خەلقئارا ئاياللار بايرىمى
8 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى (باشقا ئاتىلىشى: 8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمى، خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمى؛ ئېنگلىزچە: International Women's Day) ھەر يىلى 8 - مارت دۇنيا تەۋەسىدە تەبرىكلىنىدىغان خانىم - قىزلار بايرىمىدۇر. بۇ بايرامنىڭ ئەھمىيىتى بولسا ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت، ئىجتىمائى ئورۇن، ئىقتساد ۋە باشقا ساھالەردە ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرنى تەبرىكلەش.



