خالىد ئىبنى ۋەلىد

ئورنى Wikipedia

خالىد ئىبنى ۋەلىد (خَالِدُ بنُ الوَلِيْدِ بنِ المُغِيْرَةِ المَخْزُوْمِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: خالىد ئىبنى ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە ئەلمەخزۇمىي (ئەبۇ ئىمران). (ھ. بۇرۇن 30 – ھ. 21 / م. 593 – 642) ئىسلامنىڭ تالانتلىق مەشھۇر ھەربىي قوماندانى ۋە غازىي چەۋەندازى. ئىراق ۋە شامنىڭ فاتىھى. مەككە فەتىھ قىلىنىشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «ئاللاھنىڭ قىلىچى (سەيفۇللاھ)» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. خەلىپە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خالىدنى مۇرتەدلەرگە قارشى ئۇرۇشقا، ئۇندىن كېيىن رىملىقلارغا، پارسلارغا قارشى ئۇرۇشقا قوماندان قىلغان.