خوشاڭ

ئورنى Wikipedia

خوشاڭ[تەھرىرلەش]

— قىيمىلىق تاماقلار ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان بولۇپ ، بۇ مانتا ، سامسا ، گۆش نانغا ئوخشاش يېيىشلىك .

خوشاڭغا كېتىدىغان خۇرۇچلار[تەھرىرلەش]

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام ، يېڭى قوي گۆشى ئىككى كىلوگرام ، پىياز بىر كىلوگرام ، تۇز سۈيى 150 كىلوگرام ، قىزىق سۇ 400 – 500 گرام ، خېمىر تۇرۇچ ، قارىمۇچ ۋە ئاقمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا .

تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

ئۇنغا مۇۋاپىق مىقداردا خېمىر تۇرۇچ ، ئېرىتىلگەن تۇز سۈيى ، قىزىق سۇ قۇيىمىز . خېمىرنى بوش يۇغۇرۇش كېرەك ، ئاندىن مايلىق يۇمشاق گۆشنى ئۇششاق قىيما قىلىپ ، پىياز ، سوققان كاۋاۋىچىن ، 100 گرام تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز . ئاندىن بولغان خېمىرنى 70 گرامدىن زۇۋۇلا ئۈزۈپ ، بولاق مانتىنىڭكىدەك جىلتا ئاچىمىز . تەييارلانغان جىلتىلارغا 150 گرامدىن قىيما سېلىپ ، بولاق مانتىدەك تۈگۈپ ، قازانغا ماي قۇيۇپ ، قازانغا ياكى تاۋىغا سېلىپ تىزىپ قىزارغۇچە پىشۇرۇپ ، 300 گرام سۇنى قۇيۇپ دۈملەپ سۇس ئوتتا 20 مىنۇت تۇرغۇزىمىز . 20 دانە خوشاڭنىڭ خېمىرىنى كىچىكرەك زۇۋۇلا تۇتساق 40 دانە خوشاڭ قىلغىلى بولىدۇ .

خوشاڭلار[تەھرىرلەش]

1.خوشاڭ

2.ماي خوشاڭ

3.شور خوشاڭ

4.كاۋا خوشاڭ

5.گۆشى قورۇلغان خوشاڭ

6.بۆرەك خوشىڭى

7.قېزا خوشىڭى

8.يۈرەك خوشىڭى

9.ئات يۈرىگى خوشىڭى

10.چۆچۈرە خوشىڭى

11.پېتىر خوشاڭ

12.قاتلىما خوشاڭ

13.بۆدۈنە گۆشى خوشىڭى

14.توخۇ گۆشى خوشىڭى

15.قىيما كاۋاپ خوشىڭى

16.چۇجۇق خوشىڭى

17.تىل خوشىڭى

18.بېھى خوشىڭى

19.تاتلىق خوشاڭ

20.مايدا پىشۇرۇلغان خوشاڭ

21.ياڭاق خوشىڭى

22.گۆش خوشىڭى

پايدىلانغان ماتېرياللار[تەھرىرلەش]

1. ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى (شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى. 2007-يىل 6-ئاي 1-نەشىرى)

2. تەڭرىتاغ تورى 1