خىتاي مايمۇن تەجىرىبىسىنى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەدبىقلىدى؟

ئورنى Wikipedia

نەشتەرجان (بىلگىيە)

تەتقىقاتچىلار مايمۇنلار بىلەن مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلەپتۇ. بىر قەپەزدە بىر توپ مايمۇن بار ئىكەن، تەتقىقاتچىلار قەپەزنىڭ تورۇسىغا بانان ئېسىپ قويۇپتۇ. لېكىن، ئېگىز بولغاچقا مايمۇنلارنىڭ بويى يەتمەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن مايمۇنلار باناننى ئالىمەن دەپ يۇقۇرىغا سەكرىشىدىكەن. ئالىملار مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، مايمۇنلار سەكرىگەن ھامان، مايمۇنلارغا قارىتىپ سۇ چېچىپتۇ. بارا-بارا سەكرەيدىغان مايمۇنلار ئازلاپ كېتىپتۇ.

بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بانان ئېلىش ئۈچۈن سەكرەيدىغان بىرلا مايمۇن قاپتۇ، سۇ چاچسىمۇ ۋازكەچمەي، پەرۋا قىلماي سەكرەۋېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئالىملار نىشاننى ئۆزگەرتىپ بۇ مايمۇن سەكرىگەن ھامان، باشقا سەكرىمەيدىغان مايمۇنلارغا قارىتىپ سۇ چېچىپتۇ. نەتىجىدە بۇ مايمۇن باناننى ئالىمەن دەپ سەكرىسىلا، باشقا مايمۇنلار ئۇنى تۇتۇپ تازا ئۇرۇشقا باشلايدىكەن. ئاخىرىدا، بۇ مايمۇنمۇ بانان ئالىمەن دەپ سەكرىمەيدىغان بوپتۇ.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغالىيەت ئاستىغا ئالغان يەتمىش يىل مابەينىدە يۇقۇرىقى تەجىرىبىنى ئۇيغۇرلارغا تەدبىقلاپ مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. گەرچە خىتاينىڭ يۇقىرىقى مايمۇن تەجىرىبسىنىڭ تەسىرىنى ئۇمۇميۈزلۈك دەپ قاراشقا بولمىسىۇ ئەمما يەنىلا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك.

يەنى خىتاينىڭ مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇمغا، ئىشغالىيەتكە، خورلۇققا قارشى قارشىلىق كۆرسەتكەن، خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە قارشى كەسكىن كۆرەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت بىر تەرەپتىن ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىننى ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق بىلەن ئەيىپلەپ، ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، كەڭ ئاۋام خەلىققە يامان كۆرسىتىش تەشۋىقاتىنى قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاۋام خەلىقنى ئاتالمىش جىنايەتچى زوراۋان ئۇنسۇرلارنى تۇتۇشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارغا سىياسىي ھاشار سېلىقى سالدى. مەلۇم بىر جايدا خىتايغا قارشىلىق ھەركىتى يۈزبەرسە خىتاي بۇنى ئۆزىنىڭ چىدىغۇسىز دىننى ۋە مىللىي زۇلۇملىرىدىن كۆرمەي بەلكى ئاۋام خەلىققە بۇ جىيانەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئاتالمىش بەخىتلىك تۇرمۇشنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بالاي ئاپەت ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، شۇ پۈتۈن كەنىت ، يېزا، ناھىيە ھەتتە پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلىپ ، ئۇلارنى توختىماي سىياسى ئۆگۈنۈش قىلىشقا، قوللىرىغا كالتەك توقماق، كەتمەن گۈرچەك ئېلىپ ئاتالمىش زوراۋانلارنى ھەپتىلەپ ئايلاپ ھەتتاكى يىللاپ قوغلاپ تۇتۇشقا مەجبۇرلىشى، ئۇنى بەجا كەلتۈرمىگەنلەرنى بولسا قاتتىق جازالاپ باشقىلارنى قورقۇتۇشى، كىچىككىنە بىر ئىش يۈز بېرىپ بولغۇچە چوڭ كىچىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى، ئىش بېشىدا تۇرۋاتقان ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ھەپتىلەپ ئايلاپ پاراكەندە قىلىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.

خىتاينىڭ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلاردىن ئالالمىغان ئۆچىنى ئۇلارنىڭ ساۋاقداشلىرى دوستلىرى خىزمەتداشلىرى يۇرتداشلىرىدىن ئېلىشى، ھەممە ئۇيغۇردا “بىرنىڭ پوقى مىڭغا” ئىديىسىنى سىڭدۈرۈپ، خىتايغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئوت يۈرەك جەڭگىۋار مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنى دۈشمەن كۆسىتىش، ئاخىرىدا بېشىغا كەلگەن خورلۇق زۇلۇم دەپسەندىچىلىكلەرنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدىن كۆرمەي بەلكى ئۆز مىللىتىدىن كۆرىدىغان، ئۆزى ئاكتىپلىق بىلەن خىتايغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى ئەيىپلەيدىغان ۋە قارشى تۇرىدىغان بىر خىل كەيپىياتىنى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان.

شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىدا 2004 يىلى يۈزبەرگەن ئىشىغالىيەتچى خىتايغا قارشى تەشۋىقات ۋارىقى چاپلاش ۋەقەسىدە خىتاي ھاكىمىيىتى شۇ ئۇنۋېرسىتتىكى گۇمانلىق دەپ قارالغان بارلىق ئوقۇغۇچىلار ھەپتىلەپ ئايلاپ توختماي داۋام قىلغان سۇئال سوراقلارغا دۇچ كەلگەن. مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەرگە بولغا بېسىم ھەسسىلەپ ئاشقان . بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار سانى ئاشۇرۇلغان سىياسىي ئۆگۈنۈشلەرگە مەجبۇرلانغان. مەكتەپتە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئۇمۇميۈزلۈك پاراكەندىچىلىككە ئۇچۇرغان. بىر قسىىم ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بۇ بالانى تېرىغان “چاتاقچىلار” دىن نارازى بولغان.

خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەركىتىىدىن كېيىن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىىن تەشكىللەنگەن ئاتالمىش زوراۋانلارنى قوغلاپ تۇتۇش ھەركىتىگە 30 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان قوللىرىغا كالتەك توقماق ۋە كەتمەن گۈرجەك كۆتۈرگەن ھالدا ھەپتىلەپ قاتنىشىشقا مەجبۇرلانغان. ھەتتا كېچىچە ئارام ئالدۇرماي ئۇلارنى چارچىتىپ ھالىدىن كەتكۈزۋەتكەن. نەتىجىدە بىر قىسىم دېھقانلاردا ئاتالمىش “زوراۋانلار” دىن ۋايساپ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەكىتىنى ئەيىپلەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسى كۆمۈر كان ۋەقەسىدىمۇ يۇقۇرىقى ئەھۋال ئوخشاش تەكرارلانغان.

لاگىر شاھىتلىرىدىن مىھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئېيتىپ بېرىشچە، لاگىردا يېتىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق قسىمەتلىرىنى چەتئەلدە ق’ڭ نى قىسىپ جىم يۈرمەي ۋەتەن مىللەت داۋاسى قىلىۋاتقانلاردىن كۆرەرمىش. يەنى چەتئەلدە ئۇيغۇرلار خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مېھىر شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتىپ جىم يۈرگەن بولسا ، يېقىنقى مەزگىللەردە يىراقنى كۆرەر، دانا خىتاي كوممۇنىست پارتيىسى ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا سولاپ يۈرمەيمىش. دىمەك خىتاينىڭ مايمۇن تەجىرىبىسىدە كاللىسى يۇيۇپ تاشلانغان بىر قىسىم ناندان، جاھىل ئۇيغۇرلار زۇلۇم ۋە خورلۇقنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي بۇنىڭ ھەممىسىنى ۋەتەن مىللەت يولىدا جېنىنى، بارلىقىنى بېغىشلاپ كۆرەش قىلىۋاتقان ئەزىز قەھرىمانلىرىمىزدىن كۆرگەن.

يۇقۇرىقى مىساللاردىن شۇنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەسكى،بىزدىكى دۈشمەن چۈشەنچىسىنى خىتاي كوممۇنىست تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش مايمۇن تەجىرىبىسى بىلەن ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن.گەرچە خىتاينىڭ مايمۇن تەجىرىبىسگە ئالدىنىپ كېتىش ئۇمۇميۈزلۈك ئەھۋال بولمىسىمۇ ئەمما بۇ تەجىرىبىنىڭ بىر قىسىم كىشلەرنى ئۆز تەسىرىگە ئالغانلىقى ھەقىقەت.

خىتاينىڭ مايمۇن تەجىرىبىسىگە دۈم چۈشكەن نادان جاھىل كىشىلەر بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى بىۋاستە ئۆزىگە زۇلۇم سالغۇچى زالىمدىن كۆرمەي بەلكى زۇلۇمغا , خورلۇققا قارشى ئاتلىنىپ , كۆرەش قىلىۋاتقان ھەققانىيەتچى ئەزىمەتلەردىن كۆرىدۇ. خىتاي مايمۇن تەجىرىبىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسەتمەسلىككە ، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى بولسا ئاۋام خەلق ئارسىدا ئۇمۇميۈزلۈك ياقىلاش يىتىم قالدۇرۇش، ئەيىپلەشكە دۇچار قىلىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي كۆرەش روھىنى سۇندۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان مايمۇن تەجىربىسىدىن دۈشمىنىمىزنى دۈشمەن دەپ تونۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، خەلقىمىزدە توغرا بولغان دۈشمەن چۈشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشنىڭ سۇ بىلەن ھاۋادەك ئىنتايىن زۆرۈر بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز.خىتاي قولىدىن كېلىدىغان بارلىق رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، بىزنى سىياسىي جەھەتتىن قايمۇقتۇرۇپ، دۈشمەننى ئۆز ئىچىمىزدىن ئىزدەيدىغان، زۇلۇم ۋە خورلۇقنىڭ مەنبەسىنى زالىم خىتايدىن كۆرمەي بەلكى زۇلۇمغا قارشى تۇرغۇچىلاردىن كۆرىدىغان ئەقىلسىز نادان ئىنسانلار توپىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتلىق ئىنسان ھەرۋاقىت ھەزەر ئەيلىشى كېرەك.

شەرقىي تۈركىستان يەتمىش يىللىدىن بېرى ئىزچىل ھىيلىگەر، نامەرت، قانخور خىتاي ھاكىميىتى تەرىپىدىن سىياسى توزاق، قىلتاق، سۈيقەستلىك ئويۇنلار ئويلىنىپ كېلىۋاتقان بىر مۇستەملىكە زىمىندۇر. ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى خەلقىمىزنىڭ ۋەتەن مىللەت ئېغىر خەۋپ ئاستىدا قالغان نۆۋەتتىكى كەسكىن ۋەزىيەتتە، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسى ئاڭ ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، خىتاينىڭ ئويناپ بولغان ، ئويناۋاتقان ۋە ئالدىمىزدا ئوينىماقچى بولغان بارلىق سىياسى ئويۇنلىرى سۈيقەستلىرىگە قارىتا ھوشيارلىق تۇيغۇسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشقا، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە زىچ ئىتپاقلىشىپ، كېلەچەكتە يۈزبەرگۈسى پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىمەن.

2019-يىلى 23-ئاۋغۇست

بىرۇسسېل شەھىرى، بېلگىيە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى