خوتەن گېزىتى

ئورنى Wikipedia

<خوتەن گېزىتى> - خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى، <خوتەن گېزىتى> 1938 - يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان، 1941 - يىلى مىخ مەتبەدە <خوتەن - شىنجاڭ گېزىتى> رەسىمىي نەشر قىلىنىپ، ئاشكارا تارقىتىلغان، 1946 - يىل 6 - ئايدا گېزىت نامى <خوتەن گېزىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن، 1947 - يىلنىڭ باشلىرىدا بۇ گېزىت توختىتىلىپ، يىل ئوتتۇرىسىدا <بىرلىك> نامى بىلەن نەشر قىلىنغان، 1948 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ گېزىت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، 1949 - يىل 7 - ئايدا <تەكلىماكان گۈلى> گېزىتى نەشر قىلىنغان، 1949 - يىل گېزىت نامى <ئىلغار> غا ئۆزگەرتىلگەن، 1950 - يىل 3 - ئايدا <ئىلغار> گېزىتنىڭ نامى <يېڭى خوتەن گېزىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن، 1954 - يىلى بۇ گېزىت قەشقەردە نەشر قىلىنىدىغان <جەنۇبىي تىيانشان گېزىتى> گە قوشۇۋېتىلگەن. 1956 - يىل 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن <خوتەن گېزىتى> نەشر قىلىنشقا باشلاپ، ھازىرغىچە ھەپتىدە ئۈچ سان، چوڭ فورماتلىق نەشر قىلىنىۋاتىدۇ.  <خوتەن گېزىتى> ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئۆز سەھىپىلىرىدىن خېلى بالدۇرلا ئورۇن بەرگەن. گېزىت نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن <كوئېنلوندا باھار> مەخسۇس ئەدەبىيات بېتى تەسىس قىلىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرغان.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]