خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى
«خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى » ، تولۇق ئىسمى «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى (1933-1934)يىللار» ناملىق كىتاپ تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل تۇران نەشرگە تەييارلىغان بولۇپ، 2023-يىلى تۈركىيەدە يورۇق كۆردى.
مەزكۇر كىتاب بۇ ئاي خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نەشر قىلىنغان بولۇپ، خوتەن ئىنقىلابى ھەققىدە كۆپ يېڭى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۇنجى كىتاب ئىكەن. مەزكۇر كىتاب 382 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابقا خوتەن ۋە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى توغرىسىدا يېزىلغان 11 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن.
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «1933-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى خوتەندە مۇھەممەد ئىمىن داموللام باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى باشلىنىپ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، يېڭىساردىن چەرچەن، چاقىلىققىچە بولغان زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. بۇنىڭغا بۇ يىل دەل 90 يىل بولدى. خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ‹خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى› نامىدا بىر ئابىدە تىكلەش مەقسىتى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابلېكىم ئىدرىسنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ كىتابنى نەشر قىلدۇردۇق».
ئابدۇجېلىل تۇران: «كىتابىمىزنىڭ ئاخىرىغا خوتەندە ئىز قالدۇرغان ئىنقىلاب رەھبەرلىرى، ئالىم، ئۆلىما ۋە مائارىپچىلاردىن 41 كىشى تاللاپ كىرگۈزۈلدى. گەرچە خوتەندە ئۆز ۋەتىنى ۋە مىللىتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، بۇ كىتابىغا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 41 كىشىنى تاللاپ كىرگۈزدۇق».