خۇزەيفە ئىبنى ئەليەمان

ئورنى Wikipedia

خۇزەيفە ياكى ھۇزەيفە (حُذَيْفَةُ بنُ اليَمَانِ - حِسْلِ بنِ جَابِرٍ العَبْسِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھۇزەيفە ئىبنى ئەليەمان ھىسل ئىبنى جابىر ئەلئەبسىي ئەلغەتافانىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھ. ؟ – 36 / م. ؟ – 656) ساھابە. «بەدر»دىن باشقا بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان، ئىراق ۋە شام فەتھىدە تۆھپە كۆرسەتكەن قەيسەر قوماندان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇناپىقلارنىڭ تىزىملىكى ۋە كېيىن يۈز بېرىدىغان پىتنىلەرگە ئالاقىدار مەخپىيەتلىكنى سۆزلەپ بەرگەن بولغاچقا، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىغۇچى زات» دەپ ئاتالغان.