خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ قىسمەن تىزىملىكى

ئورنى Wikipedia

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن  قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ قىسمەن تىزىملىكى (2017.01 – 2019.03 )

تارىم تورغاق

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندىن پۈتۈنلەي يوقتىشتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارىشى جىنايىتىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئومۇرتقىسى – ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى يوقىتىشىتىن باشلىدى. تۆۋەندە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمتىنىڭ بۇ رەزىل جىنايىتى باشلانغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتەلمەي قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ قىسمەن تىزىملىكى بېرىلدى:

ئالى مەكتەپلەردىن:

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام توختى (مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن)،

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى پروفېسسورى دوكتور تاشپولات تېيىپ (ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن)، مۇئاۋىن مۇدىرى دىلمۇرات غۇپۇر؛ پروفېسسورلىرىدىن ئابدۇكېرىم راخمان ، غەيرەتجان ئۆسمان؛ پروفېسسور، دوكتورراھىلە داۋۇت، دوكتورلاردىن زۇلپىقار بارات ئۆزباش، ئابدۇرېھىم راخمان، نەبىجان ھەبىبۇللا.

شىنجاڭ مېدىتىسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى دوكتور خالمۇرات غۇپۇر (ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن)،

شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورلىرىدىن ئابدۇقادىر جالالدىن، ئابدۇبەسىر شۈكۈر؛

قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور ئەركىن ئۆمەر، مۇئاۋىن مۇدىرى، پروفېسسور مۇختەبەر ئابدۇغۇپۇر، تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى پروفېسسورى ئابدۇكېرىم پالتو، پروفېسسورلىرىدىن دوكتور گۇلنار ئوبۇل، قوربان ئوسمان، «قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ سابىق باش مۇھەرىرى، ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى،

ئىلى پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ  فىلولوگىيە فاكۇلىتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور نىجات سوپى،

ئۇرۇمچى شەھەرلىك چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسورى كامىل رېھىم، ئانتروپولوگىيە كەسپى بويىچە دوكتور ساجىدە تۇرسۇن، دوكتور ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى.

مەمۇرىي ئىدارە- ئورگانلاردىن:

شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ( ش ئۇ ئا ر) ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئازات سۇلتان،

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى شىرزات باۋۇدۇن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، قۇشۇمچە سابىق مۇئاۋىن سېكرتارى، ش ئۇ ئا ر ئىقتىساد- ئۇچۇر كومتېتىنڭ مۇدىرى ۋەلى بارات،

ش ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت (ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن)، ش ئۇ ئا ر رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش كاتىبى ئالىمجان مەمتىمىن،

ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق كومتېتنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مەھەممەت ئىلى، ئاتالغۇلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كاندىدات ئالىي تەرجىمان ھۈسەنجان ئەسقەرى، تەتقىقاتچىسى تاھىر ھېمىت،

ش ئۇ  ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم، ئاكادىمىيىنىڭ تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە تەتقىقاتچى غەيرەت ئابدۇراخمان، تەتقىقاتچىلىرى كۈرەش تاھىر ۋە ئەسقەر يۇنۇس،

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا،

شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنىڭ سابىق باشلىقى، يازغۇچى ئابدۇراخمان ئەبەي،

جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىدىن نىجات ئاۋدۇن ۋە ئەلى ئىمىن،

بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھېكىم قادىر،

بايىنغولىن ئوتتۇرا سوتنىڭ باش سوتچىسى غالىپ تۆمۈر،

چەرچەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق سىياسى كومىسارى غالىپ تۇرسۇن.

مەتبۇئات، نەشرىيات، ئاخبارات، تېلېۋىزىيە ئىستانسى ۋە باشقا ساھەلەردىن:

ئىسلام دىنى ئالىمى مۇھەممەت سالىھ داموللا (جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن.)،

ش ئۇ ئا ر مۇزېيدىن ئارخېئولوگ قىيۇم خوجا،

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى قوربان مامۇت،

ئارخىتېكتور ئىلھام تۇردى،

قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى ئابلىز ئۆمەر ۋە ئوسمان زۇنۇن، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئابلاجان سېيىت، تەھرىرى شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت، پېنسىيىگە چىققان تەھرىرى، ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى (11 يىللىق جازاسى بېرىلدى)؛

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسيسىدىن دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رېژىسسور مۇختەر بۇغرا، رېژىسسور مەخمۇتجان سىدىقى، رىياسەتچى زۇلپىقار، تېخنىك ئەخمەتجان مەتروزى، ئىستانسىيە خادىمى ئابلەت زەيدىن، ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىيىسىنىڭ تەھرىرى، رېژىسسور ئەركىن تۇرسۇن،

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى، ئۇيغۇر بۆلۈمنىڭ مەسئوللىرىدىن مىركامىل تۇرسۇن، مەمتىمىن ئوبۇل ۋە جۇرئەت ھاجى (2017- يىلى خىتاي بويىچە تۇتقۇن قىلىنغان 41  نەپەر ژۇرنالىستنىڭ 15 نەپىرى ئۇيغۇر ژۇرنالىست بولغان).

ئەدەبىيات- سەنئەت، تەنتەربىيە  ۋە باشقا ساھەلەردىن:

ئوبزورچى يالقون روزى (مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن)،

ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر،

يازغۇچىلاردىن ئايشەم ئەخەت، نۇرمۇھەممەت توختى، پەرھات تۇرسۇن، مەمەتجان ئابلىز بۆرىيار (بالىلار ئەدەبىياتى بۇيىچە)،

ناخشىچىلاردىن ئابدۇرىھىم ھېيىت، سەنەۋەر تۇرسۇن، پۇتبول چولپانلىرىدىن ئىرفان ھېزىم، ئەرپات ئابلەكىرەم، مەھموتجان ۋە ئەكرەمجانلار.

سۇدا- سانائەت ۋە ساخاۋەت ساھەسىدىن:

قەشقەر خىلىل خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل خېلىل (ئابدۇجېلىل ھاجىم)،

كارخانىچى ئامىنە ئابدۇلھەمىت (جازا لاگېردا ئۆلتۈرۈلدى)،

تۇمارىس مېھمانخانىسىنىڭ خوجايىنى، «شاۋكەت كۆن- خۇرۇم شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى شاۋكەت ئابلەت،

«غۇلجا خالىس فوندى جەمئىىتى» نىڭ قورغۇچىسى ئابلىمىت ھوشۇر ھاجى،

غۇلجىلىق كارخانىچى ئابدۇغاپپار ئابدۇرۇسۇل (ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان)،

«شىنجاڭ ئىنتىل كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى» نىڭ قۇرغۇچىسى، «ئىنتىل» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باشلىقى ئابلەت ئابدۇللا (17 يىل كېسىلگەن)،

غۇلجا ناھىيىسى  ئۆي- مۈلۈك سودا تىجارەتچىسى ۋە ساخاۋەتچى ياقۇپ ھاجى،

غۇلجا «ئەلقەسىر» رېستورانىنىڭ خوجايىنى، ساخاۋەتچى سەلىم،

قەشقەر سەمەن ساياھەت گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى، سەمەن مېھمانخانىسىنىڭ خوجايىنى ئىبراھىم مۇسا،

ئۇرۇمچىدىكى بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ باشلىقى خەيرىگۈل نىياز (8 يىل كېسىلگەن)،

ئۇرۇمچى «مىراج» رېستورانىنىڭ شىرىك خوجايىنلىرىدىن ئابدۇرېشىت ھوشۇر ھاجى، ئابدۇۋەلى ھاجىم ۋە ئابدۇزاھىر ھاجمەمەت،

«ئۈرۈمچى سۈبھى ئۆي- مۈلۈك شىركىتى» نىڭ خوجايىنى ئىلياس مەمەت،

قەشقەر گىلەم سودىگىرى تاھىر مىجىت (تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن)،

يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىيىت ئىنەيتوللا مۇھەممەت ئەلى،

تېرە مەھسۇلاتلىرى شىرىكىتىنىڭ مەسئۇلى تۇرسۇنجان بەكرى،

تېلېفون زاپچاسلىرى تىجارەتچىسى ئالىم ياسىن سودىگەرلەردىن سادىقجان ۋە ساقىھاجى.

ئەسكەرتمە: مەلۇماتلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تور بېتىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى