خرىستىئان دىنىنىڭ جۇڭگوغا تارقىلىشى

ئورنى Wikipedia

خرىستىئان دىنى تاڭ تەيزۇڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە جۇڭگوغا كىرگەن. مىلادىيە635 - يىلى، سۇرىيىلىك ئولوپېن پېرسىيە (ھازىرقى ئىران) ئارقىلىق جۇڭگونىڭ چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن) شەھىرىگە كېلىپ، خرىستىئان دىنىنى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشقا كىرىشكەن، تاڭ تەيزۇڭ ئۇنى ئوبدان كۈتۈۋالغان. 3 يىلدىن كېيىن، پارس چېركاۋى دەيدىغان چېركاۋ سېلىنغان، كېيىن ئۇ داكچىن ئىبادەتخانىسى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قاراپ تەرەققىي قىلغان. مىلادىيە781 - يىلى يەنە «چىن جىڭجياۋ (نېستورى) دىنىنىڭ جۇڭگوغا تارقالغانلىق ئابىدىسى» تىكلەنگەن، خرىستىئان دىنى جۇڭگودا جىڭجياۋ دىنى دەپ ئاتالغان. ئېگىزلىكى36 . 2 مېتىر، كەڭلىكى86 . 0 مېتىر، قېلىنلىقى25 . 0 مېتىر كېلىدىغان بۇ تاش ئابىدە ھازىر شىئەندىكى شەنشى ئۆلكىلىك مۇزېيدا ساقلانماقتا. ئابىدىگە خەنزۇچە1780 خەتلىك تېكىست ئويۇلغان ھەمدە قەدىمكى پارسچە ئىمزا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خرىستىئان دىنىنىڭ ئېلىمىزگە تارقىلىش جەريانى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.

«جىڭجياۋ» دىنى جۇڭگودا210 يىل تارقالغاندىن كېيىن، تاڭ ۋۇزۇڭنىڭ بۇتلارنى يوقىتىش ھەرىكىتىگە چېتىلىپ قالغانلىقتىن، 2000 دىن ئارتۇن روھانىي قوغلاپ چىقىرىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، خرىستىئان دىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن يوقىلىشقا باشلىغان، لېكىن قىتان ۋە موڭغۇللار ئارىسىدا يەنىلا داۋاملىق تارقالغان. 13 - ئەسىرگە كەلگەندە، موڭغۇل قوشۇنىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن خرىستىئان مۇرىتى موڭغۇل ئارمىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن، خېلى كۆپ موڭغۇل ئەمەلدارلار ۋە ئەسكەرلەرمۇ خرىستىئان دىنىغا كىرگەن. يۈەن سۇلالىسى بىلەن رىم ۋاتىكانى تېخى خەت - چەك ئالاقىسى قىلىشقان.

يۈەن سۇلالىسىنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، خرىستىئان دىنى ئېلىمىزدە يەنە بىر قېتىم غايىب بولغان. 16 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىگە كەلگەندە، پورتۇگالىيە روھانىيلىرى ئېلىمىزگە كېلىپ خرىستىئان دىنىنى تارقىتىشقا باشلىغان. 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئاۋمېننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، روھانىيلار ئۇلارغا ئەگىشىپ ئاۋمېنغا كەلگەن. مىلادىيە1582 - يىلى، ئىتالىيىلىك داڭلىق روھانىي ماتېئورس ئېلىمىزگە كېلىپ، گۇاڭجۇنىڭ جاۋجۇ دېگەن يېرىدىن بېيجىڭغىچە بارغان. ئۇ دەسلەپتە جۇڭگوغا كېلىشكە ئىلتىماس سۇنغان، كېيىن بولسا ئۆلىما سالاھىيىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، نۇقتىلىق ھالدا دوختۇرلار ئارىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ماتېئورس قاتارلىق كىشىلەر ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق، جۇغراپىيە قاتارلىق بىلىملەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، دىنىي ئەقىدىلەرنى تارقاتقان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ شىغاۋول پىرقىسى، دىۋان بېگى، داڭلىق ئالىم سۈي گۇاڭچى دەل ماتېئورسنىڭ ئىلھامى بىلەن دىنغا كىرگەن ھەمدە كاتولىك دىنىنى تارقىتىشنىڭ قوللىغۇچىسى بولۇپ قالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى يىللىرىغا كەلگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ28 شەھىرىدە كاتولىك دىنى چېركاۋى قۇرۇلۇپ، مۇرىتلىرى110 مىڭ كىشىگە يەتكەن.

ئەپيون ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، جاھانگىر دۆلەتلەر ئېلىمىزگە توختىماستىن روھانىيلارنى ئەۋەتىپ تۇرغان، ئۇلار دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، ئاستىرتىن ئاخبارات توپلىغان. ئەپيون ئۇرۇشىدىن كېيىن، چىرىك چىڭ سۇلالىسى خانىدانلىقى جاھانگىر دۆلەتلەر بىلەن ھوقۇقتىن مەھرۇم قالىدىغان، ۋەتەنگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان بىرمۇنچە تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىلەرنى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامىلەرنىڭ سايىسىدا نۇرغۇن روھانىيلار ئېلىمىزگە كىرگەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەسكىلىك، يامانلىق قىلىپ، ئېلىمىز خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، بۇنىڭ بىلەن، چەت ئەللىك دىن تارقاتقۇچىلارغا قارشى بىر قاتار ۋەقەلەر يۈز بەرگەن.