خاسىڭ

ئورنى Wikipedia

خاسىڭ يەر ئۈستىدە چېچەكلەپ، يەر ئاستىدا مېۋىلەيدىغان ئۆسۈملۈك. ئۇ ئىقتىسادىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى مايلىق دان زىرائىتى بولۇپ، تەركىبىدىكى ماينىڭ مىقدارى سېرىق پۇرچاقنىڭكىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى ھەمدە ئۇنى قۇرۇق مېۋە ئورنىدا ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ، چۈرۈك، خۇش پۇراق بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ.

خاسىڭنىڭ گۈلى يەر ئۈستىدە ئېچىلغانىكەن، مېۋىسى نېمە ئۈچۈن يەر ئاستىدا بولىدۇ؟ ئەسلىدە خاسىڭ چېچەكلىگەندىن كېيىن، چاڭلانغان ئۇرۇقدان تېزدىن ئۇزىراپ يىڭنىسىمان شەكىلگە كىرىدۇ، بۇ «مېۋە يىڭنىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. چېچىكى تۆكۈلگەن ھامان مېۋە يىڭنىسى يەر ئاستىغا كىرىپ يەر ئاستىدا مېۋىلەيدۇ. شۇڭا، «چېچىكى تۆكۈلگەن ھامان مېۋىلەيدۇ» دېيىلىدۇ.

خاسىڭ بوش قۇمساڭ تۇپراقتا ياخشى ئۆسىدۇ، ئادەتتە ئەتىيازدا تېرىلىپ كۈزدە يىغىۋېلىنىدۇ، كىشىلەر خاسىڭنىڭ ئۆسۈش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، پەرۋىش جەھەتتە بىر يۈرۈش مۇناسىپ تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، مەسىلەن، «مايسا ئولتۇرغۇزۇش»، «چوڭقۇر چاغلاش»، «توپا يۆلەش» قاتارلىقلار ئارقىلىق خاسىڭ مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %25.8 ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مول ھوسۇللۇق خاسىڭنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى400 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بىرلىك مەھسۇلاتى450 كىلوگراملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى.

«مايسا ئولتۇرغۇزۇش» تەجرىبىسى خاسىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم پەرۋىش تەدبىرى. مايسا ئولتۇرغۇزۇشتا، خاسىڭ يۇمران مايسىسى2 −3 ھەقىقىي يوپۇرماق چىقارغاندىن كېيىن، خاسىڭنىڭ يىلتىز قىسمىدىكى توپىنى ئەتراپقا تارتىپ، خاسىڭنى بويىغا زورلاتماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. مايسا ئولتۇرغۇزۇلغاندىن كېيىنكى يۇمران مايسىنىڭ بوغۇم ئارىلىقى قىسقا، چېچەكلىشى بالدۇر، چېچىكى كۆپ بولىدۇ، چېچىكى توپىغا بالدۇر كىرىدۇ، مېۋىسى توق بولۇپ، «مايسا مۇقىملاشتۇرۇش» رولىنى ئوينايدۇ. مايسا ئولتۇرغۇزۇپ يېرىم ئايدا تۇنجى يان شېخىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى بوغۇمىدىكى مېۋە يىڭنىسى توپىغا كىرىدۇ، ئىككىنچى بوغۇمدىكى مېۋە يىڭنىسى چىقىشىغىلا توپىسىنى چوڭقۇر چاغلاپ، توپا يۆلەش ئارقىلىق ئىككىنچى يان شاختىكى مېۋە يىڭنىسىنىڭ كۆپلەپ توپىغا كىرىپ مېۋىلىشىگە ياردەم بېرىلىدۇ.

خاسىڭنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى برازىلىيە ۋە پېرۇ بولۇپ، تەخمىنەن2000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە. خاسىڭ مىلادىيە15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ياكى16 -ئەسىرنىڭ باشلىرى جەنۇبىي ئوكيان تاقىم ئاراللىرى ئارقىلىق ئېلىمىزگە كېلىپ «ماكانلاشقان».

ھازىر ئېلىمىز دۇنيا بويىچە خاسىڭ ئەڭ كۆپ تېرىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شەندۇڭنىڭ تومۇز خاسىڭى، جياڭسۇنىڭ رۇگاۋ خاسىڭى مەشھۇر ئەلا سورتلاردۇر. خەلقئارا بازاردا ئېلىمىزنىڭ خاسىڭى «جۇڭگونىڭ قاسىراقلىق مېۋىسى» دەپ ئاتىلىپ، ئىنتايىن يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە.