دانكو

ئورنى Wikipedia

دانكو رىۋايىتى (ماكسىم گوركىنىڭ 1894-يىلى يېزىلغان«ئىزىرگىل موماي» ناملىق ئەسىرىنىڭ رۇسچە نۇسخىسىدىن رەتلىنىپ گوگۇل ئارقىلىق ئىجادى تەرجىمە قىلىندى)

نەجمىدىن قارلۇق


بۇ ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىكى بىر قەبىلىدە ياشىغان دانكو ئىسىملىك قەھرىمان ھەققىدىكى ھىكايە.

بىر قەبىلە باشقا بىر دۈشمەنلەر تەرىپىدىن قۇل قىلىنىپ ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە پالانغان ۋە ئۇ يەردە خارلىنىپ قۇل بولۇپ دۈشمەنگە تىز پۈكۈپ ياشاۋاتقان ئىدى.
دانكو بۇ قەبىلىدىكى ئەڭ جاسارەتلىك ۋە باتۇر يىگىت ئىدى. قەبىلە خەلقى چوڭقۇر چاتقال، تىكەن ۋە سېسىق ساسلىقلار بىلەن قاپلانغان قاراڭغۇ ئورمانغا مەھكۇم قىلىنغان بولۇپ خارلىنىپ ياشاپ،  تۈگەپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئىدى.

قاراڭغۇ ۋە سېسىق ساسلىق بىلەن قاپلانغان پۈتۈن ئورمانلىق خۇددى دەپنە مۇراسىمى ناخشىسىنى ئېيتىۋاتقاندەك قورقۇنچلۇق غۇڭۇلداپ قورقۇنچ سالاتتى. بەختسىز، خارلانغان بۇ قەبىلىنىڭ نۇرغۇن كىشىلىرى ھىچ نەرىسىنى يۇرۇقراق كۆرۈپ ماھىيىتىنى بىلمەي تۇرۇپلا، ھاياتنىڭ خۇۋلىقىنى كۆرمەيلا ساسلىقنىڭ زەھەرلىك ھاۋاسىدا بالدۇرلا ئۆلۈپ كېتەتتى.

  دانكو بۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنى، بۇ قاراڭغۇ ئورماندىن، تىكەن ۋە چاتقاللاردىن ھالقىپ چىقىپ كېتىشنى ئويلىدى ۋە قەبىلىسىنى دۈشمەنگە قۇل بولۇشتىن قۇتۇلۇشقا چاقىرىق قىلدى.
 دانكو قېرىنداشلىرىغا:
  - جاسارەت يارىتىلغاندا ئىشەنچكە يول ئېچىلىدۇ. ئىشەنچ يارىتىلغاندىلا ئاندىن ھەركەت شەكىللىنىدۇ ۋە بۈيۈك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىدۇ. ئۈمىدۋار تەپەككۇردىن ھەرگىز چەتنىمەيلى. بۇ يەردە ئۆلگىنىمىزدىن چىقىش يولىدا ئۆلگىنىمىز ئەۋزەل. ئەگەر بىر ئىنسان تەۋەككۈل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمايدۇ. ۋە ھىچ ئۆزگىرىشمۇ بولمايدۇ.
  بىز قارغۇلارچە كۈتۈش بىلەن تەلمۈرۈپ، ئۆمرىمىزنى ئىسراپ قىلىپ نىمىگە ئېرىشىمىز؟ 
 ئەمدى تاقىتىمىز قالمىدى.
 ئورنىمىزدىن تۇرايلى!
ئورماننى كېسىپ ئۆتۈپ كېتەيلى. چۈنكى ئۇنىڭ ئاخىرى بار - دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئاخىرى بار!
غەيرەت قىلايلى! ،دېدى، ۋە قاراڭغۇ ئورماننىڭ سىرتىغا يول ئالدى.
ساسلىقتىن جاق بىزار بولغان كىشىلەر باشقا ئامال بولمىغاچقا بىر-بىرلەپ دانكوغا ئەگىشىپ يولغا چىقتى. 

بۇ بىر مۇشەققەتلىك يول ئىدى. بۇ بىر ئۇزۇن ۋە خەتەرلىك يول ئىدى. ئەمما بۇ بىر شەرەپلىك ۋە ئۈمىدكە تولغان يول ئىدى. ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ھىچكىم دەسسەپ باقمىغان ساسلىق ھەر قەدەمدە بىر كىشىلەرنى يۇتۇپ كېتىشكە تەييار تۇراتتى. قۇيۇق چاتقانللارنىڭ كۈچلۈك يىلتىزلىرى ۋە شاخلىرى يىلغاندا ئوخشاش چىرمىشىپ يوللارنى توسۇۋالغان ئىدى. ھەر بىر قەدەم يولدا كىشىلەر تەر تۆكۈپلا قالماي، ئالدىدا ماڭغانلارنىڭ بەدەنلىرى تىتما تىتما بولۇپ قاناپ كېتەتتى. ئۇلار ئىنتايىن ئۇزۇن ماڭدى. ئورمانلىق بارغانسېرى قۇيۇقلىشىپ ماڭغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. قاراڭغۇلۇقتىكى ساسلىق ۋە تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ۋە خەتەرلىك بولغاچقا قەبىلە كىشىلىرى ھېرىپ قېلىۋاتاتتى. جاڭگاللىق شۇنداق قاراڭغۇ ئىدىكى، دۇنيا يارالغاندىن بۇيان، قانچە قاراڭغۇ كىچىلەر ئۆتكەن بولسا، گويا شۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە يىغىلغاندەك بولۇپ قالغان ئىدى...

قەبىلە كىشىلىرى يولدىن ئادىشىپ قالدى، ۋە يەنە داۋاملىق مېڭىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى، جاسارەتسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتىن نومۇس قىلغاچقا دانكونى تەجرىبىسىز ۋە ئالدامچى دەپ ھاقارەت قىلدى.
ئۇلار توختاپ ، ئورمانلىقنىڭ ھۇشقىرتقان شاۋقۇنى ئاستىدا ، تىترەپ تۇرغان قاراڭغۇلۇق ئىچىدە، ھارغىنلىق ۋە غەزەپ بىلەن ئالدىدا كېتىۋاتقان دانكوغا تاپا-تەنە قىلىشقا ھەتتا ھاقارەتلەشكە باشلىدى. 
— : قاراڭغۇ بولسىمۇ ھازىرقىدىن ئوبدان تۇرغان ئىدۇق، سەن تېخىمۇ بۇزدۇڭ!
  —: بىزنى جاپادا قويدۇڭ، ئىش تاپتىڭ، يەنە تېخى ئالدىدىڭ! 
  —: بىزنى راھەتكە ئېلىپ بارىمەن دەپ جاپا مۇشەققەت ئېلىپ كەلدىڭ، بىزنى ئالدىدىڭ!
 
   —: سەن ، بىز ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز ۋە زىيانلىق ئادەم! سەن بىزنى يېتەكلەپ بىزنى چارچاتتىڭ ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھالاك بولۇشۇڭ كېرەك!

كۆزى كۆرمەيدىغان بىر نەچچىىيلەن «ئۆزەڭ بىلگەنچە ماڭدىڭ، نەسىھىتىمىزنى ئاڭلىمىدىڭ! » دەپ ۋايساشتى.

    ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىكىنى كۆرگەن بىر نەچچەيلەن- سەن ئۆلۈشۈڭ كېرەك! سەن ئۆلىسەن! - دەپ ۋارقىرىدى.
  ئورمان توختىماي غۇڭۇلداپ، غىڭشىپ ، ئۇلارنىڭ پەريادلىرىنى ياڭراتتى. ئۇلار قەدەممۇ قەدەم قىستاپ كېلىپ دانكونى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى.
دانكو ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بۇ كىشىلەرگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ھايۋانغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ئازراقمۇ  ئالىيجانابلىق ياكى ئەقىل پاراسەت كۆرۈنمەيتتى. قەلبىدە ئەمەس ھەتتا ئۇلارنىڭ يۈزىدىمۇ رەھىم-شەپقەتتىن ئەسەر يوق ئىدى. 

بۇ چاغدا دانكو ئۆزىنىڭ كۆكسىنى قولى بىلەن ياردى – دە، يۈرىگىنى يۇلىۋېلىپ، بېشىدىن ئىگىز كۆتەردى. يۈرەك خۇددى كۈنگە ئوخشاش، ھەتتا كۈندىنمۇ يورۇق لاۋىلدىدى. مانا ئەمدى ئادەملەرگە بولغان ئۇلۇغ مۇھەببەت مەشئىلى بىلەن يورۇغان پۈتۈن جاڭگاللىق جىمجىت بولۇپ قالدى. يۇرۇقلۇق كەلسە قاراڭغۇلۇق ئۆزلىكىدىن يوقىلىدۇ.

قاراڭغۇ زۇلمەت يورۇقلۇقتىن قېچىپ، جاڭگاللىق ئىچكىرىسىدىكى سېسىق سازلىققا بېرىپ تىقىلدى. 

دانكو كىشىلەرنى ئورمانلىقتىن ئېلىپ چىققاندا، يىراقتىن ئاپتاپپەرەسلەر ئۆسكەن، ساپ ھاۋالىق بىر دالا كۆرۈندى، ھەممەيلەن تېز ۋە دادىل يۈگۈرۈپ دانكونىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشتى.

يۇرۇق دالىدا، دانكونىڭ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان يۈرىكىنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى كۆزگە چېلىقمايدىغان بولۇپ قالدى.

ئوت - چۆپلەر يامغۇر ئالماسلىرىدا پارقىراپ كەتتى، دەريالار ئالتۇن چاچقاندەك چاقناپ كەتتى! مەغرۇر جۈرئەتلىك دانكو بىپايان دالىغا- ئەركىن زىمىنغا نەزەر تاشلاپ پەخىرلەنگەن ھالدا كۈلۈمسىرىدى.

ئازراقمۇ پۇشايمان قىلمىدى.
ھالسىراپ يىقىلدى ۋە ئاندىن ئۆلدى.
خۇشاللىق ۋە ئۈمىدكە تولغان كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى سەزمىدى ۋە ئۇنىڭ باتۇر يۈرىكىنىڭ دانكونىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا يەنىلا كۆيۈۋاتقانلىقىنى كۆرمىدى.
   كۈن پاتقاندا، دەريا دانكونىڭ يىرتىلىپ قانىغان كۆكرىكىدىن ئاققان ئىسسىق قاندەك قىزىل رەڭ ئالدى. ئەركىن دالىغا چىقىپ قاراڭغۇلۇق ۋە قۇللۇقتىن قۇتۇلغان كىشىلەر، دانكونى ئۇنتۇپ ئاچكۆزلۈك بىلەن يىگۈدەك نەرسىلەرنى تالىشىپ ئۆز ھەلەكچىلىدە بولۇشقىنىدىن، ھەتتا پەرۋاسىزلىق بىلەن يەردىكى دانكونىڭ يۈرىكىگە دەسسەپ مىجىۋەتتى. زىمىن قىپ قىزىل قانغا بويالدى.

كەچ بولغاندا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر دانكو ئۈچۈن ياش تۆكتى. زىمىن دانكونىڭ قانلىرىنى قوينىغا ئالدى. كۆپ-كۆك ئاسمان دانكونىڭ روھىنى ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

بۇ چاغدا كىشىلەر خوشاللىقلىرىنى تەبرىكلىشىپ ھارغان ۋە بىغەم ھالدا پۇشۇلداپ ئۇيقىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
(سۈرەتتىكى دانكونىڭ ھەيكىلى، ئوكرائىنادىكى كىرىۋى رىگ شەھرىدىكى دانكو مەيدانىغا 1965-يىلى تىكلەنگەن)