خاندەمىر

ئورنى Wikipedia

15-ئەسىردە تىمۇرنىڭ ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن يارىتىلغان ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي مۇھىت نەتىجىسىدە سەمەرقەند بىلەن ھېرات پەن ۋە مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سەمەرقەندتە تەبىئىي پەن ناھايىتى گۈللەنگەن، كېيىنكى يېرىمىدا بولسا ھېراتتا ئىجتىمائىي پەن ۋە سەنئەت بەكلا تەرەققىي قىلغان. ھۈسەيىن بايقارا ۋە ئۇنىڭغا باش ۋەزىر بولغان ئەلىشىر نەۋائى دەۋرىدە ھېراتتا 80گە يېقىن ئالىم، ئەدىپ ۋە سەنئەتكار ھەر ساھەدە ناھايىتى قىممەتلىك ئەسەرلەرنى ياراتقان. ئىلمىي، ئەدەبىي، پىكرىي ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشىدە ئەلىشىر نەۋائى يىتەكچى ۋە ھىمايىچى رول ئوينىغان. ھۈسەيىن بايقارا ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ياردىمى بىلەن ھېراتنى <<شەرقنىڭ فلورىنسىيىسى>>گە ئايلاندۇرغان. كېيىنكى كۈندە غەرپ ئالىملىرى بۇ خىل گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى <<تىمورىيلار رۆنېسانسى>> دەپ ئاتىدى. خاندەمىر دەل مۇشۇ مەزگىلدە ھېراتتا يىتىشكەن مەشھۇر تارىخچى.

خاندەمىرنىڭ تولۇق ئىسمى غىياسىددىن ئىبنى ھۇمامۇددىن مۇھەممەد ئىبنى خوجا جەلالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى خوجا بۇرھانىددىن خاندەمىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئاتا تەرەپتىن شىرازلىق سەييىدلەرنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولغان خاندەمىر ئانا تەرەپتىن شۇ دەۋردىكى دۆلەت ئادىمى ۋە مەشھۇر تارىخچى مىرخاندنىڭ نەۋرىسى ئىدى، يەنى ئانىسى سەمەرقەندنىڭ ھۆكۈمدارى سۇلتان مەھمۇد مىرزىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان مىرخاندنىڭ قىزى ئىدى. خاندەمىر 1475-يىلى ھېراتتا تۇغۇلغان. ئۇ چوڭ دادىسى مىرخاندنىڭ يېنىدا ۋە ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئالاھىدە ھېمايىسى ئاستىدا تەربىيىلىنىپ، ھۈسەيىن بايقارا بىلەن ئەلىشىر نەۋائى دەۋرىنىڭ ياش ئەدىپ ۋە ئالىملىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. چوڭ دادىسى مىرخاند تىمۇرىيلار تارىخى بىلەن دۇنيا تارىخىنى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ۋە ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا يازغىنىدەك، ياش خاندەمىرمۇ مۇشۇ كۇتۇپخانىدا ئۈگىنىش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئۇ ھۈسەيىن بايقارانىڭ تەخت ۋارىسى بولغان ئوغلى بەدى ئەل – زامان مىرزىنىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلغان. 1502-يىلى بۇ مىرزا ئۆزبەكلەرگە قارشى قەنداھار ۋالىسى شاھبەك ئارغۇن بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ئۈچۈن خاندەمىرنى ئۇنىڭ ئوردىسىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشنى قارار قىلغان. لېكىن خاندەمىر قەنداھارغا بارغىچە ئۆزبەكلەر ھېراتنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ھېرات ئاھالىسى ئۇنى شۇ ۋاقىتتا شەھەر ئامانلىقىنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان جىيەنى ئوسمان بىلەن بىرلىكتە ئۆزبەك خانى شەيبانىخاننىڭ قارارگاھىغا سۆھبەتكە ئەۋەتكەن. ئۆزبەكلەر دەۋرىدە خاندەمىر يەنىلا ھېراتتا ياشىغان. بۇ شەھەر 1510-يىلى سەفاۋىيلار قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندا، خاندەمىر ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا تىرىشقان. لېكىن بۇنىڭ ئانچە ئۈنىمى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ سىياسەتتىن قول ئۈزۈپ، ھېراتنىڭ شەرقىدىكى گارجىستان شەھرىنىڭ پەشت يېزىسىغا قايتىپ كېلىپ، بۇ يەردە تەنھا ياشىغان ۋە ئەلىشىر نەۋائى دەۋرىدە يازغان ئەسەرلىرىنى تولۇقلاش بىلەن مەشغۇل بولغان.

بەدى ئەل — زامان مىرزا سەفاۋىيلارنىڭ پاناھلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد زامان مىرزا بابۇرنىڭ ياردىمى بىلەن بەلخنى ئۆزبەكلەرنىڭ قولىدىن قايتۇرىۋېلىشقا ئۇرۇنغاندا، خوراساندىكى سەفاۋىيلار ھاكىمىيىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىدا بولغان خاندەمىرمۇ ئۇنىڭ سېپىغا قوشۇلغان ئىدى. خاندەمىرنىڭ زاماندىشى بولغان ھېراتلىق زەينىددىن مەھمۇد ۋاسىفى <<بەدائى ئەل – ۋەقائى>> دېگەن ئەسىرىدە خاندەمىرنىڭ ھېراتتىن تۇنجى قېتىم ئايرىلىشىنى شۇ ۋاقىتتىكى خوراساننىڭ پىكىر ھاياتىدا كۆرۈلگەن كرېزىسنىڭ ئەلەملىك بىر باسقۇچى سۈپىتىدە خاراكتىرلەندۈرگەن. مەشھۇر فەقىھلەر(قانۇنشۇناسلار)دىن شەمسىددىن مۇھەممەد كۇھىستانى، ئەمدىلا 28ياشقا كىرگەن زەينىددىن مەھمۇد ۋاسىفى ۋە باشقا بىرمۇنچە ئالىم ۋە شائىرلار تىمۇرىيلار دەۋرىدىكى چۈشەنچە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى تامامەن پىكار قىلغان مۇتەئەسسىپ شىئە ھاكىمىيىتىدىن بىزار بولۇپ، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ماۋرەئۈننەھرى ۋە ھىندىستانغا كىتىشنى قارار قىلغان. ئۇلار بىر كارۋان تەشكىللەپ ھېراتتىن ئايرىلغان. ئانجۇي دېگەن يەرگە كەلگەندە خاندەمىر بىر مۇنچە سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كارۋاندىن ئايرىلىپ، ھىندىستاندىكى مۇھەممەد زامان مىرزىنىڭ يېنىغا قاراپ يول ئالغان. ۋاسىفى ۋە شەمسىددىن مۇھەممەد كۇھىستانى قاتارلىقلار ئامۇ دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ بۇخاراغا كەتكەن. مۇھەممەد مىرزىنىڭ ئۇرۇنۇشلىرى ھېچ بىر نەتىجە بەرمىگەندىن كېيىن، خاندەمىر يەنە پەشت يېزىسىغا قايتىپ كەلگەن ۋە ئۇ يەردىن ھېراتقا بېرىپ سەفاۋىيلارنىڭ خۇراساندىكى ۋالىسى دۇرمۇشخاننىڭ ھېمايىسىگە ئىرىشكەن. سۈننى مەزھىپىدىكى باشقا ئالىملارغا ئوخشاش خاندەمىرمۇ شىئە مەزھىپىدىكى سەفاۋىيلارنىڭ دىتىغا ياقمىغانلىقى ئۈچۈن، 1527-يىلى ھېراتتىن ئايرىلىپ، شۇ ۋاقىتتا ھىندىستاننى ئىشغال قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان بابۇرنىڭ يېنىغا كەتكەن. خاندەمىرنىڭ ھىندىستانغا كېلىشى بابۇر ئۈچۈن ناھايىتى مەمنۇنىيەتلىك بىر ۋەقەگە ئايلانغان. <<بابۇرنامە>> دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1528-يىلى 9-ئاينىڭ 19- كۈنى بابۇر خاندەمىرنى ۋە ھۈسەيىن بايقارا دەۋرىنىڭ مەشھۇر سەنئەتكارلىرىدىن تېپىشماقچى شەھابىددىن بىلەن مۇزىكىشۇناس مىرزا ئىبراھىم قانۇنىنى ئاگرادا قىزغىن قارشى قالغان. <<بابۇرنامە>>نىڭ يەنە بىر يېرىدىكى مەلۇماتتا 1529-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى بابۇرنىڭ خاندەمىر، موللا شەھابىددىن ۋە شەيخ زەينىددىن خۋافى قاتارلىقلارنى بىر يىغىلىشقا چاقىرغانلىقى يېزىلغان. ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن مەكتۇپتا مۇنداق بىر بېيىت يېزىلغان:

شەيخ ۋە موللا شەھاب ۋە خاند ئەمىر،

كېلىڭ ئۈچ- ئۈچ، ئىككى – ئىككى، بىر -بىر.

شۇ يىلى بابۇر بېنگالغا يۈرۈش قىلغاندا خاندەمىرمۇ قاتناشقان ئىدى. بابۇر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن خاندەمىر ھۇمايۇن مىرزىنىڭ يېنىدا تۇرغان ۋە ئۇنىڭ دەۋرىدىكى گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى مەدھىيىلەپ <<قانۇنى ھۇمايۇنى>> دېگەن ئەسىرىنى يازغان. بۇ ئەسەرنىڭ بىر نۇسخىسى ھازىر لوندۇندىكى برىتىش مۇزىيىدا ساقلانماقتا. ھۇمايۇن 1534 -يىلى قوزغىغان گۇجارات يۈرۈشىدە خاندەمىرنىمۇ ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ ماڭغان. خاندەمىرنىڭ تەرجىمىھالىغا ئائىت مەلۇماتلارنى بىر يەرگە توپلىغان مۇھەممەد قاسىم ئاستارابادىنىڭ <<تارىخى فىرىشتە>> دېگەن ئەسىرىدىكى بايانلارغا قارىغاندا، خاندەمىر مۇشۇ قېتىمقى ھەربىي يۈرۈشتىن قايتىپ كەلگەندىن 1535-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ جەسىتى دېھلىدە شەيخ نىزامىددىن بىلەن ئەمىر خۇسراۋ دېھلىۋىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.

خاندەمىرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە ئۇنىڭ بوۋىسى مىرخاندنىڭ مۇھىم تەسىرى ۋە تەربىيىسى بولغاندىن سىرىت، يەنە ھېراتنىڭ سىياسىي ۋە ئىلمىي مۇھىتىدا يۇقىرى نوپۇز ئىگىسىگە ئايلانغان ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ھېمايىسى ۋە يىتەكلىشىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. ھەقىقەتەن، ئەلىشىر نەۋائىنىڭ كۇتۇپخانىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەكتەپ ۋە پەن مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ نوقتا ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، خاندەمىرنىڭ ئۆزى تەرىپىدىنمۇ ئېنىق ئەسكەرتىلگەن ئىدى. ئەلىشىر نەۋائى <<مەجالىسۇن نەفائىس>> نى يازغان1490-1491-يىللاردا خاندەمىر ئەمدىلا 15ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇ ئەدەبىي ۋە تارىخ بىلىمىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن نەۋائىنىڭ دىققتىنى تارتىپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە تەرىپلىشىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى. ئەلشىر نەۋائى <<مەجالىسۇن نەفائىس>> دېگەن ئەسىرىدە خاندەمىر ۋە ئۇنىڭ بوۋىسى مىرخاند ھەققىدە سۆز ئېچىپ مۇنداق دېگەن: <<ئۇ(مىرخاند- ئا) نەسرىي ئەسەرلەردە ۋە تارىخ پىنىدە تەڭداشسىز كىشىدۇر. پېقىرنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئۇ ھازىر دۇنيانىڭ ئەڭ دەستلەپكى ئاپىرىدە بولغان ۋاقتىدىن تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئومۇمىي تارىخىنى يېزىۋاتىدۇ؛ يېرىمىغا كەپتۇ. تەڭرى خالىسا تۈگىتىشكە مۇۋەپپەق بولغۇسى. ئۇ تارىخلار ئىچىدە ئەڭ پايدىلىق كىتاپ بولۇپ چىققۇسى…. مەۋلانە خاندەمىر مىرخاندنىڭ پەرزەنتى(نەۋرىسى- ئا) بولۇپ، ئۆزى ياراملىق يىگىت. تارىخ پېنىدە ماھارىتى بار.>> ئەلىشىر نەۋائىنىڭ تەرىپلىگىنىدەك، مىرخاند <<رەۋساتۈس سەفا فى سىرەتىل – ئەنبىيا ۋەلمۈلۇك ۋەل- خۇلەفا>> ناملىق يەتتە جىلدلىق بىر دۇنيا تارىخىنى يازغان. بۇ ئەسەرنىڭ يەتتىنجى جىلتى ئۆزىنىڭ دەۋردىشى ھۈسەيىن بايقارانىڭ تارىخىنى بايان قىلىشقا ئاجرىتىلغان. مىرخاند 1498-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئەسەرنىڭ بۇ قىسمى ئۇنىڭ نەۋرىسى خاندەمىر تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ يېزىلغان. بۇ ئەسەر ئادەتتە <<رەۋساتۈسسەفا >>(ساپ ھاۋالىق باغ)دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەسەر 1737-يىلى ئەمىر قۇربانبەك ئىبن نىيازىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يەركەنلىك مىر فازىل موللا كىچىك ساقى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. نەۋائى ئالەمدىن ئۆتكەن يىللاردا خاندەمىر ئەدىپ ۋە تارىخچى سۈپىتىدە تۇنۇلغان مەشھۇر بىر شەخىسكە ئايلانغان ئىدى. خاندەمىر <<ھەبىب ئەل – سىيەر فى ئەخبارى ئەفراد ئەل – بەشەر>> دېگەن ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە تىلغا ئالغىنىدەك، يەنە <<خۇلاسەت ئەل – ئەخبار فى بەيان ئەھۋال ئەل -ئەخيار>>، <<مۇنتەخابى تارىخى ۋەسساف>>، <<مەقارىم ئەل -ئەخلاق>>، <<دۇستۇر ئەل – ۋۇزەرا>>، <<مەئاسىر ئەل – مۇلۈك>> قاتارلىق كىتاپلارنى يازغان. بۇ كىتاپلارنىڭ تېمىسى دۇنيانىڭ ئومۇمىي تارىخى، ھاكىمىيەت ئىشلىرى، بىئوگرافىيە ۋە ئىجتىمائىيەتكە ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى يەنىلا تارىخ ساھەسىدە بەكرەك ئىپادىلەنگەن.

خاندەمىرنىڭ ھازىر بىر نۇسخىسى برىتىش مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان <<مەئاسىر ئەل – مۇلۈك>> دېگەن ئەسىرى 108ۋاراقلىق بىر كىتاپ بولۇپ، ئۇ دۆلەت ئىدارە قىلىش ۋە سۇلالە ناملىرىنىڭ تەرتىۋى بويىچە تىلغا ئېلىنغان ئۇلۇغ پادىشاھلارنىڭ ھىكمەتلىك سۆزلىرى بايان قىلىنغان بىر ئەسەر ئىدى. رىئېۇ بۇنى خاندەمىرنىڭ تۇنجى ئەسىرى دەپ قارىغان.

1499- 1500-يىللاردا يېزىلغان <<خۇلاسەت ئەل – ئەخبار>> بولسا دۇنيانىڭ قىسقىچە تارىخىدىن ئىبارەت بولۇپ، خاندەمىر بۇنى ئەلىشىر نەۋائىغا بېغىشلىغان. مۇئەللىپ بۇ كىتاپنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئۆزىنى <<ياش ۋە ئىستىقبالى پارلاق بىر ئالىم>> دەپ ھېمايە قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، تارىخقا ئائىت ئەسەرلەرنى يېزىشقا تەيىنلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا قوشۇمچە سۈپىتىدە ھېرات شەھرىنىڭ توپوگرافىيىسىگە ئائىت ناھايىتى قىممەتلىك مەلۇماتلار بىرىلگەن. ئا. بېلېنىتسزكى ھېراتنىڭ 14- 15-ئەسىرلەردىكى توپوگرافىيىسىگە ئائىت <<ئەلىشىر نەۋئىنىڭ ئەسەرلەر توپلىمى>> دېگەن ئەسىرىدە بۇ كىتاپتىن پايدىلانغان ئىدى.

خاندەمىرنىڭ يەنە كۇتۇپخانىلاردا نۇسخىلىرى ئۇچرايدىغان <<دۇستۈر ئەل- ۋۇزەرا >> دېگەن كىتابى <<بابۇرنامە>>نىڭ ئاخىرىدا <<دۇستۈر ئەل – ئەنۋار>> دېگەن ئىسىم بىلەنمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. <<مەقارىم ئەل – ئەخلاق>> ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ھاياتىغا ئائىت بولۇپ، ئۇنىڭ برىتىش مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان بىردىن بىر نۇسخىسى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، م. ئا. ساليې تەرىپىدىن 1940-يىلى تاشكەندتە نەشىر قىلىنغان.

خاندەمىرنى ئۇلۇغ بىر تارىخچى سۈپىتىدە ئىلىم ساھەسىگە تۇنۇتقان ئەڭ مۇھىم ئەسىرى <<ھەبىب ئەل – سىيەر فى ئەخبارى ئەفراد ئەل – بەشەر>> ناملىق ئومۇمىي تارىخ كىتابىدۇر. ھەر بىرى تۆت قىسىمدىن ئۈچ جىلتلىق قىلىپ يېزىلغان بۇ ئەسەر 1855-يىلى تېھراندا تاش باسمىدا بېسىلغان. 1857-يىلى بومباي ۋالىسى لورد. ژ. ئېلپھىنىستوننىڭ ھېمايىسى بىلەن ئاغا مۇھەممەد ھاشىم كاشانى تەرىپىدىن ناھايىتى ئەستائىدىل ئىشلەنگەن بىر نۇسخىسى ئىنگلىزچە بىر مۇقەددىمە قوشۇپ نەشىر قىلىنغان. ئەسەرنىڭ ئۈچۈنجى جىلتى ئالدىنقى ئىككى جىلتنىڭ بىرلەشمىسىدىنمۇ چوڭراق بولۇپ، ئۇنىڭدا چىڭگىزخاندىن كېيىنكى تۈرك ۋە موڭغۇل تارىخىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئىراندىكى شاھ ئىسمائىلنىڭ پائالىيىتى ۋە دەستلەپكى دەۋردىكى سەفاۋىيلار تارىخىمۇ سۆزلەنگەن ئىدى. خاندەمىر بۇ ئەسىرىنى شاھ ئىسمائىل ۋاپات بولغان يىللارغا قەدەر بولغان ۋەقەلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ، ھىندىستانغا بارغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بەزى مەزمۇنلارنى قوشقان. كىتاپنىڭ تىمورىيلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىن بۇرۇنقى دەۋرلىرىگە ئائىت قىسمى چوڭ دادىسى مىرخاندنىڭ، راشىددىننىڭ ۋە ھاپىز ئەبرۇنىڭ تىمورىيلارغا ئائىت ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان بولسىمۇ، تىمۇرىيلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرى ۋە سەفاۋىيلار تارىخىغا ئائىت قىسمى تامامەن ئورگىنال ھالەتتە يېزىلغان ئىدى. كىتاپنىڭ كىرىش سۆز خاراكتېرىدىكى بىرىنجى جىلتىدىمۇ خاندەمىر بىزگە مەلۇم بولمىغان بەزى ئەسەرلەردىن پايدىلانغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ بۇ ئەسەردىكى تىمۇرىيلار ۋە سەفاۋىيلار دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران تەۋەسىدە ياشىغان ئالىم، ئەدىب، شەيخ، ۋەزىر ۋە سەنئەتكارلار ھەققىدە يېزىلغان تەرجىمىھاللار ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولۇپ، شۇ دەۋرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. شۇڭلاشقىمۇ خاندەمىر بۇنىڭدىن بىر قانچە ئەسىر بۇرۇنلا غەرپلىك شەرقشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارى ئۈستۈن بىر تارىخچى سۈپىتىدە تۇنۇلغان ۋە ئەسەرلىرىمۇ ئىشەنچىلىك ھالدا پايدىلىدىغان ئەسەرلەر قاتارىغا ئېلىنغان. خاندەمىرنىڭ ئەسەرلىرى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى مەۋجۇت نۇسخىلىرى ۋە غەرپتە ئۇلاردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان ئەسەرلەر ھەققىدە رىئېۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان <<برىتىش مۇزىيىدىكى پارىسچە ئەسەرلەر كاتولوگىغا تولۇقلىما>> دېگەن نامدا ئىشلەنگەن بىر تىزىملىكتە مۇھىم مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ.[1]

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. «شىنجاڭ ياشلىرى»، 2010-يىلى، 3-سان.