Jump to content

خۇلۇنبېر شەھىرى

ئورنى Wikipedia

خۇلۇنبېر شەھىرى (خەنزۇچە: 呼倫貝爾市) ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، خۇلۇن كۆلى بىلەن بېركۆلى قاتارلىق ئىككى كۆلنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. شەرقتە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى، غەرب، شىمالدا مۇڭغۇلىيە، رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، چىگرا لىنىيەسى 1733 كىلومىتىر، كۆلىمى 26 مىڭ كۋادرات كىلومىتىر.

جۇغراپىيەلىك ئورنى

[تەھرىرلەش]

خۇلۇنبېر شەھىرى شەرقىي ئۇزۇنلۇق′31°115~′04°126، شىمالىي كەڭلىك′05°47~′2°53. شەرقتىن غەربكىچە 630 كىلومىتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە 700 كىلومىتىر، كۆلىمى 26.2 كۋادرات كىلومىتىر، ئىچكى موڭغولنىڭ %21.4 تىنى ئىگىلەيدۇ، شەندۇڭ ئۆلكىسى، جىياڭسۇ ئۆلكىسى قاتارلىق 2 ئۆلكىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ. جەنۇب تەرىپى شىڭئەن ئايمىقىغا تۇتىشىدۇ، شەرقى قىسمى نىجىياڭ دەرياسى ئارقىلىق خېيلوڭجىياڭ ئۆلكىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شىمال ۋە غەربىي شىمال قىسمى ئېرگۇنا دەرياسى ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ.ئومۇمىي چىگرا لىنىيەسى 1733كىلومىتىر كىلىدۇ.

يەر شەكلى

[تەھرىرلەش]

خۇلۇنبېر شەھىرى ئىچكى موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان،چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ جەنۇب - شىمالى بىلەن جەنۇبى تۈز كېسىپ ئۆتىدۇ ، شەرقىي قىسمى چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە ، شەرقىي شىمال تۈزلەڭلىكى − سۇڭنېن تۈزلەڭلىكىنىڭ چېتىگە جايلاشقان . يەر شەكلى ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى : غەربىي ئېگىز ، شەرقى پەس . يەر شەكلى بولۇپ ، غەربتىن شەرققە تارقالغان.

تېمپۇراتۇرىسى

[تەھرىرلەش]

خۇلۇنبېر شىمالى مۆتىدىل بەلۋاغقا جايلاشقان، قۇرۇقلۇق كىلىماتى روشەن. يىنخې دەرياسى ۋە ئېرگۇنا دەرياسى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان، جەنۇبقا تەخمىنەن E 120 گىرادۇسلۇق مېرىدىيان چېگرا ئايرىش سىزىقىنى بويلاپ: غەربى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى ئوتلاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ، شەرقىدىكى چوڭ ھىنگان تاغلىق رايونى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغ مۇسسۇن خاراكتېرلىك ئارىلاش ئورمان كىلىماتىغا تەۋە، پەس تاغ ئېدىرلىق ۋە تۈزلەڭلىك رايونلاردىكى ئورمان ئوتلاق كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغنىڭ مۇسسۇن ئۈچۈن، شىمالىدىكى سوغۇق مۆتىدىل بەلباغنىڭ مۇسسۇن يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان كېلىماتىغا تەۋە.

كىلىمات ئالاھىدىلىكى

[تەھرىرلەش]

شەھەر بويىچە كىلىمات ئالاھىدىلىكى قىش پەسلى سوغۇق ھەم ئۇزۇن، ياز پەسلى بەك قىسقا، ئەتىياز پەسلى قورغاق، شامال كۈچلۈك، كۈز پەسلىدە تېمپراتۇرا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۈششۈك بالدۇر چۈشىدۇ، ئىسسىقلىق مىقدارى يېتەرلىك ئەمەس، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ئۈنۈملۈك يىغىندى تېمپېراتۇرا، پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى، قىراۋسىز مەزگىلى قىسقا، قۇياش نۇرى مول، ھۆل-يېغىن مىقدارى پەرقى چوڭ، ھۆل-يېغىن 7-8-ئاي مەزگىلىگە كۆپرەك مەركەزلەشكەن. پۈتۈن يىلدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىق، تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، شەھەر بويىچە كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃0 تىن تۆۋەن، پەقەت چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي ئاز ساندىكى رايونلاردا ℃0 تىن يۇقىرى، تاغنىڭ شەرقى دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃1.3~℃2.4 ئارىلىقىدا بولىدۇ، چوڭ ھىنگان تېغى ℃2.0~℃5.3، ئەڭ سوغۇق ئاي 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃18- ~ ℃30-ئارىلىقىدا بولىدۇ، ئەڭ ئىسسىق بولىدىغان ئاي 7-ئاي ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃16~℃21 نىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ. ھۆل-يېغىن ئۆزگىرىشى چوڭ، تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، يىللار ئارا ئۆزگىرىشى چوڭ، قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە جايلارنىڭ ھۆل-يېغىن ئادەتتە 40-80 مىللىمېتىر، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى %15 ئەتراپىدا. ياز پەسلىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ ھەم مەركەزلىك، كۆپ قىسىم رايونلاردا 200-300 مىللىمېتر، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى %65 گە يېتىدۇ، كۈزلۈك يېغىن مىقدارى تەدرىجىي ئازايغان، ئومۇمىي تارماق يۈزلىنىشى :يېزائىگىلىك رايونىدا 60~80 مىللىمېتىر، ئورمانچىلىق رايونىدا 50~80 مىللىمېتىر، چارۋىچىلىق رايونىدا 30~50 مىللىمېتىر.

سىرتقى ئۇلىنىش

[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]