خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى

ئورنى Wikipedia
بايرىقى
باش شىتابى

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (International Atomic Energy Agency) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىدىغان ھەمدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئاتوم ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە پەن تېخنىكا ھەمكارلىقى ئېلىپ بارىدىغان مۇستەقىل ھۆكۈمەتلەر ئارا ئاپپارات.

ھازىرقى رەئىسى

تور بىتى: https://www.iaea.org/

تارىخى[تەھرىرلەش]

1954-يىلى 12-ئايدا 9-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، ئاتوم ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان بىر مەخسۇس خەلقئارا ئاپپارات قۇرۇش تەلەپ قىلىندى. 1956-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى دۇنيادىكى 82 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى يىغىن ئېچىپ، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كېلىشىمىنى ماقۇللىدى. 1957-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولدى. شۇ يىلى 10-ئايدا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى تۇنجى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش مەقسىتى- ئاتوم ئېنېرگىيەسىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىقى، ساغلاملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش دائىرىسىنى تېزدىن كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئورگاننىڭ ئۆزى ياكى ئورگان ئارقىلىق ياكى بۇ ئورگاننىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدا تەمىنلەنگەن ياردەملەرنىڭ ھەرقانداق ھەربىي مەقسەتكە ئىشلىتىلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى مۇنداق دەپ بەلگىلىمە چىقاردى: ھەرقانداق دۆلەت ئورگان كېڭىشىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى ۋە يىغىنىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق ھەمدە ئورگان كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىش خېتىنى تاپشۇرۇش ئارقىلىقلا بۇ ئورگاننىڭ ئەزاسى بولالايدۇ. 2010-يىلىغىچە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئەزاسى 151گە يەتتى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئورگىنى ۋېنادا تەسىس قىلىندى، تەشكىلىي ئورگىنى يىغىن، كېڭەش ۋە كاتىبات باشقارمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يىغىن بارلىق ئەزا دۆلەتلەردىن تەشكىللىنىدۇ، يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، كېڭەش-ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنى بولۇپ، 35 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن، يىلدا 4 قېتىم يىغىن ئېچىلىدۇ، كاتىبات باشقارمىسى ئىجرا قىلىش ئورگىنى بولۇپ، باش ئىش بېجىرگۈچى رەھبەرلىك قىلىدۇ، باش ئىش بېجىرگۈچىنى كېڭەش كۆرسىتىدۇ، يىغىن تەستىقلايدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 4 يىل بولىدۇ، ھازىرقى باش ئىش بېجىرگۈچى ئامانو يۇكىيا، 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان.

فۇنكىسىيەسى[تەھرىرلەش]

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كاپالەتلىك قىلىش، نازارەت قىلىش ساھەسىدە 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايون تەشكىلاتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىش كېلىشىمى ۋە يەككە تۈرلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەمدە يادرو قورالغا ئىگە دۆلەتلەر بىلەن ئىختىيارلىقى بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

1984-يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىغا كېلىشىمنى قوبۇل قىلىش خېتى تاپشۇرۇپ، بۇ ئورگاننىڭ رەسمىي ئەزاسى بولدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بۇ ئورگاننىڭ بەزى خەلقئارا ئەھدىنامىلىرىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشتى ھەمدە بۇ ئورگان بىلەن بىر قاتار ئەھدىنامىلەر ۋە كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. 2009-يىلى 4-ئايدا، جۇڭگو دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ مۇدىرى چېن چيۇفا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بارادى بىلەن بېيجىڭدا ئورتاق بايانات ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ ئورگىنىنىڭ يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ ، بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك پايدىلىنىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلىمىز ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن يادرو بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ يادرو بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇن نىزام ئۆلچىمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

2011-يىلى 3-ئايدا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كېڭىشى بىر يېڭى كۆپ تەرەپلىك يادرو يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىنى ماقۇللىدى، بۇنىڭدىن مەقسەت- يادرو يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بولمىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە، يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش.

بۇندىن بۇرۇن، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىككى تۈرلۈك كۆپ تەرەپلىك يادرو يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى تەستىقلىغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ ئورگان بىلەن رۇسىيە ھەمكارلىشىپ قۇرغان بىر يادرو يېقىلغۇسى بانكىسى رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىدا ئىشقا كىرىشتى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كونترول قىلىدىغان يەنە بىر يادرو يېقىلغۇسى بانكىسى لايىھەسىمۇ 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كېڭەش يىغىنىدا ماقۇللانغان ئىدى.

2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21- ۋە 22-كۈنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋېنادىكى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئورگىنىدا ئوتتۇرا شەرقنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇنبىرى ئۆتكۈزدى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

جوڭگو ئۇيغۇرچە تور رادىيوسى http://www.uycnr.com/zl/gjzz/201112/t20111225_242400_1.html