خوتەنلىكلەر ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى
خوتەن قەدىمىي يىپەك يۇرتى تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بۆشۈكى. تارىخىي كىتابلاردا قەيت قىلىنىشىچە، 2000 يىللار ئىلگىرى خوتەنلىكلەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيتى داۋامىدا، ئۆسۈملۈك، مېنرال ماددىلار، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ شىپالىق تەرەپلىرىنى بايقاپ، كېسەل داۋالىغان ھەمدە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، سودا كارۋانلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ھىندىستان، پاكىستان، ئىران، قەدىمكى يۇنان ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ تېبابەت جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بىر قىسىم دورا ئۆسۈملۈكلەرنى كىرگۈزۈپ ۋە ئۆزلىرىنىڭكىنى چىقىرىپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنى راۋاجلاندۇرغان ھەم ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە رېتسىپلارنى ئىجاد قىلىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مىراس قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىيات قەدىمى ئۈچۈن داغدام يول ئېچىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن داڭلىق تېۋىپلار يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرۇپ بۇ قەدىمكى يۇرتنى يىراق – يېقىنغا تونۇتقان. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ تومۇر تۇتۇش ئۇدۇمى، بىر قىسىم يۇقىرى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە مەخپىي رېتسىپلىرى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، شاگىرىتلىرى تەرىپىدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن. ھازىر خوتەندە بۇرۇنقى كوچا – كويلاردا، ئۆيلەردە تومۇر تۇتۇپ، دورا بېرىشتىن تەرەققىي قىلىپ، قەۋەت – قەۋەت بىنالاردا كېسەل كارىۋىتى تەسسس قىلىنغان، شەخىسلەر ئىگىلىكىدىكى نەچچە ئون ھەتتا 100 گە يېقىن خىزمەتچىسى بار مۇنتىزىم مەخسۇس ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرى قەد كۆتۈردى.
خوتەنلىقلەر تۇرمۇشى تېبابەت بىلەن زىچ باغلانغان. خوتەنلىكلەرنىڭ كۆپ قىسىمى تېبابەتنى چۈشىنىدۇ ھەم بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تومۇر تۇتۇپ كېسەل داۋالىيالمىسىمۇ، يېمەك – ئىچمەك ئارقىلىق مىجەزىنى تەڭشىيەلەيدۇ، تۈرلۈك مۇراببا، گۈلقەنتلەرنى ياسىيالايدۇ. بەزى كېسەللەرگە ئۆزلىرى دورا سېتىۋېلىپ يەيدۇ ياكى خۇرۇچنى سېتىۋېلىپ ئۆزلىرى ياساپ، كېسەللىرىنى داۋالىيالايدۇ. مەسىلەن، چوڭلار بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىپ كەتسە، قان بېسىمى ئۆرلەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ دەرھال قېتىق ئىچىپ، قارا ئۆرۈك، ئەينۇلا قاتارلىق تەبىئىيتى سوغۇق مېۋىلەردىن ياسالغان مۇراببا، شەربەتلەرنى ئىچىپ، قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرۇشىنى؛ ئەرلەر كېسەللىكىلىرىنى ھېس قىلسا يەرلىك غاز، توخو تۇخۇملىرىنى، پاخلان، ئوغلاق كاۋاپلىرىنى يەپ، سوغۇق ئىچىملىك، ئاچچىق – چۈچۈك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇپ، رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدىغان تېبابەت دورىلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنى داۋالاشنى؛ ئاياللار ئۆز كېسەللىرىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشتىن سىرت، ئانار گۈلقەنتىنى يەپ قان تولۇقلاشنى، ئائىلىدە ئىسسىقلىق دورىلىرىنى قاينىتىپ ھوردىنىپ، بىر مەزگىل سوغۇق سۇدىن ئۆزىنى چەكلەپ بەدىنىدە كۆرۈلۈۋاتقان زەئىپلىكنى داۋالاشنى؛ ئانىلار بوزۇغا، موزا، جوزا قاتارلىق ئىسسىقلىق دورا بىلەن، ئوغۇل تۇغقان ئانا بىلەن قىز تۇغقان ئانا سۈتىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ بەدىنىنى سوغۇق ئېلىش، قۇلىقى ئاغرىش، يىغلاڭغۇلۇق، ئۇيقۇسى ئاز بولۇش قاتارلىق كېسەللەرنى؛ ئاپتاپقا قاقلاش، بالىلارنى يۇمشاق توپىغا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق كالىتسىي كەملىكنى داۋالاشنى بىلىدۇ. ئانىلار قىزلىرىغا بۇ ئۇسۇللارنى ئۈگىتىپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. يەنە ھەممە ئائىلىلەردە ھەرخىل گۈللەردىن گۈلقەنت تەييارلاش، دورىلىق چاينى ئۈزۈپ قويماسلىق، ھەسەلنى ئەڭ مۇھىم ئوزۇقلۇق ھەم پارچە كېسەلگە شىپا ھەپ ئىستېمال قىلىش ئادەتكە ئايلانغان.
ئادەتتە خوتەنلىكلەر ئىچىدە دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنىدىغانلاردىن تېۋىپقا كۆرۈنىدىغانلار كۆپ. [1]
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]- ↑ مۇھەررىر : قەيـسەر ؛مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 10- 31 11:58؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-10/31/content_123996.htm؛