خالىس فوندى جەمئىيىتى
كۆرۈنۈش
خالىس فوندى جەمئىيىتى
ئابلىمىت خالىس ھاجىم 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غۇلجىدا «خالىس فوندى جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور تەسىر قوزغىغان شەخس. غۇلجىدىكى ھەر قايسى ساھە كىشىلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن قۇرۇلغان مەزكۇر فوند مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئەلا ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلىرىغا مۇكاپات بېرىش، چەتئەلگە ئوقۇغۇچى چىقىرىشتەك نۇرغۇن خالىس خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى 1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن «5-فېۋرال ۋەقەسى» نى باھانە قىلىپ، بۇ جەمئىيەتنى تارقىتىۋەتكەن. ئۇنىڭ مال-مۈلكى ۋە پۇلىنى توڭلىتىپ، جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرىنى تەقىب ئاستىغا ئالغان ئىدى.