خالمۇرات غوپۇر

ئورنى Wikipedia

خالمۇرات غوپۇر— 1960-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن خەنزۇ تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1982- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي جۇڭيى ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئانا يۇرت سۆيگۈسى، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چوڭ پەرىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىغا — تەڭرىتاغ ئېتىكىگە قايتىپ كەلدى. 

خالمۇرات غوپۇر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ شاۋقۇنلۇق دەرياغا شۇڭغۇغان خالمۇرات غوپۇر ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. خىزمەت داۋامىدا ئۇ بىلىم سەۋىيىسىنى داۋاملىق يېڭىلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ 1985- يىلى شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتوتى غەرپچە داۋالاش نەپەس يولى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئوقۇش جەريانىدا ئۇ ئىنگلىزتىلى ۋە روس تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەندى. 1988- يىلى ئۇ دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلىنغان چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد تىببىي ئىنىستىتوتىغا كاندىدات دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا باردى. ئۇ 1983- يىلى جۇڭگو-سوۋېت ئوتتۇرسىدىكى ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش كېلىشىمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن بارغان تۇنجى جۇڭگولۇق شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدى.

1993-يىلدىن باشلاپ سان-پېتېربۇرگ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇر يېتەكچىسى، شاڭخەي جۇڭيى دورىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كاندىدات دوكتۇر يېتەكچىسى، شىنجاڭ جۇڭيى ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسىسورى، خەلىقئارا ئەنئەنىۋى مىدېتسىنا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولغان. جۇڭيىنىڭ «خەپرۇك بولمىسا دىمى سىغمايدۇ» ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ «نەزلىلىك زىققىنى داۋالاش نەزەرىيىسى» ۋە مىدېتسىنادىكى «نەپەس يولىدىكى ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر نەزەرىيىسى» گە ئاساسلىنىپ «زىققىدىكى بىئولوگىيىلىك كەملىك نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ نەزەرىيە ئاساسىدا زىققا 1- نومۇرلۇق دورىسىنى ياساپ چىقىپ، كلىنكىدا داۋالاپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقاندا «جۇڭگو تىبابەتچىلىكىدىكى سىر»، «جۇڭيى دورىلىرى ۋە كانايچىدىكى زىققا كېسىلى» قاتارلىق بەش پارچە ئەسەر يازغان، بۇلار مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تىببىي ئالىي مەكتەپلىرىدە سىناق دەرىسلىكى قىلىنىپ قوللىنىلغان. دۆلەت ئىچىدە جۇڭيى، ئۇيغۇر تىبابىتى، مىدېتسىنانى بىرلەشتۈرۈش نەزەرىيىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ئۈچ تەرەپنى بىرلەشتۈرگەن تەتقىقات ئورنى ۋە داۋالاش مەركىزىنى قۇرۇپ چىققان. بۇرۇن بىر نەچچە دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسى بىلەن شۇغۇللانغان، روسىيە، گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئاسپىرىن زىققا» تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلىگەن.