ختتىت ئىمپېرىيەسى

ئورنى Wikipedia

خىتتىت ئىمپېرىيەسى قەدىمكى غەربىي ئاسىيادىكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتتۇر. ئۇ كىچىك ئاسىيادىكى خىتتىت قەدىمكى پادىشاھلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە كېڭىيىشى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، خاتتۇشاش شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 14-ئەسىردە قۇرۇلۇپ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 12-ئەسىردە يىمىرىلگەن.

ختتىت ئىمپېرىيەسى

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

قەدىمكى غەربىي ئاسىيادىكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتتۇر. ئۇ كىچىك ئاسىيادىكى خىتتىت قەدىمكى پادىشاھلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە كېڭىيىشى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، خاتتۇشاش شەھىرىنى پايتەخت قىلغان.تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 14-ئەسىردە قۇرۇلۇپ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 12-ئەسىردە يىمىرىلگەن. خىتتىتلار ئەڭ دەسلەپتە ھارىس دەرياسى(بۈگۈنكى تۈركىيەدىكى قىزىل دەريا) ۋادىسىدا ياشىغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 17-ئەسىردە كۇسسار شەھىرىنى مەركەز قىلىپ بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرغان. تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1595- يىلى مېسوپوتامىيە رايونىغا تاجاۋۇز قىلپ، قەدىمكى بابىلون بىرىنچى سۇلالىسىنى يوقاتقان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 14-ئەسىرگە كەلگەندە كۈچىيىپ، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى قوزغىغان، تەسىر كۈچى پۈتكۈل غەربىي ئاسىيا رايونىغا كېڭەيگەن. كېيىن مىسىر بىلەن سۇرىيەنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى تالاشقان ۋە كېلىشىم ئارقىلىق سۇرىيەنىڭ شىمالدىكى كەڭ زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 13-ئەسىرگە كەلگەندە تەدرىجىي زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردە ساقلىنىپ قالغان ئۇششاق خىتتىت دۆلەتلىرى ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان. خىتتىت مەدەنىيىتى بابىلون مەدەنىيتى قاتارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى [تەھرىرلەش]

قۇللۇق تۈزۈم بىر قەدەر زور تەرەققىي قىلغان، كۆپ قېتىملىق تاشقى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئەسىر قۇللىرى خىتتىتقا ئېقىپ كىرگەن . پادىشاھ ئۇرۇشتا بۇلاپ كېلىنگەن قۇللار، ئۆي ھايۋانلىرى،يەرلەرنى ۋەزىر ،ئاقسۆڭەكلەرگە ئىنئام قىلىپ قۇللۇق تۈزۈم شەكلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەن، ۋەزىر ، ئاقسۆڭەك ، چوڭ قۇلدارلار ۋە ئىبادەتخانا ھەممىسى غايەت زور دېھقانچىلىق مەيدانى ، مال فېرمىسىغائىگە بۇلۇپ زور بىر تۈركۈم قۇللار ۋە بېقىندا ئەمگەكچىلەرنى تېرىقچىلىق ياكى چارۋا بېقىشقا سالغان.بەزى قۇللۇق تۇزۇمدىكى چارۋىچىلىق فېرمىسى دۆلەت ھالقىغان باشقۇرۇش ئاپپاراتى بولۇپ ، قۇللار دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە ھاقارەت قىلىنغان. خېتتىت قەدىمكى پادىشاھلىقى دەۋرىدە يېزا ئىگىلىك قۇللىرى كۆپلەپ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلارغا مەلۇم ساندا يەر بۆلۈپ بېرىلگەن بۇلۇپ ئېغىر ئىجارە بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك . ئائىلە قۇللىرى ( مالاي )نىڭ ئورنى يۇقىرى بۇلۇپ، ئۇلار بەلگىلىك مىقداردىكى يەر ۋە مال-مۈلۈككە ئىگە بۇلۇپ، ھۈر ئاياللار بىلەن توي قىلسا بۇلىدۇ ( ئەمما چوقۇم بىر قەدەر يۇقىرى بولغان نەرسە تاپشۇرۇش كېرەك) ، ئادەتتىكى مەنىدىكى قۇل ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن قەرزدار قۇللار پەيدا بولغان.

خان جەمەتى بىۋاسىتە نۇرغۇن تېرىلغۇ يەرلەرنى تىزگىنلىگەن بۇلۇپ ، ۋەزىرى ئاقسۆڭەكلەرگە ئىنئام قىلىپ بەرگىننى ھېسابقا ئالمىغاندا خېلى كۆپ قىسم يەر ئۇلۇش يەر شەكلى بىلەن خان جەمەتى ھەربىي خىزمەت ئۆتىگۈچىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.خىتتىت قانۇنىغا ئاساسلانغاندا،يەر ئىگىلىرى ئىككى دەرىجىگە ئايرىلىدۇ : ① «قەبىلە» ياكى «پارچە يەر ئىگىلىگۈچى» ؛ ② « قورالى ( قورال ) ئادەم » ۋە قول سانائەتچىلەر. پادىشاھتىن ئالغان پارچە يەرلەرنى ئېلىپ سېتىشىقا،ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ ،لىكىن ۋارىسلىق قىلسا بولىدۇ، بىر پارچە يەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم خان جەمەتى ئۈچۈن ھەربىي خىزمەت ئۆتەش كېرەك، «قەبىلە» سالاھىيىتى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ، ئۈلۈش يەرلەرنى خان جەمەتىگە قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك.

ئىقتىسادىي ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

دەسلەپكى خىتتىت دۆلىتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى برونزا دەۋرىگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن خېتتىت غەربىي ئاسىيا رايونىدا ئەڭ بالدۇر تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسى كەشىپ قىلغان ۋە تۆمۈر قوراللارنى ئىشلەتكەن دۆلەت. خىتتىتلار تۆمۈر ھەربىي قورال-ياراغلىرى ئىلگىرى مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنى يوقسۇل قىلىۋەتكەن.ئاسسۇرىيە ئادەملىرى تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنى خىتتىتلاردىن ئۆگەنگەن.خىتتىت ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق خېلى تەرەققىي تاپقان، مىس ساپان ، ئورغاقسىمان نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ئومۇملاشقان .كۈمۈش،مىش ، قوغۇشۇن رۇدىسى كۆپلەپ قېزىلىپ، قوغۇشۇن كانى،تۆمۈر قېزىش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ ،ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى تەمىنلىگەن. سودىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي تارماقلارنىڭ بىرى بۇلۇپ قالغان. خىتتىت يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ ، مېتاللۇرگىيە سانائىتىدىن باشقا يەنە ساپال قاچا ياساش ، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. سودا - سېتىقمۇ گۈللەنگەن ، مىسىر بىلەن ، فىنىكى ،سىپرۇس ، ئېگېي دېڭىزىدىكى بىرقانچە ئارال قاتارلىق جايلار بىلەن ئالاقىسى بار.

تەرەققىيات تارىخى[تەھرىرلەش]

پەيدا بولۇشى[تەھرىرلەش]

خىتتىت دۆلىتى كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايوندا بارلىققا كەلگەن.بۇ يەردە ئىپتىدائىي ئاھالىلەر خىتتىتلار دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇلار سېمىتلارغا تەۋە ئەمەس، شۇنداقلا باشقا قەدىمكى مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللاردا، بىرتۈركۈم ھىندى - ياۋروپا ئادەملىرى بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە شۇ جايدىكى خاتتىلار بىلەن بىرلىشىپ، خىتتىتلار شەكىللەنگەن،ئۇلار دېگەن خېتتىت تىلىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى نېغمەت سىتى تىلى.

خېتتىت پادىشاھلىقى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللاردا كىچىك ئاسىيادا بارلىققا كەلگەن قەدىمىي مەدەنىيەتلىك رايون.كىچىك ئاسىيا بولسا يېقىنقى شەرق مەدەنىيىتى بىلەن ئېگېي مەدەنىيىتىنى باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە . ئاسسۇرىيە ئادەملەر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى3000-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2000- يىللىرىنىڭ بېشىغىچە، كىچىك ئاسىيادا بىر قانچە سودا مۇستەھكەملىكىنى قۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى كانىش سودا بىرلەشمىسى. ئاسسۇرىيە ئادەملەر يەنە شىنا يېزىقىنى كىچىك ئاسىياغا ئېلىپ كەلگەن.

گۈللىنىشى[تەھرىرلەش]

مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى20-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە، كىچىك ئاسىيادا كۇسىسار،نېغمەت،خاتتۇشاش قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى تەدرىجىي شەكىللەنگەن.

مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى18-ئەسىردە، كۇسسار پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى سىرتقا كېڭىيىپ، يېقىن ئەتراپتىكى شەھەر دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرۇپ،نېغمەتنى پايتەخىت قىلغان شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇرىيە مۇستەملىكىچىلىكى ئاخىرلاشقان.

مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 17-ئەسىردە، لابارناس ( تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1680 - يىلدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1656 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) كۇسارنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇرغان ۋە خېتتىت قەدىمكى پادىشاھلىقىنى قۇرۇشنى باشلىغان.ئۇنىڭ ئوغلى خاتۇشىلىس Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل ( تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1650 - يىلدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1620 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) دە پايتەختنى خاتوسقا كۆچۈرگەن، سېلسىيەنى بويسۇندۇرۇپ،تېررىتورىيەسىنى ئوتتۇرا دېڭىز بويىغىچە كېڭەيتكەن . مۇرسۇر Ⅰ ( تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1620 - يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1590-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن،ئېفرات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى كاشتلار شەھەر دۆلىتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن، تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1595 - يىلى قارپا شەھىرىنى بويسۇندۇرغان، ئارقىدىنلا بابىلون 1-سۇلالىسىنى مەغلۇب قىلغان. مۇرسۇر Ⅰ ئوردىدىكىلەرنىڭ سۈيىقەست قىلىشى بىلەن قازا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، خېتتىت پادىشاھلىقى ئومۇميۈزلۈك پاراكەندىچىلىك-داۋالغۇش دەۋرىگە قەدەم قويغان، خانلىق ئورنىنى تارتىۋېلىش ۋەقەلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بەرگەن، تېرلى پىنوس( تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى1530 - يىلىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى1510 - يىللىرىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) تەختكە چىققان چاغدا ، خېتتىتنىڭ زېمىنى كىچىكلەپ ئاناتولىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تۆپلىكلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 14 - ئەسىردە دۆلەتنىڭ كۈچى زورىيىپ ، خېتتىت ئىمپېرىيەسىگە ئايلانغان.كېيىن كىچىك ئاسىيادا خېتتىت پادىشاھلىقى قۇرۇلغان.

مۇنقەرىز بۇلۇشى[تەھرىرلەش]

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 13-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا « دېڭىزدىكى مىللەت » شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدا قاپلىغان، خېتتىت پادىشاھلىقى شۇ سەۋەبتىن پارچىلانغان. لېكىن، سىلېسىيە ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا رۇۋى تەسۋىرىي يېزىقىنى ئىشلىتىدىغان كىچىك خىتتىتلار شەھەرلىرى ساقلىنىپ قالغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 8 - ئەسىردە ، ساقلىنىپ قالغان خېتتىت پادىشاھلىقى ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.