خۇ چۈنخۇا

ئورنى Wikipedia
خۇ چۈنخۇا

خۇ چۈنخۇا، ئەر، خەنزۇ، 1963- يىلى 4- ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېي ۋۇفېڭدىن، 1983- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983- يىلى 4- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى.

  1979- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.

  1983- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان.

  1984- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە «شىزاڭ ياشلار گېزىتى»دە ئىشلىگەن.

  1985- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە شىزاڭ مېھمانخانىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، كادىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كادىرلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى بولغان.

  1987- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (1990- يىلى 2- ئايدا مۇئاۋىن نازىر دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلگەن).

  1992- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لىنجى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان.

  1992- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1996- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان) .

  1997- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

  (1996- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىدا ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش سىنىپىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى كەسپىدە ئوقۇغان؛ 2000- يىلى 9- ئايدىن 2000- يىلى 11- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).

  2001- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى بولغان.

  2003- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

  2005- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

  2005- يىلىدىن 2006- يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2006- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1- شۇجىسى بولغان.

  2008- يىلىدىن 2009- يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2009- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2010- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2012- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى.