خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى

ئورنى Wikipedia

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى- ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى. ئۇ 1944-يىلى 7-ئايدا ئىمزالانغان «خەلقئارا پۇل فوندى كېلىشىمى»گە ئاساسەن، 1945-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى دۇنيا بانكىسى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇلغان. 1947-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى خىزمەتكە كىرىشكەن. 1947-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتى بولغان، خىزمەتتە مۇستەقىللىققە ئىگە. باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا تەسىس قىلىنغان. «ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر»نىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنى جەزمەن ئىسلاھ قىلىش كېرەك، دېدى.

Header text
Example
Example
Example
Example
Example
Example
تور بىكىتى:www.imf.org

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى IMF

ھۆججەت:International Monetary Fund logo svg.png


ئەزا دۆلەتلەر: يېشىل رەڭلىك

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئەزالىرى[تەھرىرلەش]

2011-يىلى 6-ئايغىچە 187 دۆلەت ئەزا بولغان، 140 دۆلەتتىن 2700 خىزمەتچى تەكلىپ قىلغان .

لىدېرى[تەھرىرلەش]

لېدىرىنى قائىدە بويىچە بويىچە تارىختىن بۇيان ياۋروپالىقلار ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن. لىدىر- خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش خىزمەتچىسى، ئىجرائىيە مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، ئۈچ مۇئاۋىن لىدىر بۇ تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا ياردەملىشىدۇ.

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى فىرانسىيەنىڭ ئىقتىساد، مالىيە، سانائەت مىنستىرى كىرستىنا لاگاردى يېڭى بىر نۆۋەتلىك لىدىرلىققا سايلاندى، بەش يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات قۇرۇلغان 1944-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئايال لىدىر.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن، لىدىر مۇئاۋىن لىدىرنى نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ، نامزاتنى مۇدىرىيەت ئاخىرىدا تەستىقلايدۇ.

باش مەقسىتى[تەھرىرلەش]

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش مەقسىتى- خەلقئارا پېرېۋوتنى مۇقىملاشتۇرۇش، دۇنيا سودىسىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يوقىتىش، پۇل مەسىلىسىدە خەلقئارا بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە قىسقا مەزگىللىك قەرز پۇل بېرىش ئارقىلىق، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىمى ۋاقتىنچە تەكشىسىز بولغاندا كۆرۈلىدىغان تاشقى پېرېۋوت مەبلەغ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش. ئۇنىڭ مەبلەغ مەنبىي ئەزا دۆلەتلەر تاپشۇرغان بەدەل پۇلىدىن كېلىدۇ. ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بەدەل پۇلىنى بۇ تەشكىلات ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلق ئىگىلىكى كىرىمى، ئالتۇن، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى، ئىمپورت، ئېكسپورت سودا سوممىسى شۇنداقلا ئېكسپورتتىكى تەۋرىنىش قاتارلىق ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن بېكىتىدۇ. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق ھوقۇق مەنپەئەتى- تاپشۇرغان بەدەل پۇلى نىسبىتى بويىچە تاشقى پېرېۋوتنى ئۆتنە ئېلىش.

ئاساسلىق فۇنكسىيەسى[تەھرىرلەش]

بۇ تەشكىلاتنىڭ مەبلەغ مەنبىي ئەزا دۆلەتلەر تاپشۇرغان بەدەل پۇلىدىن كېلىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا ئەزا ھەر بىر دۆلەتنىڭ دۇنيا ئىقتىساددىكى نىسبىتىگە ماس كېلىدىغان نورمىسى بولىدۇ. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نورمىسى ئۇنىڭ بۇ تەشكىلات تاپشۇرغان پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى ۋە بۇ تەشكىلاتتىن ئالىدىغان قەرز پۇل چېكىنى بەلگىلەيدۇ.

ئامېرىكا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدا ئەڭ كۆپ نورمىغا ئىگە، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسى ھەل قىلغۇچ تەسىرىگە ئىگە.

2008-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى كېڭىشى نورمىسى ۋە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى توغرىسىدىكى ئىسلاھات لايىھەسىنى تەستىقلىدى. بۇ لايىھە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى ۋەكىللىكى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۆپەيتىشكە ماس كېلىدۇ.

2009-يىلى 9-ئايدا 20 دۆلەت گۇرۇھى پېتىزبورگ باشلىقلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. خەلقئارا پول فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھات تېزگىنلەش قۇرۇلمىسى-يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ بىرى. يىغىن قارارىغا ئاساسەن، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر قىسمەن نورمىسىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۆتكەپ بېرىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈلۈشى %43تىن %48 كە ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تەرەققىياتى تارىخىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم ئىسلاھات، ئۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتىدىكى ئورنى ۋە ساداسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

ئەزا دۆلەتلەر پۇل ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە، تاپشۇرغان نورما بويىچە بەلگىلىك نىسبەتتە تاشقى پېرېۋوتنى ئۆتنە ئېلىپ ئىشلىتىدۇ. 1969-يىلى يەنە « ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى»نىڭ پۇل بىرلىكى تەسىس قىلىندى، بۇ خەلقئارا ئوبوروت ۋاستىسىدىكى بىر تولۇقلىما بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا كىرىمىدىكى پاسسىپ باھانىسىنى پەسەيتتى. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بار ھەمدە تاشقى پېرېۋوت سىياسىتى ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

تەشكىلىي ئاپپاراتى[تەھرىرلەش]

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالى ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى- كېڭەش، ئۇ ئەزالار ئەۋەتكەن بىردىن باش ۋە مۇئاۋىن كېڭەش ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان. ئادەتتە ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ياكى مەركىزىي بانكا باشلىقى بۇنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ھەر يىلى 9-ئايدا بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ، ھەر قايسى كېڭەش ئۆز ئالدىغا ئۆز دۆلىتىنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ؛ ئىجرائىيە مۇدىرىيەت 24 ئىجرائىيە مۇدىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل، كېڭەش ھاۋالە قىلغان بارلىق ھوقۇقلارنى ئىجرا قىلىدۇ. ئىجرائىيە مۇدىر ئىككى يىلدا بىر سايلىنىدۇ، لېدىر ئىجرائىيە مۇدىرىيەتتە سايلىنىدۇ، ئۇ فوندى تەشكىلاتنىڭ كەسپىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈچ مۇئاۋىن لېدىر بار. تارىختىن بۇيان لېدىرلىقنى ياۋروپالىقلار ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن.

بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋاقىتلىق كومىتېتى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىغان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئاپپاراتى. بۇ كومىتېت سىياسەت جەھەتتە ھەمكارلىشىدۇ ۋە ماسلىشىدۇ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيە تۈزۈش جەھەتتە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ. كومىتېت 24 ئىجرائىيە مۇدىردىن تەركىب تاپىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ھەر يىلى دۇنيا بانكىسى بىلەن بىرلىكتە يىللىق يىغىن ئاچىدۇ.

ئاساسلىق نەشرىيات بۇيۇملىرى[تەھرىرلەش]

«دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر»، «خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئىستاتىستىكىسى (ئايلىق ژۇرنىلى)»،« خەلقئارا پۇل فوندى ئەھۋالى (ھەپتىلىك ژۇرنىلى)»، «خەلقئارا كىرىم چىقىم ئىستاتىستىكىسى (ئايلىق ژۇرنىلى)»، «ھۆكۈمەت مالىيەسى ئىستاتىستىكا يىلنامىسى».

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ھەر يىلى بىر قېتىم «خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، يەر شارى پۇل مۇئامىلە بازىرى ۋەزىيىتىنى باھالايدۇ ھەمدە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان پۇل مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىدىكى يوشۇرۇن سىستېمىلىق نۇقساننى بېكىتىپ، يەر شارى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ.

خەلقئارا پۇل مۇئامىلە فوندى تەشكىلاتى نورمىسىنى ئىسلاھ قىلىش

2010-يىلى 10-ئايدا، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى كورىيەنىڭ گېيوڭجيۇدا يىغىن ئاچتى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىشتا زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرىيىتىدىكى ئىككى ئورۇننى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بەردى. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ چوڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. 12-ئاينىڭ 16-كۈنى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بۇ تەشكىلات كېڭىشىنىڭ نورما ۋە ئىجرائىيە مۇدىرىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش قارار لايىھەسى تەستىقلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جۇڭگو بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى[تەھرىرلەش]

جۇڭگو 1945-يىلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا كىرىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان. 1980-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى بۇ تەشكىلات جۇڭگونىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى. جۇڭگونىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى نورمىسى 3 مىليارد 385 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى بولۇپ، ئومۇمىي نورمىنىڭ %2.34 نى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو 34 مىڭ 102 ئاۋازغا ئىگە بولۇپ، ئومۇمىي ئاۋاز ھوقۇقىنىڭ %2.28نى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو 1980-يىلى بۇ تەشكىلاتتىكى ئورنى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئايرىم بىر سايلام رايونى تەشكىللىدى ھەمدە ئىجرائىيە مۇدىرى ئەۋەتتى. 1991-يىلى بۇ تەشكىلات بېيجىڭدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانا تەسىس قىلدى.

2010-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى كائېن جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ مىڭنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىدى.

2010 -يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بۇ تەشكىلات جۇڭگونى يەر شارىدىكى بەش چوڭ سىستېمىلىق مۇقىملىققا ئىگە مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىگە كىرگۈزدى.

2010 -يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى نورما ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ماقۇللىدى. نورما ئىسلاھاتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ نورمىسى شۇ چاغدىكى %3.72 تىن %6.39كە ئۆستى. ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىمۇ %3.65تىن %6.07كە ئۆسۈپ، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەدىن ئېشىپ، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىن كېيىن بۇ خەلقئارا تەشكىلاتتا ئەڭ چوڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

2011-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇمىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى بولدى.

ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى[تەھرىرلەش]

ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 1969-يىلى تەسىس قىلغان بىر خەلقئارا زاپاس مال-مۈلۈك بولۇپ، ئۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت زاپىسىدىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلايدۇ. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىرىم چىقىمىدا پاسسىپ بالانسى كۆرۈلگەندە، ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىنى سېتىش ئارقىلىق كىرىم چىقىم پاسسىپ بالانىسى ياكى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ قەرزىنى تۆلىگىلى بولىدۇ.

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىنى تەقسىملەش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى 42 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، جۇڭگو يېڭىدىن كۆپەيگەن پۇل ئېلىش ھوقۇقى 9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولدى. بۇ قېتىمقى تەقسىملەش- ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق تەقسىملەش ھېسابلىنىدۇ. شۇندىن بۇرۇن، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىنى ئىككى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەقسىملىگەن، تەقسىملەش نورمىسى تەخمىنەن 33 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان. 

مەنبە[تەھرىرلەش]

جوڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى http://www.uycnr.com/zl/gjzz/201202/t20120215_261713_3.html