خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتى

ئورنى Wikipedia

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتى (IOC)

International Olympic Committee 国际奥林匹克委员会

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتى

1894 - يىلى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تەنتەربىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا بارلىققا كېلىپ ، باش شىتابى پارىژغا تەسىس قىلىنغان . كىيىن فرانسىيىلىك مائارىپچى بارون پېررىي كۇبېرتىننىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەشكىلات نامى « خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتى » قىلىپ بېكىتىلگەن . 1914 - يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كىيىن ، باش شىتابىنى شىۋىتسىيىنىڭ لائۇسان شەھىرىگە يۆتكىگەن . بۇ تەشكىلات دۇنيا ئولىمپىك ھەرىكىتىنى ئاساسلىق يېتەكلىگۈچى ئورگان بولۇپ ، ھەر قايسى ئەل تەنھەرىكەتچىلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇشۇ ئارقىلىق دۇنيا تېنچىلىقىغا تۈرتكە بولۇش ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان . جوڭگۇ ئولىمپىك كومىتىتى 1922 - يىلىلا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن . ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ شۇ چاغدىكى ئامېرىكىلىق رەئىسى تەيۋەننى ھەر قايسى دۆلەت ئولىمپىك كومىتىتلىرىنىڭ تىزىملىكىگە قوشۇپ « ئىككى جوڭگۇ » پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان . جوڭگۇ كۆپ قېتىم نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان . نەتىجىدە 1958 - يىلدىن باشلاپ جوڭگۇ ئولىمپىك كومىتىتى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن . 1975 - يىلى جوڭگۇ ئولىمپىك كومىتىتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان . 1979 - يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ ئېجرائىيە كومىتىتى قارار ماقۇللاپ ، جوڭگۇنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتراپ قىلغان . دۆلىتىمىز 1980 - يىلدىن باشلاپ ھەر نۆۋەتلىك خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنلىرىغا ئۇدا قاتنىشىۋاتىدۇ .