خەمىت ھېمىت

ئورنى Wikipedia

پىروفېسسور خەمىت ھېمىت 1960-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چېرا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بۆرتالا شەھىرىدە تاماملىغاندىن كېيىن،1978-يىلى 10-ئايدىن 1983-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتىتىنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپىدە تولۇق كۇرستا ئوقۇپ،باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەزكۇر فاكۇلتېتتا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1993-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدا ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.1996-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدا ئوقۇپ،دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. پروفېسسور خەمىت ھېمىت ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بايلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇئاۋىن مۇدىرى،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان.2010-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

پىروفېسسور خەمىت ھېمىت ئۈزۈكسىز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق،1999-يىلى 4-ئايدا ماگىستىر ئاسپىرانت يىتەكچىسى،2003-يىلى دوكتۇر ئاسپىرانت يىتەكچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ،ھەرقايسى مىللەتتىن بولۇپ،جەمئىي 5نەپەر دوكتۇر ۋە 66نەپەر ماگىستىر يېتىشتۈرۈپ چىققان،مۇنتىزىم،سىستىمىلىق تەتقىقات گورۇپپىسىنى قۇرۇپ،قۇرغاق رايونلار بوستانلىقلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىكىنى تەتقىق قىلىدىغان ياش تەتقىقاتچىلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

پىروفېسسور خەمىت ھېمىتنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ئاساسلىقى بوستانلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى،تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى ۋە شورلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،قۇرغاق رايونلارنىڭ سۇ بايلىقىدىن سىجىل پايدىلىنىش،يەرئاستى سۈيىنىڭ دىنامىكلىق ئۆزگىرىشى،قۇرغاق رايونلاردىكى كۆل ۋە سۇلۇق يەرلەرنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىشكە بولغان ئىنكاسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.ئۇ ئۆزى ئىشلىگەن تەتقىقات تۈرلىرى ۋە ئېرىشكەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا ،دۆلەت ۋە ئىچى سىرتىدىكى نۇقتىلىق ئىلمىي ژۇرناللاردا 170پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 10پارچىدىن ئارتۇق  SCIئىلمىي ماقالىسى ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان.ئۇ يەنە ئۆزى باش بولۇپ  《خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە جۇغراپىيە لۇغىتى》 نى نەشر قىلدۇرغان ۋە كەسىپداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ 《شىنجاڭ جۇغراپىيەسى》 ناملىق كىتابنى تۈزگەن.

2014-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىدە خىزمەت ئۈستىدە ۋاپات بولغان.