خۇاڭ كۈنمىڭ

ئورنى Wikipedia

خۇاڭ كۈنمىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1956- يىلى 11- ئايدا تۇغۇلغان، فۇجيەن شاڭخاڭدىن، 1974- يىلى 12- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976- يىلى 10- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئاممىۋى باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، باشقۇرۇش ئىلمى دوكتورى.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

  1974- يىلىدىن 1977- يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 32866- قىسىم 84- شۆبە ئەترەتنىڭ جەڭچىسى، مۇئاۋىن بەنجاڭ بولغان.

  1977- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى شاڭخاڭ ناھىيەسى تۇڭشيەن گۇڭشېسى تۇڭشيەن دادۈيىنىڭ پۈتۈكچىسى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1978- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە فۇجيەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي مائارىپ فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.

  1982- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لۇڭيەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان.

  1985- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لۇڭيەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ياش كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1985- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى تەربىيەلەش بۆلۈمىنىڭ ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئوقۇغان).

  1988- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لۇڭيەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  1990- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لۇڭيەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  1991- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لۇڭيەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  1992- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لۇڭيەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىي ياردەمچىسى، مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  1993- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لۇڭيەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىي ياردەمچىسى، يۇڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لۇڭيەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، يۇڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1997- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لۇڭيەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يۇڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1998- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى لۇڭيەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

  1999- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان.

  2000- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

  2003- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2007- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  (2005- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئاممىۋى باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان، باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان).

  2010- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خاڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خاڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2013- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  2014- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن باشلىقى (مىنىستىر دەرىجىلىك)، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.

  18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى