دانىخورەك

ئورنى Wikipedia


دانىخورەك ياشلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان تېرە كېسەللىكى، ئادەتتە تېرىنىڭ مايلىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، بەدەندىكى ئاجرىتىپ چىقىرىلغان ھورمۇنلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قالايمىقانلىشىشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەردىن، تېرە ئاستىدىكى مايلار تېرە سىرتىغا تولۇق چىقىرىلماي يىغىلىپ قالغانلىقتىن دانىخورەك پەيدا بولىدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

غەرب تېبابىتى نامى :دانىخورەك

ئاساسلىق ئالامىتى :قىزىل مودۇلار چىقىپ، تېرە يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇچى ئاقىرىشى، سىققاندا بەتبۇي پۇراقلىق، يىرىڭلىق ئۇيۇل ماددا چىقىش، سىققان جاي ئويمانلىشىش، بەزىدە يىرىڭلاش، قىچىشىش، ئاغرىش

كېسەللىك سەۋەبى :يېمەك-ئىچمەك، ھاۋا كىلىماتى، ئىرسىيەت،قان بۇزۇلۇش


كۆپ كۆرۈلىدىغانلار :ياش ئەر - ئاياللار

تەۋە بۆلۈم :تېرە بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :يۈز قىسىمى , دۈمبە قىسمى ۋە كۆكرەك قىسمى

كېسەللىك ھەققىدە[تەھرىرلەش]

دانىخورەكسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يېمەك-ئىچمەك، ھاۋا كىلىماتى، ئىرسىيەت قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار شۇنداقلا قان بۇزۇلۇش ۋە بەلغەمگە غەيرىي تەبىئىي سەۋدانىڭ قوشۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: يۈز، پېشانە، يوتا، يۇقىرىقى دۈمبە قاتارلىق ياغ بەزلىرى كۆپرەك ئورۇنلاردا پەيدا بولۇش بىلەن بىللە، دەسلەپتە تېرىدىن پەرقسىز دۆڭچە ئەسۋە كۆرۈلۈش، سىققاندا سۇس سېرىق ياغ نۆكچىسى چىقىش، كېيىنچە قىزىل مودۇلار چىقىپ، تېرە يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇچى ئاقىرىشى، سىققاندا بەتبۇي پۇراقلىق، يىرىڭلىق ئۇيۇل ماددا چىقىش، سىققان جاي ئويمانلىشىش، بەزىدە يىرىڭلاش، قىچىشىش، ئاغرىش، بەزىلەردە يىرىڭلىق خالتىلىق ئىششىق شەكىللىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.