ئاساسەن ئىسلام دىنى مۇراسىملىرى ۋە ئادەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن بۇرۇنقى خاتىرىلەردە «يەتتە» نىڭ سىرلىق خاراكتېرگە ئىگە بولغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئۇچرىمايدۇ. مەسىلەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتىدە يەتتە كۈندە بىر قېتىم مەسچىتكە يىغىلىپ جۈمە نامىزى ئوقۇيدۇ؛ روزا ھېيت ۋە قۇربارن ھېيت نامىزىنىڭ مەدھىيە نامىسى يەتتە سۈرىدىن تەركىب تاپقان؛ ئادەتتە، ئوغۇل بالىلار يەتتە ياشقا كىرگەندە سۈننەت تويى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ئادەم ئۆلۈپ يەتتە كۈندىن كېيىن چوڭ نەزىرسى «يەتتە نەزىر» ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ مۇھەممەد پەيغەمبەت ۋاپات بولغان ئون يىلدىن كېيىن، 644 - يىلى خەلىپە بولغان ئوسمان تارقىلىپ يۈرگەن سۈرىلەرنى توپلاپ «قۇرئان» ھالىتىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى يەتتە نۇسخا كۆچۈرۈپ تارقاتقان. دېمەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىۋاسىتە ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى بىلەن باغلانغان.

سىرلىق سان «يەتتە» ئالدى بىلەن پارسلارنىڭ زارۇئاستى (ئاتەشپەرەسلىك) دىنى مەدەنىيىتىدە بارلىققا كەلگەن، مانى دىنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەنلىكى ۋە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مۇئەييەن بىر ئادەت تۈسىنى ئالغانلىقى مەلۇم.

ھىندى مەدەنىيىتىدىمۇ «يەتتە» سانى ئۇلۇغلىنىدۇ. ھىندىلارنىڭ ئادىتىدىكى «يەتتە» سانىنىمۇقەددەس بىلىش چۈشەنچىسى ئۇلارنىڭ يەتتە يۇلتۇز تۈركۈمىنى بىلىشى ۋە ئۇنى ئىلاھىيلاشتۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

دېمەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى «يەتتە» سانىنىڭ سىرلىق خاراكتېرىگە كىرىشى گەرچە ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يىراق ئېتنىك مەنبەسى ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى زارۇ ئاستى دىنى ۋە بۇددا دىنى مەدەنىيەتلىرىگە تۇتىشىدۇ. بۇ قەدىمكى دىنىي مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدە شىنجاڭغا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ، خەلقىمىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

سىرلىق سان «قىرىق» چۈشەنچىسى بىرەر دىنىي ئېتىقاد بىلەن باغلانمايدۇ. ئۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىگە تەئەللۇق. «ئوغۇزنامە» داستانىدا «قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى»، «قىرىق شىرە، قىرىق بەندىڭ ياساتتى»، «قىرىق كۈندىن كېيىن مۇز تاغ دېگەن تاغنىڭ باغرىغا يېتىپ باردى»، «قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلدى». («ئوغۇزخان» داستانىغا قاراڭ) دېگەنگە ئوخشاش «قىرىق» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايانلار كۆپ يەردە ئۇچرايدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش ئادەتلىرىدىمۇبالا تۇغۇلۇپ قىرىق كۈنگە توشقاندا بۆشۈك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، «قىرىق نەزىر» قاتارلىق خاتىرىلەش مۇراسىملىرى بولۇپ، ھەممىسى «قىرىق» نىڭ سىرلىق خاراكتېرىگە باغلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى چۈشەنچىسىدە «قىرىق» سانى «ئەڭ كۆپ»، «چەكسىز» دېگەن مەنەگە ئىگە بولۇپ، ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئىپتىدائىي تەسەۋۋۇرىدىكى ئەڭ چوڭ سانىنىڭ چېكى، دەپ قارالغان «ئون» سانىنىڭ ئالەمنىڭ تەرىپىگە تەكرار قوشۇلۇشى ياكى كۆپەيتىلىشى ئارقىلىق كېلىپ چىققان. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي چۈشەنچىسىدىكى تۆت تەرەپ قارشى ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل سىرلىق چۈشەنچە بولۇپ، «قىرىق» سانى پۈتۈن ئالەم «كائىنات» مەنىسىنى بىلدۈرەتتى.

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ساناق ئادىتىدە ئاخىرقى چەك ۋە «ئەڭ چوڭ» سان ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان «10» بىلەن تەرەپنى كۆرسىتىدىغان «4» نىڭ قوشۇلۇشى ۋە كۆپەيتمىسى (40 = )تەرەپ( 4 × 10 ) بىلەن ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلدۈرىدىغان «قىرىق» سانى سىرلىق سان كاتېگورىيىسىگە كىرگەن ھەمدە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ئەكس ئېتىلگەن. (ئا)