داستىن تەڭگە سۈزۈش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

داستىن تەڭگە سۈزۈش ئويۇنى - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بەل ۋە قول مۇسكۇللىرىنى چىڭىتىدۇ، چېنىقتۇرىدۇ. بۇ ئويۇن ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدە، توي - تۆكەنلەردە قىز - يىگىتلەر ئارا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئويۇن بولۇپ، مەشرەپ، توي - تۆكۈنلەرنى تولىمۇ قىزىتىدۇ. ئويۇن قاتناشچىلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ تاماشا كۆرىدۇ. بۇ ئويۇننى ئويناش ئۇسۇلى مۇنداق بولىدۇ: داسقا لىق سۇ توشقۇزۇلۇپ، بىر دانە تەڭگە تاشلىنىدۇ. ئويۇن ئوينىغۇچى ئىككى پۇتىنى 30 سانتىمېتىر كېرىپ، ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ ياكى كەينىگە قىلىپ تىك تۇرىدۇ. مۇسابىقە باشقۇرغۇچى داستىن تەڭگە سۈزۈشنى بۇيرۇق قىلغاندىن كېيىن ئىككى تىزىنى ئەگمەي، ئېڭىشىپ داستىن تەڭگىنى ئاغزى بىلەن چىشلەپ ئېلىپ قايتىدىن ئۆرە تۇرالىسا غەلىبە قىلغان بولىدۇ، داستىن تەڭگە سۈزۈشتە ئويۇن ئوينىغۇچىنىڭ بىر قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم تەڭگە ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى مۇسابىقىدىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن بولىدۇ. بۇ ئويۇندا ئىككى تىزنى ئېگىپ، پۇت ئارىلىقىنى بەلگىلەنگەن ئارىلىقتا كەڭ ياكى تار قلىۋېلىش ياكى يەرگە تىزلىنىپ داستىن تەڭگىنى ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. يەنە بىر ئويناش ئۇسۇلىدا داسقا تاشلانغان تەڭگىنى ئاغزى ئارقىلىق سەل يۈكۈنۈپ ياكى دۈم يېتىپ تۇرۇپ ئېلىش ئۇسۇلىمۇ بار. بۇ ئويۇندا يەنەداسقا قىزىق سۇ قويۇپ يۈز سوپۇنىنى تاشلاپ قول بىلەن ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارمۇ بار. داستىن تەڭگە سۈزۈش پائالىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانچە ئېلىپ بېرىلمايدىغان بولۇپ قالدى. ئەۋلادلارنىڭ بۇ ئويۇن پائالىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بۇ ئويۇننى تېخىمۇ كەڭ ئېلىپ بېرىشنى، مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ كۆپەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى، بۇ پائالىيەت مەيدان - ئۈسكۈنە تەلەپ قىلمايدىغان، ئېلىپ بېرىشقا ئاسان بولغان، مەزمۇنى ساغلام، قىزىقارلىق، چېنىقىشچانلىقى بار، مەنىۋى تۇرمۇشنى جانلاندۇرۇشقا بولىدىغان كۈلكىلىك ئويۇندۇر."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]