خەن يۈ

ئورنى Wikipedia
خەن يۈ

خەن يۈ (768-824-يىللار) تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى مەشھۇر ئەدىب. ئۇ ئۆمرىدە سىياسىي، پەلسەپە، ئەدەبىيات جەھەتلەردە نەتىجە ياراتقان، ئەدەبىياتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ھەممىدىن زور. ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ئەدەبىياتىغا قوشقان ئەڭ گەۋدىلىك تۆھپىسى تاڭ دەۋرىدىكى ئەدەبىيات ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەن يۈ تەشەببۇس قىلغان قەدىمكى ئەدەبىيات ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئالدىنقى چىن، ئىككى خەن سۇلالىلىرىنىڭ نەسر روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ھەم ئالتە سۇلالىدىن بۇيانقى ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق بولغان جۈپلۈك شەكىل بىلەن قارشىلىشىش ئىدى. ئۇ ماقالە مەزمۇنىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ماقالىدە مەزمۇنلۇق گەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. قەدىمكى ئەدەبىياتنىڭ «مەنىسىنى ئۆگىنىش، گېپىنى ئۆگەنمەسلىك»، «گەپنى ئۆزى قىلىش»، «ئەسەرنىڭ تىلى راۋان بولۇش» نى تەشەببۇس قىلغان. خەن يۈنىڭ تىرىشىپ تەشەببۇس قىلىشى ئارقىسىدا، قەدىمكى ئەدەبىيات ھەرىكىتى كەڭ تەسىر قوزغىدى، نۇرغۇن كىشىلەر خەن يۈدىن تەلىم ئالدى، ئۇ فەن زۇڭيۈەن، لى ئاۋ، خۇاڭ فۇشى، لى خەن، شىن ياجى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاتاقلىق قەدىمكى ئەدەبىياتشۇناسلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە تىرىشىپ، ئورۇنسىز قائىدە-يوسۇن، ئەپقاچتى گەپ-سۆزلەرنى توسۇپ، ئېگىلمەس ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلىدى. كېيىن يەنە ليۇ زۇڭيۈەننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى، قەدىمكى ئەدەبىياتنىڭ تەسىرى تېخىمۇ زورىيىپ، جۈپلۈك شەكىلنى بېسىپ چۈشۈپ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئاساسلىق كەيپىياتقا ئايلاندى.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

خەن يۈنىڭ نەسرلىرىدە جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، پىكىرلەر گىرەلىشىپ كەتكەن، ئاجايىپ تەمسىل، ئوخشىتىشلار قوللىنىلغان، ئوبرازلىرى يارقىن، كۆپ خىل بەدىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭ مۇھاكىمە ماقالىلىرىدىن «ئەينى تەرىقەت»، «تەلىمات»، «بۇددانىڭ سۆڭىكى توغرىسىدا» ، «ئۆگىنىشكە كىرىشىشكە ئىزاھ»، يېزىپ بەرگەن كىرىش سۆزلەردىن «مېڭ دۇڭيېنى ئۇزىتىش» قا كىرىش سۆز»، «گاۋشەن تەقسىرنى ئۇزىتىش» قا كىرىش سۆز، بايان ماقالىلىرىدىن «جاڭ جۇڭچىڭنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ داۋامى»، قەبرە تەزكىرىسىدىن «ليۇ زىخۇنىڭ قەبرە تەزكىرىسى»، تەزىيەنامىلەردىن «شىئېرلاڭغا تەزىيە»، شۇنىڭدەك ئەپسانىۋى ھېكايىلەردىن «ماۋ يىڭنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىقلار ھەممە ئېتىراپ قىلغان داڭلىق ئەسەرلەر، ئۇلار ئەۋلادلارنىڭ نەسر ئىجادىيىتىگە ناھايىتى ياخشى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

شېئىر ئىجادىيىتى[تەھرىرلەش]

خەن يۈ شېئىرىيەتتىمۇ ئۆزىگە خاس مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. ئۇ شېئىرلىرىدا دۇ فۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ مەلۇم يېڭى ئالاھىدىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىپ، نەسرنىڭ سەھىپە تۈزۈلۈشىنى شېئىر يېزىشتا قوللانغان؛ شېئىرغا ئاز مىقداردىكى مۇلاھىزىنى كىرگۈزۈپ، «مۇلاھىزىنى شېئىر قىلىش»، «قاپىيىلىك پروزىنى شېئىر قىلىش» تەك ئۆزگىچە ئۇسلۇبنى ياراتقان، لېكىن ئۇ ماقالىنى شېئىر قىلىش، قابىلىيەتنى تەكىتلەش، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش، خەتەرلىك، ئاجايىپ-غارايىپ بولۇشنى قوغلىشىشتەك ناچار كەيپىياتنىمۇ پەيدا قىلغان. خەن يۈنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە شېئىرلىرىدىن «تاغۇ تاش»، «يىڭ ئۇستامنىڭ سازىنى ئاڭلاپ»، «تاۋۇز چاغىنى كېچىسى جاڭ گۇڭساۋغا بېغىشلىدىم»، «باش باھاردا جاڭ شىبا بېگىمگە سۇندۇم» قاتارلىقلار بار.