خىتاي ئېلان قىلغان كورونا ۋىروسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى توغرىمۇ؟

ئورنى Wikipedia

ئاپتورى: ئابدۇ فايىد

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلى مۇھەممەد

خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ئۆلۈم ۋەقەسىنى ئەسلەپ باقايلى.  ستالىن ۋە ماۋ زېدۇڭ زامانىدا خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى.

خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەندىزىسىنى ئۆرنەك قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ، مۇتەخەسسىسلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئەۋەتتى، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يېقىلغۇ، ھەتتا زاۋۇت قۇرۇلمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلەردە گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ قايتىپ كەلدى، قەرزلەر دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئارقىلىق قايتۇرۇلماقچى بولدى.

ئەمما خرۇشېۋ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بەردى، ئۇ 1956-يىلى ئۆزىنىڭ مەشھۇر نۇتۇقىدا ستالىننىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئەيىبلىدى، شۇنىڭ بىلەن يوللار ئايرىلدى.

ماۋ ئۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى رەقىبىنى شوۋىنىزمچى دەپ قاراپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيە ئىچىدىمۇ ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى تەنقىد قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈۋاتقان ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى.

ئۇ يېڭى بىر ھىيلە-مىكىرنى ئويلاپ چىقتى. ئۇ ئۆزىنى ئۆز-ئىچىگە ئالغان كومپارتىيىنىڭ بارلىق رەھبەرلىرىنى تەنقىدلەش ھەرىكىتى قوزغىدى، نەتىجىدە يازغۇچى ۋە زىيالىيلار بەس-بەستە ئەرز-شىكايەتلەرنى مەيدان ۋە پارتىيە مەركەزلىرىدە تارقىتىپ تاملارغا چاپلاشقا باشلىدى.

ئۇلار ئىسلاھات دەۋرى باشلاندى، دەپ قارىدى، لېكىن بۇ ماۋنىڭ قىلتىقى ئىدى.  500 مىڭدىن 1 مىليونغىچە كىشى ماۋنىڭ قىلتىقىغا چۈشتى. ئۇلار ئەكسىيەتچىل ئۇنسۇرلار دەپ ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىغا قامالدى، بۇ ھەرىكەت كېيىنچە «يۈز ئەتىرگۈل ھەرىكىتى» دەپ ئاتالدى.

ماۋ زېدوڭ پارتىيىسىنىڭ ئىچىدىكى يېڭى «خرۇششىيوف» تەرەپتارلىرىنىڭ خەتىرىدىن خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئەندىزىسىگە جەڭ ئېلان قىلدى. خرۇششىيوف دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ئامېرىكىدىن ئىشىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى جاكارلىدى، ماۋ زېدۇڭ بولسا يۈكسەك ئىرادىلىك پىلانى بىلەن جۇڭگونىڭ پولات – تۆمۈر مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان بۈيۈك برىتانىيەدىن ئېشىپ كىتىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن ئىنكاس قايتۇردى. خىتاينىڭ يىللىق پۇلات-تۈمۈر مەھسۇلات مىقدارى 5 مىليون توننا ئىدى، ماۋ زېدۇڭ ئۇنى ئۈچ يىل ئىچىدە نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇشنى ۋە 1958-يىلنىڭ بېشىدا ئومۇمىي ئىشلەپ چىقىرىشنى 100 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلدى، ئۇ بۇ ھەرىكەتنى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ھەرىكىتى دەپ ئاتاپ، بارلىق دېھقانلارنى بۇ ھەرىكەتكە سەپەرۋەر قىلدى. دېھقانلار دۆلەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاپ قول ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىنى پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتىدى، ئۇلار قازان-قومۇچلىرىنى يىغىپ، يېزىلاردىكى ئىپتىدائىي ئوچاقتا ئېرىتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەھبەرلەرنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. يالغان گەپلەر تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ كەتتى، تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئاران بىر توننا گۈرۈچ ئالغىلى بولىدىغان ئېتىزلىقتىن 20 توننا گۈرۈچ ئېلىندى، دەپ تەشۋىقات قىلدى. يامان بولغىنى، بۇ دېھقانلاردىن تېخىمۇ كۆپ باج ئېلىشتىن دېرەك بېرەتتى، دېھقانلار ئۇ باجنى زاپاس ئاشلىقلىرىدىن بېرىشكە مەجبۇر بولدى، ئۇلار ئېتىزلىقىدىن چىققان بىر توننا گۈرۈچكە 20 توننا گۈرۈچنىڭ بېجىنى تاپشۇردى ۋە ئۇلارنىڭ زاپاس ئاشلىقى ئازايدى. خىتايلار ئاخىرىدا ناچار پولات – تۆمۈر ئىشلەپ چىقىرىش بىلەن بىرگە ئاچارچىلىققا دۈچ كىلىپ قوش مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولدى.

1958-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شەندۇڭ ئۆلكىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئېشىپ تەخمىنەن 1 مىليونغا يەتتى. چاۋشيەن ئۇرۇشىدىكى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ۋە ماۋ زېدۇڭنىڭ بۈيۈك يۈرىشىدىكى دەپدىشى «پېڭ دۇڭخۇەي» لۇشەن يىغىنىدا «چوڭ سەكرەش ئالغا ئىلگىرىلەش»نىڭ ئاقىۋىتىنى تەنقىد قىلدى، ماۋ ئۇنىڭغا قاتتىق رەددىيە بېرىپ، ئۇنىڭ كەلگۈسى 40 يىل ئىچىدە ئانىسى بىلەن بىللە تۇرىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئۆلۈم خەۋىرى كۆپەيگەنسىرى، كوممۇنىستىك پارتىيە سىياسىي بيۇروسىدىكى ئۈچ ئەمەلدار يېزىلاردىكى ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئىستاتىستىكا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى، دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 1959-يىلى 10 مىليون ئادەم ئۆلگەن، باش مىنىستىر جۇ ئېنلەي دوكىلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.  نەچچە مىليون ئادەم ئۆلۈپ، ئاچ قالغان بولسىمۇ ھۆكۈمەت بۇنى مەخپىي تۇتقان. بەلكى تېخى، دۆلەت تەشۋىقات ئورگىنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنياڭ شەھىرىدە يېزا پاراۋانلىق كىنولىرىنى ئىشلەپ، بۇ ئۆلكىنى نەمۇنىلىك ئۆلكە قىلغان. پايتەخت بېيجىڭدىكى كىشىلەر بۇ ئۆلكىدە بىر مىليون ئادەمنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن بىخەۋەر قالغان، ئۇلار بۇنى قەيەردىن بىلسۇن! ماۋ كۆپچىلىككە ئىشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن گۈزەل قىزلار بىلەن تانسا ئويناپ كۆڭۈل ئاچقان.

پەقەت بىر ئادەم جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ماۋ جى توڭنىڭ رومانىنى دەلىللىمەكچى بولغان. ئاچارچىلىقتا قازا قىلغانلارنىڭ سانىنى ئېگەللەش ئۈچۈن خېنەندىكى يېزىغا بارغان خىتاي رەئىسى ليۇ شاۋچى دېھقانلارنى يىغىپ قازا قىلىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغان، ئۇلار ھەقىقەتنى ئاشكارىلاشتىن قورقۇپ يالغاندىن ئۇنىڭ سەۋەبىنى «قۇرغاقچىلىق» دەپ بىلدۈرگەن، ئەمما رەئىس ئۇلارغا ئىشەنمىگەن، چۈنكى ئۇ يېزىلاردا چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەندە سۇ ئېقىنلىرىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئەمما سۇ ئېقىنلىرىدا يېرىم سۇ ئېقىۋاتاتتى. ئۇ جاھىللىق بىلەن جاۋابقا ئېرىشكۈچە سوئالىنى قايتا-قايتا سورىغان. ئاخىرىدا بۇ ئۆلۈم ۋەقەسىنىڭ ئوتتۇز پىرسەنتى تەبىئىي ئاچارچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئەمما قالغان %70 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى ئىنسانلار تەرىپىدىن يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارا بولغان. رەئىس ليۇ شاۋچى بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقەتنى ئېيتقان.  ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبى چوڭ سەكرەپ ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكىتى ئىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن رەئىس ھوقۇقنى دوستى دىڭ شياۋپىڭ بىلەن زۇئەي لەيگە تاپشۇرغان، ئۇلار باشلامچىلىق قىلىپ، ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا تۇتۇش قىلغان. دېھقانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئىگە بولۇشىغا يول قويۇپ پولات-تۆمۈر سانائىتىگە مەركەزلىشىشنى توختاتقان.  ماۋ ئۆزىنىڭ «كۆچۈش» كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ سىياسىي ساھەدىن چىكىنىپ چىققان ۋە ھۆججەتلىرىنى رەتلەش ئۈچۈن يېزىغا كەتكەن. ئەمما ئۇ نەچچە ئايدىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ ئىشىكتىن قايتىپ كەلگەن. ئۇ ۋاقىتتا پارتىيەدىكى ياشلارنىڭ ھوجۇم نىشانى بولغان.

ماۋ بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دۆلەتتىكى ئەكسىيەتچىلەر، رېۋىزىيە خادىملىرى، ئوڭچىللار ۋە بۇرژۇئازىيە مەنسۇپلىرىنى جازالاش ئۈچۈن، ياشلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىدىن پايدىلانغان. ياشلار ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ دوختۇر، مىنىستىر، ئۆلكە باشلىقى، يازغۇچى، ئارتىس ۋە ئالىملارنىڭ پىشىگە چۈشكەن ۋە خەلق سوتى ئېچىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغان.

سىز تۈۋەندە ئىسمىنى ئېيتىپ بىرىدىغان فىلىمدە ئۇلارنىڭ بىرىنى كۆرەلەيسىز. بىر مېيىپ ئەر كامىرا ئالدىدا مۇخبىرغا پالەچ بولۇپ قالغانلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. قىزىل ئارمىيە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى قورشىۋېلىپ ئۇنى تۇتقۇن قىلغان ۋە جىسمانى جەھەتتىن تەسۋىرلىگۈسىز قىيىن-قىستاققا ئالغان، ئۇ ئۇنداق قىيىنالغۇچە ئۆلۈپ كىتىشنى ئويلاپ تۆتىنچى قەۋەتتىن سەكرىگەن. ئەمما ئۇ ئۆلمەي پالەچ بولۇپ، پۈتۈن ئۆمرىدە چاقلىق ئورۇندۇققا مەھكۇم بولغان.

بۇ كىشى خىتاي مېيىپلار جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى رەئىسى دىڭ بۇفاڭ بولىدۇ. بۈيۈك سەكرەش ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچارچىلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پرېزىدېنت لىيۇ جاۋشىغا ياردەمچى بولغان ۋە ماۋ ئۆلگەندىن كېيىن خىتاينىڭ رەھبىرى بولۇپ ئىسلاھاتنى كەڭ ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغان دېڭ شياۋپىڭ قەيەردە قالدى؟ كورېيە ئۇرۇشىدىكى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ رەھبىرى پىڭ دۇڭخۇەينىڭ چوڭ سەكرەشكە تۇنجى قارشى چىققانلىقى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇ چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن تۆھمەت قىلىنىپ قولغا ئېلىنىپ خار ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە، رەئىس ليۇ چاۋشى بۇنى ئۇنتۇپ قالارمۇ؟ قىزىل ئارمىيە ئۇنىڭ ئۆيىنى قورشاپ، ئۇ ئىلگىرى ئاممىغا خىتاب قىلغان جوڭ ۋەن خەي مەيدانىغا سۆرەپ چىقىدۇ، ياشلار چۇقان-سۈرەن سېلىپ ئۇ تەرەپكە يۈرۈش قىلغاندا ئەسكەر ئۇنىڭ بېشىنى يەرگە ئېگىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئوچۇق-ئاشكارە كۆرۈنۈشى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئەڭ ناچار تۈرمىگە سولىنىپ كىسىلىمۇ داۋالانماي 1969-يىلى ئۆلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈم ئىسپاتىغا « كەسپى: نامەلۇم» دەپ يېزىلىدۇ.

ماۋ نادانلىق ۋە مەغرۇرلۇق بىلەن 1958-1961-يىللىرى ئارىسىدا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئاچارچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان «بۈيۈك سەكرەش» سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سانى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنىڭ ھەممىسىنى يوشۇردى، مىليونلىغان ئادەم ئاچارچىلىقتىن ئۆلىۋاتسا ماۋ تەشۋىقات ۋاستىسىدا ناھايىتى كۆپ مول-ھۇسۇل ئالغانلىقىنى جاكارلاپ خۇشاللىقىنى ئىپادىلىدى ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ سىياسەتنى تەنقىد قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. بۇ ھەقتىكى دوكلاتلار يوق قىلىندى ۋە سىياسىي بيۇرونىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بۇ ھەقتە سۆزلەشتىن چەكلەندى، ئۇلار جۈرئەت قىلىپ ئېغىز ئاچسا ئۇنىڭ بەدىلى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ئاچچىق جازا بۇلاتتى. 1976-يىلى ماۋ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاپەتنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى. قىسقىغىنا 3 يىلدا ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن 30 مىليوندىن 43 مىليونغىچە ئىنسان ۋاپات بولغان ئىدى.

بۇ ھېكايە ھەققىدە شۇ دەۋردە ياشىغان پېشقەدەم رەھبەرلەرنىڭ پەرزەنتلىرى، پرېزىدېنت لىيۇ چاۋشىنىڭ قىزى، دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئوغلى قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بۇلالايمىز. «جۇڭگو ئەپسانىسى ماۋ» ناملىق 5 قىسىملىق ھۆججەتلىك ماتىريالنىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى قىسىمى بۇ ھەقتە تەپسىلى توختالغان.

ئەگەر سىز خىتاي كورونا ۋىروسى بىلەن نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ، دەپ قارىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز، خىتاي كۆپ يىللاردىن بۇيان دۇنيادىن ۋە ئۆز خەلقىدىن 43 مىليون پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئاچارچىلىقنى يوشۇرۇپ كەلدى.

ماۋ ۋاپات بولغاندىن كېيىن دېڭ شياۋپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. دېڭ شياۋپىڭ ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقى ۋە ماۋچى قىزىل ئارمىيە ئۇنىڭ ئوغلىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىنمۇ؟ توغرا، ئەلۋەتتە ئۆچ ئالىدۇ، ئۇ ئىقتىسادى سىياسەتنى كاپىتالىزىمغا ئۆزگەرتتى.

دېڭ شياۋپىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى سوتىدا مەغلۇپ بولغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ قاتتىق قول رەھبىرى، تۆت كىشىلىك گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشى، شۇنداقلا ماۋنىڭ ئايالى جياڭ كىڭنى تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر تۈرمىگە مەھكۇم قىلدى.

ئەمدى ماۋنىڭ ئاپەتلىرى تەكرارلانماسمۇ؟ ياق.. چوقۇم تەكرارلىنىدۇ.

كوممۇنىزم لاگېرى 1989-يىلىدىن باشلاپ يىمىرىلىشكە باشلىدى، 3-قېتىملىق دېموكراتىيە دولقۇنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. خۇددى دېڭ شياۋپىڭ «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ۋە «ئاچارچىلىق» ۋەقەلىرىدە ئۆزىنىڭ داھىسى ماۋنىڭ قارشىسىدا تۇرغىنىغا ئوخشاش، پارتىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى خۇ ياۋباڭ دېڭ شياۋپىڭنىڭ قارشىسىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

دېڭ شياۋپىڭ ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش كۆرۈپ دۈشمىنىنى ئۆلتۈرمىدى ياكى تۈرمىگە تاشلىمىدى، پەقەت 1989-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋاپات بولغۇچە ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى چەكلەپ قويدى،  دېڭ شىياۋپىڭ خۇ ياۋباڭنىڭ ئۆلىمىنى ئىسلاھات دولقۇنىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى دەپ ئويلاپ قالدى، ئەمما بۇ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئىسلاھات دولقۇننىڭ باشلىنىشى ئىدى. خۇ ياۋ باڭنىڭ ئىسلاھات ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلار دەپنە مۇراسىمى كۈنىنى پۇرسەت بىلىپ كومپارتىيىنىڭ باش شىتابى ئالدىدا نامايىش قىلىپ دېموكراتىيە تەلەپ قىلدى. نەچچە ئونلىغان كىشىلەر بىلەن باشلانغان نامايىش تىيەنئەنمىن مەيدانىدا نەچچە يۈزمىڭ ئادەم توپلانغان خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ نامايىشقا ئايلاندى.

خىتاي ئوبرازىغا تاغ تەككۈزگەن بىر مەنزىرە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ، ۋېئىر كەيشى ئىسىملىك بىر ياش تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ داھىيلىرىدىن تەشكىللەنگەن ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇچۇق- ئاشكارا ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرىدۇ. ھەتتا ئۇلار زۇڭلى ۋەكىللىكىدىكى ھوقۇقلۇق ئورگانلارنى ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. كەيشى دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە يەر شارىدىكى نەچچە يۈز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىدە، ئوڭ پۇتىنى سول پۇتىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ھالەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق ئەربابىنى ئەيىبلەيدۇ. ئۇ دۆلەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىپ خەلق ئىرادىسىنىڭ مۇقەررەر غەلىبىە قىلىدىغانلىقىغا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارىغان ئىدى. ئۇ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كۈچلۈك رەھبەر دېڭ شياۋپىڭنىڭ تيەنئەنمېندىكى ئۆكتىچىلەرنى تارمار قىلىش پەرمانىغا ئىمزا قويۇشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.

بىر ھەربىي گارنىزون مەيداننى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئون چاقىرىم دائىرىدە، ھەربىي گارنىزون ئەسكەرلەرگە كىيىم ۋە يېمەكلىك ئېلىپ كەلگەن نامايىشچىلار بىلەن كۈچلۈك ئالاقە ئورنىتىدۇ. بېيجىڭ بۇ گارنىزوننى چېكىندۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېزىلاردىن ئىككى يۈز مىڭ ئەسكەر ئالماشتۇرىدۇ، ھۆكۈمەت قۇرال ۋە تانكىلار بىلەن رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىشتىن ھېچ چىكىنىدىغاندەك كۈرۈنمەيدۇ، بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن قىرغىنچىلىق باشلىنىدۇ، بۇ خەۋەر پايتەخت خەلقىنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ، ئۇلار مەيداننى قوغداپ تانكىلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن مەيدانغا تۆكۈلىدۇ، تانكىلارنى كۆيدۈرۈپ ئەسكەرلەرنى ئۆلگىچە دۇمبالايدۇ. ئاخىرىدا ئالدىنئالا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان پىلان ئىجرا قىلىنىدۇ، قىزىل ئارمىيە مەيدان ئەتراپىغا جايلاشقان بارلىق كوچىلاردىكى ھەرىكەتچانلىقىنى تارمار قىلىدۇ، يۈزلەرچە ئادەم قازا قىلغاندىن كېيىن نامايىشچىلار ئاخىرىدا تەسلىم بولىدۇ. ئۇ يەرگە جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىمۇ كەلمەيدۇ. كىشىلەر يارىدارلارنى ھارۋا بىلەن تۇشۇيدۇ. ئۇلار يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان پەيتتە ئوققا تۇتۇلۇپ يارىدارلار بىلەن بىللە ئۆلىدۇ. تاڭ ئاتقاندا كىشىلەر ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئىزدەپ مەيدانغا كەلگەندە بەزىلىرىنىڭ دۈمبىسىگە، يەنى بەزىلىرىنىڭ بېشىغا ئوق تىگىپ ئۆلگەنلىكىنى كۆرىدۇ. ھۆكۈمەت تيەنمېنمېن ھەرىكىتىنى يوقىتىپ، ئانچە تونۇلمىغان ھەرىكەت رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىپ نەق مەيدان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. 21 داڭلىق ئوقۇغۇچى ۋە پېشقەدەم زىيالىيغا ئەيىبنامە تارقىتىپ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 40 نەپەر ئوفېتسىر تەيىنلەيدۇ.

ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان شياڭگاڭدا فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ئەترىتى مەخپىي تور قۇرۇپ، ھەرىكەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋاسىتىچى بولسا ھۆكۈمەتتە بولمىغان ئالاقە قوراللىرىنى كونترول قىلىدىغان «خىتاي مافىيىسى» ئىدى. مافىيە تەلىماتلارنى يۆتكەشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئاندىن ئۆكتىچىلەرنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ يۆتكىمەكچى بولىدۇ.

بىرىنچىسى، ئۇلارنى يوشۇرۇنغان جايلىرىدىن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىغا 2000 كىلومىتىر يىراقلىقتا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە مافىيەنىڭ خىراجىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.

ئىككىنچىسى، مال ئەتكەسچىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان پاراخوتلار بىلەن شياڭگاڭغا توشۇلۇپ، ئۇ يەردە بىر گۇرۇپ چەتئەل ئەلچىخانىلىرى بىلەن مەخپىي ئالاقىلىشىپ، تيەنئەنمېن ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ پاناھلىق تەلىپىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى قاراتمىلىقى بولغان تۇنجى دىپلوماتىك ئەلچىخانا بولۇپ، پاناھلىق تەلىپى باش كونسۇل دونالد ئاندېرسون تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ، ئاندىن كانادا ۋە ئاۋىستىرالىيە ئامىرىكىغا ئەگىشىدۇ. پەقەت فرانسىيەنىڭ كونسۇلى ژان پيېر مونتاگنىيلا بېك تېغىدىكى ئۆيىدە ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋيئىر كەيشىنى كۈتىۋالىدۇ.

ئاندىن ئۇ دۆلىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىغا (پرېزىدېنت مىتتېرراند ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رولاند دۇماس) خەۋەر قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار پاناھلىق بىرىشنى مەخپىي تەستىقلىغان ئىدى. ئۇلار بىر قىسىم جۇڭگو ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىگە ( ئالتە نەپەر، ئىككى نەپەر دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) پارىژغا بېرىپ، شياڭگاڭغا يېتىپ كىلىۋالغان قاچقۇن ئۆكتىچىلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخپىي تورالغۇ ھازىرلاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ. بىر ئەنگلىيە ئاخبارات ئەمەلدارى دەرھال لوندوندىن چوڭ قۇرۇقلۇققا كىلىپ، ئۇلارنىڭ قېچىشىنى قۇلايلاشتۇرۇپ ئۇلارنى ساختا پاسپورت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاشكارا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قىياپەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ پارىژغا ئوغرىلىقچە قاچۇرۋىتىدۇ.

«سېرىق قۇش» ھەرىكىتىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بۇلالمىغان، مەن ئۇ ھەرىكەتنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بىر يىل ئىلگىرى كۆرگەن ھۆججەتلىك بىر فىلىمدە ئۇچراتتىم، ئۇ فىلىم DW شىركىتى تەرىپىدىن «سېرىق قۇش ھەرىكىتى: ئاخبارات مۇلازىمىتى ۋە تيەنئەنمېن مەيدانى قوزغىلىڭى» نامىدا ئىشلەنگەن ئىكەن.

ئەگەر سىز خىتاي ۋىرۇستا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ دەپ قارىسىڭىز، خاتالاشقان بولىسىز. چۈنكى دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدە كوممۇنىستىك پارتىيە تيەنئەنمىندىكى قىرغىنچىلىقىنىڭ بارلىق ئىزلىرنى يوقاتتى. مەيلى ئۇنىڭ دەۋرىدە بولسۇن، ياكى ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋرلەردە بولسۇن تىيەنئەنمىندىكى چوڭ قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئېلىش قەتئىي مەنئى قىلىندى، ھەمدە ئۇ قىرغىنچىلىققا ئالاقىدار بارلىق ئارخىپلار يوق قىلىندى، پەقەت «4-ئىيۇن» ۋەقەسى دەپلا ئاتالدى، 21-ئەسىردىكى يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۇ چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ دېسەك خاتالاشمايمىز، ھەتتا تانكىنىڭ ئالدىدا تۇرغان مەشھۇر شەخىسنىڭ ئوبرازىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.

سىز ABC تور بىتىدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى يېزىلغان دوكلاتتا (خىتاي ياشلاردىن ئۆلگە خاراكتېرلىك «تانكا ئادەم» ئوبرازىنى قانداق قىلىپ ئۆچۈردى؟) دېگەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جۈملىنى ئۇچۇرتىسىز. ئەگەر ھەرىكەتنىڭ بەزى رەھبەرلىرى چەتئەلگە قېچىپ كەتمىگەن بولسا، يەر يۈزىدە ھېچكىم ئۇ ھەرىكەتتە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىق بىلمىگەن بولاتتى.

كوممۇنىستىك پارتىيە ھەممە ئىشتا ساختىپەزلىك قىلىدۇ، ماۋنىڭ ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى بىلەن دېڭنىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى تىنچ نامايىشنى بىر تەرەپ قىلىشى ئارىسىدا ھېچقانداق پەرقى يوق.

قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بېكلېي خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى قايتا تەربىيلەش لاگېرىدا 8 ئاي مەھبۇس قالغان. شەرقى تۈركىستان خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان رايۇن بولۇپ خىتاينىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىغا توغرا قىلىدۇ، ھەمدە خىتاينىڭ ئۇران، ئالتۇن، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇ رايۇندىن چىقىدۇ،بۇ رايۇن ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپانى تۇتاشتۇرىدىغان ياۋرو-ئاسىيا كېڭىيىش ئىستراتېگىيىسىدىكى مۇھىم ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننى بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق روسىيەنىڭ سىبىرىيەدىكى تۆمۈر يوللىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ، تاجىكىستان ۋە ئافغانىستاندىن ئۆتىدىغان يول ئارقىلىق تۈركىيە ۋە ئىرانغا يېتىپ بارالايدۇ. پاكىستاننىڭ گۋادار پورتى ئارقىلىق ئەرەب دېڭىزىدىكى چوڭقۇر سۇغا يېتىپ بارىدۇ، تۇرۇبا يولى ۋە تۆمۈر يول ئارقىلىق قازىغىستاندىن ئۆتۈپ كاسپىي دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ. بۇ رايون بولمىسا، خىتاي ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى ئورنىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

پاراج خاننا ئۆزىنىڭ «ئىككىنچى دۇنيا» ناملىق كىتابىنىڭ ئىككىنچى قىسمى «ئاسىيا ئىشلىرى» دېگەن بابنىڭ توققۇزىنچى بۆلىمىدىكى «شىزاڭ ۋە شىنجاڭ: يېڭى بامبۇك پەردىسى» دېگەن تېمىدا بۇ ھەقتە توختالغان. 138-146-بەتلەر.

بۇ رايون ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، خىتاي 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر نوپۇسى بەدىلىگە خەنزۇلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق نوپۇس خەرىتىسىنى ئۆزگەرتىشكە تەخىرسىز ئۇرۇنۇپ كەلدى. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرنىڭ ھەر بىر مەدەنىيەت كىملىكىنى تارمار قىلغان ئاساستا ئەللىك يىل داۋاملاشتى، بۇ قىرغىنچىلىق ئاخىرى مىللەتچىلىك تەلىپىنىڭ ئېشىشىغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى باستۇرۇش ھەرىكىتى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا يەتتى. بۇ يۇقىرى باسقۇچتا ئۆزگەرتىپ تەربىيلەش لاگىرى قۇرۇلدى، بۇ ۋاقىتتىكى باستۇرۇش پەقەت رېۋىزمچى پۇرسەتپەرەس ئوڭ قاناتلارغا خاس بولماي بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئومۇمى بولدى.

قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بىكئالى بۇ مەھبۇسلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 2018-يىلى مايدا ئۆزىنىڭ ۋەھشى ھېكايىسىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتتى. خىتاي ھۆكىمىتى ئۇنى قول-پۇتلىرى يولۋاس ئورۇندۇققا كىشەنلەنگەن ھالەتتە تۆت كۈن ئۇيقۇسىز قالدۇرغان. ئۇ ھەر كۈنى 5 سائەت ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان، بەزىدە يېمەكلىكتىنمۇ مەھرۇم بولغان. جازا سۈپىتىدە چوشقا گۆشى يېيىشكە ۋە ھاراق ئىچىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تۇنجى 3 ھەپتىدىن كېيىن تۈرمىدە ئۆلىۋالماقچمۇ بولغان. ئۇ تۈن پەردىسى يېيىلغاندىن تاڭ ئاتقۇچە يۈز بەرگەن بارلىق ھادىسىلەرنى كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا ئەسلەيدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ دىنى ۋە مىللى كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ. سىز ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرىنى بارلىق تاراتقۇلاردا تاپالايسىز. ئىلگىرىكى مەھبۇسلارنىڭ ئېيتىشىچىمۇ، مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ «جازا» لاگېرلىرىدا ھاراق ئىچىشكە ۋە چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇر بولغان. بەلكى مۇستەقىل دوكىلاتلار ئۇلارنى ئەسلەشكە ياردەم بېرىشى مۇمكىن.

بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟ خىتاي ھۆكىمىتى بۇلارنى ئىنكار قىلىىپ بۇ لاگېرلار ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، بۇ كىشى يالغانچى، بۇ دوكلاتلارنىڭ ھەممىسى توقۇلما، دېدى. بېيجىڭ بىر يىل يالغانچىلىقتىن باشقا ھېچ ئىش قىلمىدى، ئاخىرىدا جازا لاگىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاندى ۋە  BBC مۇخبىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم لاگېرغا كىرىپ ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات تەييارلاشقا رۇخسەت قىلدى. دوكىلاتتا ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار خۇشال-خۇرام ھالدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىنغانلىقى تەييارلاندى، ئەڭ ئېغىر پاجىئە شۇكى، «خىتاينىڭ تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى» ناملىق دوكىلاتتىكى رەسىمدە ئۇسۇل ئويناۋاتقان بىر كىشىنىڭ ئوڭ كۆزى قاتتىق تاياق زەربىسىدىن ئىششىپ كەتكەنلىكى ئاشكارا بولغان.

ئوچۇق ئاسمان ۋە يەر شارىلىشىش دەۋرىدىمۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ساختىلىق ۋە ئىنكار قىلىشنى توختاتقىنى يوق. گەرچە مىليونلىغان ئىنسان لاگىرلارغا يىغىلىپ ھايۋاندىنمۇ بەتەر ھالدا ئىززەت-ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، ئېغىر مېڭە يۇيۇشقا ۋە نومۇسسىز ھاقارەتلەرگە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ خىتاي بۇ ئەھۋالنى دۇنيادىن مەخپى تۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا.

ئۇ ھادىسىلەر ھەققىدە سۆزلەشكە جۈرئەت قىلغانلارنىڭ بەزىسى سۈرگۈندە قىلىندى، ئەمما ئۇلار لاگىرلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ھەتتا بېيجىڭ جازا لاگىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ھازىر جازا لاگىرىدىكى ۋەھشى رېئاللىقىنى زىننەتلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ھەتتا كىچىك مەھەللىدىكى ھەقىقەتنى ئاشكارىلاشقا ئۇرۇنۇشمۇ بەلكىم ھاياتىڭىزنى نابۇت قىلىشى مۇمكىن.

ABC مۇخبىرى پۇقرالارنى ياخشى ۋە يامان دەپ باھالاپ تۈرگە ئايرىشتا ئىشلىتىلىدىغان نومۇر سىستېمىسى ھەققىدە خىتاي مەركىزىدىن بىر ھۆججەتلىك فىلىم تەييارلىدى، پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولۇش ياكى ياكى بولماسلىق شۇنىڭغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. بۇ تۈرگە ئايرىش سىستىمىسى «خىتاينىڭ رەقەملىك دىستوپىيە دىكتاتۇرلۇقىنى ئاشكارىلاش» نامىدا قويۇلغان بۇ فىلىمدە  «ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى» دەپ تۇنۇشتۇرىلىدۇ.

مۇخبىر خىتاي تېخنىكا مەركىزىنىڭ بىرى بولغان، چاڭجياڭ ۋە جى لىڭ دەرياسىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا جايلاشقان جوڭشىڭدا ليۇ خاۋ ئىسىملىك ​​بىر جۇڭگولۇق ژورنالىست بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ 2015-يىلى قارا چاپلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن تەسىرى كۈچلۈك ئەمەلدارغا قارشى سوتقا چۈشكەن. بۇ ئەمەلدار غەلىبە قىلغان ۋە سوت مەھكىمىسى ئۇ مۇخپىرغا رەسمىي كەچۈرۈم سوراش ۋە جەرىمانە تۆلەش ھۆكمى چىقارغان.  سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭدىن جەرىمانە تەلەپ قىلغاندا، ژۇرنالىست رەت قىلغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي سەرگەردان پۇقراغا ئايلىنىپ قالغان. دۆلەت ئۇنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ كۆچمە تېلېفون ئېچىشى، پويىز ۋە ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلىشى چەكلەنگەن. ئۇنىڭ ئىككى مىليون ئەگەشكۈچىسى بار بولغان خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋېيبو ھېساباتى تاقالغان. دۆلەت ئۇنىڭ ھەممە ھېساۋاتىنى تاقاپ يېڭى ھېساب ئېچىشىنى چەكلىگەن. ئۇنىڭ ھەقىقەتنى جاكارلىشىنىڭ ۋە ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىنىڭ بەدىلى ئىجتىمائىي چەتكە قېقىلىش بولغان.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى يالغانچىلىق ۋە ساختىلىقنىڭ مىراسى بولۇپ، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى مىڭلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئاچلىق ۋەقەسىنى نەچچە يىل يۇشۇرغان، كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىن بىر پۈتۈن يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئەڭ ئاخىرى مەمۇرىي ئورگاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى ئىچكى زىددىيەت ئاشكارىلاپ قويغان. ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى خىتايدىن قېچىپ چىققان ئىنسانلار ئاڭلىتىپ تۇرمىغان بولسا، خىتاينىڭ جەھەننەم ئازابىنى يەتكۈچە تارتىپ يۈرىكى پۇچلانغان كىشىلەر  شەخسىي ئازاب-ئوقۇبەت ھېكايىسىنى ئېلىپ كەلمىگەن بولسا، مىليونلىغان ئىنساننىڭ دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئۇنچە تېز ئاشكارىلانمىغان بۇلاتتى.

2020-يىلىدا بىر ئادەم خىتاي تەمىنلىگەن سان-سىپىرلاردا شەك قىلىپ قالسا ئۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ھەر باھانە-سەۋەبلەر تەلەپ قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بىھۇدە شەك قىلمايدۇ، خىتاي ئۆزىگە زىيانلىق نەرسىنى ئوتتۇرغا قويمايدۇ. ئۇنىڭ ھازىرقى رەسمىي مەلۇماتلىرىغا ئىشىنىشنى تەكىتلەيدىغان تارىخى كەچمىشى يوق. خىتاينىڭ ھەر قانداق مەلۇماتىغا قارىتا گۇمانىزم پۇزىتسىيە بولۇش ئەڭ ئاقىلانىلىك بولسا كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا پۇزىتسىيە ئۆزىنى ئالدىغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنىڭغا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ۋىروسى ھەققىدىكى دوكلاتى مىسال بۇلالايدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ۋاستىلىرى يوق، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىچىدە تېخىمۇ شۇنداق. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىغا تايىنىپ دۇنياغا مەلۇمات بەردى.

خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى توغرىمۇ؟ ئۇنىڭ چىنلىقىغا جەزم قىلغىلى ياكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، پەقەت گۇمان بىلەن قارايمىز. خىتاي كومپارتىيەسىگە قارىتا توغرا پۇزتسىيە بولسا گۇمان بىلەن قاراپ ئاخىرقى نەتىجىنى كۈتۈشتىن ئىبارەت. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا مۇتلەق ئىشەنچ بىلەن قاراش، ئۇنىڭ مەلۇماتىنى پىداكارلىق بىلەن مۇداپىئە قىلىش، گۇمان نەزىرىدە قارىغۇچىلارنى سېرىق تەنلىككە قارشى مىللى ئۆچمەنلىك بىلەن ئەيىبلەش قاتارلىقلار بىمەنىلىكتۇر.

ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى

2020-يىلى 4-ئاپرېل